مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3336|ئىنكاس: 21

ئەخمەق ئوغۇلنىڭ پۇشايمىنى (جىلۋە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 07:07:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
-جىنىم بالام،ياخشى ئوقۇ،پۈتۈن ئۈمۈدىم پەقەت سەندە قالدى .ئۆينىڭ ئىشلىرىدىن ئەنسىرمە ،مەن ئۆزۈم قىلىپ كىتەلەيمەن ئوغلۇم.مىنىڭ ئۈمۈتىمنى يەردە قۇيمىغىن.يامان بالىلار بىلەن ھەرگىز ئارلاشما ،ياخشى ئوقۇغىن جىنىم بالام..
-ئاپا،خاتىرجەم بول ،مەن مەكتەپكە بىرىپ بولۇپلا ساڭا تىلفۇن قىلىمەن ئۆزۈڭنى ئاسىرىغىن ئاپا،سەن قىلىپ بولالمىغان ئىشلارنى سەبىيە قىلسۇن .ئاپا ئۆزۈڭنى ئاسرا.
سائادەت ھەدە كۆزلىرىدىكى ياشلارنى سۈرتىكىنىچە ئوغلى ئىليارغا تۇيماي قاراپ ئۇنىڭ باشلىرىنى سىلاپ ئۇنىڭغا كۆزى قىيمىغان ھالدا ئۇنى باغرىغا بىسىپ يىغلاۋاتاتتى ،ئىليارمۇ ئاپىسىغا كۆزى قىيمىغان ھالدا كۆزىدىكى ياشلىرىنى تۇيدۇرماي سۈرتىۋەتتى ئۇنىڭغىچە كىچىك ماشىنىدىن بىرى كلىپ تۇختاپ ئوتتۇرا بوي كەلگەن قاڭشارلىق بىر بالا چۈشۈپ كەلدى.
-ئىليار ،يۈرە ئاداش ماڭايلى،سىنى ساقلاپ قالدۇق.
-ئانا.ئۆزۈڭنى ئاسرىغىن،مەن ساڭا تىلفۇن قىلىپ تۇرىمەن ئاپا.
-ماقۇل بالام .ماقۇل..زۇليار بىلەن ياخشى ئۆتۈڭلار .
سائادەتخان ھەدە كۆزىدىكى ياشلارنى سۈرتۈپ زۇليارغا قاراپ قۇيدى .
-خاتىرجەم بولۇڭ،مەن بار سائادەتخان ئاپا.بىز ئىليار بىلەن ياخشى ئۆتىمىز ،بىزدىن ئەنسىرمەڭ سىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ ئەمسە.
ئىليار ئەڭ ئاخىرقى قىتىم ئاپىسنىڭ باغرىدىن ئۆزىنى تەستە ئاجرىتىپ تەسلىكتە خۇشلاشتى.تاكى ئۇلار ماڭغان ماشىننىڭ سايىسى يۇقالغانغا قەدەر سائادەتخان ھەدە يىغىلىغىنىچە ئۇلارنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇردى .
-ئاپا.ئۆيگە كىرىپ كىتەيلى
سائادەتخاننىڭ كىچىك قىزى سەبىھە ئاپىسىنى يۆتلىگىنچە ئۆيگە ئىلىپ كىرىپ كەتتى ،سائادەتخان ھەدە قەدەملىرىنى ئاستا ئالغىنىچە مىھمانخانا ئۆيگە كىرىپ تامغا ئىسىقلىق تۇرغان مەرھۇم يۇلدىشىنىڭ سۈرىتىگە قاراپ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاشقا باشلىدى.
-دادىسى كۆردىڭىزمۇ؟سىزنىڭ ئوغلىڭىزمۇ بىردەمدىلا ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى،ئۇ ئۈرۈمچىدىكى چوڭ ئونۋىرسىتىتتا ئوقۇماقچى...مانا سىزنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىڭىزگە 14 يىل بۇپتۇ .ئوغلىمىزمۇ چوڭ بولۇپ يىشىغا يەتتى مەن سىزگە بەرگەن ۋەدەمدە تۇرالىدىم ...شۇنداقمۇ دادىسى...
سائادەت ھەدە يەنە ئۆكسۈپ يىغلاشقا باشلىدى ئىشك يىنىدا قاراپ تۇرغان سەبىھەمۇ كۆزىدىكى ياشلارنى سۈرتۈپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى،،،،،،،،،،،


ئىليار ئاپىسىدىن ئايرىلىپ ئاخىرى ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلدى،ئۈرۈمچىدەك چوڭ بىر شەھەرگە تىخى تۇنجى قىتىم كەلگەن ئىليار بىلەن زۇليار ئەتراپىغا قارىشىپ ھەممىلا نەرسىگە بۆلەكچىلا قاراپ قۇيۇشاتتى .قاتار-قاتار كەتكەن بىنالار،ھەيۋەتلىك ئىمارەتلەر ،ئىشقىلىپ ھەممىلا نەرسە ئۇلارغا بۆلەكچىلا بىلىنەتتى،
ئۇلار پۇيىز ئىستانسىدىن ماشىندىن بىرنى تۇسۇپ مەكتىپىنىڭ ئالدىغا كىلىپ تۇختىدى .ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتنىڭ باشلانغانلىقى ئۆزىنى سانسىزلىغان ئاچچىق ساۋاقلارنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بىلگەندەك يەڭگىل ئۇھ تارتىپ قۇيدى.

ئۇلار نازۇك قەدەملەر بىلەن ياتاق بىناسىغا كىلىپ ئاخىرى ياتاقنىڭ ئىشىكنى چەكتى.قارامتۇل كەلگەن چىرايىدىن ئادەم تەلەتى يۇق بىر بالا بىلەن يەنە سىرىق خۇددى چىرايىدىن شۇملۇق بىلىنىپ تۇرىدىغان بىر يىگىت ئۇلارنىڭ ئۈستى بىشىغا قاراپ قۇيۇپ گەپ قىلمىدى.

ئىليار ئۆزىنىڭ نەرسە-كىرەكلىرىنى يۇغۇشتۇرۇپ بوش كارۋاتتىن بىرىنى رەتلەپ شۇنداقلا كىرلىكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن سىرىتقا ھاۋا يىگىنى چىقىپ كىرمەكچى بولۇپ ئەمدىلا مەكتەپ دەرۋازىسدىن چىقىپ تۇرىشىغا چىرايىدىن كۈلكە يىغىپ تۇرىدىغان ،چاچلىرىنى قۇيۇپ بەرگەن.يىڭى يۇق كوپتا بىلەن تار بىر ئىشتاننى كىيىۋالغان قىز قەستەن دىگەندەك ئىليارنىڭ ئالدىنى سۇقۇپ ئۆتۈپ كەتتى،ئۇنىڭ بەدىنىدىن كىلىۋاتقان كۈچلۈك ئەتىرە پۇرىقى ھەقىقەتەن ئادەمنى بىزار قىلاتتى،
-ھى..ھى..ھى..سەت بولدى ھە.
ئىليار بۇ قىزنىڭ ئۈستى بىشىغا مەنسىتمىگەندەك قاراپ قۇيۇپ ئۆتۈپ كەتتى ،بىراق ئىچىدە تۇۋا،مۇشۇنداقمۇ قىزلار بولدىكىنە،خىجىل بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن قارا بۇنىڭ ھالىنى دىگەندەك مەنسىتمىگەندەك ئۆتۈپ كەتتى.................


ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ ھەربىي مەشىقمۇ ئاياقلىشىپ ئوقۇش مەۋسۈمى باشلاندى،ئىليار ئىلگىرى ئۆزى ئۇچىراتقان قىز بىلەن بىر سىنىپقا بۆلىنىپ قالغان ئىدى ،ئۇ قىز نىمىشقىكىن دائىم دىگۈدەك ئىليار بىلەنلا قالاتتى ،دەرىس ۋاقىتلىرىدىمۇ ئۇنىڭغا قاراپلا ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان ئىدى .ئىليار بۇنىڭغا دەسلەپ بەك زەن سىلىپ كەتمىدى بىراق كىيىن زۇليارنىڭ ئەسكەرتىشىنى ئاڭلاپ ئۆزىمۇ بۇنىڭ راسىت ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپمۇ قالغان ئىدى.
-ئىليار،بۈگۈن ۋاقتىڭىز بارمۇ؟
-نىمە؟مىنىڭمۇ؟
ئىليار چۆچۈپ ئۇ قىزغا قارىدى
-شۇ سىنى دەۋاتىدۇ..ئىسىت مىنىمۇ تەكلىپ قىلىدىغان قىزلار بولغان بولسىچۇ.
-ئۆتەپ بارغىنە ماڭە.
ئىليار قۇشۇمىسىنى تۈرۈپ زۇليارغا چەكچىيىپ قاراپ قۇيدى .
-بۈگۈن ۋاقتىڭىز بارمۇ يۇق؟
-ھە،بىرەر ئىش بارمۇ؟
-ئىشىم بولمىسا چارقىرسام بولمامدىكەن؟
-ياقەي خاتا چۈشەنمەڭ تۇمارىس،مۇنداقلا سوراپ قۇيدۇم ۋاقتىم بار .
-ئەمسە سائەت 7 دە مەكتەپنىڭ ئالدىدا ساقلايمەن
تۇمارىس كۈلۈپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى .ئىليار كەچتە تۇمارسىنى مەكتەپ ئالدىدىكى بوش ئورۇندۇققا كىلىپ ساقلاپ ئولتۇرغان ئىدى،بىر ئازدىن كىيىن تۇمارىس چاچلىرىنى ئىگىز بۇغۇپ يەنە كامار يەڭ گاڭسەر بىلەن تار بىر پادىچىلار ئىشتىننى كىيگىنىچە چىقىپ كەلدى.
-بەك ئۇزۇن ساقلىتىپ قۇيمىغاندىمەن ھە؟
-ياقەي..مەنمۇ تىخى يىڭى كىلىپ تۇرغان ئىدىم .
-تاماق يىدىڭىزمۇ؟يىمىگەن بولسىڭز بىللە يەپ كىلەيلى ..
-ھە..مەيلى.
ئۇلار مەكتەپ سىرتىدىكى بىر ئاشپۇزۇلغا كىرىپ تاماق بۇيرىتقاندىن كىيىن پاراڭغا چۈشتى.
-تۇمارىس.
-ھە.
-،مەن سىزدىن بىر گەپنى سورىسام بولامدۇ يۇق؟
-قىنى سوراۋىرىڭ.
-سىز نىمىشقا دائىم مۇشۇنداق غەلىتە كىيىنىپ يۈرىسىز؟ئاتا-ئانىڭز گەپ قىلمامدۇ؟
-بۇ غەلىتە كيىىنىش بولمايدۇ،بەلكى مۇدا دەڭە.
دىدى تۇمارىس ئىستاكاندىكى مارۇژنىنى يىگەچ.
-مەن ئويلايمەن ،مەن شۇ قىزلارنىڭ بۇنداق يۈرىشىنى پەقەت ياقتۇرمايمەن،مىنىڭچە ھەربىر ئىشتا تەبىئىي بولغان ياخشى ئەمەسمۇ.
-ئۇغۇ شۇ..بولىدۇ ئەمدى دىققەت قىلاي .مەن شۇ كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپ ئاتا-ئانامغا يالغۇزلا قىز ،2 ئاكامغۇ بار بىراق دادام بىلەن ئاپام مىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ.
-ھە ،ئەمسە بەخىتلىككەنسىزغۇ..ھە راسىت ئىككىمىزمۇ يۇرتداشكەنمىز ھە بىلىشىمچە،،
-ھەئە ...

ئارىدىن يەنە بىر مەۋسۈم ۋاقتىمۇ ئۆتۈپ كەتتى .تۇمارىسمۇ ئۆزگىچە ئاددى ساددا يۈرىيدىغان بىر قىزغا ئايلاندى ،ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ساۋاقداشلىق ،دۇسىتلۇققا،دۇسىتلۇق مۇھاببەتكە ئايلاندى .ئۇلار بىر-برىنى شۇنداق ھۆرمەتلەيتى ھەم بىر-بىرىنى بەك ياخشى كۆرىشەتتى.
تۇمارىس باي ئائىلىنىڭ قىزى بولغاچمۇ ئىليار بىلەن تۇمارىس 2 خىل دۇنيا ئىدى ،ئۇلار كۆپ جەھەتتە بىر-بىرى بىلەن ئورتاقلىشىپ كىتەلمەيتى.
ئىليار ئىلگىرى تۇمارىستىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ تۇرغان بولسا ئەمدى ئۇ ئۆزى تۇمارىسقا يىقنلىشىپ تۇراتتى ،شۇ سەۋەپتىن تۇمارىس كۆپ جەھەتتە ئۆزگىرىپ ئىليارنى ئۆزى تىزگىنلەيدىغان بولدى.
ئىليار ئىلگرى ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىغا ئاپىسىغا ئەۋەتىدىغان بولسا ئەمدى ئۇ ئىشلەپ تاپقان پۇلمۇ تۇمارىسنى بىر كۈن ئوينىتىشقا ئارانلا يىتەتتى .ئىليارمۇ كىيىنكى كۈنلىرىدە ھە دىسىلا ئاپسىغا تىلفۇن قىلىپ پۇل سورايدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرىۋالدى.
گەرچە سائادەتخان ھەدىدە پۇل بولمىسىمۇ باشقىلاردىن قەرىز ئىلىپ دىگەندەك ئىقتىساد جەھەتتىن قىسىپ قۇيمىدى 35 مىڭ يۈەن پۇل ئىليارنىڭ بىر مەۋسۈملۈكى ئۈچۈن يەتمەيمۇ قالغان ئىدى.
ئىليار دەسلەپ تۇمارىسنىڭ ئوغۇل بالا تۇروپ تاماكا چەكمەمسىز؟دىگەن بىر ئىغىز گىپى بىلەن تاماكا چىكىشنى كىيىن تۇمارىسنىڭ دۇسىتلىرى بىلەن يىغىلغان رەڭلىك ئولتۇرۇشلارغا بارغىنىدا خىلمۇ-خىل بالىلار بىلەن تۇنۇشۇپ نىش چىكىشنى ئۈگەندى.
كىيىن نىش بىلەن خۇمارى بىسىقماي بىراقلا خىرۇئىن ئاق تاماكىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى،تۇمارىسمۇ دەسلەپ ئىشلارنىڭ بۇ دەرىجىگە يىتىپ كتىىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى .ئۇ ئىليارنىڭ ئاق تاماكىغا ئۈگىنىپ قالغىنى ئاڭلاپ ئۆزىنىڭ تەنتەكلىكىگە قاراپ قانچە قايغۇرسىمۇ نىمە پايدىسى بولسۇن؟
ئىليارنىڭ ئاق تاماكا چىكىپ ياتاقتىكى بالىلارنىڭ نەرسە-كىرەكلىرىنى ئوغۇرلاپ ساتقانلىق خەۋىرى مەكتەپ تەشكىلىنىڭ قۇلىقىغا چۈشۈپ قالغان ئىدى شۇ سەۋەپتىن مەكتەپ ئۇنى ئوقۇشتىن چىكندۈردى.تۇمارىس بولسا قانچە قايغۇرسىمۇ پايدىسى بولمايتى....
تۇمارىسنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرىشىگىمۇ پەقەت 2 يىللا قالغان ئىدى ،شۇنىڭ بىلەن تۇمارىس ئىليارنىڭ خاتا ئىشلارنى قىلىپ ئۇنىڭ يەنە يۇلدىن چىقىپ كىتىشىنى خالىمىدى شۇنىڭ بىلەن ئىلاجىسىز ئۇنىڭغا ناۋادا ئاق تاماكىنى تاشلىمىسا ئۆزىنىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كىتىدىغانلىقىنى ئىيتتماقچى بولدى.


كىچە سائەت 12 لەر ئەتراپى ئىدى.تۇمارىس قىسقا ئۇچۇردا ئىليارغا ئۆزىنىڭ ئايرىلىپ كىتىدىغانلىقنى ناۋادا ئاق تاماكىنى تاشلىيالىسىلا يەنە يارىشىۋالدىغانلىقىنى ئىيتتى .ئىليار ئۇچۇرنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ ئەمدى بۇ يۇلدىن چىقىپ كىتەلمەيدىغانلىقىنى چۈشىندىغاندەك قاتتىق قايغۇردى،
لىكىن شۇنداقتىمۇ قىنى بىر تىرىشىپ باقمامدىم دەپ ئويلاپ قەتئىي بىر نىيەتكە كلىىپ ئەتىسى تۇمارىس بىلەن ئۇچراشققلى چىقىپ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئىيتى .تۇمارىسمۇ تاتلىق كۈلۈمسىرەپ قۇيۇپ ماقۇل بولدى....
3 يىلدىن بىرى ئىليار ئۆيگ قايىتىمىغاچمۇ سائادەتخان ئاننىڭ قەلبى ئوت بولۇپ ياندى ،ئۇ ئوغلىنى كۆرۈپ كىلىش ئىستىكىدە ئۈرۈمچىگە كەلدى .ئۇنىڭ مەكتەپتىن چىكىندۈرۈلگىننى ئاڭلاپ قاتتىق ئازاپلانغان بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشماقچى بولۇپ زۇليارنى ئىزدەپ كۆرۈشۈش ئارزۇسىنى ئىيتتى،
زۇليار تۇمارس بىلەن ئىليارنىڭ مەكتەپ كەينىدىكى چىملىقتا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغانلىقىنى بىلگەچكە سائادەتخان ھەدىنى ئىليارنىڭ يىنغا ئىلىپ كىلىپ تۇرىشىغا زۇليارنىڭ تىلفۇنى ئىختىيارسىز جىرىڭلاپ زۇليار تىلفۇننى تۇتقىنىچە كىتىپ قالدى.
سائادەت ھەدە كۆڭلىدە ئىليار مىنى كۆرۈپ جىنىم ئاپا،بۇ سەنمۇ دەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى ،بىراق كىممۇ بىلسۇن ئىليار ئاپىسىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەينىگە قارىۋالدى ،سائاەدت ھەدە بەلكىم ئوغلۇم منى تۇنۇمىغاندۇ دەپ ئويلاپ ئۇنىڭ يىنغا كىلىپ ئۇنى يەڭگىل ئۇرۇپ قۇيدى.
-ئىليار بالام،ياخشى تۇرىۋاتامسەن؟
سائادەت ئوغلىنى قۇچاقلاپ سۆيمەكچى بولدى بىراق ئىليار ئۆزىنى قاچۇرۇپ تارتىۋالغاندىن كىيىن يىندا قاراپ تۇرغان تۇمارىسقا قاراپ قۇيۇپ ئۆزىنى تىزلا تارتىۋالدى.
-ھامما.ياخشىمۇسىز؟ئىليار ئاپىڭىزمۇ؟
-يا....يا..ياق...بىزنىڭ خۇشنىمىز...
ئىليار ئۆزىنىڭ ئاپىسىنىڭ بىر كۆزىنىڭ كۆرمەيدىغانلىقىىدىن كىيىۋالغان كيىملىرىدىن نۇمۇس قىلىپ شۇنداق دىدىمۇ ياكى نىمە سەۋەپتىن ئۇنداق دىگىننى ئۆزىمۇ بىلمەيتى.
سائادەت ئاچىنىڭ گىلىغا ئاچچىق نەرسە كەپلەشكەندەك بولۇپ گەپ قىلماي كىتىپ قالدى .ئىليار يىراقتىن ئاپىسىنىڭ قەدەملىرىگە قاراپ ئىچى ئاچچىق بولۇپ كەينىدىن يۈگۈرۈپ بىرىپ ئاپا دەپ تۇۋلىماقچىمۇ بولدى،بىراق تۇمارىسنىڭ ئالدىدا خۇشنام دەپ ئەمدى ئاپام دىيىشكا كۆڭلى ئۇنىمىغان ئىدى.


ئىليار زەھەر تاشلىتىش ئورنىدا 6 ئاي تۇرۇپ زەھەرنى تىزلا تاشلىدى،ئۇ تىخى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرمىغاچمۇ تاشلىشى ئاسان بولغان ئىدى. ئۇ ئەمدى ئاپىسىنىڭ يىنغا بىرىپ كەچۈرۈم سوراپ كەلمەكچى بولۇپ يۇرتىغا قايتىپ كەلدى،تۇمارىس ئۈرۈمچىدە قىلىپ قالغان ئىدى.
ئىليار يۇرتىغا قايىتپ كىلىپلا تۇنجى بولۇپ ئىشىكى ئالدىغا كىلىپ تۇختىدى.ئىشىك مەھكەم قۇلۇپلانغان يەنە كىلىپ ئىشىك ئالدى ھەددىدىن زىيادە ئەخلەت ئىدى ،ئىليار خۇلۇم-خۇشنىلىرىدىن ئاپىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن كىلىپلا ئاغرىق تارتىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇرغان يىرىدە قاتقان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى بىر ئازدىن كىيىن خۇشنا ئايال ئىليارنىڭ قۇلىغا بىر پارچە خەتنى تۇتقۇزدى.
بۇ خەتنى سائادەتخان ھەدە ئۆزى يازغان ئىدى.سەبىھە ئاللىقاچان ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ بولغان ئىدى .ئىليار قۇلىغا خەتنى ئىلىپ ئۆزىنى تۇتالماي پۇشايمان ياشلىرىنى تۆكۈشكە باشلىدى.

ئوغلۇم ئىليار:
مەن سىنى شۇنچە سىغىنىش ئىچىدە مەكتىپىڭگە بارغان ئىدىم .بىراق سەن مىنى ساۋاقىدىشىڭ ئالدىدا مىنىڭ خۇشنام دىدىڭ .
سەۋەبە ماڭىمۇ ئايان مەن يەكچەشمە بولغانلىقىم ئۈچۈن مەندىن نۇمۇس قىلىدىغانسەن بىراق مىنىڭ نىمىشقا يەكچەشمە بولۇپ قالغىنىمنىڭ  سەۋەبىنى بىلەمسەن؟سەن كىچىك ۋاقتىڭدا دۇختۇرلار سىنىڭ كۆزۈڭنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆزۈڭنى ئوپراتىسيە قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى دىگەندە مەن ساڭا كۆزۈمنى تەقدىم قىلىپ مۇشۇ كۈنگە قالدىم،
بىراق سەن دائىم سورىغاندا كۆزۈم مۇشۇنداق ئىدى .دىگەندەك گەپلەر بىلەن سىنى ئالداپ قۇيدۇم مەن ئىلگىرى سىنى دىمىگەن بولسام سەن ھازىرقىدەك يۇرۇق دۇنيادىن ھۇزۇر ئالالمايتىڭ بىراق سىنىڭ مەندىن نۇمۇس قىلغىنىڭدا سىنىڭدىن ئەسلا رەنجىمىدىم.
ھامان بىر كۈنى قايتىپ كىلسەن بۇنى بىلىمەن.ناۋادا قايىتىپ كەلسەڭ مىنىڭ ئۆيدىكى ساندۇق ئارىسىغا يۇشۇرۇپ قۇيغان ئازغىنە پۇلۇم بار شۇنى تىپىپ خەجلە ئۆزۈڭنى ئاسرا جىنىم بالام ھەرگىز بوشاشما چۇقۇم تىرىشقىن مەن سەندىن رازى......
ئىليار خەتنى ئوقۇپ بولۇپ قاتتىق يىغلىدى .ئاپىسىنىڭ قەبرە بىشىغا بىرىپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ قايتىپ كەلدى.ھەم ئۆزىنىڭ يۇرتىدا ئاپىسىنىڭ ئارزۇيىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كىچىككىنە ساخاۋەتچىلەر تارمىقى قۇرۇپ ئاجىز يىتم-يىسىرلارغا ياردەم قىلدى.....
كىيىنكى كۈنلەردە تۇمارىسمۇ يۇرتقا قايتىپ كىلىپ ئىليار بىلەن ب بىرلىكتە بۇ ئورۇنغا تۆھپە قۇشۇپ خىزمىتىنى ئۆز يۇرتىدا بىللە قىلدى. ئىليار بىلەن تۇمارىس تۇي قىلىپ بەخىتلىك ئائىلە قۇردى،
ئىليار شۇنداق بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسىمۇ ئەمما ئۆمۈرلۈك ھىجران ئازابىدا قالغان ئىدى .ئۇ ئەمدى نىمىلا دىسۇن ھىچنىمە ئورنىغا كەلمەيتى..........

       تۈگىدى\
مەنبەسى :ئۆزۈم


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87105
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 03:17:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر ئۇ قىز مېنىڭ لايىقىم بوپ قالسا چوقۇم ئەدبىنى بەرگەن بولاتتىم ، ئالىي مەكتەپتىكى بوشاڭ باللارنىڭ كاساپىتىدىن نۇرغۇن قىزلار تېخىمۇ بۇزۇق ، ئوغۇللار لىڭتاسما بوپ كېتىۋاتىدۇغۇ تاڭ

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3499
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32339
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3731 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 07:45:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئۇلۇغ ئاللاھ پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91263
يازما سانى: 429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 949
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 11:35:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرقانچە بەختلىك بولسىمۇ ۋىجدان ئازابى ئادەم قىينىسا ئۇنداق بەخت نۆلگە ھېساپ.
بىر ئۆمۈر ئادەم پۇشايمان قىلىپلا ئۆتىدىغان گەپ.


ئى ئاللا، خاتالىق ئۆتكۈزسەم باشقىلاردىن كەچۈرۈم سورىغۇدەك، باشقىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە ئۇلارنى كەچۈرگىدەك جۈرئەت ئاتا قىلغىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 855
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34397
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 546 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 11:41:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توقۇلمىدۇ؟

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 11:48:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇقۇلما بوپمۇ تۇرمۇشتىن خېلىلا يىراق تۇقۇلمىكەن بۇ .

سەن يەنىلا كەتتىڭ...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95527
يازما سانى: 424
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 101
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 12:03:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلىلا ياخشى ئەسەردەك قىلىدۇ ساقلىۋىلىپ كىيىن ئوقايچۇ

ئەسلىمىلەر قوينىدا ياشاۋاتقان مەن، توساتتىنلا رىئال دۇنيانىڭ شۇنچىلىك قورقۇنۇشلىقىنى بايقاپ قالدىم...

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4232
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20182
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1676 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 12:39:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە..........ئالىي مەكتەپ.....مەن يەنە ئىككى يىلدىن كېيىن باردىغان جاي...............لېكىن........

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77410
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1271 سائەت
تىزىم: 2012-3-14
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 02:48:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىغا مۇناسىۋەتسى بوپ قالدى ..
چوقۇم كۆرۈڭ !   تېما قىلىپ يولىسام . مۇسۇلمان بوپ قالغىندىن نۇمۇس قىلدىغان باشلىق تەستىقلىماپتۇ ..
http://v.youku.com/v_show/id_XNTY4Nzg5NjA4.html

ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت ،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھاببەت .
لېكىن كىېچىمەن ھەر ئېككىسىدىنلا ،
ئازاتلىق ، ئەركىنلىك ، ئۈچۈنلا پەقەت .
............................................... پىتوفى ساندورو

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1794
يازما سانى: 653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10641
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 341 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 03:27:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللا ھەممىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن .

شاھ زاد
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش