ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز مۇنبەرداشلا ، ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام !!!
،بۇئەسەر كەچمىشلىرىمنىڭ ئارقىسىغا يۇشۇرۇنغان ھەسرەتلىرىم مەدەت بولغاندا يېزىلغان ئەسەر .ئەزىز مۇنبەرداشلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئايىماي بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .رەھمەت....
مەن ...............
(نەسىر)
(1)
مەن قەلىب ،يارلانغان قەلىبمەن .قەلبىمدە نەمىھرى مۇھاببەت ،نە سۆيگۈ........
مەن قەلىب ،يارلانغان قەلىبمەن . پاكىزە ،ئاپئاق كىرلىكلەر سېلىنغا كىسەل كارۋىتىدا ئەمەس ،ھەم مەينەت ،ھەم زەيكەش بىر جايدا جان تالىشىپ ئاچچىق يىغلاپ تولغۇنۇپ يېتىۋاتىمەن .مەن يالغۇز...... مىنى دوختۇرغا ئاپارغۇدەك بىرىمۇيوق ،يوق ! ھېچكىم يوق ! قان ياشلىرىمنى ،يۈرەكلىرىمنى مۇجۇپ تۆكىلىۋاتقان ياشلىرىمنى سۇرتكىدەك ،ماڭا تەسەللى بەرگىدەك بىرەرى يوق ........
مەن قەلىب ،يارلانغان قەلىبمەن .جان تالىشىپ تىپپىرلاۋاتىمەن ،نەپىسىم بوغۇزۇمغا قىسىلدى . نەپىسىمنىڭ بوغۇزىمغا قىسىلىشلىرى قان ياشلار بىلەن يۈزۈمنى يۇيۋاتىدۇ ." ئورنۇمدىن تۇراي "دەپ تىركەشسەممۇ تۇرالمايۋاتىمەن .ئاھ خۇدا! جېنىم قىينىلىۋاتىدۇ ،تىركىشىۋاتىمەن ،جېنىم خورىدى ،پۈتۈن بەدىنىمدە كۈچتىن ئەسلا خەۋەر يوق ،كۈچۈم يوق ،جان ئاچچىقىدا تىپپىرلاۋاتىمەن ،قۇلاق تۈۋىمدە ھاياتلىق تىۋىشلىرى ..............
مەن قەلىب ،يارلانغان قەلىبمەن . ئۆلۈم ئالدىدا يىغا بوغۇزۇمغا قىسىلغاندا بىرجۈپ قول مىنى بۇ مەينەت ،زەيكەش ھەم زۇلمەت قوينىدىن قۇتۇلدۇرىۋالدى .توۋا ، نىمە ئالامەت بۇ ، مەن باياتېخى جان ئاچچىقىدا تولغىنىۋاتاتتىمغۇ !؟ مانا بىردەمدىلا نە ئاچچىق يىغا بوغۇزۇمغا قىسىلسۇن ،نە جېنىم خورىسۇن ....
مەن قەلىب ،لىكىن مەن ئەمدى يارلانغان قەلىب ئەمەسمەن . ..........
مەن قەلىب ،مىھرى- مۇھاببەت تۇمۇرلىرىدا ئېقىۋاتقان قەلىبمەن . ئەتراپىمدا ھەممە بار ،ھەممە ! مىنى قۇتۇلدۇرغان بىرجۈپ قول ئاتا - ئانامنىڭ قولى ئەمەسمۇ .... دادام مىنىڭ بەختىمدۇر ،ئانام مىنىڭ تەختىمدۇر. توۋا ،مىڭ توۋا ،يارلانغىنىمدا بۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان بولغۇيمىتتىم .ھىس قىلىۋاتىمەن ، ئۇلۇغ ،مەرھەممەتلىك "اللاھ " ماڭا ھىس قىلدۇرۋاتىدۇ . بىلسەم ماڭا يۆلەنچۈك بولىدىغان ،مىنى سۆيىدىغان دادام ،ئانام بار . مەن ئۈچۈن يۈرەك يارىدىغان دادام ،ئانام بار .ھەربىر تىنىقلىرىدا بالام، باغرىم دەيدىغان مىھرىبان ئانام ، سۆيۈملۈك دادام بار ،بەخىتلىكمەن،مىھرىبانلىرىم بار!!!
(داۋامى بار)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sirlikomak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-2 05:27 PM