پەخەس بولۇڭ!..‹‹ئەزرائىل يىنىمىزدىلا››..
كونىلار-ناغرا-سۇناي،داقا-دۇمباق ئاۋازى ئەۋجىگە چىققان،كەيىپ-ساپا،ئەيشى-ئىشرەت يۇقىرى پەللىگە يەتكەن،كىشىلەردە ئىنساپ-دىيانەت قالمىغان،مىھرى-مۇھاببەتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغان،ئىمان-ئۇلۇغلۇق سۇسلىشىپ ئەرزان ئاۋازى ئاڭلانمايدىغان چاغدا دەججالنىڭ توقۇمى پۈتۈپ زىمىنغا ئاياغ باسىدۇ....بىر كالپۇگى ئاسماننى،يەنە بىر كالپۇگى نەچچە گەز يەر ئاستىنى سۈپۈرۈپ ماڭىدۇ....بۇ چاغدا زىمىندا ئادىمىزات،جانجانۋار قالمايدۇ...زىمىن قايتىدىن يارىتىلىدۇ.....دەپ رىۋايەت قىلىدۇ...بۇنىڭغا بەزىدە بىر ئىشىنىپ،بىر ئىشەنمەي چوڭ بولۇپ مۇشۇ ياشقىچە كەپتىمەن.ھازىر ئويلانسام بۇ رىۋايەتمۇ بىر ھىساپتا توغرا چىققاندەك قىلىدۇ.
قىيامەت كۈنى ئالدى بىلەن بارىدىغان جايىمىز ئەزرائىلنىڭ قىشى....مۇشۇنى ئويلىساملا تىنىمنى تىترەك باسىدۇ.دىمەك شۇنىڭغا قارىغاندا ئەزرائىل بىزگە يىقىنلاپ قالغاندەك قىلىدۇ....
-نىمىشقا؟-دەمسىز... ئەتراپىڭىزغا قاراڭ....چۇۋۇق چاچلىق ،يىرىم-يالىڭاچ قىزلار،قىز-ئوغۇللىقىنى ئالدىدىن قاراپ بىلمىسە پەرىقلەندۈرگىلى بولمايدىغان ئوغۇللار....ئاتا-ئانىسىنىڭ قىشىدا پورقىرتىپ تاماكا چىكىپ ئۇلارغا <<كۆز تەگمىسۇن>> دەپ ئىسرىق سالىدىغان ياشلار،خىجىل بولماقتا يوق سوتا پاچاقلىرىنى يىپىشنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۆيدىكىلەرنى چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىماي گىرىم ئۈستىلىگە دۈم چۈشىىغان ئاياللار.....مانا بۇ ئاخىرى زاماننىڭ ئالامىتى ئەمەسمۇ؟( ئەسلى بىز بۇنى مەدەنيەت دەپ ئاتايتتۇق....لىكىن مەدەنيەت چەكتىن ئاشسا مەينەت ئاتىلىدىغان ئوخشايدۇ)....ئويلاپ باقايلى؟....بىز ئەزرائىلغا يىقىنلىشىپتۇقمۇ؟....
باش گىلدىڭلىتىش كۇمۇلىچىنى ئىستىمال قىلىپ دىسكۇغا چۈشكەن قىز-ئوغۇللار،چاپلىشىپ تۇرۇپ،چىرمىشىپ تۇرۇپ،يۆگىشىپ تۇرۇپ تانسا ئويناۋاتقان قىز-ئوغۇللار،مۇسەللەس،شامپان،ئامرىنۇنى سۇدەك ئىچىپ <<ھاراق سۇ بولسا-بىز بىلىق>>دەپ ياشاۋاتقان قىز-ئوغۇللار،ئىچمىگەنگە زورلاپ ئىچۈرۈپ،چەكمىگەنگە زورلاپ چەككۈزۈپ مەس-مەستاق قىلىۋىتىپ ئارمىنىغا يىتىدىغان،سىڭلىسىنى،ئاچىسىنى كىملەرنىڭ شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقمىغۇدەك ھالغا كەلگەن ئەركەكلەر......ئويلاپ باقايلى؟....بىز ئەزرائىلغا يىقىنلىشىپتۇقمۇ؟....
ئويناپ پۇخادىن چىقىپ بولغىچە بىزگە يۇققان ئەيدىز،سىبلىس،سوزنەك،قىچىشقاق.....كىسەللىكلىرى....داۋالىتىشقا پۇل تىپىپ بولغىچە قىيىنچىلىقتا بۇلاش-تالاش،ئوغۇرلۇق،ئالدامچىلىق،ساختىپەزلىك بىلەن قاقتى-سوقتى قىلىپ تۇيۇق يولغا كىرىپ قىلىپ كىيىن پۇشايماننى ئالىدىغا قاچا تاپالماي ئۇرۇق-تۇققان،دوسىت-بۇرادەر....ئاساسلىقى بىزنى بىقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىمىزنى تۈگىمەس دەرتكە سىلىپ بارار جايىمىزنى تاپىدىغان دوستلار.....ئويلاپ باقايلى؟....بىز ئەزرائىلغا يىقىنلىشىپتۇقمۇ؟....
ئاتا-ئاناڭنىڭ تاپقان پۇلىنى بۇزۇپ-چىچىش،ئوقۇش-خىزمەت باھانىسىدا ئىسراپچىلىق قىلىش،مۇھاببەت قاينىمىغا شۇڭغۇپ قاق-سەنەم بوپقالاي دىگەن بوۋاي-مومايلارنى قان-قان يىغلىتىپ قىنىنى شوراش بەدىلىگە كەلگەن پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي،كىيىن بىراقلا تۈگىشىشنى قارار قىلغانلىقىڭ ئەزرائىلغا يىقىنلاشقانلىقىڭ بولماي نىمە؟....
ھەددىدىن كۆپ يىمەكلىك بۇيرىتىپ ئىسراپچىلىق بىلەن بەگدەك ياشىشىڭ...ئەتراپىمىزدا قانچىلىك غىرىپ-غۇرۋا،مىسكىن-بىچارىلەر باردۇ؟قانچە دىھقان مەن يىگەن تاماقنى ئۇخلىسا چۈشىدىمۇ كۆرەلمەيدىغاندۇ دىگەننى خىيالىڭغا كەلتۈرمەسلىكىڭ ئەزرائىلغا يىقىنلاپ كۈنلىرىڭنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلىندۈرمەمدۇ؟
ئۆز-ئارا كۆيۈنۈش،مىھرى-شەپقەت....ۋاپادىن ئەسەر يوق چىقىمچىلىق،يۇرتۋازلىق،سۆلەتۋازلىق،ئايرىمىچىلىق قىلغانلىقىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنگەنلىكنىڭ نىشانىسى ئەمەسمۇ؟...
دەججال قوپقاندا مانا مۇشۇنداق ناپاك ئىشلار ئەۋىج ئالغاندا توقۇمىنى ئۈستىگە ئارتىپ قاتتىق ناغرا-سۇناي بىلەن نەرە تارتىپ سىنى-مىنى مەس قىلۋىتىپ ئاندىن ئەزرائىلنىڭ بۇيرىقى بويىچە زىمىننى پاك-پاكىزە تازىلاپ سەندەك،مەندەك ناپاك ئادەم بولمىغان،ئىشلار ئىزىغا چۈشكەن يىپيىڭى بىر دۇنيا بەرپا قىلىشقا ئۇل ھازىرلايدىكەن...دىمەك سەن ھەم مەن ئەزرائىلغا يىقىنلاپ قالدۇق....ھەممە ئىشنىڭ ئۆز يولىدا بولغىنى ياخشى.....پەخەس بولۇڭ! ئەزرائىل يىنىمىزدىلا....
مەنبە؛ئۆزۈم.