85يىللىق ئىشق ئوتى
(ھىكايە)
تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماق
مەكتېۋىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىق تويىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، مەكتەپ رەھبەرلىكى مىنى مەخسۇس مەكتەپ تەزكىرىسىنى يېزىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ مۇرەككەپ، جاپالىق ھەم شەرەپلىك ئىش ئىدى. مەكتەپ تەزكىرىسىنى يېزىش ئەمىليەتتە يېزىمىزنىڭ 100نەچچە يىللىق مائارىپ تارىخىنى يەكۈنلەپ چىقىش بولۇپ، ئىلگىركىلەرنىڭ تۆھپىسىنى كىيىنكى ئەۋلادلارغا بىلدۇرۈش، تارىخ يىپىنى بىر بىرسىگە ئۇلاش ئىدى. ئەجدادلارنىڭ شانلىق تارىخى كۆمۈلۈپ قالسا بولمايتى. قىلدىغان ئىشلىرىم كۈندۈزلىرى ماتىريال توپلاش، كەچتە كومپىيۇتۇر ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ، خەت ئۇرۇش ئىدى. مەن پىشقەدەم ئۇستازلارنى زىيارەت قىلۋېتىپ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن تۇراخۇن ئىسىملىك بىر ئادەمنىڭ يۇرتىمىزدا تۇنجى قېتىم پەننى مەكتەپ ئاچقانلىقىنى، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى، ئوقۇتقۇچلارنى تەربىيلىگەنلىكىنى، كىيىن شىڭشىسەي تەرپىدىن كۇچادا ھەپسىگە ئېلنىپ، 1958-يىلى تۇرمىدىن چىقىپ، خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرلۈپ، غۇلجىدا سىياسى كىڭئەشنىڭ مۇئاۋېن رەئىسىلىك خىزمىتىنى ئىشلەپ پىنسىيەگە چىقانلىقىنى، ھازىر غۇلجا شەھرىدە ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
بىر يىل قاتتىق ئىشلەپ كىتاپنى خېلى مۇكەممەل ئىشلەپ پۈتكۈزۈپ، مەكتەپ تويى بولۇشتىن بىر ئاي ئىلگىرى نەشىردىن چىقشقا بىرۋەتتۇق. شۇ كۈنلەردە، مەكتەپ رەھبەرلىكى ئويلۇشۇپ، شىمالىي شىنجاڭدىكى يۇرتىمىزدىن چىققان مەشھۇر، تۆھپىكار كىشلەرگە باغاقىنى تارقتىش ۋەزىپىسىنى يەنە ماڭا يۈكلىدى. مەن باغاق تارقىتىپ غۇلجىغا كەلگەندە، بىرىنجى قىلدىغان ئىشىم، يۇرتىمىزدىن چىققان پەننىي مەكتەپنىڭ باشلامچىسى تۇراخۇن ئاكا بىلەن كۆرشۈپ، باغاقنى ئۆز قولىغا بىرىشنى كۆڭلىمگە پۈكتۈم. غۇلجىدىكى يۇرتداشلارنىڭ ياردىمىدە مىڭ تەستە تۇراخۇن ئاكىنىڭ ئۆيىنى تەستە تاپتىم. مەن ئىشىكنى قېقىۋېدىم، ئىگىزگىنە ، ئورۇق ئاق پىشماق كەلگەن چوكان ئىشىكنى ئاچتى. مەن كىلشتىكى مۇددايىمنى ئېيتىۋېدىم، مىنى ئىززەت ئىكرام بىلەن ئۆيگە باشلىدى. ھويلىدىكى پىشايۋان سۇپۇسىغا سېلىنغان گىلىم ئۇستىدىكى كۆرپىدە ئاپپاق ساقاللىق، بېشىغائاق دوپپا كىيۋالغان پەرىشتە سۈپەت بىر ئادەم، ئالدىغا يوغان بىر كىتاپنى قويۇپ، ئوقۇپ ئولتۇرۇپتۇ. مەن ئۇكىشنىڭ ئالدىغا بېرىپ،سالام بىرىپ ئىككى قوللاپ كۆرۈشتۈم. بوۋاي مىنى ناھايىتى قىزغىن قارشى ئالدى. ھەم سۇپۇدىكى كۆرپىگە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. مەن كۆرپىدىن ئورۇن ئېلىپ، دۇئادىن كىيىن، بوۋاي « سىللە كىم، تونۇيالمىدىمغۇ؟» دىگەن مەنىدە ماڭا قارىدى،
— مەن قەشقەر ئاۋاتتىن چىقتىم...
تۇراخۇن مىنىڭ تونۇشتۇرشىمنى ئاڭلاپ، ئالدىمغا كىلىپ، مىنى قۇچاقلاپ كەتتى ۋە مىنى قايتا - قايتا پۇراپ،
— بالام يۇرىتنىڭ ھېدىنى ئەككەپسەن، يۇرت خەلقى ئامانمۇ؟ — دەپ سوردى ھەم كۆز چاناقلىرى ياشقا تولدى.
— يۇرت ئامان، يۇرت خەلقى سىللىگە ئوتلۇق سالىمىنى يوللىدى.يۇرت خەلقى سىللىنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق، سىللىنىڭ يۇرىتتا تۇنجى بولۇپ پەننىي مەكتەپ ئاچقانلىقىنى، يۇرتىمىزدا ئەۋلادلارغا ئىلىم مەرىپەت ئۇرىقى چاچقانلىقنى دائىم بىر خىل پەخىرلىنىش ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسى بىلەن تىلغا ئالىدۇ، يۇرت سىلىدەك پەخىرلىك ئوغلانىنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق، پۈتۈن يۇرت خەلقى سىلىنى ھامان سېغنىپ تۇرۋاتىدۇ، يۇرت خەلقى سىللىگە سالام يولىدى، 9-ئاينىڭ 28-كۈنى يېزىمىزدىكى ئەڭ چوڭ مەرىپەت بۆشىكى بولغان ئاۋات ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق قۇتلۇق تويىنى ئۆتكۈزمەكچى ئىدۇق، شۇڭا سىللىنى تويغا چىللاپ ئاتايىتەن مەندىن، سىللىگە باغاق ئەۋەتتى،— دەپ قويۇن يانچۇقۇمدىكى باغاقنى ئېلىپ ئىككى قوللاپ سۇندۇم.
بوۋاي باغاقنى قولىغا ئېلىپ، يىغلاپ كەتتى. باغاقنى مەيدىسىگە تاڭئاتتى،كۆزلىرىگە سۈركەيتى، پۇرايتى،ئاھ يۇرت ئىشقى، ۋەتەن مەھەببىتى. مەن بوۋايغا كۆڭلىنى ياساپ تەسەللى بەردىم، بوۋاينىڭ يىغىسى توختىغاندىن كىيىن يۇرىتتىكى چوڭلارنى سوردى. ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلگىنىمچە بايان ئەيلىدىم. ئابىيامقى بوۋاينىڭ كىلىنى ئىكەن. بوۋاي ئۇنى «قىرقىز» دەپ چاقىرىدىكەن. بوۋاي كىلىنىگە داستىخان سېلىپ، چاي ئەكىلىشنى ئاندىن تاماققا تۇتۇش قىلىشقا بۇيرۇدى. مەن ئالدىراشلقىمنى، باشقا يەرلەرگە باردىغانلىقىنى ئېيىتتىم . لىكىن ئۇ « كىلىش سىللىدىن، مىھماننى قويۇپ بىرىش مەندىن» دەپ زىنھار ئۇنىمىدى. بىزئەتكەن چاي ئىچكەچ قىزغىن پاراڭلاشتۇق.
بوۋاي تۇرمىدىن چىققاندىن كىيىن، سىياسى كىڭئەشنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى بولۇپ ئىشلەپتۇ. ئۈچ پەرزەنتى باركەن.ئۇلارنى ئۆيلىك ئۇچاقلىق قىلىپ بوپتۇ. ئوغلىنى دىندا ئوقۇتۇپتىكەن، ھازىر شەھەردىكى بىر مەسچىدنىڭ خاتىپى ئىكەن. ئابىيامقى ئىشىكنى ئاچقىنى كىلىنى ئىكەن. قىزغىزغا ئوخشىغاچقا، «قىرغىز» دەپ چاقىرمەن، ئەمىليەتتە قىرغىز ئەمەس دىدى. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بۇ يىل 104 ياشقا كىرگەنلىكىنى، كۈنىگە ئۈچ تۆت كىلومىتىر ماڭدىغانلىقىنى، مېڭىپ ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلىقنى، كۈنىگە كۆزەينەك تاقىماي، ئۈچ پارە قۇرئان ئوقۇيدىغانلىقنى ئېيتىپ كىلىپ،
— بالام، بىزنىڭ كۆكچى دىگەن يەردە، خۇماخان ئىسىملىك بىر ئايال بولىدىغان ھازىر ھايات بارمۇ؟ — دەپ سوراپ قالدى.
بوۋاي خۇماخاننىڭ ئىسمىنى ئاتىغاندا كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ، چىرايىغا كۈلكە يۈگرىپ، باشقىچە جانلىنىپ قالغانلىقىنى بايقىدىم. مەن ھېچ ئويلاپ باقسام، ئۇنداق ئايالنى تونۇمايدىكەنمەن.
— مەن ھېچ تونۇمايدىكەنمەن، ئۇرۇن تۇققانلىرى ئاتا-ئانىسنىڭ ئىسمى نىمە؟ — دەپ سوردۇم مەن.
بوۋاي دوپپىسىنى قولىغا ئېلىپ، يېڭدىن چۈشۈرۈلگەن بېشىنى بىر سىلىۋېتىپ ، سۆزىنى باشلىدى.
— خۇماخان، — ئۇنىڭ كۆزلىرى يەنە نۇرلنىپ كەتتى، ئۇ يىراققا نەزەر تاشلاپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، — ئۇ بىزنىڭ مەھەللىدىكى ھاباق دىگەن ئادەمنىڭ قىزى ئىدى. بىز كىچىكىمىزدىن تارتىپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، ئۇ بەكمۇ چىرايلىق قاملاشقان قىز بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزى بالدەك تاتلىق، كۈلۈشلىرى بولاق سۈيىدەك ئەۋرىشىم ئىدى. مەن يىگىرمىگە ئۇ 15 ياشلارغا كىرگەندە مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. ئاشىقلىق دىگەن يامان ئىش ئىكەن. ئۇ ھەر كۈنى مەھەللىنىڭ ئاخىرسىدىكى بۇلاققا سۇ ئالغىلى چىقاتتى. مەن كۈندە دىگۈدەك ئۇنى ساقلاپ، بىر كۆرۋالمىسام چىدىيالمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. سۇ ئېلىپ بەرگەن بولۇپ ئۇنىڭ قولىغا قولۇم تىگىپ كەتكەن چاغلاردا، توك سوقىۋەتكەندەك بولۇپ يۈرەكلىرىم ئويناپ كىتەتتى. كىيىن چوڭلار مىنىڭ تويۇمنى قىلدىغان بولدى. مەن خۇماخاننى ئالدىغانلىقىمنى ئانام ئارقىلىق دادامغا يەكۈزدىم، لىكىن دادام « ئۇلار كەمبەغەل، پەس ، بىزگە ماس كەلمەيدۇ» دەپ ئۇنىمدى. دادام بەكلا باي ئادەم ئىدى. يېڭئىچە مائارىپنى قوللاپ 20سىنىپلىق مەكەپ ئاچقان ھۈسۈيىن ھاجىم دىگەن كىشى شۇ. بەكلا كۆڭلىم يېرىم بولدى. شۇنىڭ بىلەن خوشنا يېزىدىكى ھاشىم باي دىگەن كىشىنىڭ تۇتىخان ئىسىملىك قىزىنى ئېلىپ بەردى. ئۇنىڭ بلىەن ئون يىل ئۆي تۇتتىم، لىكىن، پەرزەنت يۈزى كۆرمىدىم. كىيىن تۇرمىلەرگە كىرىپ كەتتىم. ئۇ مەندىن خېتىنى ئېلىۋالدى.— بوۋاي سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۆي ئىچىگە قاراپ ۋاقىردى، — قىرغىز، ھاي قىزغىز!
بوۋاينىڭ كىلىنى يۈگۈرۈپ چىقتى، ھەم «نىمە دادا » دىگەن مەنىدە قارىدى،
— ماڭا ھېلىقى ساندۇق ئىچىدىن تۇتىخان بىلەن مەريەمنىڭ سۆرىتىنى ئېلىپ چىق.
كىلىنچەك ئۆيگە كىرىپ كىتىپ، ھايال ئۆتمەيلا ئىككى پارچە سۈرەتنى كۆتىرىپ چىقتى. ئۇلارنىڭ بىرسى رەڭسىز، بىرسى رەڭلىك بولۇپ، بوۋاي رەڭسىز سۈرەتنى ماڭا تەڭلەپ،
— مۇشۇ، تۇتىخان بولۇدۇ، — دىدى، ئاندىن رەڭلىك سۈرەتنى تەڭلىپ، — بۇ مەريەم ، — دەپ تونۇشتۇردى.
مەن سۈرەتلەرنى بىر قۇر كۆرۈپ بولۇپ، بوۋايغا ياندۇرۇپ بەردىم، بوۋاي سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،
— كىيىن خىزمىتىم ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن، غۇلجىدا تۇرۇپ قالدىم، بۇ غۇلجا دىگەن ئاجايىپ ئىسىل شەھەر، كىشىللىرى بەكمۇ ياخشى، ھەرقانداق مۇساپىرنى قوينىغا ئېلىپ كىتىدۇ، مەريەم بلىەن توي قىلدىم، ئۇنىڭدىن ئۈچ پەرزەنىتلىك بولدۇم، ئىككى قىز ، بىر ئوغۇل، ماۋۇ «قىرغىز» ئوغلۇمنىڭ ئايالى، بۇلارنىڭ تۆت بالىسى بار، ھەممىسى ئوغۇل. ئاشۇ خۇمارخاننى ياخشى كۆرۈپ قالغىلى بۇ يىل ساپمۇ ساق 85يىل بوپتۇ، ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزى، قاراشلىرى، قېچىشلىرى ، بۇلاق بېشىدا سۇ چېچىشلىرى تۇنۇگۈنلا يۈز بەرگەندەك ئېنىق يادىمدا كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. مەن مۇشۇ، 85 بەش يىل ھاياتىمدا ، خۇماخاننى خىيال قىلىپ، خۇماخان بىلەن مۇڭدىشىپ ياشاپتىمەن. نەچچە قېتىم يۇرتقا بېرىپ كىلەي دىدىم، لىكىن ماۋۇ بالىلار قېرىپ قالدىڭ، ئالىمادىس ئۆلۈپ كەتسەڭ، قەبرەڭ ئاشۇ يىراق يەرلەردە قېپ قالىدۇ، دەپ بارغىلى قويمىدى. قېرىپ پۇت قولدا ماغدۇر جان قالمىغاندا، ئىختىيار ئۆزەڭدە بولمايدىكەن بالام. خۇماخاننىڭ ئىزى تەككەن شۇ يۇرتىمىزدا ئۆلۈپ قالساممۇ رازىتىم.
بوۋاي ھەسرەتلىك ئۇلۇغ- كىچىك تىنىپ، بىردەم شۈك بولۇپ قالدى. مەن بوۋايدىن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. راستىنلا قايسى بىر كىتاپتىن ئوقىغان، «ئىشىق ئوتى ئۆچمەيدىكەن، كۆچمەيدىكەن، قوياش نورىنى كۆرسە ، ئۆسۈملىكتەك كۆكلەيدىكەن» دىگەن جۈملىلەر يادىمغا كەلدى. شۇ ئارلىقتا « قىرغىز» داستىخانغا تاماقنى ئەككەلدى. مەزىلىك نارىن چۆپنىڭ خۇشپۇرىقى ھويلىنى بىر ئالدى. تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن، دۇئاغا قول كۆتىرىپ ماڭماقچى بولدۇم، بوۋاي ئۇنىمىنىمغا ئۇنىماي،مىنى ئىشىك تۈۋىگىچە ئۈزۇتۇپ چىقتى، ئۇنىڭ چىقىۋاتقۇچە قىلغان گەپ سۆزلىردىن، يەنە بىر موھىم گەپ - سۆزىنىڭ بارلىقىنى پەملەپ، ئۇنىڭدىن،
— بوۋا، يۇرىتتىكلەرگە ، ئۇرۇق تۇققانلارغا دەيدىغان سۆزلىرى بارمۇ؟ — دەپ سوردۇم.
— بالام ، — دىدى بوۋاي، — سەندىن ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا رازى بولۇپ كىتەي، مىنى ھەرەمگە ئاپپارغاننىڭ ساۋابىنى كۆرەرسەن، يۇرىتقا بېرىپ، خۇماخاننىڭ ئىز - دىرىكىنى قىلىپ ماڭا بىر تىلفۇن قىلۋەت، بولسا تىلفۇندا بىر كۆرەشتۇر، شۇنداق قىلساڭ، مەن سەندىن ئىككى دۇنيا رازى بولاتتىم.
بوۋاينىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم، لىكىن چاندۇرماي، چوقۇم شۇنداق قىلدىغانلىقىمغا ۋەدە بىرىپ بوۋاي بىلەن خوشلاشتىم.
مەكتەپنىڭ 60يىللىق تويى تولىمۇ داغدۇغلۇق، ھەم كاتتا ئۆتكۈزۈلدى. تۇراخۇن ئاكا تويغا كىلەلمىدى. ئىھتىمال بالىلىرى ئەۋەتمىگەندۇ. مەن توينى تۈگۈتۈپ، دەرھال خۇماخاننى تېپىشقا كىرىشتىم. سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق خۇماخاننىڭ 85 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقىنى بىلدىم. تولا ئويلىنىش ئارقىلىق ئاخىرى، « خۇماخان باشقا شەھەرگە ياتلىق بولۇپ چىقىپ كىتىپتىكەن، مەن ئىز -دىرىكىنى تاپقان ھامان سىللىگە خەۋەر قىلمەن » دەپ تىلفۇندا يالغان ئېيىتتىم. بۇنداق دىيىشتىكى مەخسىدىم، بوۋاي چوقۇم خۇماخاننى مۇشۇ دىيارنىڭ بىر بۇرجىكىدە ھايات ياشاۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ، بىر كۆرشۈشكە بولغان ئۈمۈدنىڭ تۈرىتكىسىدە، ، ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ ،ئاندىن ئاشۇ خىل ئۈمۈدنىڭ تۈرىتكىسىدە ئۇزاق ياشىشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم.
ئاپتۇر: قەشقەر شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپتىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-3 02:19 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-8-3 04:57 PM):
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-8-3 05:02 PM):