ھېيت كۇنى
(ھېكايە)
روزا ھېيت نامىزى ئۆتىلىدىغان كۈنى سەھەر ئايپاشا ئېرىنىڭ تاھارىتىگە سۇ تەڭشەپ بېرىپ،ھويلا –ئاراملارنى تازلاشقا تۇتۇش قىلىپ، ئالدى بىلەن دەرۋازا ئالدىنى تازلىغىلى دەرۋازىنى ئېچىپ چىققىنىدا، دەرۋازا ئالدى ۋە يوللارنىڭ ئاللا بۇرۇن پاكىزە تازلاپ،سۇ چېچىپ قويۇلغانلىقىنى كۆردى.ئۇ ھەيران بولۇپ ئەتىراپقا قارىۋىدى ،تام قوشنىسى گۆھەرەمنىڭ ئۆز دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا سۇ چېچىۋاتقانلىقىنى كۆردى.دېمەك،بۇ ئۆينىڭ ئالدىنىمۇ گۆھەرەم سۈپۈرۈپ ،سۇ چېچىپ قويغان ئىدى.ئايپاشا بۇنى جەزىم قىلدىيۇ،بىراق گۆھەرەمگە ئېغىز ئېچىپ رەھمەت ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.چۈنكى، يىللاردىن بۇيان ئىنتايىن ئېجىل-ئىناق ئۆتۈپ كەلگەن بۇ ئىككى قوشنا ئائىلىدىكى ئىككى ئايال بالا ئارىسىغا كىرىپ ئۇرۇشۇپ قېلىپ گەپلەشمىگىلى يېرىم يىلچە بولغان ئىدى.خوتۇنلىرى سەۋەپلىك ئەرلەرمۇ گەپلەشمەيتى.ئايپاشانىڭ نىمە ئۈچۈندۇر ۋۇجۇدى شۇرقۇراپ،سۈپۈرگە تۇتقان قوللىرى تىترەپ،كۆزلىرى نەملەشتى.بۇ خىل ھېسىياتتا پۇشايمان،تەسىرلىنىش ۋە چۇڭقۇر دوستلۇق مۇھەببىتى تۇيغۇسى بار ئىدى.شۇ تاپتا ئايپاشانىڭ كۆز ئالدىدىن بالا ئارىسىغا كىرىپ ئۇرۇشۇپ قالغان كۆڭۈلسىز ئىش ئۆتۈشكە باشلىدى.
يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى بىر كۈنى ئىدى.ئايپاشانىڭ يەتتە ياشلىق ئوغلى قۇدىرەتجان بىلەن گۆھەرەمنىڭ توققۇز ياشلىق ئوغلى ئەلتەبىر كۈندىكىدەك يەنە بىرگە ئۆينىڭ ئالدىدىكى يولدا پۇتبول توپى تېپىپ خۇشال-خورام ئويناۋاتاتتى.تۇيۇقسىز گۆھەرەمنىڭ ئوغلى ئەلتەبىر تەپكەن توپ ئايپاشانىڭ ئوغلى قۇدىرەتجاننىڭ يۈزىگە تېگىپ كېتىپ،ئوڭدىسىغا چۈشۈپ كەتتى ۋە بۇرنىدىن ئوقتەك قان كەتتى.ئايپاشا ئوغلىنىڭ يىغىسىنى ئاڭلاپ ئۇچقاندەك يولغا چىققىنىدا ئەلتەبىر قۇدىرەتجاننى يۆلەپ،‹‹خاپا بولماڭ ئۇكام،يۈرۈڭ بۇرنىڭىزنى يۇيۇپ قوياي....››دەپ ئۇنى يۆلەشتۈرىۋاتاتتى.ئوغلىنىڭ ئاغزى،بۇرنىدىكى قاننى كۆرگەن ئايپاشا يۈگىرەپ كەلگەن پېتى ‹‹ئوغلۇمنى نىمە قىلدىڭ،توپاقتەك تۇرۇپ كىچىك بالىنى بوزەك قىلدىڭما ھۇي جۇۋاينىمەك؟››دېگىنىچە ئەلتەبىرنى بىر نەچچە تەستەك سېلىۋەتتى. بۇ يىغا-زارە،ۋاراڭ-چۇرۇڭنى ئاڭلاپ ئاللا بۇرۇن يولغا چىقىپ بولغان گۆھەرەم بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ چىداپ تۇرالماي،‹‹نىمىش قىلىۋاتىلا ئايپاشا،كىچىك بالىلار ئەمەسمۇ،ئۇرماي تەربىيە قىلساق بولىمىدىمۇ؟›› دېۋىدى ئايپاشا:‹‹ئوغلۇمنىڭ ئاغزى –بۇرنىنى نىمە قىلىۋېتىپتۇ،سىلەر لۈكىچەك تەربىيەلىدىڭلارمۇ نىمە؟...››.شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئايال گەپ تالىشىپ خېلى سېسىق گەپلەرنى قىلىشتى.چاچلاشقىلى تاسلا قالدى. خولۇم-قوشنىلار ئارىغا كىرىپ بېسىقتۇرۇپ قويدى.
‹‹شۇ چاغدا مەن ئىتتىكلىك قىلمىسام بوپتىكەن، مۇشۇ ئۇلۇغ ھېيتىمىزنىڭ قۇدىرىتىدە غەيرەتكە كېلىپ،بۇ قوشنامنى ئۆيگە چاقىرىپ چاي قوياي›› دېگەنلەرنى ئويلىدى ئايپاشا.ئەسلىدە قوشنىسى گۆھەرەمنىڭ خىيالىمۇ ئوخشاش بولۇپ،شۇڭا ئىشنى ئالدى بىلەن ئىككى ئۆينىڭ ئالدىنى تازلاشتىن باشلاپ،ئاندىن كۆڭۈلدىكى كىرلەرنى تازلاش ئىدى.
ئايپاشا بىلەن گۆھەرەمنىڭ ئەرلىرى ھېيىت نامىزىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئەتىگەنكى ئىشلارنى دېيىشىپ،ئالدى بىلەن ئازارلىشىپ قالغان قوشنىسىنى چاقىرىپ، ھېيتلىق گۆش،پولو،ساڭزا-قۇيماقنىڭ باش بۇرنىنى بىرگە يەپ،كۆڭۈلدىكى داغنى يوقۇتۇشنى قارار قىلىشتى.ئالدى بىلەن ئايپاشا ئېرى بىلەن گۆھەرەمنىڭ ئۆيىگە ‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،روزا ھېيتىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن!››دەپ كىردى.قوشنىسىمۇ بۇلارنى قىزغىن قارشى ئالدى.ئۇلار قىزغىن كۆرۈشۈپ،قوشنىسىنىڭ ئۆيىدە بىر پىيالىدىن چاي ئوتلاپ پەتىلىۋەتكەندىن كېيىن،‹‹ئەمىسە چۈشتە بىزنىڭ ئۆيدە ھېيتلاشقا تەكلىپ››دەپ چىقىپ كەتتى.
چۈشتە بۇ ئىككى خولۇم- قوشنا بالا-جاقىللىرى بىلەن ئايپاشانىڭ ئۆيىدە ھېيتلىق گۆش،پولو ۋە باشقا نازۇ-نىمەتلەرنى يەپ ھېيتلىشىپ،بىر-بىرىدىن كەچۈرۈم سوراپ ئۆز-ئارا چاي تۇتۇشتى.
ــ ئىككىمىز بالا ئارىسىغا كىرىپ ئۇرۇشۇپ بەك ئەخمەقلىق،ساراڭلىق قىپتىمىز.بىز ئۇرۇشۇپ بولغاندىن كېيىن،بۇ ئىككى ئوغلىمىز كەچتىلا يەنە بىرگە ئويناپ يۈرمەمدۇ؟،گەپلەشمەي يۈرگەن يېرىم يىلدىن بۇيان ئىچىم بەك سىقىلىپ كەتكەن ئىدى.ئەمدى باشقىدىن بىر يورۇق، كەڭرى دۇنياغا چىقىپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم ــ دېدى ئايپاشا.
ــ ياقاي،مەن بەك ئىتتىكلىك قىلىپتىمەن.شۇ تاپتا يەرگە كىرىپ كەتكىدەك بولۇپ كېتىۋاتىمەن ــ دېدى گۈھەرەممۇ خىجىل بولۇپ،
ــ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇپ قالغاندىن كېيىن،ئىككىمىزمۇ خىجالەتچىلىكتە تۈزۈك گەپلىشالماي يۈردۇق ــ دېدى گۈھەرەمنىڭ ئېرى توختاخۇن.
ــ شۇنداق بولدى.ئەمدى بەك ياخشى ئىش بولدى.بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ كەتسەك ــ دېدى ئايپاشانىڭ ئېرى رۇزاخۇن. ئىككى ئائىلىدىكى ئەر-خوتۇن قوشنىلار ئۆز-ئارا چاي تۇتۇشۇپ،قۇچاغلىشىپ كۆرۈشتى.بۇنىڭدىن كېيىن ساۋقنى ئوبدان يەكۈنلەپ،ئىناق خوشنىلاردىن بولۇشقا ۋەدىلەشتى.ئۆي ئىچىنى،كۆڭۈللەرنى سۆيۈنۈش،شاتلىق كەيپىياتى قاپلىدى.گۆھەرەم ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئۇزاپ چىقىش ئالدىدا‹‹ئەمىسە كەچتە بىزنىڭ ئۆيدە ھېيتلىشىشقا تەكلىپ››دەپ قويۇپ ،خۇشال-خورام خوشلۇشۇپ چىقىپ كەتتى.ئىككى ئائىلىنىڭ ئوغۇللىرى يولدا بۇرۇنقىدەك پۇتبول تېپىپ شاد-خورام ئويناۋاتاتتى.بۇ ياز ئاخىرىدىكى ھېيتتا بۇ ئالىلەرگە،جۈملىدىن بۇ مەھەللىگە يېڭى بىر باھار كەلگەندەك ھاۋاسى شۇنداق ساپ،يېقىملىق بىلىنەتتى. كىشىلەر شۇنداق خاتىرجەم،خۇشال-خورام بولۇپ،خۇددى باھاردا ئېچىلغان خۇشپۇراق گۈلدەك كۆرۈنەتتى.
مەنبە:ئۆز قەلىمىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hasalharisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-2 09:14 AM