مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2372|ئىنكاس: 21

بىز نىمىگە ئىھتىياجلىق(مىخچى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96496
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 471
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2013-7-28
ئاخىرقى: 2014-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 10:36:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىز نىمىگە ئىھتىياجلىق


زامان تەرەققى قىلىپ ھەشەمەتچىلىك چىكىدىن ئاشقان،مىھرى-مۇھاببەت خۇنۇكلىشىپ ‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!››غىمۇ جاۋاپ يوق كۆزلەرنى چاپاق باسقان مۇشۇ كۈنلەردە ئۆزەمدىن ئاغرىنىدىغان،باشقىلارنى كۆرەلمەيدىغان،‹‹قوڭۇمدا ئىشتان يوق ئىتىم مارجان بۆۋى››دەيدىغان بولۇپ قالغىنىم ئۆزۈمگە ئايان...
70-80 ياشلىق بۆۋىلىرىمىزنىڭ 150 جىڭلىق تاغارنى لىككىدە كۆتۈرۈپ ئىشەك ھارۋىسىغا ھىچ قىينالمايلا ئالغانلىقىنى،مومايلىرىمىزنىڭ مايماق مادىنى كۆرسىمۇ چاپچىپ تۇرالمايدىغان قوتۇر ئىشەكنى ئاشۇ قاداق باسقان ئاجىز قوللىرى بىلەن تىزگىنلەپ ئۆمۈرلۈك ھەمرايىغا ھەمدەمدە بولغانلىقىنى كۆرگەنلەر ھازىرقى جەميەتتە‹‹توۋا››دەپ ياقىسىنى تۇتىدۇ.80-يىللاردا تۆت جىڭ قوناق بىلەن بىر ئۆينىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىپ تىرىكچىلىك ئۈچۈن يول ئاچقان ئىشەككە ھازىر 8 جىڭ قوناق بەرسىمۇ ئىككى قۇلىقى كەپتەرۋازنىڭ پەغىزىدەك ساڭگىلاپ تۇرغىنى تۇرغان.تۆت جىڭ قوناقتا سەمىرىپ تۈكلىرى پارقىراپ سۆڭگەچلىرى بىر يەرگە كەلمىگەن بەقۇۋۋەت ھاڭگا -ھازىر شۈنچە ئەتىۋارلاپ باقساڭمۇ ئۆزىگە‹‹ھالال››دىيىلگەن ھەمرايىنى كۆرسىمۇ قۇلاق كۆتۈرۈپ يالغاندىن بولسىمۇ بىرنى ئۈنلۈك ئاۋازدا ھاڭرالمايدۇ.
ئەسىر ئالمىشىپ تەرەققىيات بارغانسىرى تىزلەشتى.ئاشخانىلار رىستۇرانلىشىپ تاماق موللاشتى.كۈزدە گەمىگە ئەكىرىپ،ئۆرەككە كۆمۈپ ئەتىيازدا يىڭى مايسا ئۈنۈپ چىققۇچە يەيدىغان سەي-چامغۇر ئەمدى تاماق ئەتكەندە‹‹رەڭدارلىقى››نى يوقىتىپ ئوماچقىمۇ يارىماس بولۇپ قالدى.خۇدانىڭ ساپ ھاۋاسىدىن ئەركىن نەمەس ئىلىپ ،ئاپتىپىدىن قانغۇچە بەھىرلىنىپ بەدەنگە ئىھتىياجلىق بارلىق ئوسىگىن،ئىلمىنىتلارنى سۈمۈرۈپ بىزگە كۈچ قۇۋۋەت ئاتا قىلىدىغان يىشىل يىمەكلىك ‹‹توك چۈجىسى››دەك يالتىراق ئىچىدە لامپۇچكا يىقىپ ئۆستۈرىلىدىغان بولدى.مەھەللىۋى ئوغۇت بىلەن قىغلىنىپ سولياۋدىن خالى تىرىلغان ئىتىزلىرىمىزدىكى مايسىلار خىمىيىۋى ئوغۇت سىلىنمىسا ‹‹گىرىمسىز قالغان يىڭى زاماندىكى چوكان››دەك چىرايىدىن توپا ياغىدىغان بولۇپ قالدى.بازارغا سىلىنغان يىڭى كۆكتات تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان،گۆشسىز تاماك گىلىمىزدىن ئۆتمەيدىغان مۇشۇ كۈنلەردە يىگەن خۇرۇچنىڭ قۇۋۋىتى بولمىغاچقا چىرايدا نۇر ،پۇت-قولىدا جان يوق ‹‹ئىشەك قۇرتى››دەك مىغىلداپ تەرەپ-تەرەپكە قاتنايمىز.ئىتىقاد،ئىمان سۇسلىشىپ پونى زەي سالماي ئاتىدىغان بوپ قالغىنىمىز ئۆزىمىزگە ئايان.رىستۇران-قاۋاقلاردىكى‹‹ھاجەتمەن قىز››لارنى كۆرسەك تەربىيە قىلغاندەك قىلغان بىلەن ئىندەككە كەلتۈرۈشنى ئاساسى مەقسەت قىلىپ قانات-قۇيرۇق سۆرەپ ئۆينى،تۇرمۇشنى،بالا-چاقىلىرىمىزنى ئۇنتۇپ ئاران قولغا چۈشۈرگەن بۇ ئولجا سىسىپ پۇراپ كەتكەنلىكىنى ئەستىن چىقىرىپ ئاللىقاياقلاردىن تاپتۇرغان روھلاندۇرۇشنىڭ كۈچىدە ئۇنىڭ قوينىغا قىل قالىمىز بىشىچىلاپ كىرىپ كەتكىلى....شۇنىڭ بىلەن ئىچىمىز-چىكىمىز‹‹جاھاننىڭ پەيزىنى سۈرىمىز...››ئالتە كۈنلۈك ئالەمدا‹‹ياشاپ ئۆلەي››دەپ ئۆزىمىزگە تەسەللى بىرىپ يالغاندىن  ھىجاراپ يۇرىمىزۇ ئاز كۈندىن كىيىن چاپلاشقان قىچىشقاق دەمدۇ؟ئىچىشقان دەمدۇ؟...ئىشىقىلپ مەرەز كىسەلدىن بىرنى يۇقتۇرۇپ بۇ مەرەزنى ئائىلىمىزگىچە سۆرەپ كىرىمىز.‹‹سۈيدۇك تۇتالماسلىق››،‹‹پەرزەنىتلىك بولالماسلىق››،‹‹مەزى بىزى››،‹‹ئەرلىك ئىختىدارى ئاجىزلاپ كىتىش....››كىسەللىرىنى بىراقلا يۇقتۇرۇپ تىلىۋۇزۇردا بەرگەن ئىلاندىن كۆزىمىزنى ئۈزەلمەس بوپ قالىمىز.غەم ئۈستىگە غەم بىسىپ كۆزىمىزدە يالغان كۈلكىنى  جىلۋىلىتىپ پۇت-قوللىرىمىز بوشاپ لىڭتاسمىلىشىپ كەتكىنى بىلەن كارىمىز يوق يەنە چىرايلىقلارنى كۆرسەك كالپۇك يالايمىز.ھالاللاپ نىكاھ قىلىنغان ئايالىمىزنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي ئۆيدە گىپىمىز ئۆتمەي قاخشايمىز...شۇنىڭ بىلەن نىكاھقا دەز كىتىپ ياماق چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولىمىز ياكى يولدىن چىقىرىمىز.‹‹ئۆيدە ئىتىپ بەرگەن لەڭمەننى يىمەي تالاغا چىقىپ مەنتەڭگە نان چىلاپ ئىچىپ››گىدىيىپ يۈرگىنىمىز بىلەن بىزدىكى غۇرۇر-ۋىجداننىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى ئانچە ھىساپقا ئىلىپ كەتمەيمىز....چىرايىدىن نۇر يىغىپ تۇرغان ئايالنىڭ ‹‹70 ياشلىق مۇماي بولۇپ چىقمىسىلا بولدى››كاللىمىزغا خىيالەن سىڭدۈرىمىز.ئاياللارنىڭ،خانىم قىزلىرىمىزنىڭ ئەزەلدىن ئۇلۇق ئاللاھ تەرىپىدىن ئاجىز ئەمما چىرايلىق يارىتىلغانلىقىنى بىلىمىزيۇ ھكرمەت قىلىشنى،ئىززەتلەشنى،ئەتىۋارلاشنى بىلمەيمىز.مەسئۇلىيەت،مەجبۇرىيەتنى تولۇق ئادا قىلالمىغاچقا (ھەممە ئەرلەر ئۇنداق ئەمەس...)ئىشتاننىڭ ئىغىغا پاتماي يوغانچىلىققا سالغان كىچىككىنە ‹‹دەسمايە››ئاخىرى بىزنى زاۋاللىققا،بۇرۇختۇملۇققا يۈزلەندۇرۇپ  ‹‹قوشقۇنسىز قالغان ئىشەك››تەك تىپىرلايدىغان،پات-پات ھارۋىغا تىپىدىغان بولۇپ قالىمىز.بۇنىڭ بىلەن خانىم قىزلىرىمىز ئىچىدىكى ئىپپەتلىك،نۇمۇسچان  توپىغا تەۋەلەر ياغاچچىنىڭ زاماسكىسىدەك ھەر خىل گىرىم بويۇملىرى بىلەن يۈزلىرىنى بۇياشقا باشلاپ ئۆزلىرىنىڭ ‹‹ئايال زاتى››ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ ئالدى-كەينى بىلىنىپ تۇرىدىغان‹‹موزەيكۇ››ئىشتانلارنى كىيىپ كىندىكىنى ،بىلىنى .ووچۇق قويۇپ...ئىشقىلىپ خەق كۆرسە بولمايدىغان‹‹سەت يەرلىرى››نى يىپپلا قازاق قوينىڭ قۇيرىقىدەك كاسىسىنى تولغاپ مىڭىپ كەتسە ئىغىزىمىزغا كەلگەن شۆلگەينى مەجبۇرى سۈمۈرۋىتىپ كۆزىمىزنىڭ پاختىسى چۇۋۇلۇپ كەتكىچە مارايمىز.‹‹سەن ئۇيغۇر،سەن مۇسۇلمان....››دىگەن گەپنى ئىغىزىمىزدىن مەجبۇرى چىقىرىپ ئۇلارنى قايىل قىلىپ، خىجىل قىلىپ ئۇلارنى يىتەكلىمەيمىز...بىز لىڭتاسمىلىشىپ قالغاچقا‹‹تىللامىكىن››دەپ قورقىمىز...
مانا يۇقارقىدەك ‹‹ئىجاتلىرىمىز››تۈپەيلىدىن خانىم قىزلىرىمىز ئىچىدىكى ئاياللار كىسىلى كۈندىن كۈنگە ئاۋۇپ‹‹بالا ياتقۇ سوۋۇپ كىتىش كىسىلى››،‹‹جىنسى يول ياللۇغى››،‹‹جىنسى يول شەلۋەرەش كىسىلى...››دىگەندەك ئىغىزغا ئالغۇسىز كىسەللەر توغۇرسىدىكى ئىلانلارنى ھىچ ئىش بولمىغاندەك بالاۋاقىمىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ كۆرىمىز...ئۇلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا پاقا تەشكەن سويمىدەك كۆزىمىزنى پارقىرتىپ ئولتۇرۇپ جاۋاپ بىرەلمەيمىز...ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئوماق ئوغۇل-قىزلىرىمىزنىڭ يازالمىغان بىر خىتىنى ئوڭشاشقا قۇربىمىز يەتمىگەچ ساۋاتسىز ئۇقۇمى بىلەن داشقالغا ئايلىنىپ قالغانلىقىمىزنى ئۆزىمىزمۇ بىلمەيمىز.
پاراغەتلىك تۇرمۇش بىزنى بوشاشتۇردىمۇ ياكى ئىتىقادىمىزنى،ئىمانىمىزنى سۇسلاشتۇرۇپ قويدىمۇ بۇنىسى ئۆزىمىزگە ئايان.يىمەك-ئىچمەكتىن،كىيىم-كىچەكتىن غەم قىلمايمىز...غەم قىلىدىغىنىمىز زادى نىمە؟
بىزدە زادى نىمە كەم؟....
بىز نىمىگە ئىھتىياجلىق؟؟؟؟
كاللىمىزنى سىلكىۋىتىپ ئويلىنىپ باقايلى...

مەنبە؛قەلىمىم.



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4976
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-12-30
ئاخىرقى: 2014-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 05:18:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇستەھكەم ئېتىقات !!!!!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4169
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 05:24:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمانىمىز سۇسلىشىپ يوقلىش گىردابىغا بېرىپ قالاي دىدى شۇڭا مۇشۇنداق ئىشلار بولۇۋاتىدۇ يىگەن يىمەكلىكىمىز بولغاندى بىز ئاشۇندا نەرسىلەرنى يىگەىندىن كىيىن ئىمانىمىز بۇلىغىندۇ شۇڭا كۆزىمىز ھەقنى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالدى ئىمان ھايا جۈملىسىدىندۇر ھايا بولمسا ئەيىش ئىشرەت كەيىپ ساپا ئەۋج ئالىدۇ ~~~~~~~ھەي بولدىلا جىق سۆزلىمەي 6896.jpg

تۈمەن ئۆركىشى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19883
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10612 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 05:56:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىنىڭ خەت شەكلى سەل كىچىككەن .باشقۇرغۇچىلار تەھرىرلەپ قويساڭلا

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355818
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 06:16:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاھ ھاھ ... بۇ ئۇيغۇرەكلەرنىڭ ھېلىھەم ئۆزىنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ خۇشلۇقتىن يۈرىكىم سۇدىكى بېلىقتەك يايراپ كېتىۋاتىدۇ ...

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 06:55:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Azizan يوللىغان ۋاقتى  2013-7-31 06:16 PM
ھاھ ھاھ ... بۇ ئۇيغۇرەكلەرنىڭ ھېلىھەم ئۆزىنىڭ نېمىگە ئې ...

سىز قايسى مىللەتتىن؟

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89855
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 754
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2013-1-10
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 08:10:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىتقادقا !!!

غەزەپنىڭ بېشي ساراڭلىق ، ئاخىري نادامەت تۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91845
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 435
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2014-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 08:25:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۇناھ قىلغۇچى ئۆزى قىلغان گۇناھىدىن ھىساپ بېرىدۇ !
( بىز قاچانغىچە ھەممىنى ئۆزۈمىزدىن كۆرۈپ ، ئۆزۈمۈمىزدىن يامانلاپ ئۆتەرمىز )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 08:42:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
http://vote.jyb.cn/vote2013km.php       ئەڭ ئاستىدا بىرلا ئويغۇر ئوقۇتقۇچى بار ئىكەن تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاپ قۇيىشىنى ۋە باشقا تور بېكەتلەرگە يوللاپ قۇيۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز .

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92159
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 573
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2014-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 08:51:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئىلىم-پەنگە ئەڭ ئېھتىياجلىق.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش