مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5053|ئىنكاس: 31

ئىسلام دۇنياسىنىڭ «30 يىللىق ئۇرۇشى» مۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 25240
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7777 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 11:50:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىسلام دۇنياسىنىڭ «30 يىللىق ئۇرۇشى» مۇ؟
ئاپتورى: يۈ شىيۈ (ئامېرىكا)

تەرجىمىدە : تۇنيۇقۇق (لوپنۇردىن)، نەپرەت 2009

article-0-1B0A0E66000005DC-425_964x683.jpg


مىسىر ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن بۇيان، قانلىق توقۇنۇش ئۈزلۈكسىز كەسكىنلەشتى، ئەرەب دۇنياسىدىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەت ئېھتىمال ئىچكى ئۇرۇش يولىغا كېتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى داۋاملىق يامانلىشىپلا قالماي، پەيدىنپەي خەلقئارالاشماقتا، ئەتراپتىكى بارغانسېرى كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە چېتىلىشقا باشلىدى. ب د ت نىڭ ئىراق ئالاھىدە ئەلچىسى 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دوكلات بېرىپ: (سۇرىيە ۋە ئىراق) ئۇرۇش مەيدانى بىرىكىپ كېتىۋاتىدۇ، ئىراقتىكى مەزھەپلەر توقۇنۇشىنى كەسكىنلەشتۈردى، بىخەتەرلىك كونتروللىقىنى يوقاتتى، دېدى. لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا ئارىلىشىشىغا ئەگىشىپ، لىۋاندىكى مەزھەپلەر زوراۋانلىق توقۇنۇشىمۇ كۈنسېرى ئۆتكۈرلەشتى. «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى» يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە كۇرد ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ تارمىقى رەھبەرلىكىدىكى سۇرىيە كۇردلىرى بىلەن ئەرەب سۈننىي مەزھىپىدىكى قوزغىلاڭچى كۈچلەر ئارىسىدا كەسكىن قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن، ئېھتىمال تۈركىيەنىمۇ سۆرەپ كىرىشى مۇمكىن.
ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئەرەب دېموكراتىك ھەرىكىتى بۈگۈنكى زوراۋانلىق توقۇنۇشىغا ئۆزگىرىپ كەتتى ھەمدە پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىغا يامرىدى. دىنىي مەزھەپ ماجىراسى تۈرتكە بولىشى بىلەن زوراۋانلىققا ئۆزگىرىشى ياۋروپانىڭ دىنىي ئىسلاھات ھەركىتىدىن كېيىنكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان «30 يىللىق ئۇرۇش» قا بارغانسېرى ئوخشاپ قېلىپ، ئىسلام دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشىمۇ چوقۇم ئوخشاش ئۇزۇن مەزگىللىك ئازابلىق قانلىق مۇساپىنى بېسىشى كېرەكمۇ يوق دېگەن ئەندىشىگە سېلىپ قويدى،
ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنىڭ 30 يىللىق ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبىنى ئەسلەپ باقايلى. بۇ ئۇرۇش جۇڭگونىڭ مىڭ، چىڭ دەۋرى ئالماشقان مەزگىلدە (1618-1648 يىللار) يۈز بەردى، دەسلەپتە خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانت دىنى بىلەن كاتولىك دىنى ئارىسىدىكى دىنىي ئۇرۇش بولۇپ، پەيدىنپەي ھەر خىل توپلار، دۆلەت ھالقىغان مەنپەئەت ۋە پادىشاھ گۇرۇھلىرىنىڭ چوڭ ئارىلاشما ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ كەتتى، بارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى چېتىلغان بولۇپ، غايەت زور ئۆلۈم-يېتىم ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلدى، نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە رايونلارنىڭ نوپۇسى %20~40 ئازلاپ كەتتى. ئەمما ئەڭ ئاخىرى ھازىرقى زامان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئاساسىي ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنى شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، دىننىڭ ياۋروپادىكى يېقىنقى زامان مىللىي دۆلەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى رولىنى كۆرۈنەرلىك ئازلاتتى، دىن شۇنىڭدىن باشلاپ ياۋروپا ئۇرۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىل بولمىدى.
ئوسمان ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەندىن بۇيان، ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسى ئاساسىي جەھەتتىن ئىزچىل غەرب سىرتقى كۈچلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرۇپ كەلدى، بۇنداق سىياسىي ئاجىزلىق ۋە كېچىپ كەلگەن زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى دىننىڭ ئەنئەنىۋى جەمئىيەتتىكى تەسىرى ۋە فونكىسىيىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كۈچەيتتى، خۇددى ئوتتۇرا ئەسىردىن يېڭىلا قۇتۇلۇپ چىققان ياۋروپا جەمئىيىتى يەنىلا كۈچلۈك دىنىي جەمئىيەتنىڭ تەسىرىدە تۇرغىنىغا ئوخشايتتى. تېخىمۇ نەس باسقىنى، ياۋروپانىڭ 30 يىللىق ئۇرۇشىنى قوزغىغان مەزھەپ توقۇنىشىنىڭ مەنبەسى مارتىن لۇتېرنىڭ دىنىي ئىسلاھاتىغا (كېيىنكى كالۋىن مەزھىپى) پەقەت 100 يىللىق تارىخقا ئىگە، لېكىن ئىسلامنىڭ سۈننىي مەزھىپى بىلەن شىئە مەزھىپىنىڭ زىددىيىتىنىڭ تارىخى مىڭ يىلدىن ئېشىپ كەتتى. «ئەرەب باھارى» قويۇپ بەرگەن تۆۋەن قاتلاملىق ئىجتىمائىي ئېنېرگىيە شۇنداق قىلىپ تېزلىكتە مەزھەپ زىدىيىتى بىلەن ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتتى.
ئۇرۇشنىڭ پارتىلىشىمۇ ئىنتايىن ئوخشىشىدۇ. ياۋروپا 30 يىللىق ئۇرۇش بوخېمىيە پروتېستانت دىنى مۇرتلىرى ئىسيان كۆتىرىشى بىلەن باشلانغان؛ ئىسلام دۇنياسىدىكى «30 يىللىق ئۇرۇش» سۇرىيە ئەرەب سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئىسيان كۆتىرىشى بىلەن باشلاندى. بۇ قېتىمقى مىسىر سىياسىي ئۆزگىرىشىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى بولسا ئارمىيە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ دىنىي رەھبىرىنىڭ مىسىرنى سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا سۆرەپ كىرىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئىدى.
ياۋروپا 30 يىللىق ئۇرۇشىغا ئوخشاش، سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزھەپلەر بويىچە تېز سۈرئەتتە خەلقئارالاشتى. بۇنىڭدىن سىرت، ياۋروپا 30 يىللىق ئۇرۇشىدا ۋەيران قىلىش كۈچى ئەڭ زور بولغىنى سىرتتىن كەلگەن ياللانما قوشۇن. نۆۋەتتە سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشىدا جەڭگىۋارلىقى ئەڭ زور قوراللىق كۈچمۇ ئايرىم ئايرىم ھالدا سىرتتىن كەلگەن سۈننىي مەزھىپى غازاتچىلىرى بىلەن لىۋان شىئە مەزھىپىنىڭ ئاللاھ پارتىيىسى خەلق ئەسكەرلىرى بولماقتا.
ياۋروپا 30 يىللىق ئۇرۇشى ئەڭ دەسلەپتە كاتولىك دىنى بىلەن پروتېستانت دىنى مارتىن لوتىر مەزھىپى ۋە كالۋىن مەزھىپىنىڭ توقۇنىشىدىن  تەدرىجىي ھەر قايسى مەزھەپلەرنىڭ قالايمىقان ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ كەتتى، بولۇپمۇ ئوخشاش كاتولىك دىنى مەزھىپىدىكى فرانسىيە بوربۇن خانلىقى بىلەن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ھاپىسبورگ خانلىقىنىڭ ئۇرۇشى، يەنە مارتىن لۇتېر مەزھىپى بىلەن كارۋىن مەزھىپى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشمۇ بار. ئىسلام «30يىللىق ئۇرۇشى» نىڭ ئوخشاش بىر يۆلىنىشتە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا تامامەن بولىدۇ. نۆۋەتتە سۇرىيە سۈننىي مەزھىپى قوزغىلاڭچى قوراللىقلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ ئوت بىلەن سۇدەك سىغىشالمايدىغان ئۆز ئارا قىرغىنچىلىق يۈز بەردى. سىرتقى قوللاۋاتقان كۈچلەر ئارىسىدا، دېڭىز قولتۇقىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىمۇ كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان «ئىدېئولوگىيە» توقۇنىشى بار.
دىنىي ئۇرۇشنىڭ بىر ئالاھىدىكى بولسا ئاشقۇن دىنىي زىيانكەشلىك. بۇنى ياۋروپا 30 يىللىق ئۇرۇشىدىكى ئايال پېرخۇنلارنى كەڭ كۆلەمدە كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش ھەركىتىدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ، پروتېتسانت ۋە كاتولىك دىنى ئىككى تەرەپ بىر بىرىدىن قېلىشمىغان بولۇپ، ۋاستىسى ئىنتايىن قەبىھ ۋە قانلىق بولدى. سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشىدا يېقىندا يۈز بەرگەن ھەر خىل رەھىمسىز قىلمىشلار، مەسىلەن ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى يېيىش ۋە ئانچىكى گەپ سۆزلەر سەۋەبىدىن كوچىلاردا ئۆسمۈرلەرنى ئۆلتۈرۈشتەك قورقۇنۇچلۇق قانۇن ئىجرا قىلىشلار كىشىلەرنىڭ كۈتمىگەن يېرىدىن چىقتى.
ياۋروپانىڭ 30 يىللىق ئۇرۇشى ئەڭ ئاخىرى بىر قاتار كېلىشىملەر بىلەن ئاخىرلاشتى، بۇنداق ئاخىرلىشىشىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى سىرتنىڭ ئارىلىشىشى ئاز ئىدى، ئوسمان ئىمپىرىيىسى ئاجىزلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، دەسلەپكى ئارىلىشىشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن چەتتە تۇردى. ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدىكى ئۇرۇشقا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ، ھېرىپ ھالىدىن كەتكەندىن كېيىن قول ئېلىشىپ سۈلھى قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئەمما ئىسلام دۇنياسىدىكى «30 يىللىق ئۇرۇش» بۇنداق تەلەيلىك بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى ئۇرۇشۇۋاتقان ئىككى ئاساسلىق مەزھەپنىڭ داھىيسى سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىران غايەت زور نېفىت تەبىئىي گاز بايلىقىغا ئىگە بولغاندىن سىرت، بۇ توقۇنۇش سىرتقى كۈچلەرنى سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتىدىغان ناھايىتى ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.
ئاز بولمىغان ئالامەتلەردىن قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ سابىق ئەمەلدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلەر ئاشكارىلىشىچە، تەننەرخ ئۈنۈمىنى تەكىتلەيدىغان ئوباما ھۆكۈمىتى قەستەن سۇرىيەنى ئىراننىڭ «ۋېيتنامچە» پاتقىقىغا ئايلاندۇرماقچى بولغان. بۇ ۋاشىنگىتوننىڭ سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ غەلبە قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ چوڭ ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئەكسىچە ھەربى ياردەم بىلەن تەمىنلەشتە چىڭ تۇرىشىدىكى مۇھىم سەۋەپ. چۈنكى سۇرىيەنىڭ «شىئە مەزھىپى ھېلال ئاي» دىكى ھەل قىلغۇچ ئورنى تېھراننىڭ ۋاز كېچىشى تەس بولىشىدىكى مۇھىم ھالقا. شۇنىڭدىن بۇيان، بۈيۈك ئوتتۇرا شەرقتىكى مەزھەپلەر توقۇنۇشىشىنىڭ ئاخىرلىشىشى تەس.
ئاپتورى يۈ شىيۈ شىمالىي ئامېرىكىدا تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىدۇ.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95995
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 73
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2013-7-16
ئاخىرقى: 2013-8-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 01:14:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي مەن مۇشۇ بىر ئىشقا بەك ھەيران  نىمشقا ئىسلام دۆلەتلىردىلا ئۇرۇش بىسقمايدۇ بىر بىرى بىلەن پەقەت چىقشالمايدۇ ھىلى شئە دىگەن ھىلى سۇنئي مەزھەپ دېگەن قاچانۇمۇ تېنچلققا يۈزلنىپ تەرەققى قىلار دەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96014
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 515
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2013-7-17
ئاخىرقى: 2013-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 01:47:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچان ھەممىسى اللەقا يۇزلەنسە، بىر اللەقىلا باش ئەگسە، ئاندىن ھەقىقى تىنىشلىق بارلىققا كىلىدۇ. اللە مۇسۇلمانلاردىن نەتىجە تەلەپ قىلمايدۇ، ئىخلاسنى، ساداقەتمەنلىكنى، ھەقىقى بوي سۇنۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. نەتىجىنى اللە ئۆزى بىرىدۇ.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى نەمرۇت ئوتقا تاشلىغاندا اللە جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسلامنىڭ قىشىغا ئەۋەتىدۇ، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام قارسا بىر قۇش ئېغىزىدا ئۇزۇن بىر يەردىن سۇ توشۇپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى كۆيدىرىش ئۇچۇن قالىغان ئوت ئۇستىگە قويۋاتقۇدەك. جىبرائىل ئەلەيھىسسالام سوراپتۇ ھەي قۇش سەن نىمىش قىلىۋاتىسەن؟ سۇ توشىۋاتىمەن. سەن ئېلىپ كەلگەن بۇ سۇ شۇنداق ئاز تۇرسا سەن مۇشۇ ئازغىنە سۇبىلەن بۇ غايەت زور   ئوتنى ئۆچىرەلەمسەن؟ اللە ماڭا سۇ توشۇپ ئوتنىڭ ئۇستىگە قۇيۇشنى بۇيرىدى،  سو توشۇش مىنىڭ ئىشىم، ئۆتنى ئۆچىرىش اللەنىڭ ئىشى مەن اللە بۇيرىغان ۋەزىپەمنى ئورۇندۇدۇم. دەيدىكەن.
نەتىجە اللەنىڭ قولىدا، نەتىجە ئۇچۇن ئەمەس اللە رازىلىقى ئۇچۇن كۆرەش قىلسا نەتىجىنى اللە ئۆزى بىرىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1794
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9263
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 02:00:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىراق ئۇرۇش قىلماقچى بولغاندا جەڭ قىلىمىز دەپ  ئامرىكىغا قارشى      ئۇرۇش مەيدانىغا كىرگەن . ئەمما ئىران بولسا يەنى ئەھمەدى نىجات غازات قىلىمىز دەپ ئامرىكىغا بايانات ئېلان قىلغان . بۇنۇڭ روشەن ئوخشىماسلىقى بار .باشقا گەپنى دىمىسەممۇ چۈشۈنىۋالارسىلەر .

شاھ زاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 25240
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7777 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 02:03:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭدىن كېيىن تەرجىمىلىرىمنى (ياكى ھەمكارلىشىپ تەرجىمە قىلغان ماقالىلارنى)  تاختا كومپيۇتىر ۋە يانفۇنلاردا ئوقۇشقا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئېلكىتاب نۇسخىسى تەڭ تەمىنلىنىدۇ، ياقتۇرۇپ ئوقۇشىڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمەن
http://eser.okyan.com/ebook

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96579
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 220
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2013-7-31
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 02:11:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوتتۇرا شەرىق ۋەززىيىتى قاچانمۇ ياخشىلىنىاكىن؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 731
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34603
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 385 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2013-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 02:35:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
baxkaqun يوللىغان ۋاقتى  2013-8-3 02:11 PM
ئوتتۇرا شەرىق ۋەززىيىتى قاچانمۇ ياخشىلىنىاكىن؟

خۇدايىم ۋاقتىنى بەرگەندە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3563
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28519
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 5115 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 02:37:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىتىپاقلىق ، تىنىچلىق ياخشى !
كۈنبويى ئىس تۈتەك قاپلىغان ، ۋەھىمىلىك تۇرمۇشتا خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرگىلى ، خاتىرجەم ئىبادەت قىلغىلىمۇ بولمايدۇ .

كۆڭلى چۈشسە ئىشەك دىمەي كۆيۈپ قالار بەلكى كىشى ،
قىزغىنامدۇ شۇ ئىشەكتىن بەزىلەرنىڭ نىمە ئىشى .
...

ئەسلەش شېرىن ، ئۇنتۇش قېيىن .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77410
يازما سانى: 547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1789
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1027 سائەت
تىزىم: 2012-3-14
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 02:46:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىغا مۇناسىۋەتسى بوپ قالدى ..
چوقۇم كۆرۈڭ !   تېما قىلىپ يولىسام . مۇسۇلمان بوپ قالغىندىن نۇمۇس قىلدىغان باشلىق تەستىقلىماپتۇ ..
http://v.youku.com/v_show/id_XNTY4Nzg5NjA4.html

ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت ،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھاببەت .
لېكىن كىېچىمەن ھەر ئېككىسىدىنلا ،
ئازاتلىق ، ئەركىنلىك ، ئۈچۈنلا پەقەت .
............................................... پىتوفى ساندورو

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95649
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 264
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2013-6-2
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 02:53:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
6722442 يوللىغان ۋاقتى  2013-8-3 01:14 PM
ھەي مەن مۇشۇ بىر ئىشقا بەك ھەيران  نىمشقا ئىسلام دۆلەتلىردىلا ئۇرۇش بىسقمايدۇ بىر بىرى بىلەن پەقەت چىقشالمايدۇ ھىلى شئە دىگەن ھىلى سۇنئي مەزھەپ دېگەن قاچانۇمۇ تېنچلققا يۈزلنىپ تەرەققى قىلار دەيمەن


ئىسلام ئەقىدىلىرىمىز ھەم بىز مۇسۇلمانلار قاچانكى ئۆزىمىز بىلەن ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرنى(قارشى پىكىردىكىلەرنى)ھۆرمەت قىلالايدىغان ۋە چىقىشىپ ئۆتەلەيدىغان بولغاندا ئاندىن تىنىچلىققا ۋە  تەرەققىياتقا قەدەم قويالايمىز.!!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kapitan2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-3 02:54 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 11 توغرا دەيسىز

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 11   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش