ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت
قۇتقۇزۇش
ھېكايە
سىم-سىم ياز يامغۇرى چۈشۋاتقان كېچە.شەھەر ئاسىمننى قارا بولۇتلار قاپلىغان بولۇپ كوچا چىراغلىرىنىڭ سۇس نۇرى ئەتراپنى غۇۋا يۇرتۇپ تۇراتتى.
ئەكبەر ‹‹خەلق تىياتىرخانسى››نىڭ زالىدىن چىقىپ،ئاللىقانداق خىياللار بىلەن ئۆيگە قاراپ يول ئالدى.شەھەرنىڭ غەربى تەرەپكە جايلاشقان پىيادىلەر كوچىسدا ئادەملەرنىڭ ئايغى ئۈزۈلگەن بولۇپ چىراغلار ئاللبۇرۇن ئۆچۈپ قالغانىدى. ئەكبەر بۇ كوچىدا سۈيگەن يارى بىلەن ئىلگىرى تالاي قېتىم ماڭغانىدى. ئۇنىڭ دىماقلىرىغا ئەتراپتىن ئۆتمۈشتىكى مۇھەببەتنىڭ ئاچچىق ھىدىلىرى ئۇرۇلۇپ كۆڭلىنى غەش قىلىپ تۇراتتى.شۇڭا،ئۇ بۇ كوچىغا كىرىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيتى.بۈگۈن قانداق قىلىپ بۇ كوچىغا كىرىپ قالغانلقنى ئۆزىمۇ سەزمەي قالدى.
_مېنى قۇتقۇزۇڭلار!ئادەم بارمۇ؟
تۇيۇقسىز ياندىكى قارىغايزارلىقتىن بىر قىزنىڭ ئېچىنشلىق ئاۋازى ئاڭلاندى.
ئەكبەر ئاۋازىنىڭ يېقنىلا يەردىن چىققانلقنى پەملەپ،دەرھال شۇ تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى.
_مېنى قويۇۋەت مەلئۇن! مېنى قۇتقۇزۇڭلار!؟
قارىغايزالىقتا بىر ئادەم بىر قىزنىڭ كېيمنى سالدۇرۇشقا ئۇرنىۋاتقاندەك،قىز بارلىق كۈچى بىلەن قارشلىق كۆرستۋاتقاندەك قىلاتتى.
_قىزىنى قويۇۋەت مەلئۇن!_دېدى ئەكبەر قىزغا ئېسلىۋالغان ئەرنىڭ ياڭقىغا كېلشتۇرۇپ بىرنى سېلىپ.
تۇيۇقسىز تەككەن تاياقنىڭ قاتتىق زەربسىدىن چۆچۈپ كەتكەن ئەر يېنىدىن بىر ئۇزۇن پىچاقنى چىقىرىپ،ئەكبەرگە قارتىپ قالايمقان شلتىشقا باشلدى.ئەكبەر پىچاقنىڭ ئۆزىگە تىگىپ كېتشدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كەينىگە چېكىنىپ تۇرۇپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئېلشىش جەرياندا ئەكبەرنىڭ يۇزىنى پىچاق تېلۋەتتى.ئۇنىڭ يۇزىدىن قان توختماي ئېقىۋاتاتتى. ئەكبەرنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەنىدى.ئۇ جان-جەھلى بىلەن ئەرگە تاشلاندى.بۇ چاغدا بىر مەيدان ھايات-ماماتلىق جەڭ باشلانغانىدى.ئەر ئەكبەرنىڭ بوش ئەمەسلكنى بىلىپ،رەقىبنىڭ بېقىنغا بىر پىچاق سالدى_دە، قۇيرۇقنى خادا قىلىپ بەدەر تىكۋەتتى.ئەكبەر ئاچ بېقىننى تۇتقۇنچە ئىز جايدا ئولتۇرۇپ قالدى.
قىز ئەرنىڭ قورقۇپ قېچىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئەكبەرنىڭ يېنىغا كەلدى-دە، ئۇنىڭ يارلانغانلقنى بىلىپ،مىڭ تەسلىكتە يۆلەپ چوڭ يولغا ئېلىپ چىقتى.ئۇلار چوڭ يولغا چىققاندا ئەكبەر ھۇشىدىن كەتتى.ئۇنىڭ يۇزلىرى قان بىلەن بويىلىپ كەتكەن بولۇپ تونۇغۇسىز ھالەتكە كىرىپ قالغانىدى.قىز مىڭ تەسلكتە ئادەم چاقىرىپ ،ئەكبەرنى دۇختۇرخانغا ئېلىپ باردى.
سۇمبۇل چاچلىق،شەھلا كۆزلىرى ئادەمنى مەھلياھ قىلدىغان،غۇنچە بوي بۇ قىزنىڭ ئسىمى ئادىلە بولۇپ ئالي مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ،شەھەر مەركىزدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە خىزمەت قىلاتتى.
بۈگۈن خىزمەتتىن كەچ چۈشكەن ئادىلە ئۆزىمۇ بىلمگەن ھالدا بۇ ئادەم شالاڭ كوچىغا كىرىپ قالغانىدى. خىيال سۈرۈپ كېتۋاتقاندا تۇيۇقىسز پەيدا بولغان بىر ئادەم ئۇنى قارىغايزالىق تەرەپكە سۆرەپ ماڭدى.ئادىلە قارشلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ لېكىن كۈچى يەتمدى.ئۇ بارلىق كۈچى بىلەن ۋاقىراپ،قۇتقۇزۇشقا ئادەم چاقىرىدى.دەل شۇ پەيتتە ئەكبەر يەردىن ئۇنگەندەك پەيدا بولۇپ ئۇنى قۇتقۇزىۋالغانىدى.
ئادىلە ئەكبەرنى دۇختۇرخانغا ئېلىپ كېلىپ،ئۇنىڭ چىرايغا قاراپ قاققان قۇزۇقتەك ئىز جايدا تۇرۇپلا قالدى.ئۇنى قۇتقۇزۇۋالغان ئادەم دەل ئۆزى ئىلگىرى مۇھەببەتلەشكەن،مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئايرىلىپ كەتكەن يىگىتى- ئەكبەر ئىدى.راىست، ئەكبەر بىلەن ئادىلە شۇنداق قىزغىن يۇرۋاتقان مەزگىللەردە خوشنا سىنپتكى بىر قىز ئۇلارنىڭ ئشنى بۇزۇپ قويدى.ئىككىسنىڭ ئارسىغا سوغۇقچلىق سېلىپ،ئۇلارنى ئايرۋەتتى.شۇنىڭدىن تارتىپ ئەكبەرنىڭ كۈنلىرى ئايرىلىشنىڭ ھجران ئازابى ئىچىدە بەك تەسلكتە ئۆتىۋاتقانىدى.
كېسەل كارۋىتىدە ھوشىسز ياتقان ئەكبەر ئۆزى قۇتقۇزغان ئادەمنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئايرىلىشنىڭ ھىجران ئوتىدا كۆيۈپ يۇرگەن قىز ئىكەنلكنى بىلمەيتى.
ئادىلە كېسەل كارۋىتىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئەكبەرنىڭ پشانسىغا بىرنى سۆيۈپ قويدى-دە:
-ئاھ خۇدا،ئەكبەرنى ئۆز پانايىڭدا ساقلغايسەن.
قىزنىڭ كۆزدىن ئاققان بىر تامچا ياش مەڭىزىنى بويلاپ ئەكبەرنىڭ يۇزگە تامچىپ چۈشتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-3 10:46 PM