مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3976|ئىنكاس: 31

غەلىتە قىلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9008
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-1 11:01:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


                                                  غەلىتە قىلىق


                                                   ( ھىكايە )


                                                مەمتىمىن ھوشۇر


      ھاكىمجانلارنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەچ بەزى ئاياللارنىڭ غەلىتە قىلىقلىرى ئۈستىدە تازا قىززىق پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق ،
          - ھېلىقى بىزنىڭ ئىدارىدىكى ماشىنكىدا خەت باسىدىغان خېنىمنى بىلىسلەرغۇ ؟ _ دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى بىرەيلەن _ پاھوي ، ئۇنىڭ غەلىتە قىلىقلىرىنى بىر دىمەڭلار ، خوتۇنلار بىلەن ئولتۇرۇپ قالسا ، قانچە يەردە چاي ئويناۋاتقىنى بىلەن ماختىنىپ ھالى قالمايدۇ ، بىچچارە شۇ چايغا بارغان يىرىدىلا ئوبدانراق بىر تويۇنىۋالامدىكىن ، باشقا ۋاقىتتا قاچانلا قارساڭ قۇرۇق ناننى غاجاپ ، قايناق سۇ ئىچىپ ئولتۇرغان ، بەك بولالمىغاندا دوقمۇشقا چىقىپ بىر قاچا سېرىق ئاش يەيدۇ ،
          - بۇنداق جاننى قىيناپ چاي ئويناپ نىمە جاپا ھوي ،
          - قىلىق - دە بىر
          - بىزنىڭ ئارخىپ بۆلۈمدە ئىشلەيدىغان ئايزىمقىزنى تونۇيسىلەر _ دەپ گەپ باشلىدى يەنە بىرى .
          - قايسى ئايزىمقىز ئۇ ؟
          - ھېلىقى ..... ھېلىقىچۇ ، سول مەڭزىگە يالغان مەڭ چىكىۋالغان شۇ خىنىمنىڭ مۇئاشى يۈزىگە سۈركەيدىغان گىرمىگىمۇ يەتمەمدىكىن دەيمەن ، يىقىندىن بىرى ئۇ بىر قىلىق چىقىرىپتۇ ، كىچىسى ياتىدىغان ۋاقىتتا يىگەن قوغۇن تاۋۇزنىڭ شاپىقىنى يۈزىگە سۈركەپ ياتقۇدەك .
         - ئۇ نىمە قىلىق ئەمدى ؟
         - تەبىئى گىرىممىش ،
        ھاراقنىڭ كەيپىدە ھەر خىل گەپلەر چىققىلى تۇردى :
        - پالانچى خىنىم ئورۇقلايمان دەپ كۈندە ئىككى ۋاخ سۈرگە دورىسى ئىچىپ ، ئوبىرنىدىن كىلەلمەيدىغان بوپ قاپتۇدەك .
        - پوكۇنچىنىڭ ئايالى تاتلىق چۈش كۆرمەن دەپ ، ئېرىنىڭ ئىشتىنىنى بىشىغا قويۇپ ياتارمىش .
       قىززىقچىلىقتا مەنمۇ پاراڭغا قوشۇلۇپ كەتتىم
     - بىزنىڭ بىنانىڭ ئالدىدىكى بىنادا ئولتۇردىغان ھاشىمكامنى بىلىسلەرغۇ - دىدىم مەن
     - ھە ، ھېلىقى ئايالى ئۆلۈپ كىتىپ  ياشلا بىر چوكاننى ئىلىۋالغان ....
     - ھەببەلى دەل شۇ ئادەم ، پىنسىيەگە چىقىۋالغىلى خېلى يىللار بولۇپ قالدى ، بالىلىرىنىڭ ئۆلەيدىغىنىنى ئۆيلەپ ، ئەرگە بېردىغىنىنى ئەرگە بېرىپ بولدى نەچچە ئىغىز يوغان ئۆيدە شۇ ياش خوتۇنى بىلەن يالغۇز ، يىقىندىن بىرى قۇلاق سالسام ، كۈندىلا كەچتە ئۇلارنىڭ ئۆيىدە دۇتتار بىلەن ناخشا ، نىمانداق تۈگۈمەيدىغان ئولتۇرۇشتۇ بۇ ؟ دەپ بىر كۈنى ھېلىقى چەت ئەللىكلەردىن سىتىۋالغان دۇربۇنۇمنى ھاشىمكاملارنىڭ ئۆيىگە شۇنداق توغۇرلاپ قارىمايمەنمۇ ، ئەييۇھانناس ! نىمە كارامەتنى كۆردۈڭ دىمەمسىلەر ...........
      - ھە ، ھە ، نىمە كارامەتنى كۆردۈڭ ؟ - دەپ ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئاغزىمغا قاراشتى
     - ھاشىمكام بىشىدىكى  قالپىقىنى ئالدىدىكى ئۈستەلگە ئوڭدىسىغىلا تاشلاپ ساپادا دۇتارنى قولىغا ئىلىپ ناخشىغا تىگىپتۇ ، ھېلىقى ياش  چوكاننى ياڭىلاچ دىسىمۇ بولىدۇ ، ساغرىسىنى ئوينۇتۇپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپتۇ ......
       - توۋا نىمە دەيدىغانسەن ، ھەرقانچە بولسىمۇ قىپياڭىلاچ ئەمەستۇ ؟
       - مانا ئىشەنمەيسىلەر ، دۇربۇننىڭ ھېلىقى يىقىن ئەكىلىپ كۆرسىتىدىغان يېرىنى تولغاپ تەڭشەپ تازا زەن سىلىپ قارسام ئۈستىدە لىپتىك بىلەن ئىككىلىك ئىشتاندىن باشقا ھىچنىمە يوق ئىكەن .
       - ۋاھ ، < يالغۇز ئۆيدە ياڭىلاچ پېرە >  دىگەندەك ئىش بوپتۇ - دە !
      - ئويۇننىڭ چوڭى تىخى كەينىدە ........... بىر چاغدا ھاشىمكاممۇ قىززىپ كىتىپ باشتا چاپاننى سىلىپ پىقىرتىپ تاشلىدى ، ئاندىن كوڭلىكىنى يەشتى ، ئاندىن شىمىنى ..............
       گەپنىڭ تازا قىززىق يىرىگە كىلىپ قىلىۋىدىم ، ئىشىكنى تاراققىدە ئىچىپ ھاكىمجاننىڭ تامدەك يوغان خوتۇنى كىرىپ قالدى
        - قايسىڭلارنىڭ ئىسمى كامال ؟ - دىدى ئۇ
        - مەن - دىدىم .
        -  تىلىفۇن !  
     ھاكىمجاننىڭ ئايالىغا ئەگىشىپ چىقىپ ، تىلىفۇن بار ئۆيگە كىردىم ، تىلىفۇن تۇرۇپكىسىنى ئالاي دەپ ئىڭىشىشىمگە ساغرامنى بىرسى قاتتىق چىمدىماسما ( چوقۇم كۆكۈرۈپ چىقتىغۇ دەيمەن ) ئاغرىققا چىدىماي سەكرەپ كەتتىم ، ئارقامغا ئۆرۈلۈپ قارسام ھاكىمجاننىڭ ئايالى ماڭا تىكىلپ قاراپ تۇرۇپتۇ ،
      - بۇ نىمە قىلىق ؟ - دىدىم مەن يا كۈلۈشۈمنى يا خاپا بولۇشۇمنى بىلمەي ،
      - ئەجەپ ياخشى دۇربۇنىڭىز باكەن - ھە ،
      - دۇ ..... دۇ .... دۇربۇننى دەمسىز ؟ ......
      - سىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ئوغۇرلۇقچە قاراپ تاماشا كۆرگىنىڭىز غەلىتە قىلىق بولماي خەقنىڭ ئۆز ئۆيىدە ناخشا ئىيتىپ ئۇسسۇل ئوينىغىنى غەلىتە قىلىق بولغىنى قىززىق ، بۇنىڭدىن كىيىن ئاياللارنىڭ غەلىتە قىلىقلىرى توغۇرسىدا سۆز - چۆچەك قىلىشقاندا ، مىنىڭ ھازىرقى بۇ غەلىتە قىلىقىمنى قوشۇپ سۆزلەپ ئاغزىڭىزنى تاتلىق ئىتەرسىز ، . .... توۋا ، سىلەرنىڭ ئىتىڭلارمۇ ئەر بولدىمۇ ؟
    بۇ گەپنى ئاڭلاپ نىمە دىيىشىمنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدىم .


          مەنبە : مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرى  2  < كونا - يىڭى ئىشلار > ناملىق ھىكايىلەر توپلىمىدىن  


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-2 05:18 AM  


باشقىلار كۆكتە ئ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 3523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3639
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 4044 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 01:39:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زامان تەرەققىي قىلغانچە غەلىتە قىلىقلار كۆپەيگىلى تۇردى دىسە، بۇنداق قىلىقلار مەيلى ئايال بولسۇن، ياكى ئەر بولسۇن كۈندىن كۈنگە ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ، تېمىنىڭ ئاساسىي مەقسىدىمۇ باشقىلاردىكى ‹غەلىتە قىلىق› لارنى دىيىشتىن يۈزىڭىز قىزارسۇن دىگەندىن ئىبارەت دەپ چۈشەندىم. ئىشقىلىپ ھەر ھالدا پىچاقنى ئۆزۈڭگە ئۇر، ئاغرىمىسا كىشىگە......

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 01:47:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96181
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 447
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 01:57:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
katran يوللىغان ۋاقتى  2013-8-2 01:39 AM
زامان تەرەققىي قىلغانچە غەلىتە قىلىقلار كۆپەيگىلى تۇر ...

نېمە ئۈچۈن ئەسەر قىلسا مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى تەستىقلىمايدۇ؟

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
katran + 20 كەچۈرۈڭ قېرىندىشىم، ق.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83863
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3127
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2012-8-13
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 03:30:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنى دەيمەن ،تىما يوللاش ئۈچۈن ئارقا ئىشىك قىلساق بولىدىغان ئوخشايدۇ،مىسرانىمنىڭ ئارقا دەرۋازىسى نەدە بولغىيتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 712
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6649
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 545 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2014-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 06:18:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dinar يوللىغان ۋاقتى  2013-8-2 02:18 AM
مەنمۇ  نۇرغۇن  تېما يۇلىدىم تەستىقلىمىدى  ئاخىرى يۇلىم ...

بەزى  تىمىلارنى تەستىقلىمايدىكەن توغرا . لىكىن تەستىقكاشقا بولىدىغان ھەر قانداق تىمىنى تەستىقلايدۇ. مەنمۇ ئۆتكەندە ئىككى قىتىم تىما يوللىسام جىملا يۇقاپ كەتكەن . كىيىن باشقۇرغۇچىلار بىلەن كۆرۈشسەم . بىرسى شىئىر ئىدى .مۇھەببەت شىئىرلىرنى تەستىقلىمايدىكەن. يەنە بىرسى بۇرۇن يولىنىپ بولغان تىمىكەن شۇڭا تەستىقلىمايدىكەن . ئۇنداق بولمىغان ھەرقانداق تىمىلارنى تەستىقلايدۇ . خاتالىقلىرنى تۈزتىپ يوللاپ بىقىڭلا .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
katran + 20 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

دوست ئۈچۈن ئۆلۈش قىيىن ئەمەس،لىكىن .ئۆلۈشكە تىگىشلىك دوست تىپىش قىيىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 712
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6649
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 545 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2014-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 06:18:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر جاھان تەرەقى قىلغانسىرى  ئىش قىلىپ تاس قىلۋاتمىز...............

دوست ئۈچۈن ئۆلۈش قىيىن ئەمەس،لىكىن .ئۆلۈشكە تىگىشلىك دوست تىپىش قىيىن

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 07:02:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇي رومانچىمىز كېلىپ قىسقلا ھېكايە يولاپتا شۇنداق قىلقلا كۆپەيگلى تۇردى شۇ ...ئاياللار غەيۋەت قىلماي ئەرلەر قىلدىغان .

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5425
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 387 سائەت
تىزىم: 2015-1-16
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 09:50:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي....

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96393
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 304
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2013-7-25
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 10:14:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش