كۆڭلىكىنى سالار ئاۋغۇست
چىرس قىلىپ يېرىلدى قوغۇن ،
تاۋۇز تۇتتى ئەللەي يەلپۈگۈچ .
ماركىسىنى تاللىماي شورار ،
چوكا مۇزنى باراڭدا چۆمۈچ .
كاۋا رەنجىپ قالدى ھاۋادىن ،
ئۈمچەيمەكتە ئۈزۈم غوللىرى .
يۇمشاپ كەتكەن ئاپتەپپەرەسنىڭ ،
يەرگە قاراپ قالدى قوللىرى .
ئىڭە ، ئىڭە ، قىلىدۇ كۆكۋاش ،
تۈكۈرىكىنى يۇتار قىزىلچا .
تەڭشەش ئۈچۈن خىلىتلىرىنى ،
ناخشا ئېيتار كۆللەردە پاشا .
ساڭگىلاتسا ھايات تىلىنى ،
كۆك ئاسماندا قۇياش ھېجارار .
پۇت ئۇچىدا مېڭىپ كەچقۇرۇن ،
باغچىدىكى < پىچىر > نى ئاڭلار .
تەرلىمەكتە تەسكەي بۇلۇڭلار ،
ئۆمۈچۈكلەر يۈرەر ئىشتانسىز .
خانقىزلار داستا چۆمۈلەر ،
توموزغىلار چىرىلدار جانسىز .
يەر ھورلىنار بولكىدەك يۇمشاپ ،
قولتىقىنى تاتىلايدۇ يوللار .
كۈچىسىمۇ سۇمۇ تىرىشىپ ،
شۇنچە پاكىز تەنمۇ تەر پۇرار .
رەنجىمەكتە تېرىلەر بىزدىن
شامالدۇرغۇچ كۆرەر چۈشىدە .
گىرادۇسى قايناپ تۇرمۇشنىڭ ،
نەپەس مۇزلار ئاندىن كېچىدە .
يۈز بەرمىدى ئوتقا قىزىقىش ،
سېغىنمىدى ھېچكىم تونۇرنى .
سايىلارغا قاراپ كوتۇلداپ ،
تەرلىمەكتە تىيننىڭ بۇرنى .
ئالايسىمۇ توڭلاتقۇ بىزگە ،
ئەدەپ بىلەن ئاچىمىز ئۇنى .
كالپۇك ئەمدى قىلمايدۇ تاقەت ،
قاچان توختار قايناقسۇ ھورى .
توپا ئوينار قوڭغۇز بالىسى ،
چۆمىلىلەر چاقمىدى قۇرۇلۇش .
مۇزلامدىكىن ئەمدى شەبنەملەر ،
بۇ يازىدىكى ئاخرىقى بۇرۇلۇش .
قۇرۇت –قوڭغۇز ، ئۇچار – قاناتلار ،
كەچ كۈز كۈيلەپ يازار پوۋىست .
شىلدىرلىغان ئېرىق بويىدا ،
كۆڭلىكىنى سالار ئاۋغۇست .
ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن