ئۆزەم قومۇلدىن .بىر ئاددى ئۇيغۇر.شەيتانىۋى ئىدىيەلەر كۆزلەرگە مەجبورى تىقىلىۋاتقان بۇ جەمىيەتتە تىرىشىپ تىرمىشىپ بەش ۋاق نامازنى ئۆتەشتىن ئېشىنەلمەيۋاتقان قىسقىسى ئىسلام بەلگۈلىگەن باشقا ئىشلارنى قىلىشقا قۇربۇم يەتمەيۋاتقان ئاددى نىمجانمەن .لېكىن مەن يېقىندا تاس قالدىم قەھرىمان ئاتالغىلى .
ناماز شامدىن يېنىپ چىقتۇق .قومۇل تۆتكوچا مەسچىتى يېنىدىكى ئىمپورت تاللا بازىرىنىڭ ئالدى بۆك باراقسانلىق سايە ئىدى .شۇ يەردە نۇرغۇن كىشى سايىلىنىپ تاللا بازاردىن ئىچىملىك ئىچىشىپ ،پاراڭ قىلىدۇ .مەنمۇ شۇ كۈنى دەرەخ ئاستىدا تۇراتتىم .توساتتىن يان تەرەپتىكى كاۋاپچىلار تەرەپتىن بىر جۈپ قىز يىگىت چىقىپ كەلدى .يىگىت قىزنى بويۇندىن قوچاقلىغان ھالەتتە كېلىۋاتاتتى . پاسىق مۇسۇلمانلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈچەۋاتقان مەن نەدىمۇ مۇشۇنداق ئىشلارغا ئارلاشقىدەك يۈرەك بولسۇن مېنىڭدا .بۇنداق ئىشلار دائىم ئۇچىراپ تۇرىدۇ .لېكىن <ھۇ ھاياسىزلار> دەپ كۆڭلۈمدە ئىتىرازلار بىلدۇرۇپ يۈرگەن ئىدىم . پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىر مۇسۇلمان بىر مۇسۇلماننىڭ گۇناھلىق ئىش قىلغانلىقنى كۆرسە بېرىپ ھەركىتى بىلەن توسىسۇن ،ئۇنىڭغا قۇربى يەتمىسە تىلى بىلەن توسىسۇن ،ئۇنىڭغىمۇ قۇربى يەتمىسە دىلى بىلەن توسىسۇن ،دىلى بىلەن توسۇش ئىماننىڭ ئەڭ زەئىپ دەرىجىسى دىگەن،بۇ ھەدىسنى ئىلگىرى بىر يەردىن ئاڭلىغاندا پەيغەمبەر ئەلەھىسسالاتۇ ۋەسسەللەم زەئىپ ئىماندىن پانا تىلىگەن دەپ ئاڭلىغان قىسقىسى مەن شۇ ھەدىستىكى زەئىپ ئىماندىكى ئادەم ئىدىم .
لېكىن شۇ كۈنى چىدىماي قالدىم .ئاللاھ ماڭا مەدەت بىرىپ تىلىم بىلەن توسۇشقا كۆڭلۈمگە سالدى .<ھاي ھاياسىزلار،ماۋۇ تۆت كوچىدا ئىزا تاتمامسىلەر !>بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغان بۇ بىرجۈپ قىز ئوغۇل دەرھال ئىلگىرىكى ھالەتتىن بوشۇنۇپ ،بىر غېرىچ ئارلىق ساقلاپ ماڭدى .بۇنى كۆرۈپ <ئۇف خۇداغا شۈكرى> دىدىم ئىچىمدە .لېكىن كەينىمدىكى جامائەت مېنى توشمى توشتىن ماختاپ كەتتى .ھەتتا مېنى قەھرىمان دىگىچىلەرمۇ بولدى .مەن بۇنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم .كاللامدا بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئابايىلا مەسچىت ئىچىدە قاتتىق تەقۋا ھالەتتە ئاللاھقا سېغىنىشى بىلەن ماۋۇ مەن قىلغان كىچىككىنە ئىشنى شۇنچىلىك كۆپتىرىپ ماختاپ كېتىشلىرى بىلەن ماس كەلمەيۋاتاتتى .مەن قەھرىمانمىشمەن !!!مەن ئەكەكمىشمەن !!مەن غورۇرلۇقمىشمەن .
ئەسلى ئىسلام ئۈممىتى ئەخلاقسىزلىقلارغا ئوت ئاچالايدىغان ئۈممەت ئىدى .لېكىن ھازىرقى مۇسۇلمانلىرىمىزنى قەغەز يولۋاس قىلىپ قويغان قانداق ئىدىيە ؟ئۇلار شۇ كوچىلاردا ناشايان ياسىنىپ يۈرىۋاتقانلارنى چاقىرىپ ئىككى ئېغىز چىرايلىق نەسىھەت قىلىپ قويسا مەيلى ئۈنۈم بولسۇن بولمىسۇن ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك مۇسۇلمانلىق مەجبورىيەتىنى ئادا قىلىپ قوياتتى .بۇنداق قىلسا مۇقۇملىققىمۇ قانونغىمۇ تاقاشمايتتى .مەن بەزىلەرنىڭ ئاغزىدىن ئۇلارغا نەسىھەت قىلساق ئاڭلىمايدۇ،ھەتتا كارىڭ نىمە دەپ جىدەل چىقىرىدۇ دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم .تەربىيە ئاشۇنداق ئاچچىق بولىدۇ .نەدىمۇ ياخشىلىقنىڭ ئۈنۈمىنى دەرھال كۆرىدىغان ئىش بار؟بۇ جەمىيەتتە مېنىڭدەك ئۇچقۇنلار يانغىنغا ئايلانغاندىلا ئاندىن تۈزەلمەمدۇ؟مېنىڭچە قانون ۋە مۇقۇملۇق بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا ،ئۇيغۇرداشلىرىمىزغا يەپ ئىچىش،كىيىنىش ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىكى پاساتچىلىقلىرىغا نەسىھەت قىلىش ھوقوقىمىزنى تارتىۋالمىدى .
ئۆتكەندە بىر بالىنىڭ بىر مۇنچە قىزنىڭ ھاياسىز ياسىنىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ئىچىۋاتقان مىنىرال سۇنى يەرگە زەپ بىلەن ئاتقانلىقىنى كۆردۈم .بۇ بالىدىكى بۇ ھىسيات دەل بارلىق ئاچچىغىنى بىر يولدىلار پارتىلىتىشى دەپ چۈشەندىم .بۇ ئالدىراقسان ئۈنۈمسىز ھىسيات بۈگۈنلا پەيدا بولغان بولماستىن ئۇزۇندىن بۇيان شۇنداق ھاياسىزلىقلارنى ھەركۈنى كۆرۈپ قەلبىدىلا ئىتراز بىلدۈرۈپ ،بۇ ئىتىرازلار يىغىلىپ قەلىپكە پاتمىغاندا پارتىلاپ چىققان ھىسيات ئەلبەتتە .لېكىن بۇ چارە ئۈنۈملۈكمۇ .شۇ دەقىقىدە ئاۋۇ قىزلار ئۇنىڭغا قاراپ ساراڭ مىڭىسىدا مەسىلە بار دەپ سېغىز كەمپۇتنى چايناپ چۇقۇرۇشۇپ پاراڭ قىلىشپ كەتتى .قېنى بۇنىڭ ئۈنىمى .بۇ بالا ئاچچىغىدىن ھېچقانداق تەربىيەمۇ قىلالمىدى .ئەگەر بۇ بالا ئۆزى ئۇچىراتقان ھاياسىزلىقلارنى چىرايلىق رەۋىشتە دەل ۋاقىتتا توسىغان بولسا ۋە ئۇلارغا ئاللاھتىن دۇئا قىلىپ قەلبىدىكى جىلىچىلىقنى بىر دەپ بولسىمۇ بوشۇتۇپ تۇرغان بولسا قوش ئۈنۈمگە ئىگە بولاتتى .ئەگەر ھاياسىز ھادىسىلەر كۆپىيىۋەرسە بىز توسىمىساق ،كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى بەزى قىززىق قان بالىلار ئاشۇ پوتولكىنى يەرگە زەپ بىلەن ئاتقانغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھادىسە كۆرۈلمەيدۇ دىيەلمەيمىز .ھەتتا قان ئېقىشىمۇ مۇمكىن .
قېرىنداشلىرىم ،بولۇپمۇ نامازخان قېرىنداشلىرىم ،ئۇنداق قىلمايلى ،ئۈنۈمسىز بولسىمۇ ھېچگەپ يوق ،ئاتا تەربىيەسىنى ئاڭلىمىغان ياكى ئاتا تەربىيەسى قىلىنمىغان ئاشۇ بالىلار جەمىيەت تەربىيەسىنى ئاڭلاپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ،ئەتراپىمىزدىكى ئوچۇق كىيىنگەنلەرگە نەسىھەت قىلايلى .ئالدى بىلەن ئىشتاننى ۋە كۆينەكنى تىزدىن ئاشۇرمىغانلاردىن باشلايلى .
ئەسكەرتىش:قومۇل پالۋان مېنىڭ يەنە بىر تور نامىم .تېما تەستىقلانغاندىن كېيىن بۇ تېمىنى مىكروبىلوگلارغا ،ئۈندىدار توپلىرىغا ،دوستلار چەمبىرەكلىرىگە يوللاپ قويسىڭىزلار .
مەنبە:مەن ۋە
سەرۋەڭ تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا agah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-1 03:01 PM