قاۋاقتىكى قىزلارغا
بىر كۈنى قادىر پاراڭ بىر ئىش بىلەن ناھىيە بازىرىغا بارغانىكەن. كوچىدا كېتىۋاتسا، بىرنەچچە تونۇش باللا ئۇچراپ:
ــ سىزنى بىر مىھمان قىلىۋالايلى قادىركا، يۈرۈڭ!- دەپ زورلاپ، ئۇنىمىغانغا قارىماي بىر رىستورانغا ئەكىرىپتۇ ۋە
ــ تاماق چىققۇچە چاقچاقلىرىڭىزدىن بىرنەچچىنى ئاڭلايلى- دەپ تۇرىۋاپتۇ.
ــ ئەتراپىمىزدا كۈتكۈچى قىزلار تۇرسا، بىز ھەرقىسما گەپلەرنى قىلىشىپ ئولتۇرساق سەت بولىدۇ- دەپ چىرايلىق رەت قىپتۇ قادىر پاراڭ.
ئەمما تونۇش بالىلار «پاراڭ قىپ بەرمىسىڭىز زادى بولمايدۇ» دەپ چىڭ تۇرىۋاپتۇ. قادىر پاراڭ ئامالسىز ئۇلارغا بىر قوشاق ئوقۇپ بېرىپ قۇتۇلماقچى بولۇپ:
بايتوقايدا باراتباي،
قىژغال- توشقان ياراتماي؛
بۇغا- مارال تاپالماي،
بايتال ئاتقان باراتباي.
دىگەن دولان خەلق قوشېقىنى ئوقۇپ بەرگەنىكەن. بۇنى ئاڭلىغان بىر كۈتكۈچى قىز:
ــ قوشاق توقۇشقا ئەجەپ ئۇستا ئىكەنلا، قېنى مېنىمۇ بىر قوشاققا قوشۇپ باقماملا؟- دەپتۇ.
قىزنىڭ ئەپتىگە قاراپ، تازا دۇرۇس قىزلاردىن ئەمەسلىگىنى بىلگەن قادىر پاراڭ:
ــ بولىدۇ، ئەمما ئۆزىڭىز تەلەپ قىلغاندىكىن، رەنجىمەسسىز ئەمىسە- دەپلا قولىغا قەلەم ئېلىپ، شۇ يەردىلا تۆۋەندىكى پارچىنى يېزىپ ئوقۇپ بېرىپتۇ:
قاۋاقتىكى قىزلاغا
كەمبىغەلنى ياراتماي باي غوجامنى تاپىسەن،
پۇلى بارنى شەرەتلەپ پۇلى يوقتىن قاچىسەن.
پەقەت ئەشۇ پۇل ئۈچۈن ئىپپىتىڭنى ساتىسەن،
شۇنداق كەتسەڭ دۇنيادىن گۆرگە قانداق پاتىسەن؟!
خام يېسەڭ...
پارنىكتا ئىشلەيدىغان بىر ئورۇق قىز بارئىكەن. قادىر پاراڭ ئۇنىڭ سەمرىپ، ھۈپپىدە بولۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ سوراپتۇ:
ــ سەمرىپ كېتىپسەنغۇ؟ پارنىك پايدا قىلدىمۇ نىمە؟
ــ پايدا قىلغىنى پارنىك ئەمەس، پارنىكتىكى كۆكتاتلار پايدا قىلدى قادىركا.
ــ ناتاتيىن، پارنىكتىكى كۆكتاتنى يېسە ئادەم سەمرىيدۇ دېسە كىم ئىشىنىدۇ؟ ماڭىمۇ ھەركۈنى ئايالىم پارنىك كۆكتاتلىرىنى سېلپ تاماق ئېتىپ بىرىدۇ، ئەجەپ مەن سەمرىمىدىمغۇ ئەمىسە؟
ــ سەنمۇ مەندەك خام يېسەڭ ئاندىن سەمرىيسەن قادىركا.
كاسىسى ئاغرىغاچقا...
بىر ئادەم نەۋرىسىنى ئېلىپ شەھەرگە كىرىپتۇ. بىر دوقمۇشقا كەلگەندە قىزىل چىراق يېنپ ھەممە قاتناش ۋاستىسىلىرى توختاپتۇ. يېشىل چىراق يانغاندا بىر- بىرلەپ مېڭىشقا باشلاپتۇ. بوۋاينىڭ نەۋرىسى ھەممىنىڭ ئاخىرىدا كېتىۋاتقان ۋېلىسىپىتنى كۆرۈپ، ۋېلىسىپىتنىڭ ئاستىغا ئېڭىشىپ قاراپ، بوۋايدىن سوراپتۇ:
ــ بوۋا، ۋېلىسىپىت مىنگەنلەر نىمىدە ئولتۇرىدۇ؟
ــ ۋېلىسىپىتنىڭ ئېگىرىدە ئولتۇرىدۇ بالام، قانداق دەيسەن؟
چاپان- كۆينەكلەرنىڭ پەشلىرى ئېگەرنى توسېۋېلپ، بالا ئېگەر ئاستىدىكى تۆمۈرنىلا كۆرگەچكە، يەنە سوراپتۇ:
ــ ئېگەر دىگىنىڭ خۇددى قوزۇقتەكلا بىرتال تۆمۈركەنغۇ؟ ئۇنىڭغا مېنسە ئادەمنىڭ كاسىسى ئاغرىمامدۇ؟
ــ كاسىسى ئاغرىغاچقا، ئۇلارنىڭ تىنماي تىرتاڭشىپ، ھەدەپ پۇت ئېتپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرمۈدۈڭمۇ بالام؟
«ئانىڭىزنىڭ ھەققى يوق»
قادىر پاراڭ يېزىغا يىراق بىر يەردە موتۇلسىكىلتلىق كېتىۋېتپ ئۇسساپ كىتىپتۇ. ئەتراپقا قارىسا ئالدىدىكى بىر دوقمۇشتا يالغۇز بىر ئائىلىلىك كۆرنىپتۇ. سۇ سوراپ ئىچمەكچى بولۇپ، بېرىپ قارىسا، ئۆيدە ئادەم ياق. ئەمما ھويلىدىكى باسما قۇدۇقنى كۆرۈپ، سۇ تارتىپ ئىچىش ئۈمىدىدە يېقىنلاپ بېرىپتۇ. بىراق قۇدۇق ياغىچىغا مىخلاپ قويۇلغان تاختايدىكى بىر كوبلىت قوشاقنى كۆرۈپ، سۇمۇ ئىچەي قايتىپتۇ. تاختايغا مۇنداق يېزىلغان ئىكەن:
بۇ قۇدۇقنىڭ ئىچىدە،
يىلان بىلەن پاقا يوق.
قالايمىقان سۇ تارىتماڭ،
ئانىڭىزنىڭ ھەققى يوق!
بالىغا جاۋاپ
قار يېغىۋاتقان بىر قىش كۈنى قادىر پاراڭ تۆت- بەش ياشلاردىكى بالىسىنى يىتىلەپ ناھىيە بازىرىدىكى ماگىزىنلارنى ئارىلاپ كېتىۋاتسا، ماگىزىن ئالدىدىكى يالىڭاچ كېيىم مۇدىللىرىنى كۆرگەن بالا سوراپتۇ:
ــ دادا- دادا، قارىغىنا، قار يېغىۋاتسا ئاۋۇ ئادەملەر يالىڭاچ بولىۋاپتۇ، ئۇلار توڭلىمامدا؟
ــ توڭلايدۇ بالام، توڭلاپ ئاللاقاچان قېتپ قالغاچقا، مىدىر- سىدىر قىلالماي تۇرغىنىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
بەلەن گەپ
قادىر پاراڭنىڭ مەھەللىسىدە ئىش بىلەن خوشى يوق، بىكار تەلەپ بىر بالا بار ئىكەن. بىر كۈنى كوچىدا ئۇچرۇشۇپ قېلپ سوراپتۇ:
ــ ھە، نىمە ئىش قىلپ يۈردۈڭ ئۇكام؟
ــ نىمە ئىش قىلاتتىم قادىركا، جىگدە تىرىپ خوما يەپ، يۇندا تۆكۈپ موما يەپ، ئاخىرى بېرىپ چاشقان يېسەم توۋا دەپ يۈرىۋاتىمەن شۇ.
ــ بەلەن گەپ،- دەپتۇ قادىر پاراڭ،- ئەمما مۇشۇنداق كېتىۋەرسەڭ، ئاخىرى بېرىپ چاشقانمۇ يەپ، لالما ئىت بولۇپ قالمىغىن خەپ!
پۇلۇم يوق
قادىر پاراڭ بىرنەچچە ئاغىنىسى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرسا، بىر چالا مەس كېلىپ گەپكە ئارىلىشىۋېلپ، ھەممەيلەننى پاراكەندە قىپتۇ. ئاچچىغى كەلگەن قادىر پاراڭ ئىختىيارسىز قاپىغىنى تۈرۈپ ئولتۇرسا، ھېلىقى مەس ئالدىغا كېلىۋىېلپ:
ــ ماڭا نىمە دەپ قاپاق تۈرىسىز؟ ھېلى بىكار قاپىڭىزىنىڭ بېزىنى ئالىمەن جۈما! - دەپ كۆزىگە كىرىشىۋاپتۇ.
تاقىتى تۈگىگەن قادىر پاراڭ چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ تەستەككە ئىككىنى سېلپ:
ــ ھە، ئەمدى ئالە قاپىغىمنىڭ بېزىنى، مەن تاييار بولدۇم!- دېسە، ھېلىقى مەس يانچۇقىنى سىلاپ قويۇپ:
ــ ھازىر پۇلۇم يوق، كىيىن پۇل تاپقاندا ئالاي- دەپ سالپىيىپ تۇرغىدەك.
ئۆردەك كۆل
بىر كۈنى قادىر پاراڭ بىر جىددى ئىشنى ئويلۇنۇپ ئولتۇرسا، تۇيۇقسىز يانفۇنى سايراپ قاپتۇ. قارىسا ناتونۇش بىر نۇمۇر. شۇنداقتىمۇ تىلفۇننى ئالسا، قارشى تەرەپ سوراپتۇ:
ــ ۋەي، تاشمەمەتكاممۇ؟
ــ ياق، مەن قادىراخۇن، تىلفۇننى ختا ئۇرۇپسىز.
ــ سىز ھازىر نەدە؟
ــ نەدە بولاتىىم، ئۆز يۇرتۇم غازكۆلدە!
ــ خۇدايا توۋا، غازكۆل دەپمۇ جاي بارما؟ مەن ئۆردەك كۆلگە تىلفۇن قىلغان، خاپا بولماڭ ئاكا.
بىر كاپكى، ئىككى تاڭ- تاڭ
كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە قادىر پاراڭ دىخانلار بىلەن ھاشارغا بارغانىكەن. چۈشتە قۇرسىغى ئېچىپ قارىسا، بىر تۈپ سۈگەتنىڭ تۈۋىدە بىر سەييارە ئاشپەز پۇلو ئىتپ سېتىۋاتقۇدەك. قادىر پاراڭ يېنىغا بېرىپ سوراپ، بىر تەخسە گۆشسىز ئاشنىڭ ئۈچ كوي ئىكەنلىگىنى بىلپتۇ ۋە بىر تەخسە ئاش ئېلىپ يەپتۇ. ئەمما قۇرسىغى تويماپتۇ. ئاقا- ئارقىدىن يەنە ئىككى تەخسە ئېلپ يەپمۇ تويمىغان قادىر پاراڭ سوراپتۇ:
ــ ئۇستام، ئۈچ كويغا قانچىلىك ئاش بېرىۋاتىلا؟
ــ بىر كاپكى، ئىككى تاڭ- تاڭ، مانا قاراپ تۇرسىلا. ..
ئۇ شۇنداق دىگىنىچە، بىر تەخسىگە بىر كاپكى پولۇنى ئۇسۇپ، كاپكىنى قازاننىڭ گىرۋىكىگە ئىككى قېتىم ئۇرۇپ «تاڭ- تاڭ» قىلغان ئاۋازنى چىقىرپتۇ.
ــ ئىككى تاڭ- تاڭنى ئالماي تۇراي، ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر كاپكى ئاش بەرسىلە- دەپتۇ قادىر پاراڭ تەخسىنى تۆتنچى قېتىم تەڭلەۋېتپ.
شامال يوق، ئامال يوق
قىشتا قار يېغىپ سوغۇق تازا بولىۋاتقان بىر كۈنى، قادىر پاراڭنىڭ ناھيىلىك تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان بىر ئوغلى يىلىڭ كىينگەنلىكتىن دۈگدەيگەن پېتى ئۆيگە كىرىپ كەلگەنىكەن.
ــ نىمانداق يېلىڭ كېينىۋالدىڭ بالام؟ سوغۇق يامان، توڭلاپ قالمىغىن يەنە- دېسە، ئوغلى دەپتۇ:
ــ سوغۇق بولغىنى بىلەن شامال يوق. تېخىمۇ موھىمى، قېلىنراق كەيگىلى كېيىم بولمىغاندىكىن، ئامال يوق.
ياخشى ئايال
بىر بازار كۈنى قادىر پاراڭ ناھيىە بازىرىغا بېرىپ، ئىشى تۈگىمەي تۇرۇپ ئاغىنللىرى بىلەن ئۇچرۇشۇپ قاپتۇ ۋە ئۇلارنىڭ سورۇنغا قاتنىشىپ كەچ قېلپ، ئاغىنىلىرىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قاپتۇ. ئەتىسى ئۆيگە كەلسە ئايالى قايناپ كېتىپتۇ:
ــ ۋاي قانداق ئادەمسىز؟ بىر ئۆي تۇتىۋاتقان ئادەممۇ بازارغا بارسا قونۇپ قېلىپ ئەتىسى كېلەمدۇ؟ باشقىلارنىڭ دېيشىچە، بازاردا نۇمۇس قىلماي بىر بۇدرە چاچلىق چوكان بىلەن يۈتۈلىشىپ يۈرۈپسىز، بۇ زادى قانداق گەپ؟
ــ قارا خوتۇن- دەپتۇ قادىر پاراڭمۇ بوش كەلمەي،- بازاردىكى ئىشلار تۈگىمەي كەچ قالغانىدىم، ماشنىا ئىزدەپ ئۇياق- بۇياق قاراپ تەمتىرەپ يۈرسەم، بىر چوكان كېلىپلا قولۇمنى تۇتۇپ يىتىلەپ ماڭدى. ماشىنغا سېلپ قويىدىغان چېغى دەپ ئەگىشىپ ماڭسام، بىر كەمدە ئۆيىگە بېرىپ قالدۇق. «كۆزىڭىز تازا ياخشى كۆرمەيدىغان ئوخشايدۇ، كوچىلاردا تەمتىرەپ يۈرسىڭىز بىرنەرسىگە سوقۇلۇپ كېتىسىز. قونۇپ ئەتە كېتىڭ» دەپ ئورۇن راسلاپ بەردى. ئۇنىڭ ياخشى كۆڭلىنى قايتۇرالماي، قونۇپ قالدىم شۇ. قانداق، ياخشى ئايالمىكەن؟
ــ بەك ياخشى ئايالكەن- دەپتۇ قادىر پاراڭنىڭ ئايالى تەنە بىلەن،- مەنمۇ ئۇنىڭدىن ئۈگنپ، ئەشۇنداق ياخشى ئاياللاردىن بولسام بولغىدەك...
يەرلىكنى سېتىۋەت
قادىر پاراڭنىڭ بىر دوستى كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا يېتپ قالغانىكەن، قادىر پاراڭ تۇرمۇش ئالدىراشچىلىغىدا ۋاقىت چىقىرالماي، خېلى ئۇزۇندىن كىين يوقلاپ بېرىپ ئەھۋال سورېسا، ئۇ دوستى ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ سۆزلەپ كىىتپتۇ:
ــ قاراڭلا ئاداش، دوختۇر دەسلەپتە ئۆپكە سىلى دەپ دىئاگنۇز قويغانىدى، بۇ جاندىنمۇ ئۈمىد ئۈزۈپ، ھەتتا ئاخىرەتلىگىمنىمۇ تەييارلاپ، جەسىدىمنى قويىدىغان يەرلىكنىمۇ سېتىۋالغانىدىم. مانا ئەمدى ساقىيپ قېلىۋاتىمەن...
ــ ياخشى بوپتۇ ئاداش، ئەمدى ساقايغاندىكىن، يەرلىكنى سېتىۋتىڭلار، بولمىسا ئۇ سېلىنى سېغىنپ تارتىپ كەتمىسۇن يەنە.
ئايلىنپ...
يۇرىتتىن چىقپ كەتكىنىگە بەش- ئالتە يىل بولۇپ قالغان بىر چوكان تازا ياسىنپ، ئىلگىركى ھالىتىگە زادىلا ئوخشىمايدىغان قىياپەتتە ھال تارتىپ پەيدا بولغانىكەن، قادىر پاراڭ ئۇچراپ قېلپ سوراپتۇ:
ــ ئۆزگىرىپلا كېتىپسەن ئۇكام، نەلەرنى ئايلىنپ كەلدىڭ؟
ــ كىشىلەر كۆپىنچە يەركەن- قاغىلىق، چەرچەن- چاقىلىقنى ئايلىنىدىكەن. مەن غۇلجا- قورغاس، ئالتاي- ماناسلارنى ئايلنپ، بەزىدە تېخى ئاسمانغا چىقپ ھاۋاغا، سەھنىگە چىقپ ناۋاغا، ئەرگە تېگپ تاۋاغا ئايلنپ قايتپ كەلدىم.
ــ ئوبدان قىپسەن ئۇكام، ئەمما-زە، ئار- نۇمۇسڭنى يوقۇتۇپ، يەرگە چۈشۈپ چاۋاغا ئايلىنپ قالمىغىن.
گۆشنىڭ كۈچى شورپىدا
ئۆمىربويى ھاراق، تاماكۇ، نەشىە بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆتكەن بارات ئاخۇن ئىسملىك بىر ئادەم بارئىكەن. بىر كۈنى ئۇ يوغان سەللىنى ئوراپ، ئۇزۇن توننى كىيپ مەسچىتكە ماڭغاندا قادىر پاراڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ.
ــ تۆۋە قىلىۋالغان ئوخشىماملا باراتكا؟- دەپ سوراپتۇ قادىر پاراڭ ئۇنىڭدىن.
ــ شۇنداق قادىرخان- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئۇ،- گۆشنىڭ كۈچى شورپىدا، دەيدىغان گەپ بار ئەمەسۇ، مېنىڭچە دىننىڭ كۈچى توۋىدا، شۇڭا توۋا قىلپ گۇنا- كەبىرىلەرنىڭ ھەممىسىدىن بىراقلا قۇتۇلاي دىدىم.
بۇلبۇللار سايرىشار...
قادىر پاراڭ بىر ئىش بىلەن قەشقەرگە ماڭغانىكەن. ئالدىراشلىقتا ناشتىمۇ قىلماي بىكەتكە كەلسە، شوپۇر ئاپتۇۋۇز تولغىچە يەنە 10- 20 مىنۇت ۋاقىت ئۆتىدىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ. شۇڭا ئۇ دەرھال بىكەت يېنىدكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ، ھايال قالماسلىق ئۈچۈن ھۆرنان بىلەن قورۇما بۇيرۇتۇپتۇ ۋە ھاپىلا- شاپىلا يەپ، ئاپتۇۋۇزغا چىقپ مېڭىپتۇ. ھۆرنان خام قالغانمۇ، ياكى قورۇمىدا بىرەر گەپ بارمۇ، ئىشقىلپ يېرىم يولغا بارا- بارماي قۇرسېغى ئېسىلپ ناغرىدەك بولۇپ كېتىپتۇ. قۇرسىغىنى سەل بوشۇتۇش ئۈچۈن يانتۇراق بولغانىكەن، «قىڭ!» ڭىدە يەل چىقپ كېتىپتۇ. ئوسال ئەھۋالدا قالغان قادىر پاراڭ ۋەزىيەتنى ئوڭشېۋېلىش ئۈچۈن، بېشىدىكى شىلەپىسىنى يۈزىگە سۈرۈپ قويۇپ، يادىغا كەلگەن بىر ناخشېنى باشلاپتۇ:
بۇلبۇللار سايراىشسا گۈلشەنلەر ئارا،
ياڭرىتىپ ناخشامنى سېنى كۈيلەيمەن.
ئامرىغىم ئىشقىڭدا كۆيگەن گۈلۈڭمەن،
ھەرتاڭدا ئويغۇنۇپ سېنى ئەسلەيمەن.
قادىر پاراڭ ناخشىنى تۈگىتپ كۆزىنىڭ قۇيرىغىدا ئەتراپقا قاراپ، كىشىلەرنىڭ ناخشىغا مەپتۇن بولۇپ ئولتۇرغېنىنى ھىس قىلپ، كۆڭلىدە خۇداغا شۈكرى دەپتۇ. ئەمما يەنە بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندە، قۇرسىغى يەنە ئاغرىشقا باشلاپتۇ. بۇ قېتىم يانتۇ بولۇشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي، شۇنچە قىسىپ ئولتۇرسىمۇ، ئاپتۇۋۇز بىر سەكرىگەن ئىكەن، يەنە «قىڭ!»ڭىدە يەل چىقىپ كىتپ قاپتۇ. قادىر پاراڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن يەنە بايىقى ئۇسۇلنى قوللۇنۇپتۇ:
بۇلبۇللار سايراىشسا گۈلشەنلەر ئارا...
ــ ئاغزىڭنى يۇم!- دەپتۇ بىر ئادەم غەزەپ بىلەن ۋاقىراپ،- ئەدەپسىز بۇلبۇلۇڭنى يەنە سايرىتىدىغان بولساڭ، ئۇنىڭ سېسىق ئۇۋىسىنى چۇۋۇۋىتمەن!
مەھەللە مەشرىپىدە
قادىر پاراڭنىڭ بر كۆزىنى قىسىۋالىدىغان يامان ئادىتى بار ئىكەن. بىر ئاخشىمى مەھەللە مەشرىپدە تولىمۇ قاملاشقان بىر چىرايلىق چوكاننىڭ ئاپتاپتەك ئېچىلپ ئولتۇرغېنىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا پات-پات قاراپ قويۇپتۇ. بىر چاغدا ئۇ چوكان:
ــ ھە، يىگىت، كۆزلىرىنى قىسىپ بەك قاراپ كەتتىلىغۇ؟- دەپ سوراپتىكەن، قادىر پاراڭمۇ بوش كەلمەيدەپتۇ:
ــ راس دەيلا خېنىم، ئىككى كۆزۈم بىلەن قاراپ سىلىنى قارىغا ئېلپ بولالماي، بىر كۆزۈم بىلەن قارىغا ئېلىۋاتىمەن.
ــ مېنى قارىغا ئېلپ نىمە قىلاتتىڭىز؟
ــ ئەگەر قارىغا چۈشۈپ قالغۇدەك بولسىڭىز، موھەببەت ئوقۇمنى بەتلەپ، يۈرىكىڭىزنى چەنلەپ ئاتاتتىم.
مەشرەپ كۈلكە- چاقچاقلار بىلەن داۋاملىشىپ، دەرە ئويۇنى باشلانغاندا، قادىر پاراڭ ھېلىقى چوكانغا دەرە تۇتۇپتۇ. دەرە ئۆز يولى بىلەن داۋاملىشىۋاتقاندا، توساتتىن ئۇ چوكان بېشىدىكى ياغلىغىنى ئېلىپ قادىر پاراڭنى يەلپۇپ:
ــ قوشاق ئوقۇڭ، بولمىسا بولى بولۇپ قالىسىز،- دەپ تۇرىۋاپتۇ.
پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن قادىر پاراڭ، قوشاق بىلەن كۆڭلىنى ئىزھار قىلۋېلش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى قوشاقنى ئوقۇپتۇ:
ــ ئېتىمنى باغلاپ قويدۇم بېدە- قىياققا،
ئۆزەمنى تاشلىدىممەن دەريا- بۇلاققا.
سۇ دېسىلا سۇ بېرەي چىنە تاۋاقتا،
جان دېسىلە جان بېرەي كۆزى قاراققا،
مەشرەپ تۈگىگەندە يوللىرى قاياققا؟
ئەگىشىپ باراي مەنمۇ خېنىم شۇ ياققا.
قادىر پاراڭ ئېيىتقان قوشاق تۈگىشى بىلەن، ئۇ چوكان ئۇنىڭغا ئۇلاپلا مۇنۇ قوشاقنى ئېيتىپتۇ:
مەشرىپىمىز تۈگىسە يولۇم ئۆيەم سىياققا،
ئۆيدە نوچى ئېرىم بار، قالىسىز تاياققا!
بىر زابايغا تىز سىزما
بىر سورۇندا قادىر پاراڭ لەتىپە- چاقچاق سۆزلەپ، تازا قىززىقچىلىق قىلىۋاتسا، كۈندە مەسىت- ئەلەس يۈرۈيدىغان زاباي مەسىتتىن بىرى كىرىپ «مېنىڭ ھالى- ئەھۋالىمنى ئۆزەڭ چۈشىنىسەن، ئوتۇنچىلىق قىلپ تاپقان پۇلۇمغا ھاراق ئىچپ كۆڭلۈمنى خوش قىلپ يۈرگىنىمنى بىر قوشاققا قوشىۋىتە ئاداش، بىر قېتىم بولسىمۇ سورۇندىن خوشال قايتاي» دەپ تۇرىۋاپتۇ. قادىر پاراڭ ماقۇل دەپلا قولىغا قەلەم ئېلپ، «بىر زابايغا تىز سىزما» دەپ ماۋزۇ قويۇپ، تۆۋەندىكى قوشاقنى قوشۇپ ئوقۇپ بېرىپتۇ:
دوسىتلار ئارا بەزمە قۇردۇق مەي بىلەن،
راۋاپ، كاۋاپ، ھەمدە سوغۇق سەي بىلەن.
ئالا-تاغىل ۋاقىرىشىپ بىر كېچە،
پاختا ئاتتۇق ئۈزۈك، قۇرۇق زەي بىلەن.
ئۆزەم پېقىر كۈندە ئوتان توشۇيمەن،
چەمى تۆشۈك، يىرتىق، ئەبجەخ خەي بىلەن.
جاڭگالدىمۇ ئىچىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن،
يېتىپتىمەن ئويغانسام شۇ تەخەي بىلەن.
جىنازا
قادىر پاراڭ ئۈچ چاقلىق موتۇلسىكىلت ھەيدەپ كىراكەشلىك قىلپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، موتۇلسېكىلتىنى ھەيدەپ يېزا بازىرىنىڭ دوقمۇشىغا كەلسە، تازا قىززىق پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن بەش- ئالتە كىراكەش باللا ئۇنىڭغا چاقچاق قىلپ دەپتۇ:
ــ قادىخان، ماۋۇ جىنازاڭنى نېرى ئەكىتە.
قادىر پاراڭمۇ گەپتىن پاس چىقىشنى كۈتۈپ دەپتۇ:
ــ سېنى چىقارمىكىن دەپ يېقىن ئەكەلدىمغۇ.
ــ مېنى چىقىرىپ ئاچاڭ قېشىغا ئاپىرامتىڭ؟
ــ جىنازىغا چىققان ئادەمگە ئاچا- پاچىنىڭ نىمە كېرىگى؟ ئۇدۇللا مازارلىققا ئاپىرىۋەتمەمدىمەن.
ئۈرۈمچىگە خەت
قادىر پاراڭنىڭ ھەم چاقچاقچى، ھەم ئۇستا قوشاقچى ئىكەنلىگىنى ئاڭلىغان بىر ئايال، بىر كۈنى ئۇنى ئىزدەپ كىرىپ دەپتۇ:
ــ ئىككى بالامىنڭ دادىسى، يەنى مېنىڭ ئېرىم ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىگە بىر كەتكەنچە قايتىپ كەلمىدى. بالىلارنى يالغۇز بېقىپ بولالمىدىم، يەرنى تېرىپ ھاشارنى چاپالمىدم دەپ نەچچە قېتىم خەت يازسام، يوقۇلاڭ بانالارنى كۆرستىپ يەنە كەلمىدى. شۇڭا سېلىنى ئىزدەپ كېلىشىم. ئېرىم دەرھال قايتىپ كەلگۈدەك خەتتىن بىرنى يېزىپ بەرسىلە بوپتىكەن.
قادىر پاراڭ ماقۇل بولۇپ، تۆۋەندىكى قوشاقنى يېزىپ بىرىپتۇ:
ئۈرۈمچىگە كەتكەن ئىدىڭىز،
ئوت ئاسىتدا قالدى يېرىڭىز.
پات يېقىندا كەلمىسىڭىز گەر،
يەرنى ئوتاققا بىېرۋىتىمىز.
ئارىدىن ئىككى- ئۈچ ھەپتە ئۆتكەندە ھېلىقى ئايال ئېرىدىن جاۋاپ خەت كەلگەنلگىنى ئېيتىپ، بىر لىتاپنى كۆتىرىپ كىرىپ، قادىر پاراڭغا ئوقۇپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ. قادىر پاراڭ خەتنى ئەينەن ئوقۇپ بېرىپتۇ:
پات ئارىدا بارىمەن،
يەرنى قولغا ئالىمەن.
قاغجىرىغان تۇپراققا،
ئۆۈم ئۇرۇق سالىمەن!
شاخ مانتا
بىر بازار كۈنى يېزا دوقمۇشىدا بىر ئادەم ئاۋازىنى تازا قويىۋىتپ: «شاخ مانتا! بېغىدا پىشقان مانتا! كېلەيلى خېرىدارلار- كېلەيلى! شاخ مانتىسى يەپ كۆرەيلى!» دەپ توۋلاۋاتقانىكەن. قادىر پاراڭ يىراقتىن ئاڭلاپ قىززىقپ قېلىپ بېرىپ قارىسا، شاپتۇل سېتىۋاتقان باققالنى كۆرۈپتۇ. كەلگەندىكىن قۇرۇق يانالماي، بىر كىلوگىرام شاپتۇلنى ئېلىپ، بىرنەچچىنى تېتىپ باقماقچى بولۇپ ئوتتۇرىدىن ئاجرىتپ قارىسا، ساپلا قۇرۇت چىقىپتۇ. يەنە بىرنەچچىنى ماكلاپ باقسمۇ يەنىلا شۇ قۇرۇت. قادىر پاراڭنىڭ سەل ئاچچىغى كېلپ سوراپتۇ:
ــ ئاكاھۇي، جىڭلاپ بەرگەن شاپتۇللۇرۇڭنىڭ ھەممىسى قۇرۇت چىقتى، يەنە تېخى نۇمۇس قىلماي شاخ مانتىسى دەپ ۋاقىرايسەنغۇ؟
ــ گۆشى بولمىسا مانتۇ دەپ توۋلىغىلى مەن ساراڭمىدىم ئۇكام؟- دەپتۇ ھېلىقى ئادەم كۈلۈپ تۇرۇپ.
دۇمبۇل
بىر ئەتتىگىنى قادىر پاراڭ دولان رەستىسىدىكى بىر ئاشخانىغا ناشتىغا كىرىپ، ھەممەيلەننىڭ ھورنان يەۋەتقانلىغىنى كۆرۈپتۇ. ئۇ بىر ئورۇنغا كېلپ ئولتۇرشىغا، كۈتۈچى سورىمايلا بىر تەخسە ھورنان بىلەن بىر تەخسە قورۇما ئېلپ كەپتۇ. بىسمىللا دەپ بىرنى چىشلىسە، ھورنان خام. شۇنىڭ بىلەن قانداق قىلشنى ئويلاپ ئولتۇرسا، ئۇدۇل ئورۇندا ئولتۇرغان بىرسى «دۇۋىت!» قىلپ يەل قويۇپ بەرگەنىكەن، شۇ ھامان ئاشخانا ئىچىدە پاراققىدە كۈلكە كۆتىرىلپتۇ. خېرىدارلار تازا كۈلىۋاتسا، بىر ئاشپەز چىقپ:
ــ ھەي ئاداشۇي! نىمە دەپ ئاشخانىنىڭ ھاۋاسىنى بۇلغاپ سەت ئوسۇرىسەن؟- دەپ چالۋاقاپتۇ.
ــ ئۇستام،- دەپتۇ ھېلىقى يىگىت ئېغىر بېسىقلىق بىلەن، - ھورنانلىرى خامكەن.
ــ قۇرۇق گەپ، بۇ دىگەن جۇمبۇلدا پۇشۇرغان ھورنان تۇرسا، قانداقسىگە خام بولىدۇ؟
ــ جۇمبۇلدا پۇشۇرغان بولسىلا، ئارقامدىن جۇمبۇل دىگەن ئاۋاز چىقماي، دۇمبۇل دىگەن ئاۋاز چىقامتى؟
مەنبەسى:http://xahtur.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=838