مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1855|ئىنكاس: 31

«ئىستىقبال سەھنىسى» ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارغا... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياخشىلىق قىل قول

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4582
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1578158
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12123 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 05:54:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«ئىستىقبال سەھنىسى» ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارغا ئۈمىد ئاتا قىلدى



شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئىقتىساد-تۇرمۇش قانىلىدىكى رېژىسسور خادىملارنىڭ ئەتراپلىق ئىزدىنىشى ۋە تىرىشچانلىقى، ئىستانسا رەھبەرلىكىنىڭ قىزغىن قوللىشى بىلەن ئىش كۈتۈپ تۇرىۋاتقان ھەرمىللەت ياشلىرىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش يۈزىسىدىن، نۆۋەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى تۇنجى خىزمەت تېپىش مەزمۇنىدىكى چوڭ تىپتىكى پروگرامما « ئىستىقبال سەھنىسى» پروگراممىسى يولغا قويۇلۇپ، ساخاۋەتچى كارخانىلىرىمىزغا خادىم قوبۇل قىلىش، تالانتلىقلارنى بايقاش سۇپىسىنى ھازىرلاپ، قوش ئۈنۈمگە ئېرىشتى. شىنجاڭ ئەلدوست بىئو-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بۇ پائالىيەتنى قىزغىن قوللاپ، بىر مىلىيون 500 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي ياردەم بەردى. ئىستانسا مەرىكە زالىدا رەڭگارەڭ چىراق ۋە پىلاكاتلار بەدىئىي ئۇسۇلدا تەييارلانغان بولۇپ، «ئىستىقبال سەھنىسى» ۋە «پۇرسەت ۋە سەھنە بىزدىن، تىرىشچانلىق سىلەردىن » دېگەن ئوتلۇق شوئارلار كۆزنى چاقنىتىپ، كىشلەرگە زوق ۋە ئىلھام بېرەتتى. بەيگىگە تەييارلىنىپ ئولتۇرغان قارا كۆزلەر زالغا لىق توشقان بولۇپ، تولىمۇ جىددى ۋە پەخىرلىك ھېسسىياتقا تولغانىدى. 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارغا ئاخىرى پۇرسەت يارىتىلدى. شىنجاڭ ‹‹ شانئال ›› ئىگىلىك تىكلەش كەسپىي تەربىيلەش مەركىزى، شىنجاڭ ‹‹ ئىنتىل ›› كەسپىي تېخنىكا تەربىيلەش مەكتىۋى، شىنجاڭ ‹‹ ئارمان ›› مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گۇرۇھى، شىنجاڭ ‹‹ بۇغدا ›› دوختۇرخانىسى ۋە شىنجاڭ ‹‹ ئابىدە ››، ‹‹ مەغرىپ ››، ‹‹ ساداقەت ››، ‹‹ ھەرەمباغ ››، ‹‹ ئامىنە ››، ‹‹ پارلاق ››، ‹‹ سىتار ››، ‹‹ ئەلدوست ››، ‹‹ مىراس ›› قاتارلىق سودا شىركەتلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 چوڭ ئورۇننىڭ مەسئۇللىرى سەھنىدە ھازىرلاندى. مۇنىرە غوپۇر، جۇشقۇن جۈمە بۈگۈنكى سورۇنغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر بىلەن خىزمەت قوبۇل قىلغۇچىلارنى بىۋاستە ئۇچراشتۇردى.





شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك كۈچى ۋە ئىجتىمائى كاپالەت نازارىدىن ئىلھامجان غوپۇر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى مائارىپ بۆلىمىدىن گۈلباھار قاسىم، شىنجاڭ ‹‹ تەۋپىق ›› مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئېلى قۇربان قاتارلىقلار نەق مەيداندا باھالاپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆرسەتمە بېرىپ، ئۇلارغا پىسخىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بەردى. بۈگۈنكى تۆت نەپەر خىزمەت ئىزدىگۈچى ئۆزلىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمالىنى ئېكران ئارقىلىق نامايان قىلىپ، شىركەتلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى، ئۇلار ئۆز سەۋىيەسى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن شىركەتلەرنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن خىزمەت تاللىدى. خىزمەتكە تونۇشتۇرۇش كۈنتەرتىۋى تۆت باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. 1-باسقۇچ ‹‹ ئەسرا ›› ( ئۇچرىشىش ). 2-باسقۇچ ‹‹ مەرتنى مەيداندا سىنا ››. 3-باسقۇچ ‹‹ ئارزۇيۇمدىكى خىزمەت ››. 4-باسقۇچ ‹‹ ئاخىرقى تاللاش ›› دىن ئىبارەت بولدى. بۇ مەيداندا سۇئال-جاۋابلار جىددى تاللاش ئارقىلىق تۇڭجى ئۇنۋېرسىتېتى ماركىتىڭى كەسپىنى بۇيىل پۈتۈرگەن تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى خالىقجان تۆمۈر، شىنجاڭ رادىئو تېلىۋىزىيە مەكتىۋى دېكتور-رىياسەتچىلىك كەسپىنى پۈتتۈرگەن نىساگۈل سەيدۇللا، بىڭتۇەن رادىئو-تېلىۋىزىيە مەكتىۋى بوغالتىرلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن رابىگۈل ئىلھام، 2013-يىللىق شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ فىزىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى مەردان كېرەم قاتارلىق تۆت نەپەر ئوقۇغۇچى ئۆزى تاللىغان كۆڭۈلدىكىدەك مۇۋاپىق خىزمەتكە ئېرىشتى. بۇ ھەم جىددى ھەم قىزىقارلىق ئەمەلىي بىلىم ۋە ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان جەلىپكار فىلىمنىڭ ۋاقتى 70 مىنۇت بولۇپ، 8-ئاينىڭ 4-كۈنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىقتىساد-تۇرمۇش قانىلىدا ۋە 2-5-قاناللىرىدا تەكرار كۆرسىتىلىدۇ.







مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تارىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-31 05:55 PM  


دوستلۇق-ھاياتنىڭ ئىنتايىن گۈزەل خاتىرىسى. ئىنسان خوشال چاغلىرىدا بەلكىم دوستىنى ئويلىماسلىقى مۇمكىن، بىراق تۇرمۇش دولقۇنلىرىدا چايقىلىپ، بېشىغا خىلمۇ-خىل قىسمەتلەر چۈشكەندە، بىر چاغلاردىكى مېھرىبان دوستلىرى يادىغا يېتىدۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80054
يازما سانى: 822
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2087
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 10:36:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپمۇ ياخشى ئىش بولۇپتۇ ، بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇنداق خىزمەت ئىزدەيدىغان پروگراممىمىز بولۇپتۇ ، بۇ پروگراممىنى ئاپىرىدە قىلغانلارغا تەشەككۈر .
سەھنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىمۇ شۇنداق كۆركەم ھەم ئۇيغۇرچە بوپتۇ ، بۇ پروگراممىنىڭ تىخىمۇ روناق تىپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
قاچانمۇ 8-ئاينىڭ 4-كىلەر

دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 2992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4275
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2743 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 10:36:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەمىيىتىمزدىكى ئىش كۇتۇپ تۇرغان  ياشلىرىمىزغا  بىر قېتىملىق پۇرسەت ئىكەن. ياشلىرىمزىغا ئۇتۇق تىلەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 15696
تۆھپە نۇمۇرى: 1618
توردا: 3206 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2013-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 11:05:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچە ئىش كۈتۈپ تۇرۇش ھاماقەتلىكتۇر.چۈنكى نۆۋەتتىكى كەسكىن رىقىبەتتە بىز چوقۇم  تىرىشىپ -تىرمىشىپ ئىش تېپىشىمىز كېرەك.چۈنكى ھاماقەتلەر پۇرسەت كۈتىدۇ،ئەقىللىق كىشى پۇرسەتنى تاپىدۇ .نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە خىزمەت تېپىش خېلى ئاسان شۇ كىشى شۇ ئىشنى ياراتسىلا بىر كىشىلىك خىزمەت تاپقىلى بولىدۇ.

دۇنيادا ئەۋلادلارنىڭ مۇھتاجلىققا قېلىشىدىن قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق،شۇ سەۋەبلىك پەرزەنتلەرنى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85913
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 634
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2013-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 11:18:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ياخشى،  ( 8 - 4  ) تىمڭىزغا رەھمەت .

ئادەم ئادەمدىن قورۇقمايدۇ، پەقەتلا ھۆرمەتلەيدۇ.
بەزىلەر ئۆزىنى مەن يامان دەيدۇ، ئەمما ئۇلاردىن ھېچكىم قورۇقمايدۇ!.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 914
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2924
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 639 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 11:30:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پادىشاھ يوللىغان ۋاقتى  2013-7-31 11:05 PM
مەنچە ئىش كۈتۈپ تۇرۇش ھاماقەتلىكتۇر.چۈنكى نۆۋەتتىكى ك ...

گىپىڭىزچە ئەقىللىقلا بولسا بولىدىكەندە.نى نى ئەقىللىق تالانىتلىقلار بار.ئەمما ئۇلارنىڭ ئارقا تۈۋرىكى يوق،دىمەك ئۇلار ھاماقەتكەندە،شۇڭا جەمىيەتتە داشۆسىڭ ناخشىسى بىلەن ئۈچىنجى كەسىپ قىلىۋاتىدۇ.نى نى ساپاسىزلارمۇ بار،پۇلى بولغاچقا كانايغا پاق پاق ئۇرۇپ ئالاھىدە ئورۇندا يۈرىدۇ.شۇڭا بۇ سۆزىڭىزنى قوللىمايمەن،ئەلۋەتتە بۇ جەمىيەتتە ئەقىللىقلا بولماستىن پۇلىڭىزمۇ بولىشى كىرەك.بولۇپمۇ يىڭى ئۇقۇش پۈتتۈرگەنلەرگە نىسبەتەن.
ئىستىقبال سەھنىسى ياخشى سەھنە بوپتۇ.مۇنىرە غۇپۇر ھەدىمىزنىڭ سەھنىگە قايتىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن.ھەم بۇ سەھنىنى داۋاملىق ئىجىرا قىلىشىنى،كارخانىچىلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن.
شۇنداقتىمۇ دوسىتلارغا دائىم خىزمەت،خىزمەتلا دەپ ئۆيدە ئولتۇرۋالماي جەمىيەتنى چۈشىنىشىنى،ئاق ياقىلىق بولالمىسىمۇ كۆك ياقىلىقلاردىن بولسىمۇ خىزمەتكە ئۆزىنى ئۇرىشىنى،ئەڭ مۇھىمى ئاتا كەسىپنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئۆمۈد قىلىمەن.

http://news.bilimkuqi.com/?p=419

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6754
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 34997
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2958 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-1 12:06:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارغا ياخشى پۇرسەت بوپتۇ،ھەقىقەتەن خۇشاللىنىشقا تېگىشلىك ئىشكەن....

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82322
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1088
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 737 سائەت
تىزىم: 2012-6-30
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-1 12:06:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناۋا ۋەباشقا سەنئەت پېروگىراممىلارغا قارىغاندا ئەمىلىيەتچىل سەھنە بوپتۇ ،داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇلسا بولاتتى

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4781
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 285
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4233 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-1 12:16:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بوپتۇ مانا ..

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96393
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 65
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2013-7-25
ئاخىرقى: 2013-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-1 12:17:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ ياخشى !  مۇشۇنداق رەڭدار پىروگراممىلارغا مۇھتاج ئىدۇق .
مۇنىرە غۇپۇر ھەدىمىزنىڭ رىياسەتچىلىك قىلغىنىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم .  دىللارغا ھۇزۇر بېرىدىغان يېقىملىق ئاۋازىنى بەكمۇ سېغىنغان ئىدۇق .   
مۇشۇنداق ئاۋام -خەلىققە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزەلەيدىغان پىروگراممىلانىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز .
پىروگىراممىنى ئىقتىساد بىلەن قوللىغان ھەرقايسى مەرد ئەل ئوغلانلىرىغا ئاپرىن ئېيتىمىز . رەھمەت سىلەرگە !!!  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش