ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت
تاۋۇز ساتقۇچى بالا
ھېكايە
ئۇ ئەسلى شەھەردىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيتى،ئەمما كېيىن ئوقۇشتىن ئايرىلىپ ئاغرىقچان ئانىسى ۋە ئۇكسنى بىقىش ئۈچۈن كوچىدا تاۋۇز سېتىشنى قارار قىلىدى.
ئۇ كونا ئۈچ چاقلىق ۋېلىسپىتىنىڭ رولىغا بىر كاناي ئورۇنتىۋالغان بولۇپ،ئۈچ چاقلىق ۋېلىسپىتنىڭ كەينىگە تاۋۇز بېسىپ كوچىمۇ-كوچا،قورۇمۇ-قورۇ ۋاقىراپ ساتاتتى.ئۇ دائىم تاتىلىق تاۋۇزلارنى توپ بازىرىدىن ئېلىپ چىقىپ ئازىراق پايدا چىقسىلا ساتاتتى.شۇڭا،بارغانېسىرى ئۇنىڭدىن تاۋۇز سېتىۋالىدىغانلار كۆپ بولۇپ سودىسى ھەر ھالدا يامان ئەمەس بولۋاتاتتى.
كېيىن مەنمۇ ئۇنىڭ دائىملىق خېرىدارى بولۇپ تاۋۇز سېتىۋالىدىغان بولدۇم.چۈنكى ئايالىم ۋە باللىرىم تاۋۇزغا قەۋەتلا ئامراق ئىدى.كۈندە نەچچە ۋاق تاۋۇز يېمسە تۇرالمايتى.دەسلەپتە مەن ئۇنىڭدىن ئارلاپ تاۋۇز سېتىۋالسام كېيىن ئۇنىڭغا ھەپتلىك تاۋۇز پۇلىنى بىراقلا بېرىۋەتتىم.بۇنداق بولغاندا مەن ھەر قېتىم تاۋۇز سېتىۋالغاندا باھانىڭ ئۆسۈپ كېتىشىدىن ساقلنىپ زىيان تارتمايتىم.
ئۇ ھەر كۈنى دۇككىنمغا تاۋۇز يەتكۈزگىلى كەلگەندە ماڭا كۈلۈمسىرەپ قوياتتى.قارىغاندا ئۇ مېنىڭ بىر ھەپتلىك تاۋۇز پۇلىنى ئالىدىن بېرىۋەتكىنىمدىن بەكمۇ خوشال بولغاندەك قىلاتتى.مەن ئىچىمدە:‹‹چېھرىڭدە مۇشۇ تەبەسسۇم بولىدىغانلا بولسا خېرىدارىڭ چوقۇم كۆپ بولىدۇ›› دەپ ئويلىدىم.
بىر كۈنى ئۇ دۇككانغا بىر تاۋۇزنى كۆتۈرۈپ ئەكەلدى،سىرىتتا بولسا شارىلداپ يامغۇر يىغىۋاتاتتى.
-باشقىلار بىلەن كۆپرەك ئالاقىلىشىپ،ئۇلاردىنمۇ بىر ھەپتلىك تاۋۇز پۇلىنى ئېلىۋالسىڭىز بولمامدۇ،بۇنىڭدا ھەممەيلەنگە قولايلىق بولىدۇ-ئەمەسمۇ؟-دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
-شۇنداق قىلسامغۇ بەك ياخشى بولاتتى،لېكىن ھەممىلا ئادەم سىز ماڭا ئىشەنگەندەك ئىشىنەرمۇ؟مەن پەقەت بىر تاۋۇز ساتقۇچى،ئەگەر مەن ئۇلارنىڭ پۇلىنى ئېلىپ بۇ ئىشنى قىلماي قويسام ئۇلارغا ئۇۋال بولمامدۇ؟-دېدى ئۇ سوئالىمغا جاۋابەن.
ئۇ راست گەپ قىلغانىدى،مەن شۇندىلا ئۇنىڭ ھەر قېتىم تاۋۇز ئەكەلگەندە ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندىم.ئەسلى بۇ كۈلۈمسىرەش مېنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلىكمدىن بولغانىكەن.
ئۇ ئادەتتە ھەر شەنبە،يەكشەنبە كۈنى ئۇكسىنى ئەگەشتۇرۇپ كېلەتتى.ئۇنىڭ ئۇكسى بەكمۇ ئوماق بولۇپ ئەگەر تاۋۇز سېتىۋالىدىغانلار چىقسا ئۇ سەكرىگىنىچە <<مەن ساتىمەن،مەن ساتىمەن>> دەپ ئاكسىنىڭ قولىدىكى تاۋۇزغا ئېسىلاتتى.بىر كۈنى ئۇ يەنە ئۇكسىنى ئەگەشتۇرۇپ دۇككانغا كەلدى.
- ئۇكىڭىز بەك ئوماقكەن،-دېدىم بالىغا مەسلىكىم كېلىپ.
-مەن ئەمدى ئۇنى تاۋۇز ساتقاندا ئەگەشتۇرۇپ كەلمەسلىكنى قارار قىلدىم،ئەمما ئۇ ‹‹ساڭا ياردەملىشەتتىم›› دەپ ئۇنىمايۋاتىدۇ.مەن يەنىلا يالغۇز تاۋۇز سېتىشنى قارار قىلدىم،-دېدى ئۇ قولىدىكى تاۋۇزنى ماڭا تەڭلەپ تۇرۇپ.
-ئاكا،مەن سەن بىلەن تاۋۇز سېتىشتا بەسلەشسەم چوقۇم سەندىن كۆپ ساتالايمەن،-دېدى بالا كۆزىنى پىلدىرلىتىپ.
ئاكا ئۇكسىنىڭ بېشىنى سىلىغىنىچە مەن بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى.مەن ئۇلارغا قاراپ ئىچىمدە: ‹‹ گەرچە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى غورىگۈل بولسىمۇ ئۇلار يەنىلا بەخىتلىكەن›› دەپ ئويلىدىم.
كۆزنى يۇمۇپ-ئاچىقىچە ئىككى يىل ۋاقىت ئۆتۇپ كەتتى.ياز ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى ئۇ ئۈچ چاقلىق ۋېلىسپىتىنى يېتەكلىگىنىچە دۇككاننىڭ ئالدىغا كەلدى،ئۇنىڭ ئۈچ چاقلىق ۋىلسپتىدە بىر قانچە تاۋۇز بار بولۇپ،ئۈچ چاقلىق ۋېلىسپىتىنىڭ ئالدىدىكى كاناي كۆرۇنمەيتتى.مەن سەل ئەجەپلىنىپ ئۇنىڭدىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سوراي دېگۈچە ئۇ قولىدىكى تاۋۇزنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپلا دۇككاندىن چىقىپ كەتتى.بۇ ئىش بىر نەچچە كۈنگىچە شۇنداق داۋاملاشتى.
شەنبە كۈنى تاۋۇزنى ئۇنىڭ ئۇكسى ئەكەلدى.مەن بالىدىن ئاكسىنىڭ نېمە ئۈچۈن كەلمىگەنلىكىنى سوردۇم.
-ئاكام مېۋە-چېۋە بوتكسى ئېچىۋالدى،بۈگۈن ئاكام دوككانى رەتلەۋاتقان،شۇڭا تاۋۇزنى مەن ئەكەلدىم،-دېدى بالا ھاسىرىغىنىچە.
مەن شۇندىلا بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندىم،ئەسلى ئۇ بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان پەقەت مېنىڭلا تاۋۇزۇمنى يەتكۈزۇۋاتقان ئىكەن.
-بالام،ئاكاڭ ئالدىراش بولسا بۇندىن كېيىن ماڭا تاۋۇز ئەكەپ بەرمىسىمۇ بولىدۇ،مەن سىلەرنىڭ دوككانغا بېرىپ ئۆزۈم ئەكىلىۋالىمەن،-دېدىم مەن بالىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ.
-بولىدۇ تاغا ، ئەمدى ئاكام بوتكىنى تاقاپ قويۇپ سىزگە تاۋۇز ئەكەلمەيدىغان بولدى،-دېدى بالا خوشال بولغان ھالدا.
ئەتىسى تاۋۇزنى ئاكا ئۆزى ئەكەلدى.
-تۈنۈگۈن ئۇكىڭىزغا سىزنى كەلمىسۇن دېگەن ئىدىمغۇ،ئۇ سىزگە دېمىگەن ئوخشىمامدۇ؟-سوردۇم ئۇنىڭدىن ئەجەپلىنىپ.
-ئۇ دېدى،لېكىن سىزگە شۈنچە ئۇزاق يولنى ماڭدۇرسام قانداق بولىدۇ؟يەنە كېلىپ مەن سىز بىلەن تاۋۇزنى دۇككىنىڭىزغا ئەكىلىپ بېرىش توغرىسىدا كېلىشىۋالغان تۇرسام.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق قىلسام ئۇكامنىڭ ئالدىدىمۇ باشقىچە تەسىر بېرىپ قويىمەن،مەن ئۇكام ئۈچۈن ئشەنچلىك ئاكا بولمسام بولمايدۇ،-دېدى ئۇ بىر خىل قەتئىيلىك بىلەن.
ئۇ چىقىپ كەتتى،مەن بىردىنلا شۇنى ھېس قىلدىمكى ئۇ ماڭا پەقەتلا تاۋۇز يەتكۈزۈپ قالماستىن يەنە سەمىمىيلىك بىلەن ئىشەنچ يەتكۈزۋاتقانىدى.مەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چەكسىز ھۆرمەت تۇيغۇسى بىلەن <<سىز ئۇكىڭىزغا ئۈلگە بولۇپلا قالماستىن يەنە ماڭىمۇ ئۈلگە بولدىڭىز>>دەپ ئاستا پىچىرلىدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-3 10:47 PM