قىرىئال
مىنىڭ ئىسمىم پۇل.مەن قاچان؟قەيەردە؟تۇغۇلغانلىقىمنى بىلمەيمەن،مەن ئەقلىمگە كەلگەندىن باشلاپ ئىنسانلارنىڭ مېنى چوڭ بىلىشى ،ئەتىۋالىشى ئاستىدا ئۈسۇپ يىتىلدىم.مەن ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىداسۆڭەكتىن ساپال،ساپالدىن مىتال، مىتالدىن قەغەزگە تەرەققى قىلدىم.شۇڭا ھازىرقىدەك كۆپ شەكلىم ۋە خىللىرىم بولدى.
مىنىڭ ئالىدىغان مائاشىم دۇنيا بۇينىچە ئەڭ كۆپ ھەم كۆپ تەرەپتىن مائاش ئالىمەن.مەن ھەم دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ باينىڭ بىرى بۇلۇپ ھىساپلىنىمەن .
مەن<<بايلقلار دۆلىتى>>نىڭ پادىشاھى ئالتۇن شاھىم تەرپىدىن كۈمۈش،ئالماستىن قالسىلا <<قىممەتلىك بۇيۇم>>نامىمىغا ئىرىشكەنمەن. يەنە <<ئىنسانلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئشلىتىدىغان بايلىق>> مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن .ئۇنىڭدىن باشقا ئۈزۈمدەتوختىماستىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ئاز بولمىغان تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرگەچكە <<تەرەققىيات شاھزادىسى>>مىدالىغا ئىرىشكەن.بۇ دۆلەتتەئەڭ كۆپ مائاش بىلەن ئىشلەۋاتىمەن .
مەن يەنە <<ئازدۇرۇش دۇنياسى>>دا شەيتان ئالليىلىرى تەرپىدىن <<ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشتىكى مۇنەۋەر>>دېگەن نامغا ئىرشىپ ھاراق بىلەن تاماكىنى ئارقىدا قويغان .<<قانلىق ماجرا كەلتۈرۇپ چىقىرىشتىكى باش قەھرىمان >>ئۇنۋانىغا ئىرشىپ ئۇشۇقنى ئارقىدا قويغان .شۇڭا شەيتان ئالىيلىرنىڭ تەكلىپ
قېلىشى بىلەن <<ئازدۇرۇش دۇنياسى>>دا يۇقىرى مائاش بىلەن تەكلىپلىك ئىشلەۋاتىمەن .
مەن مىنى تېپىشنى ئاساسلىق قۇرال قىلغان <<تىلەمچىلەر ئۇيۇشمىسى>>نىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئوبىكتى بۇلىمەن ۋە كۆپ پايدىغا ئېرشىمەن .
مەن <<قىمماۋازلار ئانسامبىلى>>نىڭ باش لىدىرى بۇلىمەن.ئۇلارنىڭ تىراكومىدىيلىك كىنوسىغاباش رېژىسۇرلۇق قىلىپ نۇرغۇن نەپكە ئىرشىمەن .
مەن گەرچە <<خەيىر -ساخاۋەت >>گوروھىدىن ئالدىغان پايدام كۆپ بولمىسىمۇ يەنىلا شۇ يتىم-يىسىر نامراتلارنىڭ كۈلكۈسى ئۈچۈن يەنىلا ئىشلەۋاتىمەن.
<<ۋىجدان ئىمپىريىسى >>بىلەن<<ئىنساپ دىيانەت جۇمھۇرىيتى>>مىنى يامان يولدىن توسماقچى بولۇپ مىنى يامان يولدىن قايتۇرالماي يۇقاتماقچى بولغاندا شەيتان ئاللىيلىرنىڭ ئۇرۇش قوزغۇشى <<تىلەمچىلەر ئۇيۇشمىسى>>نىڭ يالۋورشى<< قىمماۋازلار تەشكىلاتى>>نىڭ ئۇششۇقلۇق قىلىشى يەنە نۇرغۇن تەشكىلات گوروھلارنىڭ مەن تەرەپتە تۇرشى نەتىجىسىدە مەن يەنە ئامان قالدىم.يەنە يامان يولدىن قايتمىدىم.
ئۇزۇن يىل ئويلىنىش ئارقىلىق ئۇزۇمنى يامان يولدىن تارتماقچى بۇلۇپ بىر قېتىملىق ئائىلە يىغىنى ئاچاي
دىسەم نەۋرە چەۋرە پەينەۋىرىرم بەكلا كۆپ بۇلۇپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرغا كەڭ تارقىلىپ كەتكەچكە ئۇلارنى يىغىش مۇمكىن بولماي قالىدى .ھازىر پەقەت شۇ <<ۋىجدان ئىمپىريىسى >>بىلەن<<ئىنساپ دىيانەت جۇمھۇرىيتى>>نىڭ كۈچلۇنۇپ ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىسىكەن دېگەن ئارزۇيۇم بار .
بۇ مىنىڭ بۇ مۇنبەردە يازغان تۇنجى تىمام شۇڭا ھەر قايسىڭلارنىڭ تەكلىپ پىكىر بىرشىڭلارنى تۈۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 520dolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-3 01:43 PM