ئەڭ دەسلەپكى ھاياتلىق دېڭىز ئاستىدا شەكىللەنگەن
بىلىمخۇمار
ئالىملار يېقىندا ئېلان قىلغان 3 پارچە ئىلمىي ماقالىدە دېيىلىشىچە، يەر شارىدىكى ھاياتلىق ئەڭ دەسلەپتە دېڭىز ئاستىدىكى گاز ئېقىملىرى ئېغىزىدا شەكىللەنگەن ئىكەن. بۇ ئىلمىي ماقالىلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسىنىڭ ئاپتورى ناسا مەركىزى JPL دىكى دوكتۇر مايىك راسۇل (Mike Russel) بولۇپ، ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئەڭ دەسلەپتىكى ھاياتلىق دېڭىز ئاستىدا مەۋجۇت بولىدىغان، ئىنگلىزچە «alkaline hydrothermal vents» دەپ ئاتىلىدىغان يورۇقلاردا ھاسىل بولغان.
قالغان ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالىدا، ھاياتلىق پەيدا بولۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان خېمىيىلىك ۋە مېتابولىزملىق رېئاكسىيىلەر ۋە باشقا تۈزۈلمىلەرنىڭ تەپسىلاتى چۈشەندۈرۈلگەن.
بۇ ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، يەر شارىدىكى ھاياتلىقلارنىڭ ئەڭ دەسلەپتە قانداق پەيدا بولغانلىقىنى چۈشىنىش، تاشقىي پلانېتىلاردىكى ھاياتلىقلارنى ئىزدەش ۋە تېپىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. مۇشۇ بايقاشلارغا ئاساسەن، ھازىر ئالىملار يۇپىتېر بىلەن ساتۇرننىڭ ھەمرالىرىغا ئوخشاش يۈزىنىڭ ئاستىدا مۇز ئوكيانلىرى بار كائىنات جىسىملىرىدىمۇ ھاياتلىق بار بولىشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلماقتا.
1-رەسىم: دېڭىز ئادتىدىكى بىر ئاكتىپ گاز ئېغىزى
2-رەسىم: ئاتلانتىك دېڭىزى ئاستىدىكى بىر توڭلاپ قالغان گاز ئېغىزى
پايدىلىنىش ماتېرىيالى:
«Clues To AlienLife May Lie At The Bottom Of Earth's Oceans, New Studies Reveal»
http://www.ibtimes.com/clues-alien-life-may-lie-bottom-earths-oceans-new-studies-reveal-1366005
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-1 06:22 AM