بىز
ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ < ئىز > نامىلىق شېئىرغا يانداشما
( ئۇزۇن ۋاقىت كۆرىشەلمىگەن ساۋاقداشلار يىقىندا غۇلجىدا يىغىلىش قىلماقچى بولدۇق . بۇ شېئىرنى ئەشۇ يىغىلىشقا مەخسۇس ئاتاپ تەييارلىدىم . مۇنبەرداشلىرىمنىڭ تەنقىدىي پىكىرلىرىنى بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .)
ياش ئىدۇق ئالىي مەكتەپكە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز ،
مانا بۈگۈن مىنمەكتە ۋەلىسپىت ئوغلىمىز يا قىزىمىز .
ئاز ئىدۇق ئوقوش سەپىرىگە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز ،
ھە، مانا ، چۈشتۇق سۈرەتكە، جۈپ بولۇپ مەيداندا بىز ،
ئاز دىمەڭ ،ئائىلىنىڭ غېمى ئۈچۈن تۆكتۇق بەدەل ،
قىش – ياز دىمەي ئىدارىدە ، قاتىردۇق چوڭ يولدا بىز .
ئانا تىل ئىشقى پىراقى بەرگەن ئىكەن بىر مېھىر ،
ساقلىدۇق ئەنئەنىنى ،چىن ياشاپ ئۆز قولدا بىز .
رەڭ بېرىپتۇ چېھرىمىزگە ، چوتكىسىدا تۆت پەسىل ،
سېغىنىش رىشتى كۈچەيدى ، ھەر كۆرۈپ ئالبۇمنى بىز .
دوست – يارەن ، قان- قېرىنداشلارنىڭ ئۇزاتتۇق تاۋۇتىنى ،
ھەر سەھەر بامدات ئارا بەخت تىلەشتۇق سىزگە بىز .
شۇ يىلى يامغۇر تۆكۈلگەن، ئېيتقان چاغدا < ئايرىلىش >
بەك يىراق ئۇچۇپ كېتىپتۇق ، تەڭكەش قىلىپ كۈيگە بىز ،
كۆز جىيەكلەر قىزارغاندا ماشىنىدىن قارىدۇق ،
مەختومسۇلا چاچ تارىغان ، سايرام دىگەن كۆلگە بىز .
مەشئىلى يانغاچ يېلىنجاپ دىلىمىزدا مەرىپەت ،
مېھرىمىزدىن زەم –زەم قۇيۇپتۇق مىڭلىغان ھەر گۈلگە بىز .
مۇنبەردە قولتۇق يىرىتلدى ، مىللىتىم پەخرى ئۈچۈن ،
يۈز ئۈچۈن گۈلگۈن ياشاپتۇق ، ياش تۆكۈپ ھەر نۆلگە بىز .
تەڭشەلمىگەن ئىش ھەققىگە سۈكۈتلەرنى قىپ ساداق ،
ئېرىنمەي ئىمزا قويۇپتۇق ئىگىز –پەسكە، تۈزگە بىز .
تۆت قۇلاق بوپ نەۋ باھاردا ، چېچەكلىسەك ياز ئۈچۈن ،
خۇشپۇراق چېچىپ قوغۇندەك ، يېرىلىمىز كۈزدە بىز .
قىسمىتى قامۇس ھاياتنىڭ ، دىدارلىشىش غەنىيمەت ،
كۆكسىمىزدىن ئورۇن بېرەيلى < ئەسسالام> دەك سۆزگە بىز .
بىر ئىزگۈ ئالى ماكانغا باش قوشايلى جەم بولۇپ .
زار ئىدۇق ، چاڭقاق ئىدۇق ئىدۇق ، شۇنچە يىل بۇ كۈنگە بىز .
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bahwanbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-31 07:37 AM