ئۇچۇپ كەتتىڭ كۆزۈمدىن،ئەجەپ يىراق پارچە پۇل،
بولمىسىمۇ تېنىڭدە خۇشبۇي پۇراق ،پارچە پۇل،
كېچە-كۈندۈز قىينايدۇ،دەردۇ-پىراق،پارچە پۇل.
ئىزدىگۈدەك بولدۇمغۇ چىقىپ ياياق، پارچە پۇل،
نەدە بولساڭ كەلسەڭچۇ، بولۇپ چىراق پارچە پۇل!
*
بارلىقىڭدا خار قىلدۇق،تاشلاپ بۇلۇڭ-پۇشقاققا،
يانچۇقۇمنى تومپايتتى-دېدۇق،چۆرۈپ يىراققا،
بالىلارغا تۇتقۇزدۇق،گازىر بىلەن پۇرچاققا،
بولىغىنىمدا ئوت ياقماق،ئوتۇن سېلىپ ئوچاققا،
ئالالمىدىم بولمىغاچ، بىر تال چاقماق،پارچە پۇل.
*
«پارچە پۇلۇڭ بولمىسا، ئۇرما تېلفۇن»دەيدىكەن،
بوتكىچىمۇ بەك چوڭچى،ئۆز غېمىنى يەيدىكەن،
ئۇسساپ كەتسەڭ دوغچىمۇ، تامچە سۇ بەرمەيدىكەن،
قەردىڭ زەپمۇ ئۆتۈلدى،كىم سېنى خار دەيدىكەن،
سۈرتەي دېدىم كۆزۈمگە، ئويلاپ ئۇزاق، پارچە پۇل!
*
سەن بولمىغاچ مىنبوستا، بولدۇم ھەتتا بېلەتچى،
كىرەلمىدىم ھاجەتكە، بولدۇم گاھى كۈزەتچى،
بىرەلمىدىم ھەتتاكى قول سۇنغاندا تىلەمچى،
ساناپ كەلسەم بەك تولا،پەقەت شۇنى دىمەكچى،
ئۇچۇپ كەتتىڭ بىراقلا، مىسلى توزغاق،پارچە پۇل!
*
دۇكاندارمەن رەستىدە، ئۇنى-بۇنى ساتىمەن،
خېرىدارىم پۇل بەرسە، بەكمۇ تەڭلىك تارتىمەن،
تاشلاپ قويۇپ دۇكاننى، ھەر تەرەپكە چاپىمەن،
تاپالمىسام گاھىدا ،بولدى-سەندىن كېچىمەن،
ئارامىمنى بۇزىسەن، يوقاپ بىۋاق پارچە پۇل!
*
ھامىيسى بوپ بەزىدە،ئوغرى بىلەن يالغاننىڭ،
رەستىلەردە مارىلاپ، پۇرسەت كۈتۈپ ياتقاننىڭ،
يايمىكەش بوپ،بوينىغا كىچىك تاختاي ئاسقاننىڭ،
پۈتۈن پۇلنى پارچىلاپ ئەكەپ بەرمەك بولغاننىڭ،
كۈتۈپ ھەتتا سائەتلەپ،تالغاي قاراق، پارچە پۇل!
*
سەن بولمىساڭ بۇزۇلار، گۆدەكلەرنىڭ چۈشىمۇ،
سەن بولمىساڭ ئوت ئالماس ئىكەن يوقسۇل مېشىمۇ،
سەن بولمىساڭ يۈرۈشمەس بولدى ئەلنىڭ ئىشىمۇ،
سەن بولمىساڭ خاتىرجەم يۈرەلمەسكەن كىشىمۇ،
بولاي ساڭا قايتىدىن ئىجىل- ئامراق، پارچە پۇل!
*
قىزىل پۇللار كۆزۈمگە قان رەڭگىدە كۆرۈنەر،
كىچىك ئىشقا تەڭلىسەڭ، ھەركىم تەرى تۈرۈلەر،
تەرەققىيات شۇمىدۇر، ئويلاپ ئۆپكەم ئۆرۈلەر،
نەدە بولساڭ قايتىپ كەل، پېقىر سەندىن سۆيۈنەر،
سېغىنىشتىن لىق ياشقا تولدى چاناق، پارچە پۇل!
*
سەۋەبكارى سەن ئۆزۈڭ، بەزى ئىشتا ناھەقنىڭ،
پاسىلى شۇ بىر فۇڭ ھەق، جەننەت بىلەن دوزاقنىڭ،
كىم قالمىدى دەيدىكەن، قىلچە ھەققى يات خەقنىڭ،
دائىم ئويغا پاتىمەن، قەرزدارى مەن كۆپ ھەقنىڭ،
ئىمانلىقلار يولىغا قۇرما توزاق، پارچە پۇل!
*
مەنبە: ئىجادىيىتىم.