سىز رامىزانى قانداق ئۆتكۈزدىڭىز؟(رامىزانىلىق سوۋغا)(7)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھۇ! رامىزان كۇنلىرىمىزنى خاتىرجەم قىلغان ۋە بىزنى ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلشقا نىسىپ قىلغان ئاللاھتائاللاھغا چەكسىز ھەمدۇ-سانالار بولسۇن! ئاللاھتائاللاھنىڭ سۇيۇملۈك رەسۇلى مۇھەممەت( س ئە ۋە ) گە سالاۋەتلەر ، سالاملەر ۋە رەھمەتلەر بولسۇن ! ئۇ زاتقا ئەگەشكەن ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن ! خالىسلىق ئىنساننىڭ زىنىنىتى ھىسابلىنىدۇ، خالىس ياشاپ ئۆتكەن ئىنسانلار ھەققىدە ئىنشائاللاھ تاكى قىيامەتكىچە گەپ قىلمىز، ئولارنىڭ ئۈممەت ئۇچۇن قىلغان ئىشلىرى ۋە ئۆز نەپسىنى قانداق باشقۇرغانلىقى توغرىسىدا كۆپ رىۋايەت قىلمىز ، بىزنىڭ بۇ يازمىمىزمۇ شۇ خۇلفارىراشىدىنىلار ساھابىلار توغرىسدا بولغۇسى ئىنشائاللاھ!~!!!
ئاللاھتائاللاھ دېدى :بۇ ساناقلىق كۇنلەر رامىزان ئايدۇركى بۇ ئايدا ئادەملەر ئۇچۇن ھىدايەت بولۇپ ۋە ھىدايەت ۋە فۇرقان ھەق بىلەن باتىلنى، ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىغۇچىنىڭ ئىنىق ئايەتلىرى بولۇپ،قۇرئان نازىل قىلغاندۇرـ سۇرە بەقەر 185-ئايەت
ئەزىز قېرىندىشىم ! ئاللاھ تائاللاھ رامىزان ئاينى
نۇرغۇن باشقا ئايلاردىن نۇرغۇن خىسلەتلەر ۋە پەزىلەتلەر بىلەن
ئۇستۇن قىلدى،رۇزادارنىڭ ئېغىزدىن كەلگەن پۇراق ئاللاھتائاللاھنىڭ
ھۇزۇرۇدا ئىپارنىڭ ھىدىدىنمۇ خۇشپۇراق ھىساپلىنىدۇ، پەرىشتىلەر ئىپتار قىلغۇچە
روزادار ئۇچۇن ئىستىغپار ئېيتىدۇ،
رامىزان ئايلىرىدا شەيتانلار زەنجىرلىنىپ نەزەربەند
قىلىپ،جەھەننەم ئىشكلىرى تاقىلىپ ،جەننەت ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ؛
رامىزان ئايلىرىدا قەدىر كېچىسى بولۇپ ئۇ مىڭ ئايدىن ئارتوقتۇر، كىمىكى قەدىر كېچىسىدىكى ياخشىلىقنى قولدىن بەرگەن بولسا بارچە ياخشىلىقنى قولدىن بەرگەن ھىساپلىنىدۇ.
رامىزان ئايلىرنىڭ ئاخىركى كۇنلىرى روزىدارلارنىڭ گۇناھى كەچۇرۇم قىلىنىدۇ، ئاللاھتائاللاھ رامىزانىڭ ھەر كىچىسى دەۋزىخى بولغانلارنىڭ بىر قىسمىنى ئازات قىلدۇ.
ئەزىز قېرىندىشىم ! پەزىلىتى شۇنداق ئۇلۇغ بولغان رامىزان ئايلىرىمۇ ئايغلىشاي دەپ مۇشۇ پەيتتە سەل كېچككەن بولساقمۇ رامىزان ئېينى پەيغەمبىرمىزنىڭ ۋە بىزدىن ئىلگركى سالىھ كىشلەرنىڭ قانداق ئۆتكۇزگەنلىكىنى بىر كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمىز!!
1.روزا تۇتۇش
رەسۇل ئەكرەم س ئە ۋ دېدى:
روزا قالقاندۇر ،سىلەردىن كىمىكى روزا تۇتقان بولسا كۇلمىسۇن ،بىھۇدە سۆزلەرنى قىلمىسۇن ۋە جاھلىق قىلمىسۇن!ئەگەر بىرسى ئۇنى ھاقارەت قىلسا :مەن روزادارمەن دەپ ئېيتسۇن}ـ مۇتتەفەقىن ئەلەي
ئەي ئاللاھنىڭ بەدىلىرى!ئەگەر روزا تۇتسىڭىز كۆزلىڭىز،قۇلاقلىرىڭىز،ئېغىزلىڭىز ۋە بارچە ئەزالىرىڭىزمۇ روزا تۇتسۇن !روزا تۇتقان كۇنلىرېڭىز باشقا كۈلىرىڭىزدىن پەرقىلىق بولسۇن!
2.كېچلىرى ئىبادەتتە بىدارلىق
ئاللاھتائاللاھ دېدى: رەھماننىڭ بەندىلىرى زىمندا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدۇ،نادانلار ئۇلارغا (ياقتۇرمايدغان)سۆز قىلسا ئۇلار:« سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز»دەيدۇۋە ئۇلار كېچىلەرنى پەرۋەردىگارىغا سەجىدەقىلىش ۋە قىيامدا تۇرۇش بىلەن بىدار تۇرۇپ ئۆتكۈزىدىغانلاردۇرـــ فۇرقان سۇرىسى 62-63 ئايەتلەر
رەسۇل ئەكرەم س ئە ۋ دېدى:
رامىزان كېچىسىنى ئىمان ۋە رەھمەت ئۇمىدىدە ناماز ئوقۇپ بىدار ئۆتكۇزگەن كىشىنىڭ گۇناھلىرى كەچۇرۇم قىلىنىدۇ.
ئايشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدى: كېچىنى بىدار ئۆتكۇزۇشنى تەرىك ئەتمەڭ! كېچىنى ناماز ئوقۇپ بىدار ئۆتكۇزۇش رەسۇل ئەكرەم س ئە ۋە نىڭ ئادەتلەرى ئىدى، ئەگەر كېسەل بولۇپ قالسا ياكى سۇسلۇق قىلسا ئولتۇرۇپ ناماز ئوقار ئىدى.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ كېچىسى ناماز ئوقۇتتى ۋە كېچىنىڭ يېرىمى بولغاندا ئائىلىسىدىكلەرنى ئويغۇتۇپ : نامازغا تۇرۇڭلار! نامازغا تۇرۇڭلار ۋە ماۋۇ ئايەتنى ئوقۇيتتى:ئەھلىڭىزنى نامازغا بۇيرۇڭ! ئۆزىڭىز ھەم شۇ نامازدا چىدامچان بولۇڭ !بىز سىزدىن رىزىق سورىمايمىز بەلكى رىزىق بېرىمىز ،چىرايلىق ئاقىۋەت ئەھلى تەقۋا ئۇچۇندۇرـــ تاھا سۇرسى132 -ئايەت
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ كېچىسى مۇنۇ ئايەتنى ئوقار ئىدى:(ئاللاھقا شىرىك كەلتۇرگەن كۇفۇرغا غەرىق بولغان كىشى ياخشىمىۇ؟)ياكى ئاخىرەت ئازابىدىن قورقۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ رەھمىتىنى ئۇمىد قىلىپ كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجىدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا بىدار تۇرۇپ ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۇزگەن ئادەم بارۋەر بولامدۇ!!ـــ زۇمەر سۇرىسى 9-ئايەت
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرەزىيەللاھۇئەنھۇر:بۇ سۇرىدىكى كىشى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدى
ئىبنى ئەبۇ خاتىم ئىبنى ئۆمەرنىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەپ ئوسمانرەزىيەللاھۇئەنھۇ كېچىسى كۆپ ناماز ئوقۇيتتى ۋەكۆپ قۇرئان ئوقار ئىدى ھەتتا بىر رېكەتتە قۇرئاننى خەتنە قىلغان ۋاقتلىرمۇ بولغان.
سايىپ ئىبنى زەيىپ رەزىيەللاھۇئەنھۇ رىۋايەت قىلدۇكى :ساھابىلار ئىچىدىكى قارىلار 200 ئايەت ئوقۇيتتى ،قىيامنىڭ ئۈزۇن بولۇش سەۋەبىدىن ئەزالىرىمىز سىقىرىپ ئاغىرىپ كېتتەتتى؛ساھابىلار سۇبىھ كىرگەن ھامان نامازنى تۇگىتەر ئىدى .
ئەزىز قېرىنىدىشىم سىز ئىمام بىلەن تىراۋانى ئوقۇپ ئىمام بىلەن بىللە نامازنى تاماملاڭ شۇندا سىزگە كېچىسى بىدار تۇرۇپ ناماز ئوقۇغانلىق ساۋابى بېرىلىدۇ.
رەسۇل ئەكرەم س ئە ۋە :كىمىكى ئىمام نامىزىنى تۇگەتكىچە بىللە ناماز ئوقۇپ قايتقان كىشىگە كېچىسى ناماز ئوقۇغانلىق ساۋابى يېزىلىدۇ.
3.سەدىقە بېرىش
رەسۇل ئەكرەم س ئە ۋە ئەڭ ساخاۋەتلىك قولى كەڭ كىشىدۇر، رامىزان ئېيدا بولسا تېخمۇ قولى كەڭ ساخاۋەتلىك بولوپ كېتەتتى.
رەسۇل ئەكرەم س ئە ۋە: سەدىقىنىڭ ئەڭ كاتىسى رامىزان ئېيىدا بېرىلگەن سەدىقىدۇرــ تىرمىزى رىۋايەت
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:ــ رەسۇل ئەكرەم( س ئە ۋە) بىزنى سەدىقە بېرىشكە بۇيرىدى، بۇ مېنىڭ خېلى مال-مۈلكۇم بار دەۋىرگە توغرا كەلگەن ئىدى شۇ كۇنى مەن رەسۇل ئەكرەم( س ئە ۋە)غا سەدىقەمنى ئېلىپ كەلدىم كۆڭلۇمدە ئابابەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىن ئېشىپ كېتدىغان بولدۇم دېگەن خۇشاللىق بار ئىدى چۇنكى مەن مالىمنىڭ يېرىمىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدىم ؛رەسۇل ئەكرەم( س ئە ۋە) مەندىن :ـــ ئائىلىڭىزگە قالدۇرۇپ قويدىڭىزمۇ ؟ دەپ سورىدى مەن :ـ ھەئە يېرىمنى قالدۇردۇم دېدىم
ئابابەكرىمۇ مېلىنى ئېلىپ كەلدى ئۇنىڭدىنمۇ ئوخشاش سوئالنى سورىدى :ــ رەسۇل ئەكرەم( س ئە ۋە) ئۇ :ـــ ئۇلارغا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى قالدۇردۇم دەپ جاۋاپ بەردى شۇندا مەن سىزدىن ھېچقانداق نەرسىدە بېسىپ چۇشەلمەيدىكەنمەن :ـ- دېدىم
ئەزىز قېرىندىشىم !سەدىقىنىڭ رامىزانىدىكى پەزىلىتى ناھايىتى كاتتادۇر،شۇنىڭغا ئىمكانىيتىڭىزنىڭ يېتىشچە سەدىققە قىلىڭ! سەدىقگە ياتىدىغان ئىشلار خېلى كۆپ بولۇپ ئۇ تائام يىگۇزۇش تاماق بېرىش .
ئاللاھتائاللاھ دېدى: ئۆزى مۇھتاج تۇرۇقلۇق ،مىسكىنگە يىتىمگە ،ئەسىرگە تائام بېرىدۇ،ئۇلار ئېيتىدۇ:سىلەرگە بەز ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۇچۇن تائام بېرىمىز سىلەردىن بۇنىڭ بەدىلى ئۇچۇن ھېچقانداق مۇكاپات ۋە تەشەككۇر تەلەپ قىلمايمىز؛ شۇبىسىكى بىز پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن مەيدانغا كېلىدىغان ئېغىر قاتتىق كۇندىن قورقىمىز، ئاللاھ ئۇلارنى شۇ كۇنىڭ شەھرىدىن ساقلايدۇ،ئۇلارنىڭ دىللىرىغا نۇر ،يۇزلىرىگە خۇشانلىق ئاتا قىلدۇ،ئۇلارنىڭ سەۋىر-تاقەتلىرى ئۇچۇن ئۇلارنى جەننەت ۋە يىپەك لىباسلار بىلەن مۇكاپاتلايدۇ،ــ ئىنسان سۇرى7ـ12 ئايەت
رەسۇل ئەكرەم( س ئە ۋە): قايسى بىر مۆمىن بىر ئاچ قالغان مۆمىنگە تاماق بېرىپ تويغۇزسا،ئاللاھ ئۇنى جەننەت مېۋىسى بىلەن تائاملاندۇرىدۇ.ــ تىرمىزى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر يىتىم ۋە مىسكىنلەر بىلەنلا ئىپتار قىلاتتى،بەزىدە ئەھلى ئۇلارنى كەتكۇزۋەتكەن بولسا شۇ كۇنى ئىپتار قىلماس ئىدى.
ھەسەن بەسەرى روزىدار بولىشىغا قارىماي ئۆزى دوستلىرىغا تائام بېرەتتى ۋە خىزمىتىنى قىلاتتى
ئەبۇ سۇۋار ئەدىۋى دەيدۇ :ــ ئەدى قەبىلىسىدىكلەر مەسچىتلەردە ناماز ئوقايتتى،ئۇلار بىرسىمۇ يالغۇز ئىپتار قىلماس ئىدى،ئەگەر تاماقىنى بىللە يەيدىغان كىشى تاپالمىسا تاماقنى مەسچىتكە ئاپىرىپ مەسچىتىكىلەر بىلەن بىللە يېيتتى.
تائاملاندۇرۇش ئىبادەتدىن يەنە كىشىلەر بىلەن دوستلىشىش كېلىپ چىقىدۇ، ۋە ئۆزئارا مېھرى -مۇھەببەتنى كۈچەيتىدۇ،
پەيغەمبەررەسۇل ئەكرەم( س ئە ۋە):ــ سىلەر مۆمىن بولمىغىچە جەننەتكە كىرەممەيسىلەر ،ئۆزئارا دوستلىشىپ بىرـ بىر ىڭىزگە مىھرى- مۇھەببەت قىلمۇغۇچە مۆمىن بولالمايسىلەر: -دېدى
4.روزدارغا ئىپتار بېرىش
رەسۇل ئەكرەم( س ئە ۋە):
روزىدارغا ئىپتار بەرگەن كىشىگە روزادارنىڭ مىسلىچىك ساۋاپ بېرىلىدۇۋە روزىدارنىڭ سەۋابىدىن ھېچنەرس كەمەيتلمەيدۇـ-نەسسائى رىۋايەت
روزىدارغا ئىپتار بەرگەن ياكى غازىنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ بېرىپ ئۇنى جاھاتكە ماڭدۇرغان كىشىگە شۇ كىشىىنىڭ غازىلىق ياكى روزا تۇتقانلىق ساۋابى بېرىلىدۇ-نەسسائى رىۋايەت
5-قۇرئان ئوقۇش
ئەزىز قېرىنىدىشىم ! بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن سەلىف-سالىھلار ھاياتىدىن ئىككى مۇھىم نەرسىنى ئەسكەرتمەكچىمىز
بىرىنىجىسى قۇرئاننى كۆپ ئوقۇش ،ئىككىنىجىسى قۇرئاننى قىرائەت قىلىش ياكى ئاڭلاش ئاساسىدا ئايەتلەرنى تەپەككۇر قىلىپ ئاللاھ تائالاھتىن پاناھ تىلەپ قورقۇپ يىغلاش
رامىزان ئاي قۇرئان ئايىدۇر،شۇڭا مۇسۇلمان كىشى قۇرئاننى كۆپ ئوقۇشى كېرەك، سەلىف-سالىھلار بۇ ئايدا باشقا ئايدىنمۇ كۆپ قۇرئان ئوقۇيتتى.
ئوسمان قۇرئاننى ھەركۇنى خەتنە قىلاتتى،
بەزى سەلىف ئالىملار رامىزانىڭ 3- ،7-،10- كېچىسى قۇرئاننى خەتنە قىلاتتى، ئۇلار قۇرئاننى نامازنىڭ ئىچىدە ۋە تېشىدا ئوقۇيتتى ،ئاخىرقى ئۈچ كۇندە بولسا ھەركۇنى خەتنە قىلاتتى
ئىمامى شافى رەھمىھۇللاھ رامىزان ئېيىدا نامازدىن تاشقىرى قۇرئاننى 60قېتىم خەتنە قىلاتتى.
ئىمامى زۇھرى رەھمىتۇللاھ رامىزان كېرىشى بىلەنلا ھەدىس دەرىسىنى توختۇتۇپ، قۇرئان ئوقۇشقا قاتتىق بېرىلەتتى.
6.تىلاۋەت ۋاقتىدا يىغلاش
ئەزىز قېرىنىدىشىم ! قۇرئانى كېرىمىنى تەپەككۇرسىز شئېىركەنى ئوقۇش سەلەفلەر(ئالىم،سالىھ) يولدىن ئەمەس، چۇنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ سۆزى بىلەن تەسىرلىنەيتتى ۋە قەلبىنى پاكلاپ تىتىرتەتتى.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدى:ــ رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ماڭغا قۇرئان ئوقۇپ بەر:ـ دېدى
مەن :ـ سىزگە نازىل قىلغان تۇرسا يەنە مەن سىزگە ئوقۇپ بېرىپ نىمە قىلمە!؟؟
ــ مەن باشقىلاردىن ئاڭلاشنى ياقتۇرىمەن ـ دېدى رەسۇل ئەكرەم
مەن نىسا سۇرىسىنى ئوقۇپ ‹بىز بارچە خەلقتىن گۇۋاھچى كەلتۇرۇپ سىزنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە گۇۋاھچى قىلساق قانداق بولىدۇ› دېگەن يېرىگە كەلگەندە«:ـ- بولدى!› دېدى ، مەن رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە قارىدىم ئۇ زاتنىڭ كۆزىدىن ياش قۇيۇلار ئىدى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر مۇتەففىفىن سۇرىسىنى ئوقۇيتى ۋە ئوقۇپ (ئالەملەر رەبىھ ئاللاھ قارشىسىدا تۇرغان كۇندە)دېگەن ئايەتكە كەلگەندە يىغلاپ يېقىلدى ۋە ئۇنىڭ داۋامىنى ئوقۇيالمىدى.
7.كۇن چىققىچە مەسچىتتە ئولتۇرۇش
رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بامدات نامازنى ئوقۇپ بولۇپ قۇياش چىققۇچە مەسچىتتە ئولتۇراتتى .ـ ئىمامى مۇسلىم رىۋايەتى
رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دېدى: جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇغان ئاندىن قۇياش چىققۇچە ئاللاھنى زىكىرى قىلغان كىيىن ئىككى رىكەت ناماز ئۇقۇغان كىشگە ھەج ۋە ئۆمرىنىڭ ساۋاپلىرى بېرىلىدۇ.
8.ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش
رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەر رامىزاندا 10كۇن ئېتكاپتا ئولتۇراتتى ،ۋاپاتىدىن ئاۋال 20كۇن ئولتۇردى
ئېتىكاپ ــ ناماز قۇرئان تىلاۋەتى ،ئاللاھ زىكىرسى قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىبادەتتۇر، ئېتىكاپنى قىلىپ باقمىغان كىشلەرلا ئونى قىيىن دەپ ئويلايدۇ،بىراق بۇ ئاللاھ يەڭگىل قىلغان كىشى ئۇچۇن ناھايىتى ئاساندۇر، ياخشى نىيەت خالىسلىق بىلەن قىلغان كىشىگە ئاللاھ ياردەم بېرىدۇ،ئېتىكاپنى قەدىر كېچىسىنى تېپىش ئۇچۇن رامىزانىڭ ئاخىرقى 10 كۇندە قىلىش سۈننەتتۇر،ئېتىكاپ پەقەت ئاللاھ رىزاسىنى دەيدىغان يالغۇز ھالدا بارچە نەپسىنىڭ مۇشەققەتلىرىگە بېرىلىپ نەپسىنى رەنجىتىدىغان ناماز ۋە ئاللاھ زىكرىسىنى قىلدىغان ،ئۇنىڭ قايغۇسى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تېپيىش بولىدۇ.
9. قەدىر كېچىسىنى تېپىشقا قاتتىق ئىنتىلىش
ئاللاھتائاللاھ دېدى :ـ ئەلۋەتتە بىز بۇ قۇرئاننى قەدىر كېچىسىدە نازىل قىلدۇق، ئەي مۇھەممەت قەدىر كېچىسىنىڭ نىمە ئىكەنلىنكىنى قايەردىن بىلىسىز؟ قەدىر كېچىسى شەرەپ ۋە پەزىلەتتە مىڭ ئايدىن ياىشىدۇرــ قەدىر سۇرىسى 1-،3- ئايەتلەر
رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدېدى: قەدىر كېچىسىنى ئىمان بىلەن ساۋاپ رەھمەت ئۇمىد قىلىپ ئۆتكۇزگەن؟ كىشىنىڭ ؟ئۆتكەن گۇناھلىرى كەچۇرلىدۇ .
رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قەدىر كېچىسىنى تېپىشقا تىرىشاتتى ۋە ساھابىلارنى ئۇنى تېپىشقا ئۇندەيتتى، ئۇندىن تاشقىرى پەيغەمبەر رامىزاننىڭ ئاخىرقى 10كۇنى ئائىلىسىدىكلەرنى ئويغۇتاتتى،.
مۇسۇلمان قېرىندىشىم !قەدىر كېچىسىنى تىپىشقا تىرىشنىڭ ! ئۇنىڭدا قىلغان ئىبادەتڭىز مىڭ ئايدا قىلغانغا تەڭدۇر ، شۇنداق بولغان ئىككەن كەتكۇزۋەتكەنلىرڭىزنى ئورنىغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن قەدىر كېچىسى قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئېتىكاپتا ئولتۇرۇڭ ،
ئېسىل ئاقىۋەت ھەر بىر ئەمىلىنى پەقەت ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلەپ خالىس قىلغان ،ھەربىر كۇنى قۇرئان ۋە ھەدىسدە ئېيتلغاندەك ئۆتكۇزگەن كىشگە مەنسۇپ...
ئاللاھتىن سىزگە شۇ ئېسل ئاقىۋەت ساھابى بولشىڭىزنى تىلەيمىز .ئامىن!
ئاخىردا بىزنىڭ بۇ كىچىكىنە ئەمگىكىمىز تۇپەيلى بىزنى ئىجابەتلىك دۇئالىرىڭىزدا يادىتىشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز!
** ئەسكەرتىش **
تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇ غۇچى ئۆزۇم
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ تارقاتقاندا يازما ئاپتۇرىنى ئەسكەرتىڭ!
2013-8-1
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-2 05:24 AM