ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت
قىزىل بولاقتكى ‹‹كۆڭۈل››
مىكىرو ھېكايە
دادا نەچچە ئايلاردىن بېرى قىزنىڭ يۆتكلىش رەسميەتلىرىنى بىجىرىش ئۈچۈن كىرمگەن ئشخانا،دەرت تۆكمگەن باشلىق قالمغانىدى.
بۈگۈن ناھىينىڭ ھاكىمى دادىنىڭ ھەققىي ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆردى ھەمدە دادىنىڭ قىزىل كانۋېرىتقا سالغان نەچچە باغلام قىزىل كۆڭلىنى قوبۇل قىلىپ قىزىنىڭ يۆتكلىش رەسىمىيتگە تەستىق سېلىپ بەردى.بۇنىڭىدىن ناھايىتى خۇش بولغان دادا تەستق قەغىزىنى ئېلىپ ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسى كەلدى-دە،ئوقۇتقۇچىلارنى يۆتكەش ئشخانسنىڭ مۇدىرغا رەسىميەتلەرنى تەڭلىدى.ئشخانا مۇدىرى رەسىميەتلەرنى بىر قۇر كۆرۈپ:‹‹ئىدارە باشلقىنىڭ ئىمىزاسى يوقكەن›› دەپ رەسميەتلەرنى بىجىرىپ بەرمىدى.شۇنىڭ بىلەن دادا ئىدارە باشلىقنىڭ ئشخانسغا ئۇدۇللا ئۇسۇپ كىردى. بۇ چاغدا ئىدارە باشلىقى گېزىت كۆرۈپ ئولتۇراتتى.
بىرۋانىڭ ئۆزنىڭ رۇخستىنى ئالمايلا ئشخانسىغا كالدەك ئۇسۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدارە باشلىقى بىر پەس تۇرۇپ كېتىپ ،ئىشك تۈۋىدە قول باغلاپ تۇرغان دادىغا:
-ھە،بىرەر ئش بىلەن كەلگەنما؟-دېدى توڭلۇق بىلەن.
-شۇنداق،ئىدارە باشلىقى،-دېدى دادا ئوڭايسزلانغان ھالدا.
- نېمە ئىش؟
- قىزىمنىڭ يۆتكىلىش ئىشى ئىدى ،يۆتكلىش رەسميەتلىرىگە سىز قول قويمسىڭىز پۈتمەيدىكەن،-دېدى دادا ئىدارە باشلىقنىڭ ئالدىغا كىچىك بالدەك تەمتىلەپ كېلىپ.
-ھە،مۇنداق دەڭ،قىزىڭىز ئۇ يەردە ئشلەۋاتقىنىغا نەچچە يىل بولدى؟-دەپ سورىدى ئىدارە باشلىقى چىرايغا سۈرلۈك تۇس بېرىپ.
-بەش يىل بولدى،ئىدارە باشلىقى.بولسا بىر قول قويۋەتكەن بولسىڭىز سىزدىن ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا رازى بولغان بولاتتىم.ئىككىلا ئالەم...
-بولدى،بولدى.ئەكلىڭ كۆرۈپ باقاي،-دېدى ئىدارە باشلىقى داداىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاشقا راي بارماي.
ئىدارە باشلىقى قىزنىڭ يۆتكلىش رەسميەتلىرىنى بىر قۇر ۋاراقلاپ ھاكىمىنىڭ ئىمىزاسىنى كۆرۈپ ئاللقانداق بىر ئشلارنى ئويلاپ:
-ماڭا قاراڭ،ھازىر قولۇم سەل ئالدىراش،گەرچە قىزىڭىزنىڭ يۆتكلىشگە ھاكىم بىۋاستە تەستىق سالغان بولسىمۇ، ئىدارە رەھبەرلىكى يەنە بىر قېتىم مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىمىساق بولمايدۇ. شۇڭا،ئشتىن چۈشكەندە كېلىڭ ،-دېدى-دە،رەسميەتلەرنى دادىنىڭ قولغا تۇتقۇزۇپ قويدى.
ئىدارە باشلىقىنىڭ سۈر-ھەيۋە چىقىپ تۇرغان چىرايىدىن ئەيمىنىپ تۇرۇپ كەتكەن دادا ئاللقانداق خىياللارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئشخاندىن چىقىپ كەتتى.
دادا ئاللىقانداق ئەنسىز خىياللار بىلەن كەچ سائەت بەشنى قىلىپ ئىدارە باشلىقىنىڭ ئشخانسغا كىردى.ئىدارە باشلىقى بولسا يەنلا گېزىت كۆرۈپ ئولتۇراتتى.
-ھە،كەلدىڭىزمۇ؟-دېدى ئىدارە باشلىقى دادىنىڭ ئۈستە-باشلىرىغا بىر قۇر قاراپ قويۇپ.
-شۇنداق،ئىدارە باشلىقى،تۈرلۈك رەسىميەتلەرنى يەنە بىر قۇر تولۇقلاپ كەلدىم،-دېدى دادا ئالدىن تەييارلاپ قويغان قېلىن بىر كونۋېرتنى ئىدارە باشلىقغا تەڭلىگەچ. ئىدارە باشلىقى دادىنىڭ قولىدىكى كونۋېرتنى ئېلىپ،كۆڭۈلدە دەڭسەپ بېقىپ، ئاللىقانداق چوتلارنى سوققاچ ناھايتى تېزلا قىزنىڭ يۆتكلىش رەسىميەتلىرىگە ‹‹مۇبارەك›› ئىمىزاسىنى قويۇپ بېرىپ:
-سىز بالىڭىزنى ئوقۇتۇش جەرياندا بەك جاپا تارتىپىسز،بۇنىڭىدىن كېيىن قانداق ئشڭىز بولسا ئۇدۇللا يېنمىغا كىرىڭ،-دېدى.
-رەھمەت ئىدارە باشلىقى،-دېدى دادا ئىدارە باشلىقنىڭ قولىدىكى تەستىق رەسميەتلىرنى ئالغاچ.
ئىدارە باشلىقى دادا چىقىپ كەتكەنىدىن كېيىن باياتىن شېرە ئۈستگە قويۇپ قويغان كونۋېرتنى ئالدىراپ قولغا ئالدى-دە،قار سياھدا ئۆزگە يېزىلغان ئونبەش ۋاراقچە كېلدىغان ‹‹سالام خەت››نى كۆردى.
بۇنىڭىدىن نېمە قىلىشنى بىلمگەن ئىدارە باشلىقى ئىز جايدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپ كېتىپ ‹‹سالام خەت››نى ئوقۇشقا باشلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-3 10:46 PM