ئەڭ شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللا نىڭ نامى بىلەن باشلايمەن.
قۇرئانداقەدەرنىڭ چۈشەندۈرلىشى، ئىنساننىڭ تاللاش ئىختيارلىقىغا ئىگە ئىكەنلىكى،توغرايولغا باشلاش ۋە ئازدۇرۇش،ئىنساننىڭ خالىشى ئاللا تائالانىڭ خالىشىنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكى،ئىنساننىڭ رىزقى ۋە ئەجەلىنىڭ بېكىتىلگەنلىكى ۋە قەدەرگە ئىشىنىشنىڭ روھى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ ئىسلامغا قاراتقان تەنقىد ۋە تەنە سۆزلىرىنىڭ بىرسى بولسا، مۇسۇلمانلارنىڭ قەدەرگە ئىشىنىشى ئۇلارنىڭ كۈچسىز بۇلۇپ قېلىشىنىڭ ۋە ياۋرۇپادىن ئىلىم-پەن پەلسەپەدە كېيىن قېلشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرسى دېگەن سۆزىدىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىچە قەدەرگە ئىشىنىش ئىنساننىڭ كۈچ-قۇۋۋەت بىلىم قابىلىيىتىنى بىكار قىلىش ۋە ئىنساننى ھۇرۇنلاشتۇرۇپ غەيبتىن كېلىدىغان رىزقى ۋە نىسىۋىنى كۈتۈپ تۇرۇشقا بېرىلىدىغان قىلىپ قويىدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قۇيارمىش.
ئەمماپەيھەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئىمان دېگەن نېمە؟دەپ سۇرالغاندا،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام‹ قەدەر›گەئىشىنىشنى ئىماننىڭ ئۇل ئاساسلىرىدىن بىرى قىلىپ جاۋاب بېرىپ:‹‹قەدەرگە،ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللا تائالا تەرىپىدىن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىڭ››دېگەن ئىدى.بۇنىڭ مەنىسى:بۇ ئالەمدە يۈز بېرىدىغان ياخشى ۋە يامان ھادىسىلەر مىقدار،ئۆلچەم،قانۇن ۋە سەۋەبلەر بىلەن بۇلىدۇ.شۇنداق بۇلۇشىنى ئاللا تائالانىڭ ھېكمىتى تەلەپ قىلغان ۋە ئالەمدىكى ھەممە ئىش ئاللا تائالانىڭ ئالدىن بىلگىنىگە ئۇدۇل بۇلىدۇ دېمەكتۇر.
قۇرئانغاقارىساق قۇرئان قەدەرگە ئىشىنىشنى ئاللا تائالاغا ئىشىنىش،پەرىشتىلەرگە ئىشىنىش،كىتابلارغا،پەيغەمبەرلەرگە،قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىشكە ئوخشاش ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرسى قىلىپ كۆرسەتمىدى.قۇرئاندا قەدەر ئاللا تائالا ئورناتقان باشقاتەبئىي قانۇنلاردەك بىر قانۇندىن ئېبارەتتۇر.قۇرئان قەدەرگە ئىشىنىش ھەققىدە بىرنەرسە دېمىدى.
قۇرئان كەرىمدەقەدەر مەسلىسى
قۇرئاندا بىرقانچە يەردە سۆزلەنگەن‹‹قەدەر››دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ئويلاپ كۆرسەك،‹‹قەدەر››دېگەن سۆز-مىقدار ۋە تەقدىر دېگەن مەنىلەردە بۇلۇپ بىر نەرسىنى مەخسۇس ئۆلچەمدە،مۇئەييەن قېلىپتا ياكى مەلۇم قانۇن بويىچە ياساش دېگەن مەنىدەكېلىدۇ. ئاللا تائالا سۈرە مۆئمىنۇننىڭ18-ئايىتىدە:( بىز بۇلۇتتىن ھاجەتكەقاراپ يامغۇر ياغدۇردۇق) دېدى.بۇنىڭ مەنىسى سۇنى مۇئەييەن ئۆلچەمدە چۈشۈردۇق دېگەنلىكتۇر.
يەنە ئاللاتائالا مۇنداق دەيدۇ: (ھەر بىر ‹ھامىلدار › ئايالنىڭ قورسىقىدىكىنى ئاللا بىلىدۇ ‹ يەنى ئوغۇلمۇ-قىزمۇ،بىرمۇ-كۆپمۇ،چوڭمۇ-كىچىكمۇ،چىرايلىقمۇ-سەتمۇ،بەخىتلىكمۇ-بەخىتسىزمۇ،ئۆمرىئۇزۇنمۇ-قىسقىمۇ،ھەممىسىنى ئاللا بىلىدۇ›. بەچچىدانلارنىڭ كىچىكلەپ كەتكەنلىكى ياكى يوغىناپ كەتكەنلىكىنىمۇ ‹ يەنى بالىنىڭ مۇددىتى توشماي تۇغۇلىدىغانلىقىنى ياكى مۇددىتى ئېشىپ كىتىپ تۇغۇلىدىغانلىقىنى › ‹‹ ئاللا ›› بىلىدۇ.‹‹ ئاللا ›› نىڭ دەرگاھىدا ھەممە نەرسەئۆلچەملىكتۇر ).
دېمەك، ئاللاتائالانىڭ چىشى مەخلۇقاتلىرىنىڭ قورساق كۆتۈرىشىدە، تۇغماس بۇلۇشىدا، ئەۋلادىنىڭ ئاز،كۆپ بۇلىشىدا ئاللا تائالانىڭ قانۇن تۈزۈمى ۋە مۇئەييەن ئۆلچىمى بولغاندەك باشقا مەخلۇقاتلىرىدىمۇ بار. ئىنسانمۇبارلىق ئالەمنىڭ تارماقلىرىدىن بىر تارماق بۇلۇپ ، ئاللا تائالانىڭ ھېكمىتى تەلەپ قىلغان تۈزۈم ۋە قانۇن ئىنسانغىمۇ ماس كېلىدۇ.
ئاللا تائالامۇنداق دەيدۇ: ( ‹‹ئاللا›› ئۇنى نېمىدىن ياراتتى؟ ‹‹ئاللا›› ئۇنى ئابىمەنىدىن ياراتتى،‹ ئۇ تۇلۇق يارتىلىپ بولغۇچە › ‹‹ئاللا›› ئۇنى بىر قانچە باسقۇچلارغابۆلۈپ پەيدىن-پەي ياراتتى ). يەنە زامان توغرىسىدا قۇرئاندا ئاللا تائالا مۇنداق دېدى: ( كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ‹ ئۇزۇنلىقى › نى ‹‹ئاللا›› ئالدىنئالا بەلگىلەيدۇ). يەنە ئومۇمىي مەخلۇقات توغرىسىدا قۇرئاندا ئاللا تائالامۇنداق دېدى: ( ‹‹ئاللا›› ھەممە نەرسىنى ياراتتى،ئاندىن ‹ ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە › ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى ).
يۇقىرىقىدەلىلەردىن بىزگە شۇ ئاشكارە بۇلۇدىكى ،قۇرئاندىكى قەدەر ئەقىدىسى مۆمىنلەرگەكائىناتتا پۇختا ساغلام بىر قانۇن ئىنتىزام بارلىقىنى،سەۋەبتىن ھاسىل بولىدىغان ھەممە نەرسىنى سەۋەبكە باغلايدىغان ئومۇمىي قانۇن بارلىقىنى ۋە ئاللا تائالانىڭ ياراتقان مەخلۇقاتلىرىدا قالايمىقانچىلىق يوقلىقىنى ۋە بىر نەرسىنىڭ ئۆزىچە پەيدابۇلۇپ قالمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. قەدەرگە ئەقىدە قىلىشنىڭ بىر پايدىسى شۇكى،قەدەرگە ئىشەنگۈچىلەر كائىناتتىكى تەرتىپ تۈزۈمنى تەكشۈرۈشكە، ئاللاتائالانىڭ مەخلۇقاتلاردا ئورناتقان قانۇنلىرىنى تۇنۇشقا ،ھەر نەرسىنى ئۆزىنىڭ سەۋەبىنى قوللىنىش يولى بىلەن ئىزدەشكە ۋە سەۋەب قانۇنىغا رىئايە قىلىپ ئىشقىلىشقا ئەڭ لايىق كىشىلەردىن بۇلىدۇ.
قەدەرگەئىشىنىشنىڭ مەنىۋىي پايدىسى
قەدەرگە ئىشىنىش بولسا قەدەرگە ئەقىدەقىلغۇچىنى داۋاملىق تىرىشىپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.بىر ئىشىم نەتىقە بەرمىسەيەنە بىر ئىشىم نەتىجە بىرەر دەپ قەدەرنىڭ سىرلىرىدىن ياخشىلىق ئۈمۈد قىلغان ھالداقىلغان تىرىشچانلىقىنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ.قەدەردە بىكىتىلگەن ئىش ھىچكىمگە مەلۇم ئەمەس .قەدەردە نېمىنىڭ بىكىتىلگىنىگە ئىنساننىڭ قىلغان ئىش ھەركىتىدە ئىپادىلەنگەن ئەمەلىيەتتىن باشقا بىرەر نىشان يوق.
قەدەرنىڭ ئالىي ھېكمەتلىرىدىن بىرسى شۇكى،ئىنسانلار بېشىغا دەرت-ئەلەم كەلگەندە بىئىاراملىقىنى يەڭگىللىتىش ۋەمۇسىبەت كەلگەندە ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىشى ئۈچۈن ئاللا تائالا ئىنسانلارنى قەدرگەئىشىنىشكە چاقىردى.
‹‹ ئىسلام دىنىنىڭ روھى ›› ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاررغۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-3 01:17 PM