قارايىم خەلقىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى
خوجا نىياز
( ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىىدىن)
قىسقىچە مەزمۇنى:بۇماقالىدە ،قارايىم خەلقىنىڭ كېلىپ چىقىشى،تەرققىياتى،دىنىي ئېتىقات ئۆزگىرىشى،قارايىم خەلقىنىڭ شەكىللىنىشى، قاتارلىق مەسىلىلەر پاكىتلىق ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپ،قارايىملارنىڭ ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازار قەبىلىسىدىن كېلىپ چىققانلىقى، مىلادىدىن بۇرۇن ۋە كېيىن ھون قەبىلە ئايماقلىرى قاتارىدا غەرىپكە سۈرۈلۈپ ،ھازار خانلىقىنى قۇرغانلىقى،كېيىن دىنىي ئېتىقاتىدا ھەرخىل ئۆزگۈرۈشلەر بۇلۇپ، ئېسىلزادەلەر بىلەن خاقان ۋە ئاھالىسنىڭ كىچىك بىر قىسمىنىڭ يەھۇدىي دىنىنىڭ بىر تارمىقى- قاراي دىنىنى قۇبۇل قىلغانلىقى،قارايىم مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى... قاتارلىق مەسىلىلەر يۇرۇتۇپ بېرىلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ھازارلار دىنىي ئېتىقات ئۆزگۈرۈشى قارايىم مىللىتى
قارايىملار – يەر شارىدىكى ئەڭ قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار قىرىمىيە ۋە كاپكازىيەدە ياشىغان، ھازار خانلىقىدا كۆپسانلىق قىسمى ھازارلاردىن تەركىپ تاپقان، قىپچاقلاردىن پەرىقلىق بىر تۈركچە شىۋىنى قوللۇنىدىغان، قاراي مەزھىپىنى قۇبۇل قىلغان،ھازارلار بىلەن قانداش،تىلداش بولغان،ھازارلارنىڭ ئېتنىك ۋە ئۇيغارلىق (مەدەنىيەت) ۋارىسى بولغان،ھازارلار بىلەن تارىخى، سىياسى،دىنى جەھەتتە باغلىنىشلىق بولغان تۈركىي خەلىقتۇر.
1. قارايىملارنىڭ كېلىپ چىقىشى
تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، قارايىملار ئاساسىي جەھەتتىن قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىسى - ھازارلاردىن كېلىپ چىققان ، كېيىنكى تەرەققىيات جەريانىدا ھازار خانلىقىدا جۇغراپىيىۋى ئامىللار تۈپەيلى، 8-ئەسىردە ھېرسۇنېستا (جەنۇبىي قىرىمدا) ،ئېسىلزادەلەر بىلەن خاقان ۋە ئاھالىنىڭ كىچىك بىر قىسمىنىڭ،بۇلان خاقان ھاكىميىتى دەۋرىدە يەھۇدىي دىنىنىڭ بىر تارمىقى- قاراي دىنىنى قۇبۇل قىلغان ،بۇ تارماق دىن ئادەتتە <<قارايىم دىنى>> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ دىننى قۇبۇل قىلغانلار شۇنىڭ بىلەن"قاراي"لار دەپ ئاتالغان.
تۈركىيە ئالىمى دوكتور نەۋزات ئۆزكەننىڭ كۆرسىتىشىچە، قارايىملارنىڭ دەستۇرى تەۋرات بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەھۇدىيلارنىڭكىدىن پەرقلىق بولۇپ، ئۇنىڭدا زەبۇر بىلەن ئورتاقلىق بار ئىكەن. قارايىم دىنى -13-8ئەسىرلەردە گۈللىنىش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، بۇ دىنغا بىر قىسىم ئىرانلىقلار، ئەرەبلەر، يەھۇدىيلار، گرېكلەر ئېتىقاد قىلغان.
1)ھازارلارنىڭ كىملىگى ۋە ھازار ئۇيغۇرباغلىنىشى.
تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ھازارلار،ئەسلى گاسار- قاسار –قازار دەپ ئاتالغان موڭغۇلىيە ئىگىزلىگىدە ياشىغان قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىسى بۇلۇپ، ئۇ گېزەر،گازار،كېزەر،قازار ۋە ھازار قاتارلىق ئېتىمولو گىيىلىك شەكىلىدىكى ناملار بىلەن ئاتالغان. ھازار نامى باشقا تىللاردا ئەرەپچە«ئېل ھازار» ، ئىبرانچە «ھۇزارى، كوزار» ، لاتىچە «گازارى» ،گۇرجىچە«ھازارى»، ماجارچە «huszar» دىگەن نام بىلەن ئاتالغان. خەنچە مەنبەلەردە ئۇلار گېسار-گاسار(葛萨)، كېسار- قاسار-قازار可萨)) دەپ يېزىلغان.ئۇلار بەشىنچى ئەسىردىن بۇرۇن ئاۋارخانلىقى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان.شىمالىي ۋېي خانلىقى ئاۋار خانلىقىغا ھۇجۇم قىلغاندا ئۇيغۇرلار (高车) شەرق ۋە غەرپ ئىككىگە بۈلۈنۈپ بىر بۆلەك ئۇيغۇرلار (ئۇيغۇر،ئون ئۇيغۇر، سېرق ئۇيغۇر) لار جۈملىدىن ئون ئۇيغۇرلار قەبىلىسى قاتارىكى گاسار قەبىلىسىمۇ موڭغۇل ئىگىزلىكىدىن ئالتاي تېغى ، ئېرتىش دەرياسى ئارقىلىق غەرىپكە كۈچۈپ،مىلادى 463-يىللىرى ۋولگا دەرياسى،كاۋكاز تاغلىرى ۋە كېيىنچە قارا دېڭىز بۇيىغا كۈچۈپ كەلگەن.
ئەسلىدە بۇلار مىلادىدىن بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھون قەبىلىلىرى تەركىۋىدە غەرىپكە كۆچكەن ئۇيغۇر،ئون ئۇيغۇر،سارى ئۇيغۇر،ھازار قەبىلىرى ئىزلىرىنى بويلاپ مىلادىدىن كېيىن 4- 5- ئەسىرلەردە ھازار دېڭزى ئەتراپىغا كەلگەنلەر ئىدى. گورجى(گروزىيە) تارىخلىرىغا كۆرە ،گورجى كىرالى مىرۋان (مىلادىدىن بۇرۇن167 -123) ھازارلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغان.ئەرمەن مەلۇماتلىرىغا كۆرە ،ھازارلار مىلادىدىن كېيىنكى 2-ئەسىرنىڭ دەسلىۋىدە ئەرمەنلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. 3-ئەسىردە ھازارلار بەزىدە روم ئىمپراتۇرلىغى،بەزىدە پېرسىيە ئىمپراتۇرلىقى سەپلىرىدە ئۇرۇش قىلغان. 5-ئەسىردىن كېيىن ئاۋارلارنىڭ ئوتتۇرغا چىققىشى بىلەن قىسقا مۇددەت ئاۋارلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. ئىلگىرى ۋە كېيىن كەلگەن تۈركىي قەبىلىلەرمۇ ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى،دون دەرياسى،كارپات ئىگىزلىكىدە ئولتۇراقلاشقان، تۈركىي قەبىلىلەر تىل-يېزىق ،ئۆرۈپ-ئادەت جەھەتتە ئوخشاش بولغاچقا، بىرلىشەلىگەنلىرى ئۇيۇشۇپ،گاسار قەبىلىسى باشچىلىقىدا گاسار(ھازار) خانلىقى(مىلادى468-965) نى قۇرغان. مىلادى569-يىلى يېزىلغان قەدىمكى سۈرىيە يېزىقىدىكى ماتىرياللاردا، بۇ ئۇيغۇرلا ۋە ئۇنىڭ 12قەبىلىسىنىڭ نامى تۈۋەندىكىدەك كۆرسۈتىلگەن،بۇلار: ئۇيغۇر-ئوغۇر، ئونئۇيغۇر، سابىر، بۇلغار، قۇتۇغۇر ،ئابار، سارىغۇر ، كاسدىمىر، باغىرسىق،قۇلس ،ئابدال ،ئېفتالت. شەرىقى رىم (ۋىزانتىيە) تارىخىي ماتىرياللىرىدا، يۇقارقىلار دىن باشقا گاسار (قاسار)لار ئون ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ بىرى قاتارىدا كۆرسۇتىلگەن.1
موڭغۇل ئىگىزلىكىدە قالغان گاسار(葛萨) لار ئۇيغۇر قەبىلىسى تەركىۋىدە ئۇيغۇرلارنىڭ « ئىچكى توققۇز قەبىلىسى»دىكى قاسار- گاسار ئۇرۇغىنى تەشكىل قىلغان 2 بۇلار ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا مۇيۇم رول ئوينىغان.
غەرىپكە كەتكەن گاسارلار بولسا 576 -يىلىغا كەلگەندە كۆك تۈرك خانلىقى تەۋەسىگە قۇشۇلغان. تاڭ تارىخى ماتىرياللىرىدا بۇ خانلىق تۈرك گاسار خانلىقى(突厥葛萨国) دەپ يېزىلغان، غەربىي كۆك تۈرك خاقانى ئەمرى بىلەن ساسانىلەر (ئىران)گە قارشى ۋىزانىس ( شەرىقى رىم) گە ياردەم كورسەتكەن. ئانادولۇنى ئىرانلىقلار ئىستىلاسىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان.558-يىلدىن620-يىللارغا قەدەر سابىر، ساراگۇر (سېرىق ئۇيغۇر)،سەمەندەر،بەلەنجەر قاتارلىق شىمالىي كاپكازىيە قەبىلىلىرى ئۈستىدە قەبىلىلەر ئىتتپاقى ھاكىميىتى تەكىللەپ،كۆك تۈركلەر تەركىۋىدە پائالىيەت قىلغان،ھازار خانلىقى كۆك تۈرك ئېلىپبەسىنى قوللانغان. ھازارلار 630-يىلى ئەركىن–مۇستەقىل دۆلەت بولغان. ھازار خانلىقى7-ئەسىردىن 10-ئەسىرگىچە دەۋىر سۈرگەن ئۇيغۇر خانلىقى ئىدى.ئۇنىڭ زىمىنى: كافكازىيە بىلەن قارا دېڭىزنىڭ شىمالى،ئېتىل (ۋولگا)دىن ئۆزۈ (دينيېپېر) گىچە،چولمان(كاما) دەرياسىدىن كىيېفكىچە بولغان ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.ھازارلار 8- ئەسىردە ئېقتىساد ۋە ئەسكىرىي جەھەتە ئەڭ كۈچلەنگەن پارلاق بىر دەۋىر ياراتقان
ھازار خانلىقى 7-ئەسىردە مۇسۇلمان ئەرەپلەر گە قارشى ئۇرۇش قىلغان.بەزىدە ئۇلارنى يېڭىپ،بەزىدە مەغلۇپ بولغان. 7-،8-ئەسىردە بىر تەرەپتىن ئەرەپلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ، يەنە بىر تەرەپتىن شەرىقى ياۋرۇپا ۋە بالقانلارغا كېڭىيىپ، رۇسلار باش بولغان سىلاۋيان قەبىلىلىرى ۋە ماجار (ھۇنگىر)لارنى ئىتائەت ئاستىغا ئالغان.ھەتتا ئۇلارنىڭ دۆلەت قۇرشىغا تەشكىلاتچى ،ياردەمچى بولغان.11-ئەسىردىن باشلاپ رۇسلار ۋىزانتىيەنىڭ قۇترىتىشى بىلەن ھازارلارغا قارشى ھۇقۇم باشلىغان. بۇ خانلىق كېيىنكى تەرەقىيات جەريانىدا ،سلاۋيان،رۇسلار، بۇلغارلارنىڭ ماجار ،پېچىنەك، ئۇز، قىپچاق -كۇمانلار بىلەن ئۇرۇشۇش ، يارىشىش بىر قىسمى ئۇلارغا قۇشۇلۇپ كېتىش جەريانلىرىنى باشتىن كۈچۈرۈپ ھازارلاردا تىل ۋە دىن بىرلىگىنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ تارقاپ كېتىشىنى قولايلاشتۇرغان.نەتىجىدە ھازار خانلىقىدا ئارمىيە قۇۋېتى ئاجىزلاپ ، تىجارەت يۈرۈشمەي ،ئىختىزادى تەڭلىك بۇزۇلغان. پېچىنەكلەرنىڭ ھازار خانلىقىغا كېرىشى بىلەن ماجارلار ،بۇلغارلار بۇنىڭدىن پايدىلانغان.سودا -تىجارەت باھانىسىدا ئەتراپتا تۈرلىك ھەرىكەت ۋە مەدەنىيەت تاجاۋۇزىنى باشلىغان،ھازار دېڭىزى ساھىللىرىدىكى ناھىيەلەرنى بۇلاڭ -تالاڭ قىلغان،تەقىپ ئەتكەن،ئاھالىلارنى ئۆلتۈرگەن. تۈرلۈك ھىلە ئىشلىتىش،ئېتىقاتنى قالايماققان لاشتۇر ىۋېتىش، پارچىلاپ ،سىڭىپ كىرىش، بىر بىرىگە قارشى قۇيۇش،يۇلى بىلەن خەلىقنىڭ ئىتتىپاقلىقى ،ئۆملىكى ، كۈچى ئاجىزلاشتۇرۇلۇپ، ئازدۇرۇش،يۇلى بىلەن ھازار خانلىقى ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنى بۇزىۋېتىلگەن .ھازارلارنىڭ تىل بىرلىگى (خانلىق دائىرسىدىكى ئالاقىلىشىش رولى، ئىناۋېتى ،ئورنى )، ئاجىزلاشتۇرۇلۇپ،دىن بىرلىگى (ئېتىقات بىرلىگى) بۇزىۋېتىلگەن. نەتىجىدە،كىيېۋ رۇس شاھزادىسى سۋياتوسلاۋ مىلادى 965- يىلى، ئەسكىرى كۈچلىرى بىلەن باشكەنىت –ئېتىل بالىقنى ئىشغال قىلىپ،باشقا شەھەرلىرىنى تەقىپ ئەتكەن.
رۇسلارنىڭ كۈچكۈرتىشى بىلەن قىپچاقلارنىڭ ئېتىل-ۋولگا بويلىرىغا كىرىشى، ھازارلارنى ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەندۈرگەن. ھازار خانلىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، ھازارلارنىڭ بىر قىسمى بىر مەزگىل قىرىمدا كىچىك بىر دۆلەت ھالىتىدە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان، بۇمۇ كېيىن رۇسلار تەرىپىدىن 1016-يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 1030-يىلى قىپچاقلارنىڭ باستۇرۇپ كىرىشى بىلەن ھازار يەرلىرى ئىگىلىۋېلىنغان.
شۇنىڭ بىلەن تارىخ سەھنىسىدە 600يىل ئۇزۇن ئۆمۈر سۈرگەن ،كۈچلۈك ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بىرى ھىساپلانغان ھازار خانلىقى يۇقاردەك سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۆز مەۋجۇتلىقىنى يۇقاتقان. بۇ جەرياندا،ھازار خانلىقى 700-850-يىللاردا ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرگە كىرگەن. 850-950-يىللار ئارقىغا چېكىنىش دەۋرى بولغان.965 -يىلىدىن باشلاپ 70يىل زەئىپلىشىش، باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىش دەۋرى بولغان. 1030-يىلى قىپچاقلارنىڭ باستۇرۇپ كىرىشى بىلەن ھازار يەرلىرىنى ئىگىلىۋالغان. ھازار خانلىقى تىلى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى بۇلۇپ، خانلىق ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن قىپچاچ-كومان تىللىرى تارقىلىشقا باشلىغان.
دىمەك،گاسار-قاسارلار ،ھازىرقى ۋاقىتتا بەزى كىشىلەر ئېيت قاندەك، قانداقتۇ قازاقلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئەمەس ،تاتارلار نىڭ بىر قەبىلىسىمۇ ئەمەس،بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ گاسار-قاسار دەپ ئاتالغان ئىچكى توققۇز قەبىلىسىنىڭ بىرى.بۇھەقتە خەنچە تارىخىي ماتىرياللاردا <<سۈينامە>>49-جىلىد «تېلىلار تەزكىر ىسى»دە «قاسارلار قوققۇز ئوغۇزلارنىڭ بىر قەبىلىسى» دەپ ناھايىتى ئۇچۇق ،ئېنىق كۆرسۈتىللگەن3
«كونا تاڭنامە»195-جىلىد«ئۇيغۇرلار تەزكىرسى»دىمۇ« قاسارلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى توققۇز قەبىلىسىنىڭ بىرى» دەپ كۆرسۈتىلگەن 4يەنە مىلادىيە824-832-يىلغىچە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان قاغاننىڭ نامىمۇ قاسار (ھازار) قاغان دەپ خاتىرلەنگەن.دىمەك، تارىخىي پاكىتلاردىن قارىغاندا ، ھازار خانلىقىنىڭ دۆلەت سېستىمىسى، تەشكىلى تۈزۈلمىسى،لەشكىرىي تۈزۈلمىسى، قولانغان تىللىرى دەل ئۇيغۇرلارنىڭكىدۇر. ھـازار خاقانى- يۈسۇپنىڭ ئېندۈلۈس ۋەزىرى خاسداي ب.شارپۇتقا يازغان(ئىبرانچە) مەكتۇبىغا قارىغاندا،ھازار خاقانلىرىنىڭ ئىبرانچە ئىسىملىرىدىن ئايرىم، تۇركچە- ئۇيغۇرچە ئىسىملىرى بولغان.دىمەك،يۇقارقى پاكىتلاردىن شۇنى بىلىشكە بۇلىدىكى،قاسارلار باشقا خەلقلەر ئەمەس،بەلكى دەل ئۇيغۇرلاردۇر.
ھازار خانلىقى ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا نىڭ چوڭ بىر قىسمىدا ئىجتىمائى،سىياسى،مەدەنىيەت(ئۇيغارلىق) جەھەتتە چوڭ تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.سالچۇقلار،رۇسلار،ماجار قاتارلىقلاردا، لەشكىرى،تەشكىلى سېستىمىسىدا،دۆلەت قۇرۇلمىسىدا ھازارلارنىڭ ئىزلىرىنى كۆرۈش مۈمكىن . ئېتىلبالىق ئۇچۇق بازار بۇلۇپ دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن تىجارەتچىلەر كېلىپ كېتەتتى، سودا ئادىل ئېلىپ بېرىلاتتى.ھازار باشكەنتى ئېتىلبالىقتا مۇسۇلمان،خىرىستىيان،مۇساۋى(يەھۇدى) ۋە باشقا دىنلارغا مەنسۇپ كىشىلەر ئەركىن بېرىش –كېلىشلەر قىلاتتى، دىنىي ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك بار ئىدى.بىر بىرىنى كەمسىتىشكە يول قويۇلمايتى. بۇ جەھەتتىن ھازارلارنى ھازىرقى دۇنيادا ئۆرنەك ياراتقان دەپ قاراشقا بۇلاتتى.
ئىسلام تارىخچىسى مەسئۇتنىڭ مەلۇماتىچە،ھازار باشكەنتى ئېتىلدا يەتتە ھاكىم بولغان. بۇلارنىڭ ئىككىسى مۇسۇلمانلارنىڭ، ئىككىسى خىرىستىيانلارنىڭ ، ئىككىسى يەھۇدىلارنىڭ ، بىرسى باشقا دىنلارغا مەنسۇپ بولغان داۋا ئىشلىرىغا قارايتى . ھىچقانداق كىشى خورلانمايتى ، مۇئامىلىدە قارشىلاشمايتى .
يەھۇدى تارىخىغا قارىغاندا يەھۇدىلار « تەلمۇت»نى ئەڭ دەسلەپ قۇبۇل قىلغانلار ۋە قۇبۇل قىلمىغانلار دەپ ئىككىگە ئايرىلغان. ئوتتۇرا باسقۇچقا كەلگەندە بۇلاردىن بىر قىسمى راببانىم(راببانىلەر) دەپ،يەنە بىرقىسمى قارايلەر دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. باشقا ئىرىقلاردىن ئىنسانلارنى دىنىگە ئالمىغان يەھۇدىلار ، بىر سىنىپنى تەشكىل قىلىپ راببانىم يەنى«تالمۇتچى» يەھۇدىلار دىيىلگەن. قاراي يەھۇدىلار تارىخنىڭ ھەر دەۋرىدە باشقا ئېرىقلاردىن ئىنسانلارنى سېپىگە قۇبۇل قىلغان.بۇلار ھازار ئۆلكىسىگە بېرىپ ھازار خاقانى ۋە چەۋرىسىگە يەھۇدىلىقنى ئۆگەتكەن،بۇلار «تەۋرات»قا ئىتتائەت قىلىپ، «تالمۇت»نى قۇبۇل قىلمىغان قارايىم يەھۇدىلىرىدۇر.
ھازار ئۆلكىسىدە قارايىىم يەھۇدىلىقى قۇبۇل قىلنغان كىشىلەر ساننىى دونلوپ ۋە بەزى تارىخچىلار ئاشۇرۇپ كۆرسەتكەن،بۇگۈنكى سانى مىليۇن ئىپادە قىلنغان شەرىقى ياررۇپا يەھۇدىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ھازارلاردىن كەلگەنلىكى,ئۇلاردا مەلۇم مىقتاردا ھازار قېنى بولغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە.
2) قارايلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكى
تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا ، سۆزىمىزنى ھازارلار خانلىقىدىن باشلايلى: ھازارلار - قاسارلار ئەسلىدە قەدىمكى تۈرك-بوزقىر(يايلاق) دىنى بولغان بىر تەڭرىلىك دىن كۆك تەڭرى(تەڭرىخان) ئېتىقاتىدا ئىدى،ھازار خانلىقى( 468_965 ) تەرەققىيات جەريانىدا،جۇغراپىيىۋى مۇھىت، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تۈپەيلى، باشقا ئۈچ خىل دىن ئىسلاملىق(قۇرئان كەرىم)، خىرىستىئانلىق(ئىنجىل) ۋە مۇساۋىلىك (تەۋرات) تارقالغان بۇلۇپ،ھەر جامائەت بىر ۋىجدان ھۆرۈريىتى ئىچىدە ھەر قايسىسى ئۆز دىنىنىڭ ئىبادەت ۋە دىنىي مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزەتتى.مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا ئىستەھرى (مىلادى 932-يىلى) ،ئېل مەسۇدى (مىلادى 944-يىلى)،ئىبىن ھەۋكەل (مىلادى977-يىلى) ھازار شەھەرلىرىدە جامائىلەر(مەخسۇس جۇمە ۋە ھېيت نامىزى ئۇقۇيدىغان يەر) ،چېركاۋ(خىرىستىيان دىنى ئبادەتخانىسى) ۋە سىناگوگ (يەھۇدى دىنى ئىبادەتخانىسى) يانمۇ يان جايلاشقان ئىدى.5
ئىسلام دىنى 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا خارازىملىقلارنىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن تارقىلىپ كىرگەن. پراۋۇسلاۋىيە (خىرىستىيان دىنىنىڭ بىر مەزھىپى-ئورتۇدوكس-ئاپتۇردىن) دىنى ۋىزانىسلار تەرپىدىن 8-ئەسىرنىڭ كېيىنكى چارىگىدە تارقىلىپ كىرىشكە باشلىغان.يەنى ھازار خاقانىنىڭ ئىستىگى نەتىجىسىدە مەشھۇر سلاۋ تەرغىباتچىسى كيرىللوس (كونس تانتىن كىرىل )نىڭ ھازار خانلىقى باشكەنتى ئېتىل شەھرىنى زىيارەت قىلىشى (861-862)دىن كېيىن تارقىلىشقا باشلىغان . بۇنىڭ بىلەن ۋىزانىس چېگرالىرىدا ۋە قىرىمدا ياشىغان ھازارلار ئورتۇدوكس(خىرىستىيان دىنىنىڭ پراۋېسلاۋىيە مەزھىپى-ئاپتۇردىن) نى قۇبۇل قىلىشقا باشلىغان.
« يەھۇدى دىنى( مۇساۋىلىق،تەۋرات ئوقۇش)نى دۆلەتنىڭ يۇقۇرى تەبىقىسى ،خاقان ۋە ئائىلىسى مەخپى قۇشۇمچە قۇبۇل قىلغان دىن بۇلۇپ ، تۈرك تارىخىدا يەھۇدى دىنىنى قۇبۇل قىلغان بۇنىڭدىن باشقا بىر ھۇكۈمران سۇلالە يوق.بۇ دىننىڭ قايسى زامان،قانداق قۇبۇل قىلغانلىقى ئۇچۇق ئەمەس»6
كىيىنكى تەتقىقاتلاردا،ھازار خانلىقىدا جۇغراپىيىۋى ئامىللار تۈپەيلى،-ئەسىردە ھېرسۇنېستا (جەنۇبىي قىرىمدا) دىن ئۆزگەرتكەنلىگى (يەھۇدى دىنىنى قۇبۇل قىلغانلىقى) ،«ئېسىلزادەلەر بىلەن خاقان ۋە ئاھالىنىڭ كىچىك بىر قىسمىنىڭ،بۇلان خاقان ھاكىميىتى دەۋرىدە‹‹ كاراي›› دىنىنى قۇبۇل قىلغانلىقى كورسۈتۈلسە ،بەزى ئىسلام مۇئەللىپلىرى (ئەل مەسئۇدى) ھازارلار ئابباس خەلىپىسى ھارۇن ئۇررەشىد زامانىدا(786-809) مۇساۋى (يەھۇدى دىنى) نىڭ بىر مەزھىپىگە كىرگەنلىگىنى بۈلدۈرىدۇ»7
‹‹كاراي» دېيىلگەن بۇ مەزھەپ مۇسانىڭ تەلىماتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،‹‹تالمۇد›› قا كۆپ ئېتىۋار قىلمايدىغان بەلكى بەزى ئىسلامى تەركىپلەر ئارىلىشىپ كەتكەن بىر ئېتىقات بۇلۇپ 8 ھازارلاردا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تالمۇدچىلىققا يېقىنلاشقانلىقى سۆزلىنىدۇ.9
«كاراي» دىگەن بۇ نام ئەسلى"يەھۇدى دىنىنىڭ بىر مەزھىپى (كاراي دىنى)نىڭ نامى بۇلۇپ،ئىبرانچە «قارا» دىگەن بۇ سۆز ئوقۇغۇچى،ئىنجىلنى پىششىق بىلگۈچى دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈدۇ. بۇنىڭ ئىجاتچىسى بابىلۇنلۇق ئاننا بېن داۋىد((Anna ben David (780__?) بۇلۇپ ،ئۇنىڭ مۇردلىرى پەقەت «تالمۇد»قا قارشى چىقىپ،ئىنجىلنىڭ نۇپۇسىنى ئېتىراپ قىلغان.شۇڭا ئۇلار، «ئىنجىل ئوغلى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن."10
ئۇلار تۇرمۇشىدا قاراكىيىم كىيىدىكەن،گۆشلۈك تاماقلاردىن پەرىز تۇتىدىكەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ‹‹كاراي›› دىنىگە كىرگەنلەر كۈندىن-كۈنگە ئاۋۇپ، توپلۇشۇپ، قىرىمىيەدە (11_ئەسىر) ،لېخىستاندا ۋە تۈركىيەدە (ئىستانبۇلدا) ماكانلاشقان.ھازىرقى تەتقىقاتلاردا ، كارايملارنىڭ يەھۇدى دىنىغا كىرگەن جامائەتلىرنىڭ ھىچ بولمىسا ئانا تىللىرى ۋە دىنىي تىلى تۈركچە بولغان ھازار تۈركلىرىنىڭ ۋە قىسمەن كارايىم كومانلارنىڭ ئەۋلاتلىرى بولغانلىقى ئۇچۇقلاشماقتا 11
ھازار دۆلىتى يىقىلغاندىن كېيىن، ھازار ئۆلكىسىدىكى كۆپسانلىق مۇسۇلمانلار مۇسۇلمان قەۋىملىرىگە قۇشۇلۇپ كەتكەن.بىر قىسىم ھازار مۇسۇلمانلىرى بولسا قىپچاق،قاراچاي ،قارا باردا قاتارلىق مۇسلىمان تۈرك قەبىلىرىگە قۇشۇلۇپ كەتكەن. خىرىستىيان دىنىگە ئېتىقات قىلغان ھازارلارنىڭ بىر قىسمى سلاۋيان قەبىلىرىگە قۇشۇلۇپ كەتكەن. يەنە بىر قىسمى ھازار ئۆلكىسىدىن يەنە بىر خىرىستىيان دۆلىتى ۋىزانتىيەگە كۆچۈپ كەتكەن.بۇ كۆچۈش دېڭىز يۇلى بىلەن بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ،ئۇلار شەرىقى قارا دېڭىز قىرغاقلىرىنى تاشلاپ شىمال،ئوتتۇرا ۋە شەرىقى جەنۇبىي ئانادولۇغا كەلگەن. بۇلار بۇ جايلاردا رۇملار ۋە ئەرمەنلەر تەرىپىدىن خىرىستىيان مەزھەپلىرىگە قۇشۇلغان.ئەمما بۇ كىشىلەر ئۇزۇن مۇددەت تۈركچە سۆزلىشىپ كەلگەن (ئانادولۇغا كەلگەن بۇ خىرىستىيان ھازارلارنىڭ بەزىلىرى رۇم خىرىستىيان مەزھىپىگە قۇشۇلغانلىرى رۇملىشىپ،ئەرمەن خىرىستىيان مەزھىپىگە قۇشۇلغانلىرى ئەرمەنلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ ھازار ئىكەنلىگىنى ئۇنۇتقان.ئۇلاردا خىرىستىيان ۋە مۇساۋىلىك ئىدىيىلىرى داۋاملاشقان)11–ئەسىردە ئانادولۇغا كەلگەن بۇ ئىنسانلار 5 ئەسىر رۇمچە ۋە ئەرمەنچە ئۆگەنگەن ( ھازىرقى كۈندە ئانادولۇنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىدە بۇ خىرىستىيان ھازارلىرىدىن قالغان ئىزلار بار.مەسىلەن،ھازار تېغى،ھازار كۆل،ھازار شاھ،ھازرى،ھازرو، ھازرىيان،ھازارا قاتارلىقلار). 13-ۋە 14- ئەسىرلەرگە كەلگەندە بۇلار خىرىستىيان دىنى كىتاپلىرىنى رۇم ۋە ئەرمەن يېزىقلىرى بىلەن تۈرك تىلىدا يازغان.17-ئەسىردىن باشلاپ ئانا دولۇغا كەلگەن كاتولىك مىسيونىرلىرىنىڭ پائالىيىتى نەتىجىسىدە بۇلارنىڭ بەزىلىرى رۇمچە ۋە ئەرمەنچە ئۆگۈنىشتىن باشقا تۈركچە تىل قوللۇنىشنى ئىستىمەكتە. يۇنانىستاندا قالغانلار رۇمچە بىلمەيدۇ.
ھازار دۆلىتى يىقىلغاندىن كېيىن مۇساۋى ھازارلارنىڭ بىر قىسمى قىپچاقلار تەرىپىدىن رۇسلار ئىچىگە سۈرۈلگەن. بۇلار كېيىن ،رۇسلار تەرىپىدىن تۇرلۈك ئۇسۇل –چارىلەر ، باستۇرۇش،قورشاۋغا ئېلىش قاتارلىق يۇللار بىلەن بىلەن خىرىستىيانلشتۇرۇلغان.
قىرىمغا قالغان ھازارلار قىپچاقلار،قالىزلار بىلەن توپلۇنۇپ جامائە بۇلۇپ ئۇيۇشۇپ يەھۇدى(مۇساۋى) دىنىنىڭ بىر مەزھىپى بولغان قاراي دىنىگە كىرگەن.بۇلارنىڭ كۆپسانلىقنى ھازارلار ئاساس قىلاتتى.قىپچاقلار ھازار دۆلىتى يىقىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا
ئىككى ئەسىر ھۈكۈمرانلىق قىلغان، ھازار شىۋىسى ئورنىغا قىپچاق شىۋىسى قوللۇنىلىشقا باشلىغان، قوللۇنىلغان تىل قىپچاقچە بۇلۇپ، ھازار سۆزلىرى ئۇنىڭ ئىچىدە قوللۇنىلغان(ئەسلىدە ھازار تىلى قىپچاق شىۋىسىدىن پەرىقلىنەتتى)، تىلچىلار بۇنى قارايىم تۈركچىسى دەپ ئاتاشتى.
«تەۋرات»قا ئىتتائەت قىلىپ،«تالمۇت»نى قۇبۇل قىلمىغان قارايىم يەھۇدىلىرى دىنىدا دەسلەپتە ئىسرائىل قەۋمىدىن كىشىلەر بولغان،كېيىنچە باشقا كىشىلەرنىڭ كۆپلەپ كىرىشى بىلەن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئىسرائىل قەۋمى ئازلاپ،يۇقاپ كەتكەن،تۈركلەردىن باشقا كىشىلەرمۇ بارغانسىرى ئازلاپ كەتكەن.19-ئەسىرگە كەلگەندە بۇ دىنداقارايىم تۈركلىرىلا يالغۇز قالغان.
ھازار خانلىقىنىڭ ئەسكەرلىرى،نامرات ،قوراللىرى ئاددي بولسىمۇ جەڭگۋارلىقى يۇقىرى ،ئۇرۇشخۇمار ،ئىش تۇغدۇرۇپ تۇرىدىغان، قەۋم ئىدى .ئەمما ھازارلارنىڭ كېيىكى تەرەقىياتدا، ئۇلاردا ئېتىقات بىرلىكى بولماي(بەزىلىرى ئىسلام،بەزىلىرى خىرىستىيان،بەزىلىرى يەھۇدى) بولغاچقا بىر بىرىگە قارشى ئۇرۇشلاغىمۇ سالغان، كىيۋ نىڭ كىنىزى – ئىگور ئوليېگرې ھازارلارغا كارايىملارنى قىرغىن قىلىشقا بۇيرۇغان ، ئەمما ئۇرۇشتا ھازارلار قارايىملار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ قارايىملار ،تەدرىجى ھالدا پارقىراپ تۇرىدىغان قىلىچلىرى ، ئاتلىرىدىنمۇ زىرىكىپ ، ئۇلارنى تاشلاپ ، كەڭ كۆلەمدە قىرىم يېرىم ئارىلىدىن ئەسكەر تۇرىدىغان جايلارنى بېكىتىپ،بىر تۈركۈم شەھەر سىپىلىنى قۇرۇپ ،خوشال- خۇارم ئولتۇراقلاشقان ، ئۇلار يەنە ئېھتىيجلىق بولغاندا ۋاقتىنچە تاغلاردىن ئاز تۈركۈمدىكى كامالارنى ( ئۆڭكۈر ) نى كولىغان .چىڭگىزخان ئەسكەرلىرى كەلگەندە جىددي ھالدا ئۆزلىرنى كولىغان شۇ ئۆڭكۈرلەرگە مۈكىۋىلىپ ، ئۆز ھاياتنى ساقلاپ قالغان.
2. جەڭگىۋار مىللەت
تەخىمىنەن 1397- يىلى لىتىۋا كېنەزى – ۋېيت فوت ( 1430 – 1350 )قىرم يىرىم – يىرىم ئارىلىغا كەلگەندە، قارايىملارنىڭ مۇنتىزىم ھەربى تۈزىمى ئۇنىڭغا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. لىتۋا كېنەزى كارايىملاردىن 383 ئائىلىنى لىتۋيىگە تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن .1410- يىلغا كەلگەندە ۋېيت فوت كىنەزنىڭ قول ئاستىدىكى قاريىملار مەشھۇر كېۋارسيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەمدە ( گېرمان ) ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ شەرىققە ئىلگىرلىشىنى تارمار قىلغان . كېيىن قېرىم يېرىم ئارىلى چارروسىيە خەرىتىسىگە كىرگۈزىلگەندە قالدۇق قارايىم ئادەملىرى چارروسىيە تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزۈلگەن.
قارايىملارنىڭ جەڭ قىلىش تالانتى روسىيەدىكى يىراق –يېقىن جايلارغا پۇركەتكەن بۇلۇپ ،ئۇلاردىن كۆپلىگەن جەڭ قىلىشقا ماھىر ھەربي ئىشلار قوماندانلىرى مەيدانغا كەلگەن .1799-يىلى قارايىملار ئىتتالىيە ۋە شۋتسارىيەنىڭ يىراق شەرىق ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ ، سوفۇلۇپنىڭ ئالىپس تېغىدىن ئۆتۈشگە ياردەم بەرگەن.
1827-يىلى چارروسيە پادىشاسى نىكولاي1 قارايىملارنى ئاز سانلىق خەلق دەپ قاراپ ھەربى مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى ئازات قىلغان .ئەمما قارايىملار بەس – بەستە پىدايى بۇلۇپ ،جەڭگە قاتناشقان .
ياپونىيە چارروسيە ئۇرۇش دەۋرىدە لۈشۈن پورتىنىڭ ئەتراپىدا ئادەم چۆچىتىدىغان مەنزىلەر بارىلىققا كەلگەن. ياپونىيە چەۋەندازلىرى20 –80 جەسەتلەر ئارىسىدىن 7-8 ياپۇن ئارمىيىسىنى ئۆلتۇرگەن،بىر رۇس ئارمىيىسى پۇت فورۇچىكىنىڭ ئۈلۈگىنى بايقىغان،ئۇنىڭ ئۇرۇشتىكى قەتئىيلىكىگە قائىل بولغان ياپۇنىيە تەرەپ، بۇ پۇت فورو چىكنىڭ جەسىتىنىى رۇسىيە ئارمىيىسى قۇماندانلىق بۆلۈمىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن .جەسەتلەرنى ئالماشتۇرغان چاغدا ،ئىككىلا تەرەپ بايرىقنىى چۈشۈرگەن،بۇخەۋەرنىنى ئاڭلغان ياپونىيە پادىشاھى- رۇسيەنىڭ ھېلىقى پوت – فوروجىكنىڭ قىلىچىغا ئوخشۇتۇپ قىلىچ ياسىتىپ ئۇنى ئېمپىرىيە ھەربى ئىشلار،مۇزىيىغا قويۇپ،خەلىقنىڭ ئورتاق ئىھتىرام بۈلدۈرىشىنى مەقسەت قىلغان .بۇ قان كېچىپ جەڭ قىلغان، پىدائىى پۇت فوروچىك قارايىم مىللىتىدىن ، ئىسمى – ماك فىيودىرۋىچ تابۇشار بۇلۇپ ،ھەر بىر ياپۇنىيە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى بىلىدۇ .باشقا تۈركىي تىللىق خەلىقلەر بۇقەيسەر ئۇرۇش قۇماندانىنى ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىسلىرىگە كىرگۈزگەنمىدۇ؟
3.سودىغا ماھىر مىللەت
ئۇلار رۇسىيەنىڭ سائەتچىلك ۋە تاماكىچىلىق كەسپىنىڭ يولباشچىلىردۇر . ئۇلار 100 نەچچە يىل ئىلگىرى موسكىۋادا 1-ئەۋلات سائەت ياساش زاۋۇتى ۋە تاماكا زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىققان .سوۋېت ئىتتپاقى دەۋرىدە ،دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارىشالى- مالىنوۋسكى قارايىم تۈركلىرىدىن ئىدى . رۇسىيەدە كىنو ، تىلۋىزيە كەسپى كارايىملارسىز مەۋجۇت بولغان ئەمەس. قارايىملاردىن تۆھپە كۆرسەتگەنلەرمۇ يوق ئەمەس .ئامرىكا كارتون فىلىم جەمىيىتىنىڭ رەئىسى لارىف باكسمۇ قارايىم تۈركلىرىدىن.
1772 - 1883 يىلىغىچە بولغان 100- يىلدا دۇنيادا نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ تەغدىرى بەلگىلىنىپ قالدى .بۇ مەزگىلدە رۇسيە ئىمپىرىيىسى نۇرغۇن غەيرى ئېتقاتلىق خەلىقنىڭ زىمىننى قۇشۇۋالدى .بىر مىليۇن 500 مىڭ يەھۇدىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پولشانىڭ زىمىنىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە .پولشالىق يەھۇدىلار رۇسىيە دائىرلىرى بىلەن تىركىشىشكە باشلىغان بۇلۇپ، مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قاتمالشىپ كەتكەن. ئەمما قارايىملارنىڭ ئەھۋالى ئۇلارنىڭكىدىن كۆپ ياخشى ئىدى . چۈنكى ئۇلار«تالمۇد » ( يەھۇدىلارنىڭ قانۇنىى شەرھىلگەن ئۇلۇغ ئەسەر بۇلۇپ، يەھۇدى ئەنئەنىسىدە تەۋارتتىن كىيىنلا تۇرىدۇ -ئاپتۇر)قا قارشى ئىدى .خىرستان ھۈكۈمرانلىرىمۇ بۇ كىتاپنى تىلغا ئېلشقا ئەرزىمەيدىغان بىدئەت كىتاپ دەپ قارايتتى .شۇنداقلا ئۇلار ئنجىلغا چوقۇناتتى. بۇ دەل خىرستىيانلارنىڭ ئېتىقاتىغا ئۇيغۇن ئىدى ، بۇنىڭدىن سىرىت قىرمىيە رۇسيىگە تەۋە بولغاندىن كېيىن، بىر قىسم تاتارلار تۈركىيە چىېگىرسىغا كۆچۈپ كىرگەن . قارايىملار يېرىم ئارالدىكى ئەڭ زور جانلىق مىللەت بۇلۇپ قالغان . شۇڭا رۇسىيە دائىرلىرى، سۆزلىشىشنىڭ زۆرۈرلىكنى ھېس قىلىپ قالغان .ھېكا تونا11، 1794- يىلىدىكى باياناتىدا ئۇلاردىن مەنمۇن بولغانلىقىنى بۈلدۈرگەن ھەم ئىككى تۈرلۈك مۇھىم باجنى كەچۈرۈم قىلغان ،ئەينى چاغدا ئۇلارغا بىر قاتار ئېتىۋار بېرىش مۇئامىلىسىدە بولغان. ئۇنىڭ شەرتى شۇكى،ئورتودوكسال يەھۇدىلارنىڭ ئېتىقاتىنى قۇبۇل قىلىشغا بولمايدۇ . 1852- يىلى قارايىملار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا بۇ چەكلىمە بىكار قىلىنغان . 1863-يىلى ئۇلار روسيەدىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە پۈتۈنلەي باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولغان . قارايىملار ھەر ۋاقىت تالانىتى ۋە ھوقۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ تېزلىكتە باش كۆتۈر ۈپ چىققان . تاماكا چىلىق كەسىپدىن پايدىلىنىپ بايلىقا ئېرىشكەن .
1748- يىلى 1-تۈركۈمدىكى قارايىملار قىرىم –يېرىم ئارىلىدىن موسكۋاغا كۆچۈپكەلگەن، ئۇنىڭدىن كېيىنكى 100 يىل جەريانىدا ئۇلار تىپ – تىنىچ ئۆتكەن . رولى كۆرۈنەرلىك بولمىغان . 1861- يىلى ئۈچ قارايىم مۇسكۋادا 1-تۈركۈمدىكى تاماكا زاۇۋتى قۇرۇپ چىققان .كېيىن چاروسيەدىكى مەشھۇر «ئېشۋا » ماركىلىق تاماكا ئىشلەپ چىققان . ئۆكتەبىر ئىنقلابى پارتىلىغاندىن كېيىن مەزكۇر زاۋۇتنىڭ باشلىقى يەنىلا ئەينى ۋاقىتىكى قارايىملار بولغان .شۇ ۋاقىتا چار روسيەنىڭ 3/2قىسمىنى ئىگىلەيدىغان تاماكاچىلىق ئشلىرى قارايىملارنىڭ كونتىرولىىقغا بولغان .ئېشۋا ماركىلىق تاماكىنىڭ 100 –يىلغا يېقىن تارىخىغا مەيلى نامى ياكى قىممىتى جەھەتتە بولسۇن چارروسيە تاماكىچىلىق سانائىتى ساھەسىدە مەشھۇر .ھازىرغا قەدەر زاۋۇت باشلىقى ئىشخانىسدا بىر دانە قەدىمكى كروسلو قۇيۇلغان بۇلۇپ ،ئۇنىڭ ئارقىسىدا "تىنىچ سۇ چوڭقۇر ئاقىدۇ"دىگەن خەتلەر يېزىلغان.قارايىملار ئاچقان تاماكا دۇكىنى 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغىچە مەۋجۇت بولغان،بەزىلەررنىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا،قارايىملار ئەربات كۇچىسى (موسكۋادىكى مەشھۇر سودا كۇچىسى) دا ئاچقان قەنت –تاماكا دۇكىنى ئىنتايىن چىرايلىق،بۇلۇپ ئۇلارنىڭ دۇكانلىرىنىڭ ھەممىسى مىللىي نەقىشلىق زىننەتلەنگەن. ئۇ كىشىلەرگە يېقىملىق تۇيغۇ بىرىدۇ.لېكىن ھازىر مەيلى موسكۋادىكى ھەرقايسى تاماكا زاۋۇتلىرى بولسۇن يەنىلا ‹‹ئەربات›› چوڭ كۇچىسىدا بۇلۇپ قارايىملارنىڭ ئىزى ئاللاقاچان يۇقۇلۇپ كەتكەن ..ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە قاراىملارنىڭ بۈگۈنكى تۇرمۇشىنى ھىچكىم چۈشەنمەيدۇ.ئۇلارنىڭ ئىسمى ئاڭلىماققا خۇددى،تۈركچە‹‹تەۋرات››تىكى ئىسىملارغا ئوخشايدۇ، شۇڭلاشقا كىشىلەرر ئۇلارنى( تازا ئېنىق بىلەلمەي) تاتارئەمەس، يەھۇدىلار دىيىشكەن.
ھازىر قارايىملارنىڭ رۇسىيىدىكى سالايىتى ئېنىق ئەمەس ،ئۇلار خۇددى تاماكىسىغا ئوخشاش يۇقاپ كەتكەن ، بۈگۈنكى كۈندە قارايىملارنىڭ رۇسىيەدە سالاھىيىتى يوق، مۇتەئەسىپلەرنىڭ قارىشىچە ،ئۇلار سىرىتتىن كەلگەن مىللەت يەنى‹‹پولەكلەر بىلەن رۇسىيىگە كەلگەن يەھۇدىلارنىڭ تار مىغى ئىكەن دەپ قارىغان؟››. موسكۋادىكى 300 قارايىملارنىڭ كۆپىنچىسى‹‹مۇشكەنلەر›› (شىمالىي ئامرىكىدىكى ھىندىئانلار قەبىلىسى-ئا) دەك ئۆزلىرىنىڭ بەختسىزلىكىگە ئېچىنغان ھالدا ياشىماقتا.
4. دىنىي ئېتىقادى ئۆزگىچە مىللەت
قارايىم خەلقى –دىنىي ئېتىقات ، خاراكتېر ،ئۆرۈپ ئادەت جەھەتلەردە يەھۇدىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان تەرەپلىرىمۇ بار ،شۇنداقلا مۇسۇلمانلار بىلەن ئوخشاش بولغان تەرەپلەرمۇ بار.يەھۇدى دىنغا كىرگەنلەر تەۋراتىتكى مۇسانىڭ 5 پەرىزنى مۇققەدەس بىلىدۇ. موسكۋاغا كۈچۈپ كەلگەن قارايىملار ئەڭ ئاخىرقى مۇشكەنلەرگە ئايلىنىپ قالغان.ئۇنداقتا قىرىم يېرىم ئارىلىدا قېلىپ قالغان قارايىملارنىڭ تەغدىرى قانداق بولغان؟
تاغ باغرىغا قۇرۇلغان چۇفۇت قەلئە شەھرى ئەينى ۋاقىتتا قارايىملار ئولتۇراقلاشقان شەھەر ئىدى،ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىرتۈركۇم ئائىلىسى ‹‹تۇبۇنىسكىي ئاھالىسى›› باغچا ساراي شەھرىدە تۇرىدۇ.
ئالكىساندىرا توبىنىسكايا (亚历山德拉。图宾斯卡娅) مۇنداق دەيدۇ:مېنىڭ ئاتام-تاغام چېرفۇت قەئە شەھرىنىڭ باشقۇرغۇچى ئەمەلدارى ئىدى، 1942-يىلى گېرمان قۇشۇنى قىرىم يېرىم ئارىلىنى بېسىۋالغاندا ئۇلار ئۆيەرلەردىن كۈچۈشكە مەجبۇر بولغان.
قىرىمىيەدىكى قارايىملار ھەمملا ئۆيگە گىلەملەرنى سالىدۇ . كىشلەر يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تىلاۋەت قىلىدۇ. پەقەت ياشانغانلار پاكار ئۇرۇندۇقلاردا ئولتۇرىدۇ. كىتاپ جازىلىرلدا ۋە ئۇيۇقلاردا دىنى كىتاپلار ۋە ئالاھىدە ئىشلەنگەن « مۇسا نىڭ بەش پەرىزى » تىزىقلىق تۇرىدۇ . ئىشك ئالدى يېنىدىكى سۇ كۆلچى گىمۇ(سۇ ئىدىشى) تاشتىن ياسالغان بۇلۇپ،ئىبادەتخاناغا كىرگەنلەر سۇ ئېقىتىپ پۇتنى يۇيىدۇ. بۇ ئادىتى مۇسۇلمانلارنىڭكىدىن ئانچە پەرىقلىنپ كەتمەيدۇ . ئايىقىنى چۇقۇم ئىشك تۈۋىدە سېلىۋىتشى كېرەك .گەرچە « تەۋراتتىكى مۇسانىڭ بەش پەرىزى » قارايىملارنىڭ ئېتىقاد قىلىدىغان كالامى بولسىمۇ ،ئەمما قارايىملارنىڭ دىنىي ئېتىقاتى يەھۇدىلارنىڭكىدىن كۆپ پەرىقلىنىدۇ. قىرىمىيەدىكى قارايىملار ئۆزلىرىنى يەھۇدىلار بىلەن بىر قاتارغا قويمايدۇ ،ئۇلار ئۆزلىرىنى «قارايىم دىنى» ئېتىقاتچىلىرى دەپ قارايدۇ،شۇڭا قارايىملار‹‹مۇسانىڭ بەش پەرىزى››نى قىرائەت قىلغۇچىلار دەپ قارىلىدۇ.
قارايىملار بىلەن يەھۇدىلارنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ ،ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە قاراپلا،پەرقىنى كۈرىۋالغىلى بۇلىدۇ،قارايىملارنىڭ ئىشىك ئالدىغا بىر ساندۇق قۇيۇلغان،ئۇنىڭ ئىچىگە ‹‹مۇسانىڭ بەش پەرىزى››نىڭ نەزمىلىرى قۇيۇلغان،يەھۇدىلارنىڭ ئۇنداق ئادىتى يوق.
قارايىملارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بايرىمى بار بۇلۇپ ئۇلار پەقەت ئىنجىلدا خاتىرلەنگەن كۈنلەرنى تەبرىكلەيدۇ، يىمەك –ئىچمەك ئۆرۈپ ئادىتى تاتارلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش،ئۇلارنىڭ ئۆي-ئىمارەتلىرى مۇسۇلمانلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش،ئەر-ئاياللار ئايرىلىپ ياتىدۇ، پۇلى بار قارايىملار ئەدەتتە 3دىن6گىچە خۇتۇنلۇق بولسا بۇلىدۇ، قىرىمىيەنىڭ گوش نېنى تاتارلار ۋة قارايىملارنىڭ ئەنئەنىۋى ياخشى كۈرۈپ يەيدىغان يىمەكلىرى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
5.كارايىملارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋە ئېرقىي مەسىلىسى
ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى ھارپىسىدا قىرىمىيەگە كەلگەن مىللەتلەر قارايىملارنى تۈركلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى ئەمەس،بەلكى يەھۇدىلار دەپ ئىسپاتلاشقان،بۇ خىزمەتلەرنى ئىزدەش، يىغىش ،رەتلەش،تەتقىقات خىزمىتىنى شېرلەي ماركوۋىچ شاپشار دىگەن كىشى تاماملىغان. 20-ئەسىرگە كىرگەندىن كېيىن قارايىملار ئەنئەۋىي مىللى قارىشىدىن ۋاز كېچىپ ، مىللەتنىڭ مەنىۋى ئاساسىنى تىكلەش ئارقىلىق مەزكۇر مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى كۈچەيتمەكچى بولغان . شافشار كارايىملار تۈركلەر دېگەن نەزىريىگە دەل مۇشۇنداق تۇلۇقلىما بەرگەن. ئۇ كارايىم لارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەنىۋى داھىيىسى بۇلۇپ قالغان.
1934 - يىلى شافشارنىڭ تەشەبۇسى ئاستىدا ئىتتالىيىلىك ئنسانشۇناسلار لىتۋىيەگە كىرىپ قارايىملار ئۈستىدە ئەمەلىي تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئېلىپ بارغان .ئۇلارمۇ قارايىملارنىڭ ھەقىقەتەن يەھۇدىلار بىلەن ئورتاغلىققا ئىگە ئىكەنلىكنى ئىسپاتلاشغان .
روسىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسىدىكى تارىخ مەسىلەر تەتقىقاتچى:د.م.دونلوپ :بۇ ھەقتە « مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بۇ نەزىرىيە 2- دۇنيا ئۇرىشدا قارايىملارنى يۇقىتىشقا سەۋەپ بولغان» دەپ كۆرسەتكەن.
گۆزلېۋ (يېۋپاتورىيە) بولسا قارايىملار قۇرغان شەھەر بۇلۇپ چۇپۇت قەلئەسىدىن كېيىن قۇرغان ئىككىنچى مەركىزى شەھەرى ئىدى . ئەينى ۋاقتتا قارايىم خەلقى ئىچىدىكى ياخشى نىيەتلىك كىشلەر بۇجايلاردا مەكتەپ ، كىنو –تىياتىرخانا ،كۈتۈپخانا ،باغچا ، سەھىيە ۋە باشقا ئەستىھەلەرنى قۇرۇپ چىققان، شەھەر رەھبەرلىكنى ناھايىتى ئۇزۇن يىل قارايىملار ئۈستىگە ئالغان .
گىرمان ھاۋا ئارمىيىسى قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى دېڭىز ساھلىگە جايلاشقان گۆزلېۋ)يېۋپاتورىيە( شەھىرىگە ئۇچۇپ چۈشكەندىن كىيىن كارايىملار قۇرغان بۇ شەھەردە قالايىمققان قىرغىنىچىلىق ئېلىپ بارغان . 10 نەچچىلا قارايىملار ھايات قالغان .
ھازىرمۇ ئاز بولمغان قارايىملار بۇ شەھەردە ئولتۇراقلاشقان. بەزىلەرنىڭ قارىشچە نامرات قىرىم يېرىم ئارىلى قارايىملارغا ئەڭ ئاخىرقى بىر پۇرسەت يەنى كۆچمەنچىلىك بىلەن ياشاش پۇرسىتىنى بەرگەن ،بۇنىڭ بىلەن قارايىملارچېچىلىپ كېتىپ،ئۇيۇشۇش كۈچى ئاجىزلاپ،خەلق توپ ھالىتىنى ساقلىيالماي،نەتىجىدە باشقىلارغا قۇشۇلۇپ كېتىپ قارايىملار يۇقاپ كەتكەن . بۇ ھەقتە، مارىيە چىرىدى مۇنداق دەيدۇ : ئىھتىمال بۇ ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغان ئەمەلىيەت بولۇشى مۇمكىن، ئەمما مەن يۇقۇلۇپ كىتىشىنى خالىمايمەن!؟.
چارروسيە خان جەمەئەتىدە قارايىملارنىڭ قان تىپى بار . 16- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا چوڭ توپ مال تارقاتقۇچى سودىگەر-نالېسكىن (naleskin ) قىرىم يېرىم ئارىلىدىن موسكۇۋاغا كەلگەن . ئۆي ئوچاقلىق بۇلۇپ بالاچاقلىق بولغان 100 يىلدىن كېيىن نەۋرە قىزى ناتالىيا كېلى لۇفنا. نالېسكىنا ( 1694- 1651 ) چارپادىشاسى ئالېكسي .مىخايلوۋېچ نىڭ خاتونى بولغان .ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئۇغلى كەلگۈسىدىكى شاھزادە –كېيىنكى چار پادىشاھ ئىمپىريىسىنىڭ پادىشاسى پېتىر شۇ ئىدى .تىنى ئاجىز، چاشسىز ئالىكىس مىخايلوۋىچنىڭ قانداق قىلىپ كۈچلۈك ،ئىگىز بوي ، قارا چاچ ئوغلىنىڭ بولغانلىقى مۇشۇ سەۋەپتىن دۇر . شۇڭىلاشقا نالىسكىن جەمەتى چارروسيەدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن مۆتىۋەر جەمەتنىڭ بىرسىگە ئايلانغان .
قارايىملارنىڭ ئىرقىي تەۋەلىكى توغرىسىدا، غەرىپ ۋە رۇسىيە تەتقىقاتچىلىرى مۇنداق ئىككى خىل قاراشنى ئوتتۇرغا قويغان. بىر خىلدىكىلەر كارايىملار يەھۇدى ئىرقىدىن بۇلۇپ تۈركلەرگە يېقىن تىلدا سۆزلىشىدۇ دەپ قارىسا،يەنە بىر قاراشتىكىلەر قارايىملار يەھۇدىلار بىلەن تۈركلەردىن بولغان ئارىلاشما قانلىق دەپ قارايدۇ.ئەمما قارايىملار يۇقارقى قاراشلارغا قارشى بۇلۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنى قەدىمكى تۈركى قەبىلىلەرنىڭ كېيىكى ئەۋلاتلىرى دەپ قارايدۇ.
6.قارايىملارنىڭ تىلى ۋە يېزىغى
قارايىم تىلى ئەسلىدە قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى بۇلۇپ، 12- 13-ئەسىرلەرگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ تىلىدا ئۆزگۈرۈشلەر شەكىللەنگەن،بۇ تىلغا ئائىت مەلۇماتلارنى موڭغۇل ئىستىلاسىدىن بۇرۇنقى قىپچاق (كۇمان ياكى پولوۋ) تىلىغا ئائىت بولغان ماتىرياللاردىن يەنى13-ئەسىرنىڭ يېرىمىغىچە بولغان رۇس يىلنامىلىرى،ھونگىرىيە باياننامىلىرى ھەم شىېرىي رىۋايەتلىرىدە،رۇس ئەدەبىياتىنىڭ قەدىمكى يادىكارلىقلىرىدىن‹‹ئىگور پولكى ھەققىدە قوشاق››12تىن تاپقىلى بۇلىدۇ. قىپچاچ(كۇمان ياكى پولوۋ) تىلىنىڭ موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كېيىكى ئەڭ بالدۇرقى يادىكارلىقى نامەلۇم ئاپتۇر تەرىپىدىن مىلادى 1245-يىلى مىسىردا تۈزۈلگەن ‹‹تۈركى-موڭغۇل-پارىس تىللىرى›› لوغىتى بۇلۇپ موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كېيىن جەنۇبىي رۇس دالىلىرىدىن مىسىرغا كۈچۈپ كەتكەن قىپچاقلار (كۇمان،پولوۋلارنىڭ) تىلىىىىىدىن ئىبارەت.كومان( قىپچاق ياكى پولوۋ ) تىلىنىڭ ئەڭ ئاساس لىق يادىكارلىقى- «CodexCumanicus »13-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ‹‹لاتىنچە-پارسچە-قىپچاقچە-لۇغەت»تىن ئىبارەت. بۇنىڭدا قىپچاق تىلىنىڭ تۈرلۈك دىيالېكىتلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن،بۇلۇپ قارايىم تىلى ئۇنىڭ بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەتلىك.
قارايىملارنىڭ تىلى شىمالىي قىرىم تاتارلىرى ۋە شىمالىي كاۋكازىيىدىكى قۇمۇقلار، قاراچايلار ۋە بالقارلارنىڭ تىلى بىلەن يېقىن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەڭ قەدىمىي دەۋرلەرگە خاس تۈركىي سۆزلەر ساقلانغان. قارايىم تىلى ساپ تۈركىي تىل بولۇپ، ئۇنىڭدا چەت تىللارنىڭ تەسىرى ناھايىتى ئاز ئىكەن. چەت تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر ئاساسلىق ئەرەب تىلى، پارس تىلى ۋە سلاۋىيان تىللىرىدىن كىرگەن سۆزلەردۇر. ئۇنىڭدا قەدىمكى ئالان تىلىنىڭ ئېلېمېنتلىرى ساقلىنىپ قالغان. ئەڭ قىزىق نۇقتا شۇكى،قاراي تىلىدا 1841-يىلى تۇنجى ئىنجىل نەشىر قىلىنغان.
بەزى ئالىملارنىڭ كۆزىتىشىچە، قارايىم تىلىدا يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق ۋە ھەربىي ئىشلارغا ئائىت ئەڭ قەدىمىيلىككە ئىگە تۈركىي سۆزلەر ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىللىرىدىكىدىنمۇ گەۋدىلىكرەك بولغان.سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋېرىدە (1917-1991) 20- ئەسىر بېشىغا كەلگەندە قەدىمكى يەھۇدى ئېلىببەسى ئاساسىدىكى قارايىم ئېلىببەسى، مەتبۇئاتتا قارايىم تىلىدىكى گېزىت –ژورنال،كىتاپ ۋة ئېغىز ئەدەبىيات توپلاملىرىنى ، قارايىم مۇئەللىپلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى نەشىر قىلىشقا ئۇرۇنۇشلار بولغان.30-يىللارغا كەلگەندە ،لاتىن يېزىغىدىكى قارايىم تىلىدىكى گېزىت-ژورنال،كىتاپلار چىقىشقا باشلىغان ،كېيىن توختاپ قالغان. ھازىر قارايىمچە رادىيو ئاڭلىتىشمۇ يوق.بار بولغان قارايىم تىلىدىكى گىرامماتكا ۋە لوغەتلەر، كىتاپلار رۇس تىلىدا يېزىلىدۇ. پولشادىكى قارايىملار سانى نىڭ ئاز بۇلىشىغا قارىماي ، ئۆز تىلىدا لاتىن يېزىغىنى ئىشلىتىپ كىتاپ ، ژورناللار چىقىرىدۇ.
قارايىم تىلى موڭغۇل ئىستىللاسىدىن بۇرۇنقى قەدىمكى تۈركىي تىللار- ھون،ئون ئۇيغۇر،بولغار،ھازار،ئوغۇز-پەچەنەك قەبىلىلەر ئىتتپاقى، قىپچاق–پولوۋ ئىتتىپاقىدىن بارلىققا كەلگەن. دىمەك، قارايىم تىلى- تۈركىي تىللار ئائىلىسى ، غەربىي ھون تارمىغى،قىپچاق تىللىرى گۇرۇپىسى، قىپچاق- پولوۋ تارماق گۇرۇپىسىغا كىرىدۇ.قارايلار ئىبادەتخانىلىرىدە قاراي تۈركچىسىنى قوللىنىدۇ.
ھازىرقى زامان قارايىم تۈركلىرى تىلى قارايىم ئاھالىسىنىڭ جايلاشقان ئورنىغا قاراپ ئۈچ ئاساسى دىئالىكتىغا بۇلۇنىدۇ: 1)شىمالىي دىئالىكىت،بۇنىڭدا لىتۋا جۇمھۇريىتىدىكى قارايىم ئاھالىسى سۆزلىشىدۇ.2) جەنۇبىي دىئالىكىت، بۇنىڭدا ئوكرائىنا جۇمھۇريىتىدىكى قارايىم تۈركلىرى سۆزلىشىدۇ.3) ،قىرىمىيە دىئالىكتى، بۇنىڭدا قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى قارايىم ئاھالىسى سۆزلىشىدۇ.
قارايىملارنىڭ ھازارلار بىلەن ئېتنىك مۇناسىۋەت ۋە دىن جەھەتتە بىرلىگى بار، قارايىملار بۇرۇنقى دەۋېردە قەدىمكى ھازارلارغا ئوخشاش،يەھۇدى دىنىنى (ئۇ دىننىڭ مەزھەپلىرىدىن بىرى بولغان- قاراي دىنى مەزھىپىنى) قۇبۇل قىلغان .قارايىملارنىڭ قەدىمكى يەھۇدى ئېلىببەسى ئاساسىدىكى يېزىغى يەھۇدى دىنىنىڭ قاراي مەزھىپىنى قۇبۇل قىلىش بىلەن پەيدا بولغان.بۇ يېزىق تار دىنىي مەخسەتلەر ئۈچۈنلا ئىشلىتىلگەن بۇلۇپ ،بۇنىڭ بىلەن قەدىمكى يەھۇدىلارنىڭ سۆزلىرى ۋە ئاتالغۇلىرىنى كۆپ قۇبۇل قىلغان.
7. قارايىملىقلارنىڭ مەزلىك يىمەك –ئىچمەكلىكى :
لىتۋالىقلار بۇ يەردىكى قارايىملارغا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ ئۇلارغا ئىشىنىدۇ . كىنەز ۋىدوفىنىڭ قارايىملارنىڭ لىتۋىيەگە كېلىپ ئولتۇراقللىشىغا يول قۇيۇش پىكىرنى توغرا تاللاش دەپ قارايدۇ . تورۇكى شەھىرىدە« 14-15-ئەسىردە لىتۋىيە كىنەزى تۇرغان جايدا قارايىملار مۇزىيى بار .يەنە قارايىمچە تاماقخانىلارمۇ ئىچىلغان . لىتۋىيەلىكنىڭ نەزىرىدە قارايىمچە قورۇما دۇنيادىكى ئەڭ مىزلىك يىمەكلىك، ئىيتىلىشچە ، چۇ فۇت شەھەر قورغۇنىىنى قوغدايدىغان چاغدا قارايىملار دۈشمەن قۇشۇنىنىڭ ئوننەچچە كۈنگىچە بىر نەرسە يىمىگەنلىگىنى پەملەپ، قۇۋۇقنى ئېچىپ، مىزىلىك تائاملىرى بىلەن بىر ۋاق دۈشمەن قۇشۇنلىرىنى كۈتكەن.دۈشمەن قۇشۇنلىرىنىڭ قۇماندانى ئۇلارنىڭ ئاشپازلىك ماھارىتىنىڭ شۇنچە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلمايلى، بۇنداق تاماق ئېتىش ھۈنۈرىگە كىممۇ يىتەلىسۇن›› دەپ قايتىپ كەتكەن ئىكىن.
بوشلۇقتىكى شەھەر چۇفت قەلئەسى قىرىميەدىكى باغچا ساراي شەھرىگە يېقىن جايدا بوشلۇقتىكى شەھەر بۇلۇپ بۇ تىك تاغ چۇقىسىغا قۇرۇلغان،مانا بۇ كىچىك شەھەر چۇ پۇت قەلئەسىدۇر،ئۇنىڭ ئاز دىگەندە 1500يىلدىن ئارتۇق تارىخى بار،مۇداپىئە ئۈچۈن شەھەر سېپىلى ياسالغان،شەھەر دەرۋازىسى ئورنۇتۇلغان،ئائىلىلەر ئولتۇراقلاشقان،بۇ شەھەر دە يەنە مەسچىت قۇرۇلغان ھەم كارايىم چېركاۋلىرىمۇ قۇرۇلغان(قاراڭ بۇلار ئېتىقاتتا ئويناشتىمۇ ياكى باشقا سەۋەپ لەرمۇ بارمۇ؟ئاپتۇردىن) بۇيەر ئادامنىڭ نەزىرىنى ئاچىدۇ، ھاۋاسى ساپ،قۇياش نۇرى پارلاپ تۇرىدۇ،بۇ تاغ ئۈستىگە جايلاشقان شەھەر ۋىزانتىيە پادىشاھسى چارستىن 1 مىلادى 6-ئەسىردە بۇ شەھەرنى قۇرغان بۇلۇپ ئەينى ۋاقىتتا بىر ھەربىي ئىشلار قورغىنى ئىدى. تارىختا بۇ جايدا سان ساناقسىز مىللەتلەر ئۆتكەن،بۇلار ۋىزانتىيەلىكلەر،ئالانلار (قەدىمكى دەۋىردە قارا دېڭىزنىڭ شەرىقى شىمالىدىكى ئوتلاقلاردا ياشايدىغان چارۋۇچى مىللەت-ئاپتۇردىن)، گوتلار،ھازارلار،پولوۋلار(11-دىن13- ئەسىرگىچە ياۋرۇپانىڭ شەرىقى جەنۇبىدا ياشىغان تۈركى تىلدىكى مىللەت) ،تاتار قاتارلىقلار ياشىغان. بويسۇندۇرغۇچىلارنى كۈتۈپ تۇرۇش تەغدىرى،ئاخىرى، بويسۇنۇشنى، ئۇلارنىڭ بۇيەرلەردە ئولتۇراقلىشىپ قېلىشنى، ئەتراپ تىكى مىللەتلەرگە سىڭىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئارخىئولوگلار ئەڭ ئاخىردا بۇ قەلئەگە كەلگىنى قارايىملار دەپ قارايدۇ،ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا تاتارلار تەرىپىدىن قارا يەھۇدىلار دەپ ئاتالغان. قارايىملار چۇپۇت قەلئەسىنى ئۆزىنىڭ يۇرتى دەپ بىلىپ 600يىلدىن ئارتۇق ياشاپ كەلگەن.
19-ئەسىرنىڭ دەسلىۋىدە بۇيەردە 200دىن ئارتۇق ئائىلەر بار ئىدى،بۇشەھەر نامى چۇفت قەلەسى ھازىرغىچە ئۆزنامىنى ساقلاپ كەلگەن . 16-ئەسىردە باغچا ساراي شەھەرىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ بۇ شەھەر ئاستا-ئاستا خاراپلاشقان.
8. بۈگۈنكى كۈندىكى قارايىملار نۇپۇسى
ھازىرقى كۈندە قارايىملار ئاساسلىقى، ئوكرائىنىيە جۇمھۇريىتىنىڭ لۇتسىك ۋە گالۇچ شەھرى ئەتراپلىرىغا،يەنە بىر قىسمى قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى قىرىمىيە يېرىم ئارىلىنىڭ يېۋپاتورىيە شەھەرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا تارقىلىپ ماكانلاشقان. يەنە بىرقىسمى،لىتۋا جۇمھۇريىتىنىڭ تۇروكى، ۋىلنوس ۋە پونېۋېژسا شەھرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىغا،پولشا،رۇسىيە(موسكۋا) ،داغىستان ،يەنە بىر قىسمى بولسا ، مىسر،ئىسرائىلىيە ،فرانسىيە ، ئامرىكا ، ئاۋۇستىرالىيە ، ئەنگىلىيە ، ..... قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ تارقالغان .
1) قىرىمدا ياشاۋاتقان قارايىملار:
ئوكرائىنىيە تەۋەسى بولغان قىرىمدا 1246-يىللاردىن باشلاپ ئېتنىك بىر گۇرۇپ بۇلۇپ ياشاپ كەلمەكتە.1914-يىلى بۆلگەدىكى قارايىم نۇپۇسى 12مىڭ ئىدى،نورمال ئېشىش بويىچە ھىساپلىغاندا بۈگۈنكى نۇپۇسى 120مىڭ بۇلىش كېرەك ئىدى،ئەمما 2000-يىلدا پۇتۇن قىرىمدىكى قارايىملارنىڭ نۇپۇس سانى ئازلاپ 1100گە چۈشۈپ قالغان. قىرىمدىكى قارايلاردىن 7يۈز كىشى گۆزلېۋ (يېۋپاتورىيە) شەھرى-يېزا قىشلاقلىرىدا ياشايدۇ.قالغان كۆپ سانلىق قىسمى ،ئاق مەسچىت (سىمفېروپول)، باغچا ساراي، سىۋاستوپول ( ئاقيار ) ، قىرىق-يەر(چۇفت قەلئە)، كەفە (فېودوسىيا)، ئاق ئەرمان (ئودېسسا) شەھرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا قاراي توپلىرى (جامائەتلىرى) ئاكتىپ پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇلۇپمۇ باغچا ساراي شەھرى قارايلارنىڭ ئەڭ قەدىمقى مەدەنىيەت مەركىزى بولغان.بۇ جايدا قارايلارغا ئائىت مىڭ يىللىق بىر مازار ساقلانغان بۇلۇپ، بۇمازارنىڭ ئاتى-بالتا تىيمېز دەپ ئاتالغان، مازار قەۋرە باش تاشلىرى- قىرىم قارايچىسىچە يېزىلغان. 19-ئەسىردىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر قىرىم دۇنيا قارايىمىزىمنىڭ مەركىزى بولغان.
2) لىتۋادىكى قارايىملار. لىتۋاغا كەلگەن تۇنجى قارايىملار تەخىمىنەن 1397- يىلى لىتىۋا كېنەزى – ۋېيت فوت تەرىپىدىن قىرم يېرىم ئارىلىدىن 383 قارايىم لىتۋاغا تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىنىپ بۇلاردىن 300كىشى تىراكاي(تىروكى)دىكى سارايغا، قالغان 83 كىشى باشقا جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان .ئەينى ۋاقىتتا لىتۋادا قارادېڭىز ئەتراپلىرىدا مۇسۇلمان ۋە يەھۇدى تاتارلىرىمۇ كۆپ بولغان. لىتۋادا قارايىملار كېيىنچە كۆپۈيۈپ 5 مىڭ كىشى بولغان.بۈگۈنكى كۈندە 1997-يىلى قارايىملار ئۆزلىرىنىڭ لىتۋاغا كەلگەنلىگىنىڭ 600يىللىغىنى قۇتلۇقلاش بايرام كۈنىدە ئۇلارنىڭ سانى ئاران 257 كىشى بولغان. بۇلاردىن 138 كىشى ۋىلنۇستا ،65 كىشى تىراكايدا ،قالغان ئاز ساندىكىلىرى باشقا يەرلەردە ياشايدىكەن. 1998-يىلى«لىتۋا قارايىم مەدەنىيەت يىغىنى » ئۆتكۈزىلگەن. ھازىر قارايىم تىلى ياشلارغا ئۆگۈتىلمەكتە.
3) پولشا دىكى قارايىملار. پولشاغا قارايىملار 15-ئەسىردە كەلگەن. 1990 – يىللار دىكى سانى1000دىن كۆپرەك بۇلغان بولسا،كېيىن ئازلاپ ھازىر ياۋرۇپا ۋە ئامرىكىدىكى قارايىم نۇپۇسىدا كۆپۈيىش كۆرۈلمەكتە. پولشادىكى قارايىملار سانىنىڭ ئاز بۇلىشىغا قارىماي ، ئۆز تىلىدا لاتىن يېزىغىنى ئىشلىتىپ كىتاپ ، ژورناللار چىقىرىدۇ.
4) ئازاربەيجاندىكى قارايىملار . ھازار دۆلىتى يىقىلغاندىن كېيىن باشقا جايلارغا كۆچمەي كاپكاز تاغلىرىدا قالغان «تالمۇتچى» قارايىم يەھۇدىلىرى بار بۇلۇپ،ئۇلار ھازىر «تاغلىق يەھۇدىلار » دىگەن نام بىلەن ئاتالغان.يەنە ھازىر ئازاربەيجان تۇپرىقىدا ياشىغان «تاغلىق يەھۇدىلار»نىڭمۇ قارايىم تۈركلىرى ئىكەنلىگى ئىسپاتلانماقتا.ئۇلار ئازاربەيجاننىڭ كۇسار،باكۇ،گېنجە قاتارلىق شەھەرلىرىدە بارلىغى ئاشكارىلىنىپ،«تاغلىق يەھۇدىلار» نىڭ سانى 10مىڭ دىن كۆپەيمەكتە ئىكەن.
5) تۈركىيەدىكى قارايىملار. قىرىمدىن ئايرىلغان قارايىملارنىڭ بىر قىسمى ئىستانبۇلغا كېلىپ ماكانلاشقان..ھازىر تۈركىيەدىكى قارايىملارنىڭ سانى 1985-يىلى 150ئەتراپىدا بولغان بولسا، بۇ سان1993-يىلدا 95بەشكە چۈشۈپ قالغان.ئۇلار تۈركىيەنىڭ خاسكوي ۋە قاراكۆي دىگەن جايلىرىدا ياشايدۇ. ئىستانبۇلنىڭ خاسكۆيدا قاراي دىنى ئىبادەتچىلىرىنىڭ 1000يىللق تارىخى ئىزلىرى ساقلانماقتا.
6 )رۇسىيەدىكى قارايىملار قىرىمىيە ۋە داغىستاندا ياشايدۇ . -18-19ئەسىرلەردە چار پادىشاھ رۇسىيىسى قارايىملارنىڭ ئۆز دىنى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن قىرىمدا قارايىم دىنى ئىبادەتخانىلىرى كۆپەيگەن. رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىغىچە بولغان ئارىلىقتا قىرىمدا 20 نەچچە قارايىم دىنى ئىبادەتخانىسى بولغان. بۇ چاغلاردا قارايىم دىنى رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇستەقىل دىن دەپ ئېتىراپ قىلىنغان بولۇپ، پاسپورتلاردىكى دىنىي ئېتىقاد دېگەن يەرگە "قارايىم دىنى" دەپ تولدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان. قارايىملار 1-تۈركۈمدە 1748- يىلى قىرىم –يېرىم ئارىلىدىن موسكۋاغا كۆچۈپ كەلگەن.ئۇلار 1917-يىلغىچە راھەتتە ياشىغان. 1.-دۇنيا ئۇرۇشىدا قارايىملار مەجبۇرى ئەسكەرلىككە تۇتۇلغان.ھەربى سەپكە قاتناشقان700 قارايىملارنىڭ 500 قۇماندان بولغان . بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۇرۇشتا ئۈلۈپ كەتكەن.شۇڭا قارايىملارنىڭ سانى ئازلاپ كەتكەن. 1917-يىلدىكى ئىنقىلاپتا ئۇلار زەربە يەپ كېيىن قىرىم ۋە رۇسىيەنى تاشلاپ،بىرقىسىم قارايلار ياۋرۇپا ئۆلكىلىرىگە ،ئامرىكىغا، مىسىرغا كۈچۈپ كەتكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا(1939.9 -1945.9) فاشىستلار بىلەن ئىش بىرلىگى قىلغان دەپ، رۇسلاردىن يەنە بىر قېتىم زەربە يەپ،1944-يىلدىكى رەسمىي قارار بىلەن، ئەڭ ئاز بولغاندا 30مىڭ قارايىم تۈركى ستالىن تەرىپىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا(قازاقىستان) ۋە ئۇرالغا سۈرگۈن قىلىنغان.گىتلېر بولسا،يەھۇدى قەتلىئامىدا «ياۋرۇپا يەھۇدىلىرى» دەپ قىرىپ تاشلىغانلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خازار (قارايىم) تۈركلىرى بولغانلىقىنى كۆرسىتىلمەكتە(Arthur koestler: «ئون ئۈچۈنچى قەبىلە» ناملىق كىتاۋى) ئەمەلىيەتتە گىتلېر كاپكازىيەدە بىر ئېرقىي يۇقۇتۇش قىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1959-يىلىدىكى كۆرسەتكەن نۇپۇس مەلۇماتدا،«لىتۋا س س ر ۋە ئوكرائىنا س س ر دا قارايىملارنىڭ ئومۇمى سانى 5مىڭ900 دەپ كۆرسەتگەن13 » سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1989-يىلىدىكى نوپۇس ستاتىستىكىسىدا قارايىملارنىڭ پۈتۈن سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى سانى 2602 دەپ ئېلان قىلىنغان، ھازىر رۇسيەدىكى بار قارايىملارنىڭ ئومۇمى سانى 680 دىن ئاشىدىغان بۇلۇپ، ئۇلار رۇسىيەنىڭ موسكۋا ۋە سانكىتپېتېربۇرگ قاتارلىقلار شەھەرلىرىدە تارقالغان ھالەتتە ياشايدىكەن.. دىمەك، ئۇلارنىڭ سانى ئازلاپ كەتكەن.
7) ئىسرائىليەدىكى قارايىملار. 1947-يىلدىكى مىسىر قانال ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىسرائىليەگە كۈچۈپ راملە بۆلگىسىدە ماكانلاشقان. ھازىر ئىسرائىليە مەلۇماتلىرىدا كۆرسۈتىلىشىچە ،ئىسرائىليەدە 25مىڭ ئەتراپىدا قارايىم تۈركلىرى ياشايدىكەن.قارايىملارنىڭ كوپسانلىقى راملە، ئوفاكىم، ئاشدود، بېېرشېۋا ، ئىرۇسالىم، ھولون شەھەرلىرىدە ياشايدۇ. راملە شەھرىدە ئۇلارنىڭ پائالىيەت مەركىزى بار. قاراي دىنىدىكىلەرنىڭ قىسىلىشقا ئۇچرىشى(راببانى مەزھىپىگە ئۆتۈشكە مەجبۇرلىنىشى ) بىلەن قارايلار بىلەن راببانىلار ئوتتۇرسىدا ئۇرۇش بۇلۇپ بىرقىسىملار قاراي دىنى ئېتىقاتىدا قالغان بولسىمۇ ، يەنە بىر قىسىملار «تەۋرات»ئۇقۇشتىن، «تالمۇد»چى يەھۇدىلارىغا قۇشۇلۇشقا مەجبۇر بولغان.ئۇلار ئىبران تىلىنى ئۆگۈنۈپ،تۇرمۇشتا بۇ تىلنى قوللىنىدىكەن،ياشلار قارايىم تىلىنى ئۇنتۇلىشقا باشلىغان.
8) مىسىردىكى قارايىملار،1917-يىلدىكى رۇسىيەدىكى ئىنقىلاپتىن بىر زەربە يەپ ،ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا رۇسلاردىن يەنە بىر قېتىم زەربە يەپ،قىرىمىيەدىن كۆچۈپ كەلگەنلەر بۇلۇپ ئاساسەن قاھىرەدە ياشايدۇ.
9. يوقىلىۋاتقان قارايىم تىلى
قارايىملارنىڭ سانىمۇ 1932-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتتا 10مىڭ ئادەم دەپ كۆرسىتىلگەن بولسا، ئۇلار بارا-بارا ئازايغان. 1957-يىلى 5مىڭ 700 گە ، 1979-يىلى 3 مىڭ 300 گە چۈشۈپ قالغان. ئەمما، 25 مىڭدىن ئارتۇق قارايىم ھازىر ئىسرائىلىيىدە ياشايدىكەن، ئۇلار ھەم ئۆزلىرىنى يەھۇدىيلارنىڭ بىر تارمىقى دەپ قارايدىكەن. بۈگۈنكى كۈندە قىرىمدا ئاران 800 ئەتراپىدا قارايىملار ياشاپ كەلمەكتە.
يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلاردا ،پۈتۈن دۇنيادىكى قارايىملارنىڭ سانى 50مىڭ دەپ كۆرسىتىلگەن،بولسىمۇ ئەمما ئۆزىنى ھەقىقى قارايىم دەپ قارايدىغانلارنىڭ سانى كوپ ئەمەس. يەر يۈزىدە قارايىم تىلىنى قوللىندىغانلارنىڭ سانى 5مىڭ كىشىدىن ئاز قالغان. بۈگۈنكى كۈندە لىتۋادا ئۆزىنى قارايىم دەيدىغانلارنىڭ سانى 153 نەپەر كىشى بولسىمۇ ،ئەمما قارايىم تىلىنى كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا قوللىنىدىغانلارنىڭ سانى 50، ئوكرائىنىيەدە 8 ، پولشادا 115،تۈركىيەدە 95 ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1989-يىلىدىكى نوپۇس ئستاتىستىكىسىدا قارايىملارنىڭ پۈتۈن سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى سانى 2602 نەپەر، ھازىر رۇسيەدىكى بار قارايىملارنىڭ ئومۇمى سانى 680 دىن ئاشىدىغان بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قارايىم تىلى-يېزىقىنى بىلىدىغانلارنىڭ سانى خېلىلا ئاز،سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ھەرقايسى جۇمھۇرىيەتلىرىدە قارايىملارنىڭ سانى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن ؟. ئازاربەيجان ۋە ئىسرائىلىيەدە كۆپ ساندىكى قارايىملارنىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ،تۈرلۈك سەۋەپلەرگە كۆرە ،ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىدىن ئاللا قاچان يىراقلاشقانلار بۇلۇپ ،ئۇلارنىڭ بىر بۆلۈگى يۇقۇلۇش ھالىتىگە قاراپ يۇزلەنگەن. يەنە بىر بۆلۈكى بولسا سانىنىڭ ئاز بۇلىشىغا قارىماي ،ئۆزمەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ،تۈرلۈك ئاماللارنى قىلىپ،بارلىق كۈچى بىلەن ئۆز ئەلاتلىرىنى قارايىم تىل-يېزىقى بىلەن تەربىلەپ چىقىشقا تىرىشماقتا .
قارا يىملارنىڭ ھەققىدە تۈركىيە كۇچ ئونۋېرسىتىتى فېراففىسورى،دوكتۇر تۆمۈر خۇجا ئوغلىنىڭ 2006يىلى بەرگەن مەلۇماتىدا، لىتۋادا 289 نەپەر قارايىم تۈركلىرى ياشايدىغان بۇلۇپ ، لىتۋا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ ئۆز تەغدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھۇقۇقى بېرىلگەن، تىلى ۋە مەدەنيىتى ياخشى قوغداشقا ئېرىشىلگەن.گەرچە دۇنيادا سانى ئاز بولسىمۇ (ئارانلا 100كىشى قارايىم تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىشنى بىلىدىكەن) ،ئۆگۈتۈم ئىشلىرى ناھايتى ياخشى ئېلىپ بېرىلغان،باشلانغۇچ،ئوتتۇرا،ئالىي ئوقۇش بىلىم يۇرتلىرىدا ئۆز ئەۋلاتلىرىنى ئۆز ئانا تىلى بىلەن تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلغان.پەننىڭ ھەرقايسى تۈرلىرى بۇيىنچە پەن-تېخنىكا خادىملىرى ،دوكتۇر ،فراففسۇرلار يېتىشىپ چىقىشقا باشلىغان.ئۆز تىللىرىدا ،لاتىن يېزىقىدا ئەركىن گېزىت،ژورنال نەشىر قىلىش،تۈرلۈك يىغىلىش ،پائالىيەت ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلىنغان.
بۈگۈن ئانا تىللىرى ۋە دىنىي تىلى تۈركچە بولغان قارايىملار يۇقۇلۇش ھالىتىدە تۇرماقتا. رۇسيە،ئوكرائىنىيە ۋە لىتۋانىيە دە ياشايدىغان قارائىملارنىڭ سانى 2مىڭ 2يۈز نەپەر، لىتۋانىيەنىڭ تراكاي بۆلگىسىدە ياشايدىغان قارايىملار ئەۋلاتلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن ،ئۆزتىلىدا دەرىسلىك كىتاپلار چىقىرىش ۋە ئەۋلاتلىرىنى قاراي دىنى ئىبادەتخانالىرى بىلەن تەمىنلىمەك ئۈچۈن لىتۋانىيە بانكىسىدىن ماددى ياردەملەر سورىماقتا ئىكەن...
10.مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن كۈرەش
قارايىم تىلى تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن تىللارنىڭ (بەلكى دىئالېكتلارنىڭ) بىرى بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل باشقا مىللەتلەرنىڭ ۋە باشقا دىنلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاش ئۇلارنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
قارايىملارنىڭ "قىرىم قارايلار جەمئىيىتى "دەپ ئاتالغان تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتكە ۋە ئۇكرائىنىيە ھەم رۇسىيە ھۆكۈمەتلىرىگە قارايىملارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە يوقىلى كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇلارنى مىللەت سۇپىتىدە ساقلاپ قېلىش ھەققىدە ئىلتىماسلارنى سۇنۇپ كەلمەكتە. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەقسىدى قارايىم خەلقىنى ۋە ئۇنىڭ ماددىي ھەم مەنىۋى مەدەنىيىتىنى، تىلىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ ياچېيكىلىرى قىرىمنىڭ باخچىساراي، ئەۋاپتورىيە، سىمفېرېپول، سېۋاستوپول، يالتا قاتارلىق شەھەرلەردە مەۋجۇت ئىكەن.
ئىزاھاتلار:
1.
钱伯泉:»维吾尔族的族源及其先民的西迁»«新疆社会科学研究«维文遍1996年期见62-65页
2.
»新疆民族词典« 新疆人民出编社1995。乌鲁木齐72页
3
» 隋书 « 84卷 » 北狄传 « 1880页
4
» 旧唐书 « 195卷,回纥转,5198页
5.
gy Nemeth,HMK,s,205; D.M.Dunlop : » The history of thejewish khazars « . s.89vd
6.
Melek tekin:›› Türk Tarihi Ansiklopedisi‹‹ milliyet 1991.136bet
7
[j markuart,… streifzüge, s,13, Y.kutluay: ››islam we yahudi mezhepliri‹‹,1965,s. 189-200]
8
A.zajaczkowski, »karamsinPoland«,s.24-29, E.L.Dietrich,Qaraer(qaraiten) ,s.374-378. Ibrahim kafes: »Türk milli kϋltürü« 1983 . 163 .
9
L.Rasonyi:» Tarihte türklük«,Türk kültürünü Arastirma enstitüsü, Ankara,1971.s.115.
10
宗教词典 « ,上海辞书出版社,1983年5月第2次印刷289页。
11
A.zajaczkovski, »karaims in Poland«…s,30 vd; Ayn.müell. » Khazarian culture«…,s.302;
Ayn .müeII»Lehistan arazisinda türk unsurlari «,s.417-424,
12 س .مالوپ:«ئىگور پولكى ھەققىدە قوشاق»نىڭ (تىلىدىكى تۈركچە سۆزلەر) Ⅴtom,1946 иAN,OЛЯ
13ن.ئا.باسكاكوۋ: «تۈركىي تىللار»،1986-يىلى بېيجىڭ ،مىللەتلەر نەشرىياتى،ئۇيغۇرچە نەشرى،كىرىش سۆز قىسمى 5-بەت ۋە 275- بەتكە قاراڭ.
14世界博览2002年第20
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا UYGHUR333 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-2 05:38 PM