يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر تېلۋىزيە تەرجىمە ئىشلىرنىڭ تەرەققى قىلشىغا ئەگىشىپ چەتئەلنىڭ خېلى كۆپ تېلۋىزيە تىياتىرلىرى ئانا تىلمىزغا تەرجىمە قىلنىپ كۆرەرمەنلىرىمىزنىڭ مەنۋى دونياسىنى بېيىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بىكىك مۇھىتتا ياشاپ تاشقى دونيادىن بىخەبەر ھالەتتە قالغان بىنزدەك مىللەتكە ھەرخىل سەلبىي،ئىجابىي ئۇچۇرلار تىنىمسىز سىڭىپ كىرىپ غىدىقلاپ ئېتقاد،ئۆرىپ-ئادەت كىرزىسىمىزنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇردى ۋە قاياققا مېڭىشنى،قانداق ئۇسسۇلدا ياشاشنى بىلەلمەي تىنەپ يۈرىۋاتقان بىر قىسىم كىشلەر ئارسىدا قانداقتۇر تۈرلۈك شەكىلدىكى چەتئەل فىلملىرى قىزغىنلىقى ئەۋىجگە چىقتى. بۇ قىزغىنلىقلارئىچىدە« كورىيە قىزغىنلىقى«بىلەن تۈركىيە قىزغىنلىقى«نى ئەڭ ۋەكىل قىلىپ مىسالغا ئېلىش مۇمكىن. ئەلۋەتتە باشقا «قىزغىنلىقلار»نىڭ مەۋجۈتلىقى بىر ئەمىليەت بولسىمۇ بىراق كۆزتىشىمگە ئاساسلانغاندا يۇقارقى ئىككى خىل «قىزغىنلىق»نىڭ كىشلىرمىز ئارسىدىكى بۇلۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەر،ئوتتورا ياشلىقلار ئارسىدىكى نىسبىتىنى ئەڭ كۆپمىكىن دەپ قارايمەن. چەتئەلنىڭ ئىلغار نەرسىلىرنى ئۆگۈنۈش،قۇبۇل قىلىشنى مەنلا ئەمەس بەلكىم زور كۆپچىلىك تورداشلىرمىز يامان ئىش دەپ قارمىسا كېرەك. بىراق ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئىككى تەرپى بولغاندەك كىشلرىمىزنىڭ دونيا قارشى ۋە مەسىللەرنىڭ ماھىيتىنى تۇنۇش، ئۆزى قىلۋاتقانلىرنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئايرىش،«مېغىزنى قۇبۇل قىلىپ شاكىلنى چىقىرۋېتىش» تەرپنىڭ تۆۋەن بۇلۇشى تۈپەيلى قارغۇلارچە قىزغىنلىق،ھەتتاكى چۇقۇنۇش جەمىيتىمىزدە يامان سۈپەتكە قاراپ تەرەققى قىلىپ ئۆزىمزنىڭ ئەسلىدىكى نەرسىلىرى قارا قۇيۇق چەتكە قېقىش ھەتتا بۇنى «زاماننىڭ كەينىدە قېلىش».«مەتولۇق» دەپ قاراش خاھىشى كۈچۈيىپ قالغاندەك تۇرىدۇ. مەن ئالدى بىلەن يۇقارقى ئىككى خىل قىزغىنلقنىڭ پەيدا بۇلۇشى ھەققىدە ئۆز كۆز قارىشىمنى ئوتتورغا قۇيۇپ ئۆتمەكچى ۋە ئاخىردا بىزگە زادى «قىزغىنلىق» كېرەك؟ دېگەن تىمىدا تورداشلار بىلەن كەڭ كۇشادە پىكىر ئالماشتۇرماقچى .
ئالدى بىلەن «كورىيە قىزغىنلىقى» نىمىشقا شۇنچە بازار تاپىدۇ؟
مەن بۇنىڭدا تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىكى سەۋەبلەر بۇلۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم.
بىرىچى: كورىيە تېلۋىزيە فىلىملىرىدىكى قۇيۇق مىللىي پۇراق.
مەلۈمكى كورىيە تېلۋىزيە فىلىملىرى بۇ جەھەتتە ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە . كورىيەنىڭ ھەرقانداق تېلۋىزيە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش مۇھىتى مەسلەن: مىللىي كىيىم -كېچەكلىرى، يىمەك-ئىچمەك، ئۆرىپ-ئادەتلىرى ،ئۆي بىزەش ئالاھىدىلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەكىس ئىتىدۇ. مىسالغا ئالدىنقى يىلى كۆرەرمەنلەر ئارسىدا خېلى زور تەسىر قوزغىغان « ھەكىمە چاڭجىن» بۇنىڭغا مىسال بۇلايدۇ.
ئىككىنچى: كورىيە فىلىملىرىدىكى سىياسىيدىن خالى ھىچقانداق رەڭ بېرىلمىگەن تۇرمۇش چىنلىقى ، ئائىلە-نىكاھ -مۇھاببەت تۇرمۇشى جەھەتتىكى ئۇششاق تەسپىلاتلارنىڭ كۆپرەك بۇلۇشى، ھەم بۇ جەھەتتىكى ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا ئو خشاپ قالىدىغان قىسمەن تەرەپلەر كۆرەرمەنلەرنى بۇلۇپمۇ قىز-ئاياللارنى كۆپرەك جەلىپ قىلغان بۇلۇشى مۇمكىن دەپ قارىدىم.بۇنىڭغا «يەنە بىر كۆرسەم فىلم»نى مىسال كۆرسىتىش مۇمكىن. (كورىيە فىلىملىرىنى كۆپ كۈرۈپ كەتمىگەچكە باشقا فىلىملەرنى مىسالغا ئالامىدىم.)
ئۈچىنچى: كورىيە تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولغاچقا ئېلىكتىرۇن بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەك،ماشىنسازلىق جەھەتتە دونيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. مەلۈمكى ،كورىيە فىلىلمىرىدە مۇشۇ تەرەپلەر ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلۈپ تەسۋىرلىندۇ. بۇ مەقسەتلىك كۆرەرمەنلەرنى غىدىقلاش رولىنى ئويناپ ئۇلارنى تەبئىيلا كورىيەگە چۇقۇنۇش،ھىچقىلىپ كورىيەنىڭلا بولسا «داڭلىق» دەپ قاراپ بەس-بەستە سېتۋېلىش،بىزنىڭ كىينىش ،ئىشلىتىش ئۆرىپ-ئادەتلىرمىزگە، يۈرۈش-تۇرۇش ئادىتىگە ماس كىلەمدۇ-كەلمەمدۇ؟ بۇلار بىلەن ھىساپلاشماي بۇلارنى ئاتالمىش كورىيە قىزغىنلىقىنىڭ مەپتۇنكارلىرىغا ئايلاندۇرۇپ قۇيۇۋاتىدۇ.بۇ جەھەتتە نۆۋەتتە خانىم قىزلىرمىزدىكى كورىيەنىڭ گخرىم بۇيۇملىرى،كىيىم-كېچەكلىرىگە بولغان قارغۇلارچە چۇقۇنۇشنىڭ شەھەرلەردىن تارتىپ يېزىلارغا كەدەر كېڭىيىپ كېتىپ بارغانلىقىغا ھەيران قالىمەن. ئەجىبا چىننۇرى، ھۆسنىگۈل،خانىش ۋە باشقا داڭلىق ماركىلىرمىز، كۆپلىگەن ئۆزمىزگە ماس ھالەتتە ئىشلەپ چىقىرىلىپ بازارغا سېلىنۋاتقان كىيىم-كېچەكلىرمىز مۇشۇ كورىيە تاۋارلىرىغا يىتەلمەسمۇ؟ بۇ ھەممىز ئويلىنىپ بېقىشقا تىگىشلىك بىر مەسلە.
بۇنىڭ پايدىسى كورىيە تاۋار شىركەتلىرىگە. تېلۋىزيە-ئېلان شىركەتلىرىگە بۇلۇۋاتىدۇ. كورىيە تاۋارلىرىنىڭ كۆپىنچىلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى دەپمۇ تۇرايلى، ئۇنداقتا مۇنداق بىر سوئال تۇغۇلدۇ. بىزنىڭ مىللى كارخانچىلىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرى شۇنچە سۈپەتسىزمىدۇ؟ بىزنىڭ ئەمدىلا باش كۈتۈرۈپ بازار ئېچۋاتقان ئۆزگىچە يول تۇتۇپ ئۆزمىزگە ماس تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرۋاتقان مىللىي كارخانلىرمىزنى قوللاشقا مۇھتاج ئەمەسمۇ؟ ئاڭلىغان -كۆرگەن گەپلەر ۋە يازمىلارغا قارىغاندا ،چەتئەللىكلەر ئۆز دۆلىتىدە ئىشلەنگەن نەرسىلەرنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ئىشلىتىدىكەن. ئەمما بىزچۇ! تىلمىزنى دىمەي تۇرايلى ، كىيىم-كېچەكلىرمىز بارغانچە خاسلىقىتىن ئايرىلۋاتىدۇ. شەھەر كوچىلىرىدا، كوريانچە،تۈركىچە، ئەرەبچە، ئىشقىلىپ دونيادىكى جىمى مىللەتنىڭ كىيمىنى كىيەەنلەرنى ئۇچۇرتىش مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۈگۈنكىدەك يەرشارى كەنىتكە ئايىلىنۋاتقان ئۇچۇر دەۋىردە بۇ خىل يۈزلىنىش ھەممە مىللەتتە تېپىلسمۇ لىكىن بىزدەك ئەھۋاللار ئاز ئۇچۇرسا كېرەك. مۇشۇنداق كېتۋەرسە ئاز يىللاردىن كېيىن تۇپرىقىمزدا ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان « كورىيانلار» كۆپۈيۈپ كېتەمدۇ-قانداق ؟ بىر نىمە دەپ بولمايدۇ.
«تۈكىيە قىزغىنلىقى» توغۇرسىدا بىزنىڭ ئاتاغلىق ئوبزورچىمىز يالقۇن رۇزى ئەپەندى«تۈركىيە قىزغىنلىقى»بىزەە نىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟» ناملىق ماقالىدا بۇ ھەقتەتۆت جەھەتتىن ئېلىپ كەلگەن ئىجابى تەسىرنى بايان قىلدى.
http://adabiyat.alteken.com/641.aspx
يالقۇن رۇزى ئەپەندىنمنىڭ كۆز قارشىغا قوشۇلساممۇ بىراق بۇ تىمسىىدا «تۈركىيە قىزغىنلىقى»ئېلىپ كەلگەن پاسىسىپ تەسىرلەر ئوتتورغا قۇيۇلمىغان بولغاچقا تۇلۇقلاشقا تىگىشلىك دەپ قارىدىم.
تۈرىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئېتىقاد، ئۆرىپ-ئادەت جەھەتتە ناھايىتى يېقىن ،تارىخى يىلتىزى بىر، ئوخشاشلىق كۆپ بولغان تۈركىيە فىلىملىرنىڭ ياشلىرمىزغا تەسىر قىلىشىنى يامان ئىش دەپ قاراشقا بولمىسمۇ بۇلار بەرىبىر ئىككى مىللەت يەنە كىلپ ،مىللەت نەچچە مىڭ يىللىق تارىخ جەريانىدا قىسمەن پەرقلىدىغان ئەنئەنلەرنى شەكىللەندۈرگەن بىر مىللەت بولغاچقا تۈركىيە قىزغىنلىقى ناھايىتى ياخشى بىز ئۈچۈن كەم-كەمكۈتسىز ئۈلگە دەپ قاراشقا بولمايدۇ. بۇلۇپمۇ بىزگە تارقىلىپ كىرۋاتقان تۈركىيە فىلىملىرىدە بىز يات تەرەپلەرمۇ مەۋجۈت ئىكەنلىكى بۇ يات تەرەپلەرنىڭ بەزى ئىرادىسى ئاجىز كىشلەرنى غىدىقلاپ ناتوغرا يۈلۈنۈشكە باشلاۋاتقانلىقى ئەمەلىيەت. بۇ پاسىسىپ تەسىرنى تۆۋەندىكى تەرەپتە دەپ قارىدىم:
بىرنچى: تۈركىيە ھاكىميەت بىلەن دىن ئايرىلغان دۆلەت ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىزچىل غەرىپكە مايىللىشىۋاتقان دۆلەت بولغاچقا 80-90يىلدەك تۇرمۇش،ئۆرىپ-ئادەت جەھەتتە غەرپلىشىش، ۋە بىر قەدەر دېمۇگىراتتىك سىياسىي مۇھتىدا غەرپنىڭ خېلى كۆپلىگەن چاكىنا تۇرمۇش،ئەخلاق ئادەتلىرى ئۇلارغا سىڭپ كىرىپ ئەنئەندىن ئايرىلىش خەۋپى زورۇيۇپ كەتكەن. بۇ تۈركىيە تېلۋىزيە تىياتىرلىرىدا ئۆز ئىپادىسنى تاپىدۇ. باشقىنى دىمەي تۇرايلى: «چەكلەنگەن سۆيگۈ» ۋە باشقا بىر قىسىم فلىملىرىدىكى فىلىمدىكى ئادەمنى بىئارام قىلدىغان تېتىقسىز-ئەخلاقىسىز كۈرۈنۈشلەر،چاكىنلىقلار ئادەمنىڭ تۈركىيەگە
ئەھلى مۇسۇلمان بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ ۋە غەزپىنى قوزغايدۇ. ئەلۋەتتە ياخشى فىلىملىرمۇ كۆپ ئەلۋەتتە. ھازىر بېرىلۋاتقان «سەلتەنەتلىك100« فىلمدىكى قۇيۇق ئىسلام مۇھىتىدىكى شانۇ -شۆھرەتلىك ئوسمان ئېمپىريىسىنىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈردىغان چاكىنا ئوردا تۇرمۇشى،رەزىللكلەركىشىگە تارىخ بۇرمىلنىپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. مىسرانىمدا نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا يوللانغان «ھۈررەم كىيىملىرى قىزغىنلىقى»ھەققىقدىكى تورداشلارنىڭ بەس-مۇنازىرسى بۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئەلۋەتتە دېمۇگىراتتىك دۆلەت شارائىتىدا كىنو تېلۋىزيە ئشلىرنىڭمۇ بەك ئەركىنلىشىپ كېتشى ئەنە شۇنداق تارىخقا ،مىللەتكە داغ چۈشۈرىدىغان بەزى چاكىنا نەرسىلەرنىڭ بازارغا سېلنىپ جەميەتنى بۇلغىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرسە كېرەك.
مەن ئويلايمەن: مۇشۇنداق فىلىملەرنىڭ رايۇنمىزغا كەڭ تارقىلىپ ،كەڭ ئالقىشلىنپ قىزغىنلىققا ئايلنىپ كېتىشى «مانتا كۆرمىگەن قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ»دېگەندەك ساددا،ئاق-قارىنى پەرقى ئېتەلمەيدىغان كىشلىرمىزنىڭ نىرۋىسىنى غىدىقلاپ سەلبىي رول ئوينىشى تەبئىي.
ئىككىنچى: تۈركىيە كىنولىرىدىكى گۈزەل تەبىئەت كۈرۈنشلىرى،يىمەك-ئىچمەك.كىيىم-كېچەك جەھەتتىكى ئۆزگىچىكلىرى بىر قىسىم كىشلەر ئارسىدا قارغۇلارچە چۇقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تۈكىيە چوڭ ساياھەت دۆلىتى ئىكەنلىكى ساياھەتچىلكىنىڭ ناھايىتى تەرەققى قىلىپ دۆلەتنىڭ مۇھىم كىرىم مەنبەيىمىزگە ئايلانغانلىقى ھەممە ئادەمەە سىر ئەمەس.بۇ خىل ئىقتىسادىي تەرەققىيات ،مىللىي ئەنئەنە جەھەتتكى پەرق بىلەن ھىساپلاشمايدىغان بولغاچقا يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە ئايلنىپ بارا-بارا كىشلەرنىڭ دىققتىنى تارىتماقتا. بۇ خىل قىزغىنلاققا خېلى كۆپ كىشلەر مەپتۇن بۇلۇپ ئەسەبىيلەرچە »تۈركىيە ساياھەت قىزغىنلىقى،تۈركىيە مودىسىنىڭ قۇلىغا ئايلانماقتا.ئۆز ئىقىتىسادى ئەھۋالىغا يارىشا جاھان كۈرۈش ئادەمنىڭ نەزەر دارئىسىنى كېڭەيتىپ بىلىم دائىرسىنى كېڭەيتىدۇ.بىراق ھازىرقى بىنر قىسىم كىشلەرنىڭ ياخشى بولمىغان ئىقتىسادى ئەھۋالمىزغانىسبەتەن تۈركىيە قىزغىنلىقى ئىچىگە سۇقۇنۇپ كىرىش تەبئىيكى ئارتۇقچە ئىشتۇر. ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ئۆزىگە خاس ئېتىقادى، تۇرمۇش ئۇسسۇلى،جۇلالىنىپ تۇرىدىغان مىللىي كىيىم-كېچەكلىرى بىلەن ئۇيغۇردۇر. بىزنىڭ ساياھەت بايلىقىمىز يوقمۇ؟ داڭلاپ كەيگۈدەك كىيىملىرمىز يوقمۇ؟ ياكى پۇل بىزدە شۇنچە كۆپمۇ؟ دونيادا بىردەك تاپقان تەرگىننىڭ ھەممىسىنى باشقىلارغا تۈكۈپ بېرىپ باشقىلارنى باي قىلدىغان،ئۆزىنى قەدىرلىمەيدىغان مىللەتتىن يەنە قانچىسى قالدى!
يۇقاردامەن بىزدە مودىغا ئايلىنۋاتقان ئىككى خىل قىزغىنلىق ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرمىنى ئوتتورغا قۇيۇپ ئۆتتۈم. ئۇنداقتا بىزگە نۆۋەتتە زادى «قىزغىنلىق» كېرەك؟
مىنىڭچە بىزگە «تۈركىيە قىزغىنلىقىمۇ كورىيە قىزغىنلىقىمۇ كېرەك ئەمەس! بەلكى ئۆزمىزگە ،بىزنىڭ ئېتىقادمىز-تۇرمۇش ئۇسسۇلمىزگە،بىزنىڭ يىراق كەلگۈسى مەنپەتمىزگە پايدىلىق بولغان قىزغىنلىق كېرەك! ئۇ بولسمۇ « ئۇيغۇر قىزغىنلىقى». ئەگەر فىلىم قىزغىنلىقى دىيىلسە « ئۇيغۇر فىلىم قىزغىنلىقى» كېرەك. كىيىم دىيىلسە « ئۇيغۇر كىيىم قىزغنلىقى» كېرەك.ئۇنداق بولسا بۇ خىل قىزغىنلىك كونكىرىت قايسى جەھەتلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشى كېرەك؟ تورداشلار بۇ جەھەتتە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئىلمى پاكىت بايانى بىلەن ئوتتورغا قۇيۇپ باقساق.
مەنبە: ھىسلىرىم.
ئەسكەرتىش: يازمىدا ئوتتورغا قۇيۇلغانلىرى پەقەت مىنىڭ مەيدانىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تورداشلارنىڭ پىكىر بايان قىلغاندا گەپ-سۆزلەرنىڭ ئىلمى بۇلۇ شىغا دىققەت قىلشىنى ،ئۇلۇغ رامىزان ئايلىرىدا بىر-بىرلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلماسلىقىنى سەممىي تەۋىسيە قىلىمەن!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-1 04:33 AM