مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3080|ئىنكاس: 12

‹‹تۇران›› ئاتالغۇسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88897
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 688
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2012-12-21
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 12:12:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹تۇران›› ئاتالغۇسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

1. تۇران ئاتالغۇسى <<تۇر>> بىلەن <<ئان>> تۇزۈلگەن بولۇپ،<<تۇر>>نىڭ مەنىسى <<تۇرۇپ قالماق>>. <<ئان>>بولسا
<<ئاندا>>دىگەن سۆزنىڭ ئەسلى سۆز تۇمۇرى بولۇپ<<شۇ جايدا، شۇ يەرلىك>>دىگەن مەنىدە.
قىسقىسى<<تۇران>>دىگەن <<بىر جاينى مۇقىم ماكان تۇتقۇچى، تۇرۈپ قالغۇچى>> تۈرىكلەرماكانى دىگەن مەنادىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.
يەنە بىر ماتىيالدا مۇنداق يىزىلىپتۇ:
ئۇيغۇرلارنىڭ شەرىقتە ياشىغان بىرقىسمى (ئوغۇرلار) كۇچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۈللانغان بولسا،غەرىپتە ياشىغان بىرقىسمى (ئوغۇزلار) تىرىقچىلىق،قول-ھۇنەرۋەنچىلىك (چارۋىچىلىقمۇ بار ئەلۋەتتە) بىلەن شۇغۇللانغان.
ئۇلار ئۆزىنى كۆچمەن ئۇيغۇرلاردىن پەرىقلەندۇرۇپ،شەھەرلىكلەر(شەھەرلەشكەنلەر) ئىبارىسىگە تەڭداش <<تۇران>>لار دەپ ئاتىغان.

2.تۇران ئاتالغۇسى تارىختىن بۇيان ئىككى خىل مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ كەلدى . ف . ئېنگېلس "تۇران" ئاتالغۇسىنى جۇغراپىيىلىك نام سۈپىتىدە ، "تۇرانلىقلار" ئاتالغۇسىنى خەلقلەر ---- ---- ئىنسان تۈركۈمى نامى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن . "بۈيۈك لۇغەت ۋە ئېنسىكلوپېيدىيە" دە : "تۇران --- تۈركى تىللىق خەلقلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمكى ئىرانلىقلارنىڭ بەرگەن نامى دېيىلگەن بولسا ، "قۇتادغۇ بىلىك" داستانىنىڭ مۇقەددىمىسىدە بۇ ئەسەرنى مۇشۇنداق نام بىلەن 'تۇرانلىقلار" نىڭ ئاتايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ، يەنە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ ئەسىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىلارمۇ "تۇران --- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى تىللىق خەلقلەر ياشايدىغان يۇرتلارنىڭ قەدىمكى نامى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ياكى تۈركى تىللىق خەلقلەرنى كۆرسىتىدۇ " دەپ ئىزاھات بېرىشكەن .
3.شاڭخەي تەرجىمە نەشرىياتى 1984 - يىلى "شاھنامە" نىڭ " رۇستەم ۋە سوھراپ" بابىنىڭ تەرجىمىسىنى نەشر قىلغاندا فىردەۋس تىلغا ئالغان "تۇران" سۆزىنى تەرجىمان مۇنداق ئىزاھلىغان : "تۇران --- ئەسلى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت كەڭ تېروتىرىيە ئىدى . بۇ يەرگە ئىران قەبىلىلىرى جايلاشقان ، كېيىنچە بۇ يۇرتنى تۈركى مىللەتلەر ئىگىلىگەن ۋە 'turk' غا ئۆزگەرتكەن . <شاھنامە> دە فىردەۋسى 'تۇرانلار' بىلەن 'تۈرك' لەر دېگەن ئىككى سۆزنى ئوخشاش مەنىدە قوللانغان " .
ئالىم لىيوڭ بىرقەدەر كونكىرت پىكىر يۈرگۈزۈپ : "يېقىنقى ۋە ھازىرقى ئىلىم ساھەسى 'تۇران' ئىبارىسىنى ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بولغان تۈركى تىللار ئائىلىسى ، ھەتتا پۈتكۈل ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىدىكى ئىنسانلار تۈركۈمىنىڭ ئومۇمىي نامى سۈپىتىدە قاراپ كەلدى " دەپ يېزىپ ، "ئۆز تارىخىنىڭ مەلۇم باسقۇچلىرىدا نەچچە قېتىملاپ پۈتۈن مىللەتنىڭ قەلب ساداسىنى ياڭرىتىپ قوراللىق ، ھەيۋەتلىك ۋە شانلىق كۈرەش مۇساپىلىرىنى بېشىدىن كەچۈرگەن تۇرانلىقلار" دېگەن شەكىلدە تارىخقا ياندىشىپ ، ئۆز پىكرىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا قاراتمىلىققا ئىگە قىلغان .
چىڭگىزخان ئىستېلاسىدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەڭ تەسىرلىك رول ئويناپ "يىپەك يولىدىكى بىرىنچى قاتاردىكى قەھرىمان" ۋە "يىپەك يولىدا تۇغۇلغان بىرىچى قاتاردىكى شاھ" دەپ شۆھرەت قازانغان ئەمىر تۆمۈر (1405 - 1333 ) ئۆز ئۈگۈتلىرىدە " بىز كىم --- مۈلكى تۇران ، بىز كىم ---- مىللەتلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى ۋە ئەڭ ئۇلۇغى بولغان تۈركنىڭ باش بوغۇنى" دەپ ھەيۋە كۆرسۈتۈپ ، "تۇران" نى بىر ئەل سۈپىتىدە بايان قىلغان . بۇ تارىختىكى كىشىلەرنىڭ بايانلىرى بولۇپ ، ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي جور بولۇش كېرەك دېگەن مەنتىقە چىقىرىلماسلىقى كېرەك ، ئەلۋەتتە .
بۇ ئاتالغۇنىڭ قوللىنىشى دەسلەپتە قەدىمكى پارىس - ئىران ھۆججەتلىرىدە ئۇچرايدۇ .
بىرىنچى ، "ئاۋېستا" دىكى "تۇرا" ، "تۇر" لار ئىران قەبىلىلىرىنىڭ شىمالىدىكى زور بىر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا قارىتىپ قوللىنىلغان . بۇ قەبىلىلەر ئەينى چاغدا ئوت - سۇ قوغلۇشىپ ، كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان قەبىلىلەر بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ماكان تېرىتورىيىسى مۇقىم شەكىللەنمىگەن . شۇڭا ، بۇ نام ئۆز زامانىسىدا مۇئەييەن تېرىتورىيىسىنى ئىپادىلىمەي ، بەلكى قەبىلە - قوۋم نامى شەكلىدە قوللىنىلغانلىقى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس .
ئىككىنچى ، "ئاۋېستا" دەۋرىدىن كېيىن ئىرانلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت رايونىنىڭ شىمالىدىكى چەكسىز تېرىتورىيىنى "تۇران" دەپ ئۇ يەردە ياشىغان خەلقلەرنى "تۇرانلار" دەپ ئاتىغان . بۇ "تۇرا - تۇر" دىن " تۇران" نىڭ كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
ئۈچىنچى ، "ئاۋېستا" دا تىلغا ئېلىنغان "دىۋە كەبى" ، "يالغانچى" ، "رەزىللىك" دە ئۇچىغا چىققان "ئارجاسىب" نىڭ "شاھنامە" دە "تۇران شاھى" دەپ تەسۋىرلىنىش "ئارجاسىب" نىڭ "جەڭگىۋار تۇرلار" دەپ ئاتالغان قوۋملارنىڭ يېتەكچىسى بولۇشى مۈمكىنچىلىكىنى ، بۇنىڭ "تۇران شاھى ئافراسىياپ" دېگەن ئۇقۇم بىلەن مەزمۇنداش ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا بولىدۇ .
تۆتىنچى ، "شاھنامە" دە ئافراسىياپ تۇران شاھى دېيىلىش بىلەن بىرگە "تۈركلەرنىڭ خانى" دېگەن ئۇقۇم تەڭ مەنىدە قوللىنىلغان . دەرۋەقە تارىخشۇناس سېن جومىيەن بەزىلەر "تۇرا" تۈركلەرنىڭ بوۋىسى دەپ قارايدۇ ، دېگەن مەزمۇندا پىكىر بايان قىلغان بولۇپ ، بۇ "تۇران" بىلەن "تۈرك" نىڭ "شاھنامە" قاتارلىق كىتاپلاردا پاراللېل قوللىنىشىنىڭ رېئاللىقتىن ئانچە چەتنەپ كەتمىگەنلىكىنى ، ئامو دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى بىپايان تۈزلەڭلىكتە ياشىغان تۇرانلارنىڭ ئاساسىي قەبىلىلىرى دەۋرنىڭ ئالمىشىشى ، ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى ھەم مىللەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىش قانۇنىيىتىگە ماسلاشقان ھالدا كېيىنكى دەۋردىكى تۈركى تىللىق قەبىلىلەر ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ بىر تارماق مەنبەسى بولۇپ قالغانلىقىنى ئېنىقلىققا ئىگە قىلىدۇ .
بەشىنچى ، كىشى ئىسىملىرىدىمۇ ، مەسىلەن ، ئەرلەر ئارىسىدا تۇر ، تۇراخۇن ، تۇران ئاخۇن ، ئاياللار ئارىسىدا تۇرخان ، تۇخان ، تۇراخان ، تۇرانقىز ، تۇرانخان دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملار بار . بۇنىڭدىن تۇر ، تۇرا ، تۇران ئاتالغۇلىرىنىڭ تومۇرى ھەم مەزمۇنى ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ . ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تۇرمۇشىدا ئېستىمال قىلىنىۋاتقان بۇ ئىسىملارنىڭ يىلتىزىنى "ئاۋېستا دەۋرى" دىن سۇرۈشتە قىلساق غەلىتە بولماس .
ئالتىنچى ، مەھمۇد قەشقەرى "تۈركى تىللار دىۋانى" دا "ئان - ئەن" قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلۇپ كۆپلۈك مەنىسىنى بېرىدىغانلىقىنى ، شۇنىڭغا مۇناسىپ "ئەر" نىڭ كۆپلىكى 'ئەرەن" ، "ئوغۇل" نىڭ كۆپلىكى "ئوغلان" ئىكەنلىكىنى ئېيتقان . مۇشۇ ئەھۋالغا قاراپ ، "تۇر - تۇرا" نىڭ كۆپلۈك شەكلى " تۇران " بولۇشى ئېھتىمالغا خېلىلا يېقىن .
يەتتىنچى ، پارسلارنىڭ ئەپسانە - رىۋايەتلىرىدە سۆزلەنگەن فېرىدون ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارمۇ بەلگىلىك تولۇقلىما ماتىرىيالىغا ئىگە قىلىدۇ . بىر خىل ئەپسانە رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە ، فېرىدون ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن دۆلەتنى ئۈچ ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ . چوڭ ئوغلى سېلىمگە رومنى ، ئوتتۇرانچى ئوغلى تۇرغا تۇران ۋە چىننى ، كەنجى ئوغلى ھىلاجغا پۈتكۈل ئىراننى سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن . بۇنىڭغا قارىغاندا "تۇر" غا تەككەن يەر "تۇرنىڭ ئەۋلادلىرى ھەم ئۇنىڭ زېمىنى" مەنىسىدە "تۇران" دەپ ئاتالغان . "شاھنامە" دىكى ئافراسىياپنىڭ ئاغزىدىن بېرىلگەن " .....تۇران بىلەن ئىراننىڭ زىددىيىتى سېلىم بىلەن تۇران زامانىسىدىن باشلانغاندۇر " دېگەن گەپتىن ھەم فېرىدوننىڭ ئىككىنچى ئوغلى تۇرنىڭ "شاھنامە" نىڭ يەنە بىر يېرىدە ئافراسىياپ ئاغزىدىن "تۇران" شەكلىدە بېرىلگەنلىكىمۇ "تۇر" بىلەن "تۇران" نىڭ نامىنى ئۆزئارا ئۇيغۇنلاشتۇرىدۇ . ۋاھالەنكى ، بۇلار ئەپسانە - رىۋايەتلىك چۈشەنچە بولسىمۇ ، بىراق ئۇنىڭ تارىخىي ئۇقۇملارنى بايان قىلىشتا ۋاستىلىك ماتىرىيال ئىكەنلىكىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىۋەتمەيدۇ .
سەككىزىنچى ، ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا مۇسا سايرامى (1917 - 1836 ) 1911- يىلى تاماملىغان "تارىخىي ھەمىدي" ناملىق كىتابىدىكى "تۇران" دېگەن نام 'تۈرك" بىلەن ' تۈر ' سۆزىنىڭ قوشۇلىشىدىن پەيدا بولغان " دېگەن بايانىدىن ئۇنىڭ بەلگىلىك ئېنىقلىما ماتېرىياللىق رولى بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ .
ئەسكەرتىش : ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن "ئاۋېستا" سۆزىگە قىسقىچىلا ئىزاھات بېرىپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدۇم .
"ئاۋېستا" دىكى مەركىزىي ۋەقەلىك ئىران قەبىلىلىرى بىەن شىمالدىكى جەڭگىۋار كۆچمەن قوۋملارنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان جەڭگى - جىدەللىرى تەسۋىرلەنگەن . ئىران قەبىلىلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان سەردار ھىلاج ، سۇقرات ، سىياۋۇش ۋە ئىسپەندىيارلار بولسا ، شىمالدىكى قەبىلىلەرگە تۇر ، ھۇشاڭ ۋە ئافراسىياپلار باشچىلىق قىلغان . "ئاۋېستا" دا "ئارجاسىب" دېگەن بىر قەھرىماننىڭ نامى تىلغا ئېلىنىدۇ ھەم ئۇ ئىران قەبىلىلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى سۈپىتىدە نۇرغۇن قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ . .................................. .
دېمەك ، "ئاۋېستا" دىكى "تۇرا" ، "تۇر" نامى "باھادىر زەررىگە مەرسىيە" ۋە "شاھنامە" لەردىكى "تۇران" ئاتالغۇسىنىڭ دەسلەپكى شەكلى دەپ قاراش مۇمكىنچىلىگى بار .


تۇران تەۋەسىدىن تىپىلغان قەدىمى يادىكارلقلار:


1977-يىلى ئۈرۈمچى ناھىيىسى جەنوبى كان رايۇنى ئالغۇي 30نومۇرلۇق قەۋرىدىن قىزۋىلىنغان ئالتۇن تاۋاق ۋەباشقا يادىكارلىقلار .  قانقىل خانلقى(车师) دەۋىرىگە خاس دەپ بىكىتكەن . دىئامىتىرى 56سانتىمىتىر ،ئاستىدىكىسىنىڭ ئۇزۇنلقى 21سانتىمىتىر، كەڭلكى 11سانتىمىتىر .



ئالتاي شەھىرى  كان رايوندىن تىپىلغان سىرلق نەپىس نەقىشلق متال رۇدا ئادەم ئابدسى . چۈشەندۈرىلىشىچە بۇ ئابدە 100يىل مابەيندە دۆلەت ئىچى ۋە سىرىتىدىكى مۇتەخەسىسىلەرنىڭ قىزقىشىنى قۇزغىغان بولوپ ،بۇ قەدىمقى تۇرا(تۇران ) خەلقى تىكلىگەن دىگەن قاراشقا كەلگەن بۇ ئۆلگەندىن كىيىن  قايتا تىرىلىشنىڭ بەلگسى دەپ قارالغان ،يىلنامىسى مىلادىدىن بۇرۇنقى 1000يىل ئىلگىرىكى قاراسۇق مەدەنيىتىگە تەۋە  دەپ بىكىتكەن . ئاتالمىش مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە بۇ تۇرىكلەرگە مەنسۇپ ئەمەس دەپ قارالغان .......



4-5ئەسىرگە تەۋە تۈركلەرنىڭ ئالتۇن چاسىلى



دۆلتىمىز شىمالىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى  قاشتىشى بۇيۇمى ،يەنى 8000مىڭ يىل بۇرۇنقى دەپ بىكىتكەن  .......



مەنبە:رەسىم مەنبەسى ئەسلى ئادرىس:
http://travel.163.com/06/0921/15/2RI8E4KC00061Q2O.html
http://www.tsxue.com/article/24/2006/345.html
http://fashion.qqread.com/luxury/sc/m007469.htm
باس باس مۇنبىرى ۋە مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار ماقالىلەردىن پايدىلىنىلدى.


[قوشۇمچە] تۇرانغا ئالاقىدار تارىخ ۋە خاتىرلەش پائالىيەتلىرىنىڭ قىسقىچە سىن كۆرۇنىشى:

ER-TURAN


(2010-يىلى ماجارىستان(匈牙利)


2012-يىلى  (ھونگىرىيە)


Turan Yurt


مەنبە: يۇكۇ تورى



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95945
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 188
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2013-7-15
ئاخىرقى: 2013-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 02:14:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس. ئاجايىپ ئىسىل تىما ئىكەن

نۇرچى بىز ھىدايەتنى  قوللايمىز  قاراڭغۇلۇقتىن تىڭىرقاشتىن يورۇقلنى ۋە يول تىپىشنى تاللايمىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2008 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 04:02:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! تارىخىمىز، ھەم يۇرتىمىز نامى تۇران ھەققىدە ياخشى چۈشەنچە بىرىپسىز!  ئۆز تارىخىنى بىلىش بەك مۇھىم!  چۈنكى ئۆز تارىخىنى بىلمىگەنلەرنىڭ خەرىتىسىنى باشقىلار سىزىپ بىرىدۇ!


         بىز  ئۇيغۇرلار قانداق خەلق؟

بەزى ئالىملار بىز ئۇيغۇرلارنىڭ 85٪ئاق تەنلىك، 15٪سېرىق تەنلىك ئېرىقىغا مەنسۇپ دەيدۇ. تۆۋەندىكىلەر ئۇيغۇر ئالىملىرىمىزنىڭ بىز ئۇيغۇر ھەققىدىكى بايانلىرى :..
      ئۇيغۇرلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا توپلىشىپ  ياشايدىغان غوللۇق ،يەرلىك مىللەت ۋە ئاپتۇنۇمىيە ھۇقۇقى يۈرگۈزگۈچى مىللەت. ئۇيغۇرلار پارچە ھالەتتە ،جۇڭگۇنىڭ بىر قاتار چوڭ شەھەرلىرىدە خىزمەت ۋە تىجارەت قىلىدۇ.ئۇيغۇرلار جۇڭگۇدىن باشقا  قازاقىستان ،قىرغىزىستان ،ئۆزبىكىستان ،تاجىكىستان ،تۈركىمەنىستان (ئاساسلىقى بايرام ئەلى رايۇنى)،ئەرەبىستان ،تۈركىيە ،ئاۋستىرالىيە ،گىرمانىيە ،روسىيە ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆرنەرلىك نۇپۇستا ،مۇئەييەن جامائەت تۈركۈمى شەكلىدە ياشايدۇ .
     ئۇيغۇرلار ھازىر دېھقانچىلىق ،باغۋەنچىلىك ،چارۋىچىلىق ھۈنەرۋەنچىلىك ،سودا-سېتىق ،مەدەنىيەت-مائارىپ قاتارلىق  كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلار ھازىر بازار ئىگىلىكىنى مەركەز ۋە تەڭشىگۈچ قىلغان  ھازىرقى زامان ئىقتىسادى تۇرمۇشىغا بارغانسىرى ئۆزلەشمەكتە . ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە تارىخى تەرەققىياتنىڭ يىڭى قاتلىمىنى ھاسىل قىلماقتا.
    ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيا تىپىدىكى قەدىمكى قەبىلە ۋە خەلقلەردىن تەشكىل تاپقان .جۇڭگو ۋە چەتئەل ئالىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت مەنبەسى توغرىسىدا كۆپ ئىزدەندى .ئۇلار مىلادىيدىن 2000-3000يىل ئىلگىرى شىمالى ئالتاي دالىسىدىكى ئاندرونوۋ-مىنوسېنىك رايۇنلىرىدا ياشىغان ئارى(ئارىيان)قەبىلىلىرى ،سىكتاي-ساك ۋە ھون خەلقلىرىنى  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە ئاسىياچە ئاق جىنىسلىق (ئاق تەنلىك )ئەجداتلىرى دەپ قاراشماقتا.قەدىمكى جەسەتلەرنىڭ باش سۈڭەك ئانالىزى،قان تىپى،قەدىمكى ئارىيان-سكتاي-ساك ئەپسانە فولكىلورى،كىينىش ۋە مۇزىكا ،ئۇسۇل ،بايرام ،سەيلە -مەرىكىلىرى بۇ مۇھاكىمىگە كۈچلۈك ئىسپات ھازىرلاپ بەردى .ئەينى زاماندىكى «ئات مەدەنىيتى »بۇ كەڭ ماكاندا جۇڭگونىڭ رەسمى يىلنامىلىردا «ئۇلۇغخور(大胡)»دەپ ئاتالغان ئارىيان -سىكتاي-ساك خەلقلىرىنىڭ زور يۇغۇرلۇشىنى مەيدانغا كەلتۈردى .ئارىيان -سىكتاي-ساك قەبىلىلىرى مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 2000-يىللاردىن تاكى VI-Vئەسىرلەرگىچە غەرب،جەنۇب ۋە شەرققە يۆتكىلىپ  ،ئىران ئىگىزلىكى ،ھىندىستان زېمىنى ۋە چىلەن تاغلىرى ئەتراپىغا كىڭەيدى ۋە ئىرنىي خەلقلەر ،ھىندىستان ئارىيان ساكلىرى ،تارىم ساكلىرى ۋە تۇخار قەبىلىلىرىنىڭ مىللەت تەركىبىگە سالماقلىق تەسىر كۆرسەتتى .مىلادىيدىن ئىلگىرىلا ئاسىنا قەبىلىلىرى بىلەن مۇڭغۇللوئىد(مۇڭغۇل ئىرقى )تىپىدىكى ئاشىد قەبىلىلىرى ئاسىنا ئۇرۇقىنى ئاساس قىلىپ قۇشۇلدى .نەتىجىدە مەركىزى ئاسىيا ئۇلۇغخورلىرىنىڭ 2-تۈركۈمى-تۈركلەر مەيدانغا چىقتى .ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ ئارىيان -سىكتاي-ساك ۋە ھون خەلقىنىڭ يىراق ئەۋلادى .تۈركى تۈركۈمىنىڭ يېقىن ئەۋلادى ھىسابلىنىدۇ .
    جۇڭگو يىلنامىلىرىدا غەربى جۇ سۇلالىسى زاماندىكى ھازىرقى گەنسۇ (كەڭ ساي )ۋە ئوردۇس ئوتلىقى ئەتراپىدا ياشىغان گۇيفاڭ (鬼方)،دى-زەي(狄翟)قەبىلىلىرىنى ،كىيىنچە بايقال كۆلى ئەتىراپىدا ياشىغان دىڭلىڭ (دەنلەن)خەلقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاستە مەنبەلىرىدىن بىرى دەپ قارىغۇچىلارمۇ بار. ئۇلار دىڭلىڭلارنى شەرىقى ۋە غەربىي دىڭىلىڭلارغا ئاپىرىپ ، بايقالدىن  يېنسەيگىچە ، يېنسەيدىن يەتتە سۇ ۋە سىر دەرياسى ساھىللىرىغىچە ياشىغان دەپ قارايدۇ .يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىڭلىڭلاردىن باشقا ،قەدىمكى تۇرپان ،كىروران ئاھالىلىرى بولغان ئۇجيې(乌结)،ئۇخۇ(乌护)ۋە قوش قاڭقىل (故师)قەبىلىلىرنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت مەنبەسى دىگەن قاراشلارمۇ ئوتتۇرغا چىقتى .
    ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيادىكى قەدىمكى مىللەت ،ئارىيان سىكتاي-ساك-تۈركىي خەلىقلەر تۈركۈمىدىكى مەدەنىيەتلىك خەلق .ئۇلارنىڭ جىسمانىي خۇسۇسىيتى ۋە قان  ئالاھىدىلكى ،تىل ۋە ئەدەبىيات -سەنئەت ئالاھىدىلىكى ،مىللىي ئېتنوگىرافىك تۇرمۇش ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئالاھىدىلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايتى يىراق تارىىخىي قاتلاملىرىنى ،تارقىلىش ماسشىتابىنى ،مىللەت مەنبەسى ۋە ھەرخىل تەركىبلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ،ئەجدادلىرىنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر فولكىلورى ۋە تۇرمۇش مەدەنىيتىگە تۇلۇق ۋارىسلىق قىلىش سالاھىيتىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
    ئۇيغۇرلار ئوتلاق مەدەنىيتى ،ئاتلىق كۆچۈش قىسمەتلىرى ، بوستان مەدەنىيتى ،يىپەك يۇلى  ئالاقىلىرى ،كۆپ خىل دىنىي مەدەنىيەت باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈردى .
    ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى ،نۇقۇل ھالدا ،840-يىلى ئورخۇن ۋادىستىن تارىم ۋادىسىغا كۆچكەن ۋە بۇ يەردىكى ساك،تۇخار ، سوغدىلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ مەيدانغا كەلگەن  دىگەندە يەنىلا ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى بىلەن تارىم ۋادىسدىكى ساك ، تۇخار ، سوغدىلارنىڭ قايسى تارىخىي قاتلامدا قانداق تىلدا سۆزلەشكەنلىكىدىن قەتئىينەزەر ، ئورتاق ھالدا مەركىزى ئاسىيا ئۇلۇغخورلىرى بولغان ئارىيان تۈركۈمى ۋە تۈركىي تۈركۈمىگە بولغان تېرەن يتىلتىزداشلىقىنى ئالدىنقى شەرت قىلىش كىرەك . بۇ خەلقلەر كۆچمە چارۋىچىلىق ۋە «ئات مەدەنىيتى » تۈپەيلىدىن مەركىزى ئاسىيا رايۇنىغا - مۇھىمى تارىم ۋە سىر دەريالىرى ۋادىلىرىغا ،بايقال ۋە مۇڭغۇل ئوتلاقلىرىغا كەڭ تارقىلىپ ياشىدى . ئۇلار جۇڭگو ۋە ئىران (ئاخمانى)ئىمپېريىلىرىگە يېقىن جايلاردا ھاكىميەت مەركەزلىرىنى بەرپا قىلغان ھون ۋە ساك ئەنئەنىلىرىگە دېيەرلىك ۋارىسلىق قىلدى .ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلىپ ، ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كىيىنمۇ خان ئۇرۇقى بولغان ياغلاقالار گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغاندىن باشقا ، ئادىزلار باشچىلىقىدىكى باشقا ئۇيغۇر قەبىلىلىرى قۇچۇ ، كۈسەن ،قەشقەر ،سۇياب -سىر دەرياسى ۋادىسغا يۆتكىلىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ،كۈسەن ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قارا خانىيلار ھاكىميەتلىرىنى بەرپا قىلدى . خوتەن ياغلاقالار قالقالۇخانى داۋاملىق گەنجۇ ياغلاقار ئۇيغۇر خانلىقى  بىلەن قۇدىلىق مۇناسىۋتىنى ساقلىدى .بۇ ، ئورخۇن ۋە گەنجۇ ، خوتەن ياغلاقارلىرىنىڭ قەبىلىۋى يېقىنلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ .
بۇ خۇددى ئۇيغۇرلار  قەدىمكى سەمەرقەند ھاكىمى ئاپراسىياپنى ئۆزىنىڭ قەھرىمان پادىشاھى دەپ ئىزچىل ھۆرمەتلەپ كەلگىنىگە ئوخشاش ئەھۋال .
   ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنونىمى (مىللەت نامى)قاچان كىلىپ چىققانلىقى نامەلۇم .بىرىنچىدىن ،بۇ نامنىڭ پەيدا بولغان ۋاقتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى ئېتنىك تۈركۈمىنىڭ مەيدانغا كەلگەن ۋاقتى قىلىپ بىكتىۋالغىلى بولمايدۇ؛ئىككىنچىدىن ،ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان قەبىلە دەسلەپ ياغلاقار باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئىتتىپاقىغا قاتناشقان بىر قەبىلىنىڭ نامى بولۇپ ،بۇ خاسىيەتلىك  نام پۈتۈن ئۇيغۇر ئىتتىپاقى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئورتاق نامى قىلىپ قۇبۇل قىلىنغان ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كىيىنمۇ گەنجۇ ،ئىدىقۇت ،كۈسەن خانلىقلىرى ئۆز سەلتەنەت ناملىرىغا ئۇيغۇر نامىنى قۇشۇپ ئىشلەتكەن .ھازىرقى يۈگۇ -سېرىق ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز نامىنى ياغلاقار ياكى باشقا قەبىلە نامىدا ئەمەس ،بەلكى ئۇيغۇر نامىدا ئىشلەتتى.
    «ئۇيغۇر»ئىبارىسى ئومۇمى مەنىدە «ئۇيۇشۇش،ئۇيۇشماق . مەغرۇر. غۇرۇرلۇق باتۇر »دېگەن مەنىدە ئىزاھلانماقتا . بىر ئامرىكىلىق ئالىم 50يىللىق تەتقىقاتى ئارقىلىق(ئۇيغۇرلار20مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە.  نۇرغۇن مەدەنىيەتكە يول ئاچقان. ھىندى. پارىس. ئەرەپ ۋە بارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئەجدادى بولغان ئانا مىللەت) دەپ يەكۈن چىقاردى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى نوپۇسى 19مىليون ئەتراپىدا دەپ قارالماقتا...
   داۋامى  بار ..........
        يالقۇن رۇزى نەشىرگە تەييارلىغان ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمن ئەسەرلىرى -2(ئۇيغۇرلاردا ئسلام مەدەنىيتى )نامىلىق كىتابتىن ئېلىندى.
   

    ئۇيغۇر  تارىخىدىكى خانلىقلار

ئۇيغۇرلار تارىختا شانلىق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان ئاجايىپ ئۇلۇغ بىرمىللەت. شۇڭا ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار تارىخىدا نۇرغۇن خانلىقلار ئۆتكەن. ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار تارىخى بەكمۇ ئۇزارغانلىق ھەققىدىكى  تۆۋەندىكى خوش- خەۋەرنى ئاڭلاپ بېقىپ ئاندىن ئاندىن ئۇيغۇر تارىخىدىكى خانلىقلار بىلەن تونۇشايلى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئېنگىلىس تارىخشۇناسى ۋە ئارخىلوگى   جەيمز چېچۋود  50  يىللىق  تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە يېزىپ چىققان ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە كىتاۋى « مۇ قۇرۇغلۇقى » دىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا ، ئىنسانىيەت ناھايىتى بۇرۇنلا تىنچ ئوكياندا غايىپ بولغان « مۇ قۇرۇغلۇقى » دا پەيدا بولغان .
ئاپتور كىتاۋىدا ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى دەلىللىگەن ......!!!
ئاپتور بۇ كىتاۋىدا يەنە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن بولۇپ ، كىتاپنىڭ ھەر ــ بىر بابىدىن دېگۈدەك ئۇيغۇرلارغا دائىر بايانلارنى ئۇچرىتالايمىز.
ئاپتور ، « مۇ  قۇرۇغلۇقى » مەۋجۇت دەۋردە ، بۇ كونا قۇرۇغلۇقتا ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ پەيدا بولىشىغا مۇستەھكەم ئاساسلارنى سالغان يادرولۇق مىللەت ئىكەنلىگىنى ، دېمەك پارلاق ئىنسانىي مەدەنىيەتنىڭ تۇنجى قەدىمقى ئۇستازى دەل ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگىنى ، ئۇيغۇرلار «بۇيۇك ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى )نى قۇرۇپ ئاسيا ۋە ياۋرۇپا قىتئەلىرىنى ئۆزلەشتۈرگەنلىكىنى ۋە ئىلىم –پەننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ، ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە گۈللىنىشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە سۆيۈنۈش بىلەن تىلغا ئېلىپ ، بۇ ئىمپېرىيىنىڭ تېرىتۇرىيىسى ، قۇدرىتى ، تەسىرى ۋە دۆلەت قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى كۆپلىگەن تارىخىي ھەمدە ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلار بىلەن ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ ، « ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت جەھەتتە ئەڭ ئىلغار خەلق بولۇپ ، ئاسترونومىيە ، مېتاللورگىيە ، توقۇمىچىلىق سانائىتى ، بىناكارلىق ، ماتېماتىكا ، زىرائەت يېتىشتۈرۈش ، مائارىپ ، دوختۇرلۇق ــ تىبابەت ۋە باشقا جەھەتلەردە بىلىملىك خەلق ئىدى ، يىپەك ، تاختا ۋە مېتال ئۈستىگە خىلمۇ ـ خىل گۈل –نەقشلەرنى چىقىرىشنىڭ ئۇستىلىرى ئىدى . ئالتۇن ، كۈمۈش ، برونزا ( تۇچ ) ۋە سېغىز توپىلاردىن ھەيكەل ياسىيالايتتى . بۇ ، مىسىر تارىخىنىڭ باشلىنىشىدىن ئىلگىرىكى ئەھۋاللار ئىدى »دەپ كۆرسىتىدۇ .
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەردىن مەلۇمكى ، ئۇيغۇرلار مانا شۇنداق قۇدرەتلىك ئېمپىرىيە ھالىتىدە دۇنيانى باشقۇرغان ۋە ئاجايىپ قىممەتلىك مەدەنىيەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ ، پۈتكۈل دۇنياغا مائارىپ ، ئىلىم –پەن ، مەدەنىيەت –سەنئەت ۋە باشقا جەھەتلەردە ئالاھىدە ئەتىۋا ئۇستاز بولۇپ تۇنۇلغان .
ئاپتور ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىمىزدىكى كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ مەنبىئى بولغان بىر مىللەت ئىكەنلىگىنى تەكىتلەپ شۇ كىتاۋىدا يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ : ( ھېچ قانداق شۈبھىلەنمەي ئېيتىش كېرەككى ، شەرىقى ياۋرۇپا مىللەتلىرى تاغلارنىڭ ھاسىل بولىشىدىن ئامان قالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر .) دىمەك ئۇ. تىچ ئوكياندا غايىپ بولغان (مۇ قۇرۇقلىقى)دا  20مىڭ يىل بۇرۇنلا ئۇيغۇرلار ئىمپىرىيە قۇرغانلىقىنى ئۇيغۇرلار نۇرغۇن مەدە نىيەتلەرنىڭ بەرپاچىسى ئىكەنلىكىنى. شۇنداقلا ھىندىى. پارىس ۋە بارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئانا مىللەت ئىكەنلىكىنى. بايان قىلغان. مىسالەن؛ بۇلاق ژورنىلىدا ( چىڭگىزخان مۇڭغۇلمۇ تۈركمۇ؟) دىگەن بىر ماقالە بېسىلىپ چىڭگىزخاننىڭ يىلتىزى تۈرك ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە. يەنە بىر پاكىت چىڭگىزخان يىلتىزى تۈرك بولغاچقا ( ھەرقانداق شەيئى ئۆز ئەكسىگە قايتىدۇ.) دىگەن ھىكمەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى باشقۇرغان چىڭگىزخان ئەۋلاتلىرى تىزلام ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن.  
تۆۋەندە ئۇيغۇر تارىخدىكى خانلىقلارنى تونۇشتۇرىمىز.؛
1-تۇران ئىمپىرىيەسى '
بۇ خانلىق مىلادىدىن بۇرۇنقى 200-يىللاردىن بۇرۇن ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ ،قەشقەر شەھەر بەشكىرەم يېزىسىدىكى (خانئۆي شەھرى خارابىسى) نى پايتەخىت قىلغان. مەشھۇر خاقانى ئالىپ ئەرتۇڭا. ئالىپ ئەرتۇڭا مۇسا پەيغەمبەر بىلەن زامانداش ياشىغان.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 356-يىلى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن تۇغۇلغان. ئىسكەندەر 24ياشى ئەتراپىدا دۇنيانى ئىشغال قىلىپ ئوتىرا ئاسىيا رايونىغا كەلگەن. مەھمۇد قەشقەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا تۈرك پادىشاھى ئىسكەندەرگە قارشى قوشۇن ئەۋەتكەن. بۇقوشۇن ئىسكەندەر قوشۇنىدىن ئاجىز بولسىمۇ لىكىن ئوقيا ئوقىنى ئاتتا چېپىپ كىتىۋىتىپ ئالدىغا قانداق ئاتسا كەينىگىمۇ شۇنداق ئېتىپ ئىسكەندەر يولىنى توسۇپ قويغان. ئىسكەندەر بۇنى كۆرۈپ (خۇزخۇر)يەنى بۇلار باشقىلارغا مۇھتاج بولماي ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن. دەپتۇ ۋە ئارقىغا قايتىپ كىتىپتۇ. خۇزخۇر دىگەن سۆز بارا-بارا ئۇيغۇر دىگەن سۆزگە ئۆزگىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نامى بولۇپ قالغانلىقنى باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
2-ھون ئىمپىرىيەسى.؛
بۇ ئىمپىرىيەمىلادىدىن بۇرۇنقى 200-يىللاردىن تاكى مىلادى 487-يىللاغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. تارىخچىلار؛ (ھونلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى. ھون دىمەك، ئۇيغۇر دىمەكتۇر) دەيدۇ. ئۇلار ئورخۇن يەنى ( ئۇيغۇرھون) ۋادىسىنى پايتەخىت قىلغان. مەشھۇر خاقانى باتۇرتەڭرىقۇت.
3-قاڭقىل خانلىقى ؛
ئۇيغۇرلانىڭ بىۋاستە ئەجدادى بولغان قاڭقىل خانلىقى487-يىلىدىن 546-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.
4-تۈرك خانلىقى؛
بۇخانلىق 546-يىلىدىن 745-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.،ئۇلار ئورخۇن يەنى ( ئۇيغۇرھون) ۋادىسىنى پايتەخىت قىلغان..
5-ئۇيغۇرئورخۇن خانلىقى؛
بۇخانلىق 605-يىلىدىن 847-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. ئۇلار مۇ ئورخۇن يەنى( ئۇيغۇرھون) ۋادىسىنى پايتەخىت قىلغان.
6-ئۇيغۇرگەنسۇ خانلىقى؛
بۇخانلىق 850-يىللاردىن 1036-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.ئۇلار گەنسۇنى پايتەخىت قىلغان.
7-ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى؛
بۇ خانلىق 866-يىلىدىن 1393-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.  پايتەختى تۇرپان.
8-ئۇيغۇرقاراخانىلار خانلىقى؛
مىلادى 870-يىلىدىن 1212-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. مەشھۇر خاقانى سۇتۇق بۇغراخان. پايتەختى قەشقەر.
9-چاغاتاي خانلىقى؛ 1270يىلىدىن 1570-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. مەشھۇر خاقانى تۇغلۇقتۆمۈرخان.
10-يەكەن سەئىدىيە خانلىقى؛ 1514-يىلىدىن 1680-يىللارغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. مەشھۇر خاقانى ئابدۇرەشتخان. پايتەختى يەكەن.
11-قورچاق ئاپاقخوجا خانلىقى؛ 1680يىللاردىن 1697-يىللارغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.
12-مىلادى 1697-يىلىدىن 1900-يىلىغىچە مانجۇلار ھۆكۈم سۈرگەن . ئارىلىقتا مانجۇلارغا قارشى قوزغىلاڭلار بولغان.، (قوزغىلاڭ ۋەكىللىرىدىن؛ سادىرپالۋان، سىيىت نوچى، نۇزۇكۇم....ئىپارخان...يەتتەقىزلىرىم......قاتارلىقلار بار.) 1864-يىلىدىن 1878-يىلىغىچە 14 يىل بەدۆلەت خانلىقى ھۆكۈم سۈرگەن. 1880-يىلى چىڭ سۇلالىسىدىدىن زوزۇڭتاڭ خانغە تەكلىپ بىرىپ شىنجاڭغا قوشۇن تارتىپ  كىلىپ ،ھىلە بىلەن ياقۇپبەگنى زەھەرلەپ ، قوشۇنلىرىنى ئاسانلام يوقاتقان. ھەمدە (شىنجاڭ ئۆلكىسى) دەپ ئاتاپ باشقۇرۇپ كەلگەن.
مىلادى 1900-يىلىدىن 1930-يىللارغىچە ياڭزىڭشىن باشقۇرۇپ تۆمۈرخەلپە قاتارلىق قوزغىلاڭچىللىرىمىزنى ئالدامچىلىق بىلەن قىرغان. 1930-يىللاردىن1945-يىلىغىچە جاللات شىڭشىسەي ھۆكۈم سۈرۈپ غوجانىيازھاجىم قاتارلىق قوزغىلاڭچىلارنى يەنە جەللات سىتالىن بىلەن بىرلىشىپ   ئالداپ يوقاتقان. .. دىمەك بۇيىللاردا بېشىنى كۆتۈرگەن (ئۇيغۇرتەقدىرى)؛ جەللات سىتالىن تەرىپىدىن قولىدىكى غەربى turkنى ساقلاپ قېلىش غەرىزى بىلەن ئىككى- ئۈچ قېتىم ۋەھشىلەرچە  تۇنجۇقتۇرۋىتىلگەن! ؟...
.

پايدىلانغان مەنبە؛ (1)نۇرۇللا مۆئمىن يۇلغۇننىڭ (غەربى يۇرت—تارىخىمىزدىكى خاقانلار) ناملىق كىتابى،
(2)ئېنگېلىز تارىخچىسى جەيمىز چېچۋورىدنىڭ 50يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ مىۋىسى بولغان (مۇ قۇرۇقلىقى) ھەققىدىكى ماتىرياللار.
(3)ئۆزۈم نەچچە يىللاردىن بىرى توپلىغان ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ماتىرياللار.
(4)تارىخچى نەبىجان تۇرسۇن ئەسەرلىرى.  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88897
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 688
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2012-12-21
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 05:14:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرتۇرا يوللىغان ۋاقتى  2013-7-31 04:02 PM
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! تارىخىمىز، ھەم يۇرتىمىز نامى تۇر ...

سىزگىمۇ تەشەككۇر ئەرتۇرا ئەپەندى، سىز تەمىنلىگەن ماقالە ئارقىلىق تارىخمىز ھەققىدە كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇق. ئۆزىنىڭ تارىخىنى بىلمەسلىك دادىسىنى تونىمىغانغا ئوخشاش ، ئاللاھ ئۇلۇغ ئايدىكى ئىبادەتلىرىڭىزنى قوبۇل قىلغاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18453
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6622
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 396 سائەت
تىزىم: 2010-11-21
ئاخىرقى: 2013-12-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 06:29:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز  ئۇيغۇرلار قانداق خەلق؟
بىر تىما باتىتى تۇنۇگۇن  بۇگۇن ئۇچۇرۇلدىمۇ ھە ئىنكاس يازغىلى بولماس بۇلۇپقاپتىكەن
ھەجەپ بۇپكىتىپ باردۇغۇ

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 06:53:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 40014
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7253 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 07:32:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ قىسىم شىنجاڭلىقلار بۆلۈنۈشنى خالىمايدۇ'

   « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى : لى بويا

                                      بوزقىر تەرجىمىسى

ئامېرىكا خوپكىنىسكى ئۇنۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا- كاۋكاز تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى فېدرخ ستار ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان ئامېرىكىدىكى نامى مەشھۇر ئالىم . ئۇ 2007-يىلى نەشىر قىلدۇرغان « يېڭى يىپەك يولى» دېگەن كىتابى بىلەن ئامېرىكىنىڭ « بۈيۈك ئوتتۇرا ئاسىيا پىلانى»غا زور تەسىر كۆرسەتكەن . ئۇ باش بولغان « شىنجاڭ : جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چېگرا » ناملىق كىتابمۇ زور مۇنازىرە قوزغىغان. ئامېرىكا ئىلىم ساھەسىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا بولغان نەزىرى ۋە قارىشىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى يېقىندا ستارنى زىيارەت قىلدى . ئۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ  خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەم  ئۆزىنىڭ شىنجاڭ رايونىنىڭ تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقىغا بولغان قارىشىنى بايان قىلدى.

http://www.xahtur.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=832

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89855
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 754
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2013-1-10
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 08:11:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىسكەن ، كۆپ رەھمەت

غەزەپنىڭ بېشي ساراڭلىق ، ئاخىري نادامەت تۇر !
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 10:03:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-1 01:18:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەۋەرۈك كىتاب سېتۋالسىڭىز مەرھەممەت قىلىڭ.
http://www.menggutash.cn/tp1k1/

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش