نى ئات،نى نومۇس...
قاراخان
قاراپ باقساق خوتەن ،قەشقەر ،ئىلى ئالتاي قۇمۇلغا،
خۇمار بوپتۇ ئۇيغۇر نەغمە -ناۋا،سەنەم ،ئۇسۇلغا.
گاھى يەردە باش كۆتىرىپ يەرلىك گاڭنام سىتەيىل،
گاھى يەردە ياڭگېر ئويناپ كۈلدى نېسى ھوسۇلغا.
يېڭى تۈرگە تەستىق سالماي قالسا باشلىق چاتاق دەپ،
بەزى مازلار نازىركومنى ئويناپ كىردى<< قوبۇل>>غا.
ئىبادەتكە ھەپتە-ئايلاپ سۇ سېغىنغان بەدەنلەر،
يىغىن- تەشۋىق ئۈچۈن توۋا تەييار بولدى غۇسۇلغا.
دۇئا ئەمەس ئۇسۇلغا قول كۆتۈردۈق مەست بولۇپ ،
ماڭسا ئوغۇل -قىزىمىز يىراق- يېقىن ئوقۇلغا.
قىز كۆچۈردۇق مودا قوغلاپ غەرپچە ھەم شەرقچە،
پەرقسىزمۇ ھوجرا بىلەن رىستۇران يا قىز-ئوغۇلغا .
ئارتىستلارنىڭ يوتا،ساغرا ، ،ئوچۇق كۆكرەك ،كىندىكى،
سەھنىلەردە يورغىلايدۇ ئەبجەش مۇقام ،مەرغۇلغا.
بۈركۈت ئۇسۇل،ساما ئۈسۈل ،تاڭ سەيلىسى، نىمپەدە،
توي-تۆكۈن ، شۇ مەشرەپلەردە ھوزۇر ئىدى يوقسۇلغا.
ئاڭا شۈكۈر قىلماي تاپتۇق،يىلان ئۇسۇل ،تانسىنى،
نىمە دەرمىز قىيامەتتە خۇدا بىلەن رۇسۇلغا.
ئوچۇق تۇرار يوتا،كاسا،كۆكرەك ،كىندىك ،ساغرىمىز،
ئامراق بولدۇق قىسقا-قىسقا يوپكا،كۇسار، كەمزۇلغا.
كالتە بۈدرە چاچلىرىمىز سىم جامبىدەك داردىيىپ،
ئۆچ بولدۇققۇ كوكۇلا چاچ ،قىرىق ئۆرۈم سۇمبۇلغا.
غۇلاچ ئېتىپ چىقىراپ ،يۈدۈپ يۈردۇق شەيتاننى ،
ئوخشىمىدى ناۋا ،ئۈنلەر بوستاندىكى بۇلبۇلغا.
<<قارا يورغا>> ،<<دىلخىراج>>نى بىلسە ئەللەر ئىپتىخار ،
<<چىمبۇلاق>>ۋە<<ئاتۇش>>نى بىز ياراتمىدۇق بىر پۇلغا.
تولغاپ دەسسەپ ،گىلدىڭلىتىپ يۈرەر قىزلار بېشىنى ،
پادا ئەمەس پادىچىنىڭ سورىقى بار مەشغۇلغا.
2013-يىلى 1-ئاۋغۇست
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-2 05:19 AM
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-8-2 10:24 AM):
نى ئات،نى نومۇس...
قاراخان
قارا خوتەن ،قەشقەر ،ئىلى ئالتاي،تۇرپان، قۇمۇلغا،
خۇمار بوپتۇ ئۇيغۇر نەغمە -ناۋا،سەنەم ،ئۇسۇلغا.
گاھى يەردە باش كۆتىرىپ يەرلىك گاڭنام سىتەيىل،
گاھى يەردە ياڭگېر ئويناپ كۈلدى نېسى ھوسۇلغا.
يېڭى تۈرگە تەستىق سالماي قالسا باشلىق چاتاق دەپ،
بەزى مازلار نازىركومنى ئويناپ كىردى<< قوبۇل>>غا.
ئىبادەتكە ھەپتە-ئايلاپ سۇ سېغىنغان بەدەنلەر،
يىغىن- تەشۋىق ئۈچۈن توۋا تەييار بولدى غۇسۇلغا.
دۇئا ئەمەس ئۇسۇلغا قول كۆتۈردۈق مەست بولۇپ ،
ماڭسا ئوغۇل -قىزىمىز يىراق- يېقىن ئوقۇلغا.
قىز كۆچۈردۇق مودا قوغلاپ غەرپچە ھەم شەرقچە،
پەرقسىزمۇ ھوجرا بىلەن رىستۇران يا قىز-ئوغۇلغا .
چوڭ كىچىككە لاتا كەممۇ، ،ئوچۇق مەيدە ،كىندىكى،
سەھنىلەردە يورغىلايدۇ ئەبجەش مۇقام ،مەرغۇلغا.
بۈركۈت ئۇسۇل،ساما ئۈسۈل ،تاڭ سەيلىسى، نىمپەدە،
توي-تۆكۈن ، شۇ مەشرەپلەردە ھوزۇر ئىدى يوقسۇلغا.
ئاڭا شۈكۈر قىلماي تاپتۇق،يىلان ئۇسۇل ،تانسىنى،
نىمە دەرمىز قىيامەتتە خۇدا بىلەن رۇسۇلغا.
ئوچۇق تۇرار يوتا،كاسا،كۆكرەك ،كىندىك ،ساغرىمىز،
ئامراق بولدۇق قىسقا-قىسقا يوپكا،كۇسار، كەمزۇلغا.
كالتە بۈدرە چاچلىرىمىز سىم جامبىدەك داردىيىپ،
ئۆچ بولدۇققۇ كوكۇلا چاچ ،قىرىق ئۆرۈم سۇمبۇلغا.
غۇلاچ ئېتىپ چىقىراپ ،يۈدۈپ يۈردۇق شەيتاننى ،
ئوخشىمىدى ناۋا ،ئۈنلەر بوستاندىكى بۇلبۇلغا.
<<قارا يورغا>> ،<<دىلخىراج>>نى بىلسە ئەللەر ئىپتىخار ،
<<چىمبۇلاق>>ۋە<<ئاتۇش>>نى بىز ياراتمىدۇق بىر پۇلغا.
تولغاپ دەسسەپ ،گىلدىڭلىتىپ يۈرەر قىزلار بېشىنى ،
پادا ئەمەس پادىچىنىڭ سورىقى بار مەشغۇلغا.
ئۇسۇلىمىز ئاز كەلگەندەك رامكا ئويۇپ كەشتىلەپ،
ئېسىۋالدۇق،قىبلە تامغا ، ساراي ئۆيگە ،ئۇدۇلغا.
گەجگىمىزگە ئۆتۈپ قاپتۇ ئەقلىمىزنى ئويلىسام،
شۇڭا ئالدىم بۇ ئىللەتنى قەلەم بىلەن قورۇلغا.
2013-يىلى 1-ئاۋغۇست