مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8474|ئىنكاس: 83

بىر amway شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئۈستىدىن مۇنبەردىكىلەرگە شىكايەت!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96450
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2013-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 02:50:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالام ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى ھەر قايسى ئىسىلزادە بەگزادىلەر، مۆھتىرەم خانىملار، تىنچ-ئامان، ساق-سالامەت، خاتىرجەم كىتىپ بارامسىلەر. مەن ئەسلى بۇ دەردىمنى كىمگە ئېيتاي دەپ ئېيتىدىغان يەر تاپالماي يەنىلار مۇنبەردىكى سىلەرنى ئەڭ لايىق تاپتىم ۋە ئاراڭلاردا بىرەرسىڭلارنىڭ ماڭا ئەقىل كۆرسىتىپ بېشىمدىكى بۇ تۇماننى تارقاتسىكەن دىگەن ئۈمۈد بىلەن ئۈشبۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.  ئەمدى  رۇخسەت قىلساڭلا سۆزۈمنى باشلىسام دەردىمنى بىر تۆكىۋالسام.
   گەپنىڭ مېغىزىغا كەلسەك، مەن ئەسلى بىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن زىيالى، ئەمما ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يۇرتقا قايتقاندىن، بىرەر ئىدارە ئورگاندا ئىشلەپ، تىنىچ كۆل يۈزىدەك داۋالغۇچسىز تۇرمۇشنى تاللىماستىن، بەلكى ئىجدىمائىي جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ خىرسقا تولغان چوڭ سەھنىدە ئۆزۈم خالىغانچە ئۈزۈپ،  خالىغانچە پەرۋاز قىلىپ ياشاش نىيىتىدە بۇ مۈشكۈل ئەمما ئۆزۈم چىن كۆڭلۈمدىن ئارزۇ قىلىدىغان تۇرمۇش يولىغا قەدەم باستىم،  بىراق بۇ جەمىيەت ھەقىقەتەنمۇ مۇرەككەپ ۋە بۇران-چاپقۇنلۇق ئىكەن.  ئالىي مەكتەپتە شۇنچە كۆپ ساپ نىيەتلىك، غەيرەت جاسارەتلىك، ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ئارىسىدا يۈرۈپ بەكلا سەبىيلەرچە تەپەككۇرغا كۆنۈپ قالغاچقىمىكىن،  ئۇچرىغانلىكى ھەممە ئادەمنى ئۆزەمدەك ۋە ئالىي مەكتەپتىكى دوستلۇرۇمدەك ساپ قەلپ، ساپ ۋىژدانلىق دەپ بىلىدىكەنمەن. ئەمما ئىش ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس ئىكەن، مەن جەمىيەتكە چىقا چىقمايلا قاتتىق بىر  پەشۋا يىدىم. ئالاھەزەل مۇشۇ يىلنىڭ 2-ئاي بېشى ئىدى. مەن ئۆزۈم ئىشلەۋاتقان شىركەتتىن چىقىپ، تونشقىلى بىرنەچچە ئاي بولغان ئەمما دائىم ياخشىلىقنى سۆزلەيدىغان، ياخشىلىقنى تەۋسىيە قىلىدىغان بىر ئاكاش بىلەن بىرلىشىپ سودا ئۇچۇر مۇلازىمەت مەركىزى ئېچىشنى پىلانلاشتۇق، بۇ ئاكاش سودىغا بەكلا ماھىر بولۇپ گەپ-سۆزلىرى جايىدا ۋە قايىل قىلارلىق ئىدى. مەن بولسام ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ۋە ئۆزۈممۇ تۇرمۇشتا ئەستايىدىل ۋە تىرىشچان غايىلىك ئىدىم.  بۇ ئاكاش ماڭا بۇرۇنقى شىركەتتە چاغدىلا كۆزى چۈشكەن ئىكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىككىمىز بىر جايدا تۇرىدىغان بوپ قالدۇق ۋە ئىككىمىزنىڭ ئويلىغانلىرى كۆپۈنچە بىر يەردىن چىقىپ قالدى. بۇ ئاكاشنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ بۇرۇن پۇل تېپىپ كاتتا بايمۇ بولغان ئىكەن ئەمما بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى ۋەيران بولۇپ بۇ تەرەپلەرگە ئۆتۈپ قالغان ئىكەن، شۇنداق قىلىپ مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ پىلانلىرىنىمۇ بىرەر قاتار قىلىشىپ، ئورۇننىمۇ تاللاشتۇق. بۇ ئورۇن ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ بۇ قىلماقچى بولغان كەسىپكە لايىق كىلەتتى. ئەمدى بۇ ئىشخانىنىڭ ئىگىسى بولسا مەن سىلەرگە شىكايەت قىلماقچى بولغان amway شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى پالانى قارى ئىدى. مەن دەرھالا يۇرتقا قايتىپ ئۇرۇق تۇققانلاردىن، تۇنۇش-بىلىشلەردىن سوراپ يالۋۇرۇپ دىگەندەك مىڭ تەستە 15مىڭ يۈەننى جۇغلاپ كەلدىم. بىز ئەسلىدە ھېلىقى ئاكاش بىلەن 20مىڭدىن چىقىرىدىغان، پايدىغا تەڭ شىرىك بولىدىغان بولغان ئىدۇق. بىراق ئىش دىگەندەك بولمىدى. ئۇ ئالدى بىلەن مىنىڭ پۇلۇمنى ئىشلىتىپ دۇككاننى ئۆتكىزىۋالىدىغانلىقىمىزنى ئاندىن كېيىن ئىش باشلىغاندا قالغان پۇلنى چىقىرىدىغانلىقىنى دېدى. مەنمۇ ئۇنىڭ بىر نەچچە ئاي جەريانىدىكى ماڭا بەرگەن ئىشەنچىسىگە ئىشىنىپ راس دەيدىغۇ دەپ ئۆتكىزىۋېتىپتىمەن. چۈنكى مېنىڭ راسلا بۇ ئىشنى قىلىپ كېتىشكە ئىشەنچىم تۇلۇپ تاشقان ئىدى. بىز ئىشخانىنى 25مىڭغا ئۆتكۈزىۋېلىپ باشتا 15مىڭنى ساق تاپشۇردۇق. ئىشخانىغا  تور، تېلىفۇن دىگەنلەرنىمۇ تارتىپ، ئۈستەللەرنى تەييارلاپ بولغان ۋاقىتتا ھېلىقى amwayچى ئۆزىنىڭ ناچارلىقىنى چىقاردى. ئۇنىڭ دىيىشىچە بۇ ئىشخانىنى ئۇنىڭ ئاكىسى بېزىگەنمىش شۇ چاغدا ئىككىمىڭ ئەتراپىدا پۇل كەتكەنمىش، شۇنىڭغا ئاكىسى بۇ پۇلنىمۇ بەرسۇن ئاندىن ئۆتۈنۈپ بەرسۇن دەپتىمىش. بولمىسا ئىشخانىنى قايتۇرىۋالارمىش.  بۇنى ئاڭلاپ ئەرۋاھىمىز مىڭ گەز ئۇچتى. ئۇنىڭغىچە بىنانىڭ ئىگىسى بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز قالغانلىقى ئۈچۈن سەل خاپا بولغانلىقى ۋە نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىز ئامالسىز باشقا مۇۋاپىق بىر جاي ئىزدىمەكچى بولدۇق.  لېكىن ھېلىقى بىز تېخى ئالدىنقى كۈنى بەرگەن 15مىڭ يۈەننى ئۇ amway خىزمەتچىسى باشقا يەرگە ئىشلىتىۋەتكەنلىكىنى، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە تەخلەپ بېرىدىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بىز كۈتتۇق، تېلفۇن قىلدۇق، ئىشخانىسىغا باردۇق، ئۇنى پەقەت تاپالمىدۇق. ھېلىقى ئاكاش ئۇ amway چىنىڭ ئاكىسىنى تونۇيدىغانلىقىنى، ئۇمۇ amway بولۇپ قەشقەردە خېلى ھاللىق سالىھ كىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتىپ مېنى خاتىرجەم قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئىنىسىنى قويۇپ ئاكىسىنى ئىزدىدۇق، مىڭ تەستە نۇمۇرىنى تاپقان بولساقمۇ ھېچ ئالاقە قىلغىلى بولمىدى. بىر كۈنى كەچتە ئۆيگە قايتىۋاتسام ئۇنى بىر ناۋايخانىنىڭ ئالدىدا ئۇچراتتىم ۋە ئۇنى شۇ يەردىلا تۇتىۋېلىپ ياتاققا ئېلىپ كەلدىم. ئۇنىڭ دىيىشىچە يېقىندا قەشقەرگە كىتىپتىكەن ئاخشام تېخى بۇ يەرگە كەلگەن ئىكەن. ئۇ  يەنە پۇل يوق دەپ تۇرىۋالدى، يا ئۇنى ئۇرغىلى تىللىغىلى بولمىغان يەنە ئامالسىز ئۇنىڭدىن 24 سائەت ئىچىدە تەييار قىلىمەن. دىگەن ۋەدىسىگە ئىشىنىپ قۇيۇپ بەردۇق، 24 سائەتتىن نەچچىسى ئۆتۈپ كەتتى. تىلفۇن قىلدىم، ئىشخانىسىغا باردىم ھېچ يەردە يوق.  بىر قېتىم ئەتىگەندە ئۇنىڭ ئىشخانسىغا باردىم، تەلىيىمگە بۇ قېتىم ئۇ بار ئىكەن، سورىسام يەنە شۇ گەپ، ئۇ ئۇنىڭ بۇنىڭغا تىلفۇن قىلغان بولدى، دوسلىرىدىن سورىغان بولدى، تاپالمىدى. بىر چاغدا ئۇنىڭ بىر amwayچى خىزمەتدېشى تېخى مىنى تىللاپ ماڭا ھۆرپىيىشكە ئۈلگۈردى، ئۇنىڭ دېيىشىچە مەن ئۇنىڭ كۆزىگە كىرىۋاپتىمەنمىش، ئۇنى قىستاپتىمەنمىش، بىراق مىنىڭ قىستالغانلىقىمنى، باشقىلارنىڭ ئالدىدا قانچىلىك تەڭقىسلىقتا قالغانلىقىمنى ئۇنىڭغا قانداقمۇ چۈشەندۈرۈپ بولاي، دىسەممۇ ئۇنىڭ قولىقىغا بۇ گەپلەر كىرىپ چىقارمۇ. مەن تۇيۇقسىز ئۆزۈمنى بەكلا بىچارە ھېس قىلدىم، بەكلا ئىزا تارتتىم ۋە بۇ خورلۇققا چىدىماي بۇ جايدىن ئايرىلدىم. يەن كۈنلەر ئۆتتى ھەپتە ئۆتتى مانا تېخى ئىككى ھەپتە بۇرۇن ھېلىقى باشتا گېپىنى قىلغان ئاكاش ئۇنى ئۇچرىتىپ ماڭا تىلفۇن قىپتىكەن، بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم، يەنە پۇل يوق، يەنە بۇرۇنقى كونا تاكتىكا باشقىلارغا تىلفۇق قىلىدۇ. ئەكىلىپ بەرمەكچى بولىدۇ، ماڭا ئىشەنچىلىك ۋەدىلەرنى قىلىدۇ. مەن يەنە شۇ ۋەدىلەرگە ئىشىنىپ يا بىر ئىشنى باشلىيالماي ئۆزۈمنىڭ ئىگىلىك تىكلەش خام خىياللىرىنى سۈرىمەن. ئەمما بۇ قېتىم مېنىڭمۇ ئاسانلىقچە قۇيىۋەتكىم كەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ھۆججەت مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىپ 15-چىسلاغىچە بېرىدىغان بېرەلمىسە ھەر ئون كۈنگە 5% قوشۇپ تۆلەيدىغان بولۇپ، ھۆججەت يازدۇرىۋالدىم. تېخى ھېلىقى ئاكاش ئۇنىڭ ئاكىسى بىلەنمۇ تىلفۇندا كۆرۈشۈپتۇ، ئۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئۆزى ھەل قىلىدىغان بوپتۇ، مەن بۇ قېتىم ھەقىقەتەن خۇشال بولدۇم چۈنكى ئۇنىڭ ئاكىسىنى خېلى ئىشەنچىلىك دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، ئىنىسى بىلەن قېنى بىردۇ دىمىگەن ئىدىم، مانا بۇنىڭغىمۇ ئون نەچچە كۈن بولدى، ھېچ خەۋەر يوق، مەن بولسام ئىلگىرى قەرز ئالغان كىشىلىرىمنىڭ چىرايىغا قارىيالماي قالماسلىق ئۈچۈن، رامىزاندىن بېرى ئۆيگە قايتالمىدىم. دېمىسىمۇ ماڭا شۇنداق ئىشەنچ قىلىپ ياردەم قىلغان كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويغان بولغاندىكىن ئەمدى نېمىمۇ دىگۈلۈك. تېخى  بۇ ئارلىقتا بىر ئاكام ئۆي ئالىمەن بىر ئاكام تام سالىمەن دەپ بەكلا بېشىمنى قاتتۇردى. ھەي!! ئۆمرۈمدە بۇنداق زارلانمىغان ئىدىم، خارلانمىغان ئىدىم.  خۇدا قەرزدار بولۇپ قېلىشىن ھەر بەندىسىنى ساقلىسۇن.  ئەمدىلىكتە زادى نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي ئۇيان ئويلىنىپ بۇيان ئويلىنىپ ئاخىرى سىلەرنى مۇڭداش تاپتىپ، مانا قانۇن بىلمەسلىك سەۋەبىدىن دەرتنى ئۈزەم يالغۇز تارتتىم، ئەمدى  مۇشۇ يەردە بولدى قىلاي ھېلىمۇ خېلى تەپسىلى بولدى، بېشىڭلانىمۇ ئاغرىتىۋەمەي، سەۋرىچانلىق بىلەن ئاڭلىغىنىڭلارغا رەھمەت.
بىلىشىمچە ئەمۋاي شىركىتى خېلى داڭلىق دۇنياۋى شىركەت ئىدى، ئۇنىڭ بۇنداق ناچار خىزمەتچىلىرىمۇ بولىدىكەن، ئۇلار بۇنداقلارنى نىمىشقىمۇ باشقۇرمايدىغاندۇ، ئۆزىنىڭ مىڭ تەستە تىكلىگەن ئابرويىنىڭ مۇشۇنداقلارنىڭ قولىدا داغ سەپكۈن چۈشۈپ قالىدىغىنىنى ئويلىمامدىغاندۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9466
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9343
تۆھپە نۇمۇرى: 496
توردا: 233 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 10:44:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
موشۇ ئەمۋاي دېگەننىڭ ماللىرىنى سېتىپ يۈرگەن بالىلارغا لەنەت،ئۇلارنىڭ تاقاپ يۈرگەن گالاستۇكى،ۋە شىم-كاستىيۇمىغا لەنەت!ئۆزىلىرىنىڭ كىملەرنىڭ پېشكىسى بولۇپ،كىملەرگە پايدا  يارىتىپ يۈرگىنىنى بىلەمدىغاندۇ ئاشۇلار!ئەمۋاي دېگەن پۈتۈنلەي يەھۇدىيلار ئىگىدارلىقىدىكى شىركەت،يەھۇدىيلار شۇ ياراتقان قىممەتكە سېتىۋالغان ئوق-دورا،قۇراللىرىنى كىملەرگە قارىتىۋاتىدۇ؟بۇنى ھەممەيلەن بەلكىم بىلىشى مۇمكىن،ئۇلارنىڭ سوپۇنلىرىنى ئىشلەتمەي،بىزنىڭ قىزلىرىمىز يەنە شۇنداق لاتاپەتلىك تۇرالايدۇ،ئۇلارنىڭ ئالتۇن قازىنىدا سۇ قايناتماي،تاماق ئەتمەيمۇ،يەنە شۇ تۆمۈر قارا قازانلىرىمىزدا تەملىك غىزالىرىمىزنى خوتۇن-ئاياللىرىمىز ئېتەلەيدۇ،ئۇلارنىڭ ئاقسىللىرىنى يېمەيمۇ بوۋاقلىرىمىز،سەبىيلىرىمىز يەنە شۇنداق زېرەك چوڭ بولۇۋاتىدۇ،دەيدىغىنىم!ئەمۋاينىڭ ماللىرىنى بايقۇت قىلىش كېرەك،ئېسىمىزدە بولسۇن!بۇ يەردىكى  ئەمۋاينى سېتىۋېلىش-سېتىش مەسىلىسى ماھىيەتتە ئېتىقادنىڭ چىڭ -بوشلۇق مەسىلىسى!

مەمىتىلى تەۋپىقنىڭ روھى ھەربىر ئوقۇتقۇچىغا مەڭگۈ ھەمراھ بولسۇن!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 10:46:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1985
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7397
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1171 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 11:15:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىسىنى ئىككىنچى قەۋەتتىكى مۇنبەردېشىمىز ئېيتىپ بوپتۇ،مېنىڭ باشقىسىنى دېيشىمنىڭ ئورنى يوق،لىكىن بىرلا ئېغىز گەپ قىلاي،سىزمۇ بىرىنچى قېتىملىق زەربىگە ئۇچراپسىز لىكىن بۇنى ئۆزىڭىزنىڭ بىر تاياقتا ھەيدەش پىسىخىكىسىنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالمىسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74486
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4029
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 11:25:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  
سىز پۇتۇنلەي ئالدىن ئورۇنلانغان بىر تىياتىردا باش رول ئاپىسز ئەمەسمۇ.
سىزگە دىسەم مۇشۇ ئىشتىنلا كۇرۇنۇپ تۇرۇپتىكى سىز ئىشەنگەن ئاۋۇ ئاكاش بىلەن ئەمۋايچىنىڭ تىلى بىر ئىكەن.
..
بۇ ئىشىڭىزنى پەقەت سوت مەھكىمىسى بىر تەرەپ قىلالايدۇ.

كەلگۈندى ئىسىملىك تورداش توغرا ئېيتىدۇ سىز ھەقىقەتەنمۇ بىر تىياتىردا رول ئاپسىز قېرىندىشىم ! سىز بۇ ئىشىڭىزنى ۋاقتىدا قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلمىسىڭىز سىزگە ئىشەنگەن ئادەملەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ ئىنتايىن بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالىسىز .
ئەمۋاي مەسلىسىگە كەلسەك ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساختىپەزلەر ، مەن مۇندىن بىر يىل مۇقەددەم بۇلارنىڭ بىر يىغىنىغا قاتنىشىپ قالدىن ، پالانچى مۇئەللىم لىكسىيە سۆزلەيدۇ ئېچىلمىغان كاللاڭ ئېچىلىدۇ ۋاي بۇرادەر ماڭ بارىمىز مانا مەنمۇ ھېچقانچە كۈچىمەيلا بېيىپ كەتتىم دەپ بىر بۇرادىرىم زورلاپ ئاپارغانتى ، لىكسىيە سۆزلەيدىغان مۇئەللىم بىر ئېغىز گەپ قىلىپ بولغۇچە ما تەرەپتىن 2-3 ئا تەرەپتىن 4-5 گۇپپاڭچى مۇئەللەمنىڭ سۆزىنى تەستىقلاپ كۆتەمىچىلىك قىلىپ نادان كىشلەرنى ئازدۇرىدىكەن ھەيتوۋا!!!!!!!
ئالدانغان نادان خەلقىم!!!!

بۇ جاھان شۇنداق جاھان ، ھۇناق ھۇناققا كەلمەي - چۇناق توكۇرغا تەگمەي ئۆتۈپ كىتىدىغان!
زەنجىر بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 11:28:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89921
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1542
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 236 سائەت
تىزىم: 2013-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 11:33:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرىز قىلىڭ قېرىندىشىم سىزدە تىلخەتمۇ باركەنغۇ ، نىمىدىن قورقىسىز قانۇندىن قىلچىلىك خەۋىرىڭىز بولمىسا بىرەر ئادۇكاتلىق ئورنىغا كىرىپ بېقىڭ ئاللاھ خالىسا ئاق كۆڭۈل كىشلەردىن بىرەرسى بولسىمۇ سىزگە خالىس قوللىرىنى كەڭ ئاچقۇسى ، قانۇن ئارقىلىق ھوقۇق مەنپەتىڭىزنى قوغداڭ

ئانا تىلىمىز بىزدىن يىراقلاشقىنى يوق ، بەلكى بىز ئانا تىلىمىزدىن يىراقلىشىۋاتىمىز .
زەنجىر بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 11:34:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 11:41:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنياغا داڭلىق ئامۋاي ئەسلىدە بىر قۇيمىچى ئەمەس،خىزمەتچىلىرىمۇ ئەسلا خىزمەت پىرىنسىپىغا بويسۇنىدۇ.لىكىن سىزنى قويغىنى ئەمۋاي ئەمەس،شۇنىڭغا ئەزا بولغان بىرى خىالاس.سىز ھىچ ئامال تاپالمىسىڭىز سوتقا بىرىڭ.مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلاي دىسىڭىز.سىزگە ئۇلار قەرىزدار،سىز يۇرتداشلارغا قەرىزداركەنسىز.رامىزاندا كىشىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردىغان ئىشنى قىلماڭ.ئەسلىدىللا سودىدا شىرىك بولسا بولمايتى.بوپتۇ،بۇمۇ بىشىڭىزغا كەلگىنى.سىزمۇ خەقنىڭ يۈزىنى قىلىپسىز،بىراق خەق سىزنىڭ يۈزىڭىزنى قۇيمايدىكەن ئەمەسمۇ،شۇڭا سوتقا بىرىۋىرىڭ،چۈنكى ئۇ پۇل سىزنىڭ.سىز ئالغان ئۇ پۇللار خەقنىڭ تۇرسا،ئەلۋەتتە سىز قەرىز ئالغان ئاشۇ كىشىلەرمۇ سىزدەك تىت-تىت بولۇپ كەتكەندۇ.ئالماقنىڭ بەرمىكى بار،

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 11:47:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرىز قىلىڭ ...قولڭىزدا تىل خەت باركەن .بولمسا ئالالمايسىز شۇ پۇلىنى .ۋاقتىدا ئەرىز قىلغنڭىز ياخشى

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش