|
|
|
|
جۈمە (2-ئاۋغۇسىت) ئاسىيا بازىرى ،دوللار قىممىتى 82.30 ئەتراپىدا .ئالتۇن بولسا ھەر ئونسىيەسى 1305 دوللار ئەتراپىغا يېقىنلاشتى .تۈنۆگۈن ئالتۇن باھاسى چۈشتى ،سەۋەبى شۇكى تۈنۆگۈن ئېلان قىلغان ئامرىكىنىڭ چوڭ ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەممىسى ياخشى چىققان بۇلۇپ ،بۇلۇپمۇ ئامرىكىنىڭ ئىشسىزلىق فوندىنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانى ،چارشەنبە ئېلان قىلغان ADP ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسپىتى يااخشى چىقىپ ،غەيرى يېزا ئىگىلىككە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانىغا بولغان مۆلچەرنى مۆلچەرلەشكە پايدىلىق بولدى دە دوللارنى ئۆستۈرۈپ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنى باستى .پەيشەنبە (2-ئاۋغۇسىت)ئېلان قىلغان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە ،ئامرىكىنىڭ ئىشسىزلىق فوندىنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانى 326 مىڭ بۇلۇپ بەش يىلدىن بۇيانقى تۈۋەن نوقتىنى ياراتقان .
2-ئاۋغۇسىتدىكى دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نوقتىلار
جۈمە(2-ئاۋغۇسىت) بازار بۇ ئايدىكى ئەڭ چوڭ ئۇچۇر -غەيرى يېزا ئىگىلىككە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانىنى كۈتىۋالىدۇ .تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرىچە 7-ئايلىق غەيرى يېزا ئىگىلىككە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 184 مىڭ ئەتراپىدا بۇلىدىكەن .ADP ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مىقدارى ۋە ئىشسىزلىق فوندىنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانىنىڭ ياخشى چىقىشىدەك بۇنداق ئەھۋال ئاسىتىدا ،كۈتۈلمىگەن ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ .
(سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ،بۇگۈنكىدەك چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .
كوت كوت 395619400
مەنبە پۇل تاپ تورى
http://www.mardanjan.com/
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى262 يۈەن
|
|
|
|
|
|