نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر، ياق، جۇڭگودىكى ھەممە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دېگۈدەك مەلۇم چەتئەلدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپلەر بىلەن كېلىشكەن ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسى (Student Exchange) بار بولۇپ، ئەمما نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ بۇ پىروگراممىسى ئارقىلىق چەتئەلگە چىقىش تەس، چۈنكى بەزى مەكتەپلەرنىڭ بۇ ساھەگە ئاجراتقان ئىقتىسادى يېتىشمىسە، بەزى مەكتەپلەرنىڭ ھوقۇقى يېتىشمەيدۇ، يەنە بەزى مەكتەپلەر بۇ ئىشقا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ، ياكى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم يوق.
بۇ خىل ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى:
ئىككى مەكتەپ ئۆز-ئارا كېلىشكەن بولىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش پۇلى ئالمايدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئەسلى مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان كەسىپنى چەتئەلدىكى مەكتەپنىڭ ئوخشاش كەسپىدە داۋاملاشتۇرىدۇ ياكى شۇ كەسىپنى چۆرىدىگەن ھالدا تىل ئۆگىنىدۇ. دىپلوملار ئېتىراپ قىلىنىدۇ (يەنى سىز 4 يىللىق ئوقۇشنىڭ 1 يىلىنى جۇڭگودا، 3 يىلىنى چەتئەلدە ئوقۇسىڭىز، ھەر ئىككى مەكتەپتىن ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى ۋە دىپلوم ئالالايسىز). بۇ خىل ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسى ئارقىلىق ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى ئاساسەن مەكتەپ ئۈستىگە ئالىدۇ. جۇڭگودا ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى چىقىرىش ھوقۇقى بولغاندىن باشقا يەنە، ھۆكۈمەت تەشكىللىكىدە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش پىروگراممىسى ئارقىلىق بۇ ئىشلار باشقۇرۇلىدۇ. شەرتى توشىدىغانلار بۇ پىروگراممىغا توردا ئىلتىماس سۇنالايدۇ:
www.csc.edu.cn
خوش، ئەمما يەنىلا ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن بۇ خىل پىروگراممىغا قاتنىشىش تەسلەشكەن بولۇپ، شۇڭا ئەگەر ئوقۇشىڭىزنىڭ داۋامىنى ياكى مەلۇم ۋاقتىنى چەتئەلدە تاماملىماقچى بولسىڭىز، بۇنداق پىروگراممىغا ئاسانراق قاتناشقىلى بولىدىغان مەكتەپلەرنى تاللىشىڭىز كېرەك. تۆۋەندىكى مەكتەپلەرنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشىدا بۇ پىروگراممىغا قاتنىشىش %100 قولاي، ئىلتىماس سۇنسىڭىزلا تەستىقلىنىدۇ؛ ماگىستېرلىق ئوقۇشىدا %50 ئۈمىد بار؛ تولۇق كۇرس ئوقۇشىدا %25 ئۈمىد بار،... شۇڭا ئەگەر ياتاق-تاماق-ئوقۇش ھەققى ۋە بارچە خىراجەتلىرىنى ھۆكۈمەت كۆتۈرىدىغان ھالەتتە چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇيىڭىز بولسا، تولۇق كۇرس، ماگىستېرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشلىرى ئۈچۈن تۆۋەندىكى مەكتەپلەرنى تاللاڭ:
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 北京大学
شاڭخەي ئۇچۇر -ئالاقە ئۇنىۋېرسىتېتى 上海交通大学
غەربىي-شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى 东北大学
شــەرقــىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى 东南大学
جوڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتى 中南大学
جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى 中国人民大学
جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان ئۇنىۋېرسىتېتى 中国海洋大学
جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 中国科学技术大学
جوڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى 中山大学
لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى 兰州大学
بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 北京师范大学
بېيجىڭ تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 北京理工大学
بېيجىڭ ھاۋا قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى 北京航空航天大学
خۇاجوڭ تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 华中科技大学
جەنۇبىي جوڭگو تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 华南理工大学
نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 南京大学
نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى 南开大学
شيامېن ئۇنىۋېرسىتېتى 厦门大学
جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى 吉林大学
توڭجى ئۇنىۋېرسىتېتى 同济大学
خاربىن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى 哈尔滨工业大学
سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتى 四川大学
فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى 复旦大学
دالىيەن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 大连理工大学
تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى 天津大学
شەندوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 山东大学
ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى 武汉大学
جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 浙江大学
چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى 清华大学
خۇنەن ئۇنىۋېرسىتېتى 湖南大学
ئېلېكتىرون-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 电子科技大学
غەربىي شىمال سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى 西北工业大学
شىئەن ئۇچۇر-ئالاقە ئۇنىۋېرسىتېتى 西安交通大学
چوڭچىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 重庆大学
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى 中央民族大学
جۇڭگو دېھقانچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتى 中国农业大学
غەربىي شىمال دېرمانچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتى 西北农林科技大学
شــەرقــىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 华东师范大学
دۆلەت-مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 国防科学技术大学
يۇقىرىقى مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك 211 قۇرۇلۇشى ۋە 985 قۇرۇلۇشى تىزىملىكىگە كىرگەن مەكتەپلەر بولۇپ، 985 قۇرۇلۇشى دېگەنلىك 1988-يىلى رەئىس جىياڭ زېمىننىڭ بىۋاستە باشچىلىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم مەكتەپلەرنى خەلقئارا سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن زور مەبلەغ بىلەن يۆلەيدىغان قۇرۇلۇشتۇر. بۇ قۇرۇلۇش ئىچىدىكى يۇقىرىقى مەكتەپلەرگە ھۆكۈمەت ھەر يىلى مانچە ئوقۇغۇچىنى چەتئەلدىكى داڭلىق مەكتەپتە ئوقۇت دەپ پۇل بېرىدۇ. دوكتورانتلار مەجبۇرىي دېگۈدەك، ماگىستېرانتلار خالىغانچە، تولۇق كۇرسلار تاللىنىپ چەتئەلگە ئەۋەتىلىپ، ئىلغار مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇپ كېلىدۇ. شۇڭا ئۆزىڭىز ياكى پەرزەنتىڭىز ئۈچۈن مەكتەپ تاللىغاندا، يۇقىرىدىكى مەكتەپلەرنى ئالدىن ئويلاشسىڭىز، بىر قەدەر ياخشى.
211 قۇرۇلۇشى دېگەنلىك ھۆكۈمەت پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىن ئوقۇتۇشى بىر قەدەر ياخشى ئالىي مەكتەپتىن 100 نى تاللاپ، قوشۇمچە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ يۆلەۋاتقان قۇرۇلۇش بولۇپ، بۇ خىل مەكتەپلەرنىڭ چەتئەللەرگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش ھوقۇقى بولسىمۇ، ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن ئەمەلگە ئاشمىقى تەس، ئەمما ئىقتىسادىي كاپالەتكە ئىگە. رايونىمىزدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تاشئېرىق ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ قۇرۇلۇشقا كىرگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا مەكتەپلەرنىڭ تەبئىي پەن، تېخنىكا، چەتئەل تىلى كەسىپلىرىدە ئوقۇپ، چىققاندىن كېيىن بىرەر ئىش تېپىپ قىلىشقا بولىدۇ. ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرىدە ئاساسەن ئوقۇمىغان ياخشى.
يېقىندا يېڭى بىر ئالىي مەكتەپ چىقتى. ئوقۇش ھەقسىز، ماتېرىيال ھەقسىز، ئوقۇغۇچىلارغا ھېچقانداق چەكلىمە يوق، ئىمتىھانمۇ ئالمايدۇ، دىپلوممۇ بەرمەيدۇ، ئۆيدە ئولتۇرۇپ، يولدا كېتىۋېتىپ، ئىشخانىدا ئىشلەۋېتىپ، ئېتىزدا سۇ تۇتۋېتىپ، كومپيۇتېردا، ئاندرويدتا ھەتتا ئايفوندا ئوقۇسىڭىزمۇ بولىدۇ، مىڭ خىلدىن ئارتۇق كەسىپ، 100 خىلدىن ئارتۇق تىلدا تەربىيەلەش ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمى
بىرھون.
بۇ يەردىن كىرىپ ئوقۇڭ.