|
|
|
|
بۈدۈنە باللىرى ئۇچقىدەك بولغاندا،ئانىسى نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دەپتۇ:-سىلەر ئەمدى ئانام ئەكىلىپ بىرىدۇ ،دەپ ماڭا قاراپ تاماقىلىپ ياتماي ئۇچۇپ بېرىپ كەڭ زىمىندىن رىزقىڭلارنى تېپىپ يەڭلار.مىھنەت قىلىڭلاركى نەپسىڭلارغا بىرىلىپ خىيانەت قىلماڭلار .ئىنسانلار سىلەرگە تۇزاق قۇرىدۇ ،يەيدىغان نەرسە كوپ چېچىلىپ تۇرغان يەرگە يېقىن بار ماڭلار تۇزاققا چۈشۈپ قالىسىلەر.ئىنسانلار تۇتۇپ شورپا قىلىپ ئىچىۋالىدۇ
ياكى سىلەرنى قەپپەزگە سۇلاپ سايرىتىپ ھۇزۇرلىنىدۇ ياكى سۇقۇشتۇرۇپ كۈڭۈل ئاچىدۇ.نەسىھىتىمنى ئىسىڭلاردا چىڭ ساقلاپ ئەمەل قىلقڭلاركى ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلماڭلار.نەسىھەتنى ئاڭلىغان بۈدۈنە باللىرى ۋەدە بىرىپ تەرەپ تەرەپكە دان ئزلەپ ئۇچۇپ كىتىپ تۇ.بىر بالىسى ئۇياققا
ئۇچۇپ بۇياققا ئۇچۇپ بىريەرگە كەلسە يەيدىغىنى كۆپ چېچىلىپ تۇرۇپتۇ ،ھە ئانام ئېيىتقان تۇزاق مۇشۇ يەردە بولساكىرەك ،دەپ بىلىپتۇ يۇ نەپسى تاقىلداپ يەرگە قۇنۇپتۇ.بىرتال يىگەنگە تۇزاققاچۈشۈپ قالماسمەن ،دەپ بىرتال چۇقۇپتۇ تۇزاققا چۇشمەپتۇ ئۈزى تېپىپ يىگەندىن كۆپ شىرىن تېتىپ كىتىپتۇ-دە، ئىككىنجىسىنى چۇقۇپتۇ،ئۈچۈنجىسىنى چۇقۇغاندا پالاققىدە تۇزاققا چۈشۈپ قاپتۇ.بۈدۈنىگە تۇزاق قۇرغان بۈدۈنىۋاز كىلىپ بۈدۈنىنى قۇلىغا ئاغاندا
بۈدۈنە بالىسى زۇۋانغا كىلىپ گەپ قىپتۇ:-ھەي ئانامنىڭ نەسىھىتىگە خىلاپلىق قىلىپ نابۇت بۇلىدىغان بولدۇم ،ئىسىت مىنىڭ بۇ ئاچكۆزلىگىمنى .بۈدۈنىۋاز ھەيران قېلىپ:-ۋاي سەن گەپ قىلالايدىغان بۈدۈنىما؟-دەپتۇ.
-ھەئە مەن گەپ قىلالايمەن ئەمدى سەن مىنى سۇيۇپ قاينىتىپ يەيسەن ياكى قەپەزگە سۇلاپ سايرىتىپ ئاۋازىمدىن ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇرىسەن ياكى ماڭا ئوخشاشلار بىلەن سۇقۇشتۇرۇپ ئوينايسەن ئاشۇ
ئۈچ ئىشنىڭ بىرىنى قىلىسەن يابوممىسا مىنىڭ ئۈچ نەسىھىتىم بار شۇنى
ئاڭلاپ باقىسەن.-دەپتۇ بۈدۈنە.ھەيران قالغان بۈدۈنىۋاز -ھە ئېيتىپ باقە ئاڭلاپ باقاي،-دەپتۇ.
-بىرىنى قۇلۇڭنى ئاچقاندىن كىيىن ئالقىنىڭدا تۇرۇپ ئيتىپ بىرىمەن،يەنەبىرىنى ئۇچۇپ چىقىپ دەرەخكە قۇنۇپ ئولتۇرۇپ ئېيتىمەن،يەنە بىرىنى ئۇچۇپ كىتىۋېتىپ ئېيتىمەن -دەپتۇ.
بۈدۈنىۋاز قىزىقىپقېلڭپ،قېنى بىر ئاڭلاپ باقاي ،دەپ ئويلاپ ئالقانلىرىنى ئېچىپتۇ.بۈدۈنە بىر گۈۋىنىپ ئەسلىگە كىلىۋاغاندىن كىيىن
گىپىنى باشلاپتۇ،-سەن ئەقىللىق مەخلۇقسەن،ئەقىل بىلەن بارلىق مەخلۇقلاردىن ئۈستۈن تۇرىسەن،ئەقلىڭنى ئىشلەتكىنكى ھەرگىزمۇ نادانلىق قىلىپ ئاڭلىغان گەپنىڭ ھەممىگەئىشىنىۋەرمە،ئاساسسىزگەپلەر
كۆپ،بىر گەپ ئاڭلىساڭ ئاساسىنى ئزلە،پاكىت-دەلىلىنى سۈرۈشتۈرگىن.
ئەقلىڭگە ئەقىدە ئىتىقادىڭغا توغرىلاپ پىكىر يۈرگۈزگىن،تۇرمۇش پەلسەپەڭگە توغراكىلەمدۇ ئۆلچەپ بېقىپ ئاندىن ھۈكۈم قىل،-دەپ بۇلۇپ ،ئۇچۇپ چىقىپ دەرەخكە قۇنىۋېلىپ:-كەتكەن نەرسە قايتا كەلمەيدۇ،كەتكەن كىتىدۇ ،بەختىم كەتتى دەپ ھەرگىز ئۆكۈنمە،
ئابرۇيۇڭ تۈكۈلىدۇ،دەپ بۇلۇپ ،بىر سىناپباققۇسى كىلىپ،مىنىڭ ئىچىمدە
بىر گۈھەر بار ئىدى ئەگەر قارنىمنى يارغان بولساڭ ئۇنى ئېلىپ باي بوپكىتەتتىڭ.دەپتۇ.بۈدۈنىۋاز بۇ گەپنى ئاڭلاپ:-ۋاي بۇ نادانلىغىمنى
ۋاي ئىسىت ئاللاھ ئاتاقىلغان تەييار بايلىقنى كەتكۈزۈپ قۇيۇپتىمەن ،دەپ ئۈزۈنى تاتلاپ بىر ھازا يىغلاپتۇ.يىغلاپ ھارغاندىن كىيىن -ھە ئۈچۈنجىسىنى ئېيتىپ باقە ئاڭلاپباقاي-دەپتۇ.بۈدۈنە كۈلۈپ تۇرۇپ،-مەن ئانامنىڭ نەسىھىتىگە ئاسىلىق قىلىپ ئۈزەمنى ھالاك قىلغىلى تاس قېلىپ ئاران قۇتۇلدۇم .سەن مىنىڭ ئىككى نەسىھىتىمگە خىلاپلىق قىلىپ بولدۇڭ ،ئاڭلىغاننىڭ ھەممىگەئىشەنمە دىسەم ئۇنى ئۇنتۇدۇڭ،
مەن بىر قۇش تۇرسام مەندە گۈھەر نىمىش قىلىدۇ.قۇلۇڭدىن كەتكەن بەختىڭگە ئۈكۈنمە،كەتكەن كىتىدۇ،ئاللاھ خالىسى يەنە بىرىدۇ،ئاللاھ
بەرگەننى ھىچكىم تارتىۋالالمايدۇ ،ئابرۇيۇڭنى تۈكىۋالما دىسەم ،ئۈزەڭنى تاتلاپ قاخشاپ بىر ھازا يىغلاپ ئابرۇيۇڭنى تۆكتىڭ.نەسىھەتكە ئەمەل قىلمايدىغان نادانلارغا نەسىھەتنىڭ پايدىسى يوق.دەپتۇ،بۈدۈنە ئۇچۇپ كىتىۋېتىپ.بۇدۇنىۋاز ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپ قاپتۇ. تۈگىدى. |
|
|
|
|
|
|