مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 565|ئىنكاس: 6

ئىنسان تەبىيىتى ۋە ئۆزىنى ئىتىراپ قىلىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94624
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 39
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 12:16:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىنسان تەبىيىتى ۋە ئۆزىنى ئىتىراپ قىلىش


تۇردى توختى


ئىنسان تەبىيىتىۋە ئۈزىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسى- ئىنسانلارنىڭ ئۈزىنى ۋە يىلتىزىنى بىلىشئاساسىدا، ياشاش قانۇنىيىتىنىڭ رىتىمى بۇيۇچە ياشاپ ،ئۈزىنىڭ ۋە ئەجداتىنىڭ، نەدە،قانداقياشىغانلىقى،كىملەر،قايسى مىللەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىشىپ،ئۈزىنىڭ تارىخى ۋە مەدىنىيىتىنىياراتقانلىغىنى راستچىللىق بىلەن بىلەن ئوترىغا قۇيۇش. شۇ ئاساستا بارلىق مىللەتلەرنىڭتىل-يېزىق،ئۆرپە-ئادەت،مەدىنىيەت،دىن،تىرىتورىيە،پىسخىكا ...قاتارلىق مىللەتلەنىڭبىلىش سېسىتىمىسى ۋە پالىيەت قىلىش دائىرىسى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن،ئىنسانلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلغان مەدىنىيەت مىراسلىرى ۋە ياشاشقا قوشقانتۆھپىسىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسىدە ئىپادىلىنىدۇ.

ئەمىليەتتەبۇنداق ئېتىراپ قىلىش-راستنى راست،يالغاننى يالغان دىيىش مەسىلىسى  بۇلۇپ، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىگىنىئىشقا ئاشۇرۇپ،كۆڭلىنى ئاۋۇندىرىشقا نىسپەتەن ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناپ، بىز دەپكىلىۋاتقان مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا تۈرۈتكىلىك رولنى جارى قىلدۇرۇدۇ.

ئۈزىنىڭكىملىگىنى ئىتىراپ قىلىش بىلەن ئىنسان تەبىيىتى ماھىيەتتە بىردەكلىككە ئىگە بولسىمۇنۇرغۇن ۋاقىتلاردا،مۇھىم-ھالقىلىق چاغلاردا،مەنپەتىگە تاقىشىدىغان ۋەقە-ھادىسىلەردەئىنسان تەبىيىتى  ئىنساننىڭ ئۈزىنى ئىتىراپقىلىشىدىن ئىبارەت بۇ ئىقدىدارىغا بوي سۇنماي،بىلىپ تۇرۇپ،ماھىيەتنى بۇرمىلاشتەك ئەجەللىكئاجىزلىققا يول قۇيۇدۇ-دە، نۇرغۇنلىغان ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ پەيدا بۇلۇشىنى كەلتۈرۈپچىقىرىدۇ.بۇ ئەمىليەتتە باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە قەستەن ئازار بىرىپ،ئۈزىنىڭ كۆڭلىنىيالغاندىن ئاۋۇندۇرۇش،ئىچىدە بۇرۇختۇم بۇلۇپ،سىرتقى ھالىتىدە  خۇشال يۇرۇشتەك ساختىلىقنى كىشىلەرگە كۆز-كۆزقىلىش ۋە ئىنسانىيەتنى ئالدىغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.قوپالراق دىگەندە  ئۈزىنىڭ ئارزۇسىنى باشقىلاغا مەجبۇرى تاڭغانلىقتىنباشقا نەرسە ئەمەس.

دۇنيادىكى مىللەتلەرچوڭ-كىچىك بولىشىدىن قەتتئى نەزەر ئۇنىڭ شانلىق تارىخى بار.بۇ نوقتىنى ئىتىراپقىلمىغانلىق، ئەمىليەتتە ئىتىراپ قىلمىغۇچىنىڭ تەبىيىتىدىكى ئەڭ زور ئاجىزلىقبولۇش بىلەن بىرگە ئىنسانىيەتكە قىلىنغان ئەڭ زور ھاقارەتتۇر.باشقىلارنىڭكىنىئېتىراپ قىلماسلىق ھەم  ئېتىراپ قىلدۇرماسلىقبولسا ،ئاشۇ مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ،باشقىچە يولىنىشتە يىتەكلەشتىكى بىر تەبىردۇر.بۇقارىشىمىزنى ھېرمان ۋامبېرنىڭ‹‹ئۆتمىشى غۇۋا مىللەتنىڭ،كەلگۈسىمۇ غۇۋا بولىدۇ››{1}دىگەنھۈكىمى بىلىن ئىسپاتلاش تامامەن مۈمكىن. ھېرمان ۋامبېرنىڭ بۇ ھۈكىمىدىن بىزتارىخىدىن ئايرىلىپ قالغان مىللەتنىڭ كەلگۈسىدە،مەدىنىيىتى،تەرەققىيادى بولمايلاقالماي،ئۇ مىللەتنىڭ زاۋانلىققا يۈزلىنىدىغانلىغىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى  چۈشىنىپ يېتىمىز.تارىخىنى يوقۇتۇپ قويغان مىللەت-ئىنسانىيەتمەدىنىيىتىگە خۇش پۇراق چاچالمىغان مىللەت،ئىنسانىيەتكە ئاسىلىق قىلغان مىللەتتۇر.شۇنىڭئۈچۇن كىشىلەر ئۈزىنىڭ مەدىنىيەتى،مىللىتىنىڭ تارىخىي، يىلتىزنى چىقىش نوقتىسى قىلىپ،ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ئورنىنى تېپىشيۇلىدا داۋاملىق ئىزدىنىشى كېرەك.چۈنكى مەشھۇر سەنئەتكار داننا‹‹ئەڭ بالدۇرقى ئەجداتلارنىڭقەلبىگە ئۇرۇق بۇلۇپ تېرىلغان روھى ماھىيەت،ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلاتلارنىڭ ۋۇجىدىدا ئەكىسئېتىدۇ››دەيدۇ{2}.

ئىنسانتېبىياتى- شەخسىيەتچىلىكىنى ئاساسى يادىرو قىلغان ھالدا، ئىنسانلاردا زىدىيەتلىك مەۋجۇتبۇلۇپ تۇرىدىغان، ئىنسانلانىڭ ئەسلى ھالىتى(قان) ئاساسىدا شەكىللەنگەن(تۇغۇلۇشتابىرگە تۇغۇلغان) خۇي-پەيلى(مىجەزىى)،جىسمانى قۇۋىتى ۋە ئەمىلى ئىختىدارى قاتارلىق تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدىغانپىسخىكىلىق جەريان.ئۇنىڭ مۇرەككەپلىكى ئۇنىڭ زىدىيەتلىك ۋەئۆزگىرىشچانلىغىدا.ئاددىراق قىلىپ ئېيتىساق ئىنسان تەبىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋەزىدىيەتلىكلىگى-ئادەمنىڭ ئېقىل ئىشلەتەلەيدىغان ۋە تەپەككۈر قىلىش كۈچىگە ئىگەئىنسان بولالىغىنىدا ئىپادىلىنىدۇ.

يۇقىرقى مۇرەككەپلىنىھازىرقى زامان خەنزۇ يازغۇچىسى جياڭ رۇڭ مۇنداق ئىپادىلىگەن‹‹شىددەتلىك رىقابەتدۇنياسىدا مىللەتلەر ئالدى بىلەن زۇرۇز بولىدىغان نەرسە ياۋايى ھايۋانلارنىڭكىدەكباتۇرلۇق ۋە قەيسەرلىك ئىدى.ئالدىنقى شەرت ھازىرلانماي تۇرۇپ،مەدىنىيەت ۋە ئەقىل-پاراسەتدىگەنلەرمۇ ئۈزىنى جۇلالاندۇرالمايتتى.مىللەتنىڭ مىجەز خارەكتىرى سۇسلاپ كەتكەندە،تۇققانچىلىققا،سەندىچىنىسېپىلىنى قۇرۇشقا،تەسلىم بولۇشقا،ئەل بولۇشقا،ياۋاش پۇقرا بۇلۇشقا ۋە چاشقاندىنمۇزىيادە كۆپىيىپ جېنىنى بېقىشقا توغرا كېلەتتى...››{3}جياڭ رۇڭنىڭ بۇ ھۈكىمىگە دىققەتقىلىدىغان بولساق ئىنسانلارنىڭ تەبىيىتىنىڭ ھەم زىدىيەتلىك،ھەم مۇرەككەپلىككە ئىگەئىكەنلىگىنى كۈرىۋېلىشى تەس ئەمەس.

باتۇرلۇق،قەيسەرلىك،قورقۇش،مۇداپىيىلىنىش،تەسلىمبولۇش،ئەل بۇلۇش،ئەۋلات قالدۇرۇش،ياشاش...دىگەن سۈپەتلەر بىزگە ئىنسان تەبىيەتىدىكىمۇرەككەپلىك ۋە زىدىيەتلىك ھالەتلەرنى ،ئىتىقات،ئۇلۇغلاش ھەم شەخسى ئېتىياجنىڭبىرى بىرنى شەرت قىلغان ھەم بىر بىرنىڭ ئىزىنى باسىدىغان جەريانلار ئىكەنلىگىنى، سەمىمىزگەسالىدۇ.

ئۆزىنى ئېتىراپقىلىش ئىنسانلانىڭ ئۈزىنىڭ كىلىپ چىقىش يىلتىزىنى ،بېسىپ ئوتكەنمۇساپىسىنى،ياراتقان مەدىنىيەت ئىزنالىرىنى،يىتىلگەن خارەكتىرىنى ئەينەن ئېتىراپقىلىپ،كىيىنكىلەرنىڭ ئۈزىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئىمكانىيەت ھازىرلاش دىگەنلىكتۇر.بۇھەم ئۈزىنىڭكىنى ئىتىراپ قىلىش،ھەم باشقىلارنىڭكىنى ئىتىراپ قىلىشتەك بىرپۈتۈنلۈككە ئىگە بولغان جەرياندۇر.بۇ بىر پۈتۈن مەدىنىيەت تەرەقىيادى سېسىتمىسىبۇزۇلسا ئىنسان مەدىنىيىتى ساختىلىق ئىچىگە كىرىپ قېلىپ،ئىنسانىيەت بۇرۇقتۇملۇققاگىرىپتار بۇلۇدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانىيەت مەدىنىيەتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكنى ساقلاشقا ئەھمىيەتبىرىپ،ئۆزىمىزنىڭ،مىللەتنىڭ،باشقىلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ ۋە ئىتىراپ قىلىپ،ئىنسانىيەتمەدىنىيىتىنىڭ خىلمۇ-خىللىغىنى،رەڭدارلىغىنى قولغا كەلتۇرۇپ،مىللەتلەرنىڭ مەدىنىيىتىنىتېخىمۇ جۇلالاندۇرۇشىمىز كېرەك.ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە بولسا مىللەت،پۈتكۈل ئىنسانىيەتخامۇشلىشىپ كېتىدۇ.چۇنكى ھەقىقەت، ساختىلىقنىڭ زىمىنىدا كۆكلىيەلمەيدۇ.بۇ ‹‹تاغدابۆرە بولمىسا،قويغا خامۇشلۇق كىسىلى تىگىپتۇ››دىگەن بىلەن ئوخشاش بىر جەريان.

تۈۋەندە ئىنسانتەبىيىتى ۋە ئۈزىنى ئىتىراپ قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە كۆزقاراشلىرىمنى ئوترىغاقۇيۇپ،ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ كۈشەندىسىز تەرەققى قىلالمايدىغانلىغىنى،كۈشەندىسىزلىكنىڭتەبىيەت قانۇنىيەتىنى بۇزۇپ،ئىنسانىيەتكە ئېغىر تالاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقنىئوترىغا قۇيۇپ،ئۆتمەكچىمەن.

1.ئىنسان تەبىيىتى

بىز يۇقىرىدا دەپئۆتكەندەك ئىنسان تېبىيەتى شەخسىيەتچىلىكىنى ئاساسى يادىرو قىلغان بىر پۈتۈن جەريانبۇلۇپ،ئۇنى كونكىرىتىنى چۈشەندۈرگەندە تۈۋەندىكى تەرەپلەرنى نەزەردىن ساقىتقىلماسلىغىمىز لازىم.بىز بۇكونكىرىتىنى مەسىلىلەر ئۈستىدە تەھلىل يۈرگىزىشتىن ئاۋال ئىنسان تەبىيەتىنىڭ نىمەئىكەنلىكى توغرىسىدكى قاراشقا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.ئۇنداقتا ئىنسان تەبىيىتىدىگەن نىمە؟

ئىنسان تەبىيىتىدىگىنىزمىز-ياۋۇزلۇق بىلەن مىھرىبانلىق،رەزىللىك بىلەن ئاق كۈڭۈللۈك،ياخشىلىق بىلەنيامانلىق،ئېتىقات بىلەن ئىنكار قىلىش،ئەقىللىقلىق بىلەن ئەقىلسىزلىك ئارلىشىپ كەتكەن،ۋۇجۇدىغائاجزىلىق سىڭىپ كەتكەن، ئادەملەردىكى ئىچكى خۇسۇسىيەت(مىجەز-خارەكتىر)دىن ئىبارەت.

ئىنسان تەبىيەتىنىڭئالاھىدىلىكى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى-بىرسى مۇرەككەپ بۇلۇش،ئىككىنچىسى شەخسىيەتچىلبۇلۇش،ئۈچۈنچىسى زىدىيەتلىك بۇلۇش،يەنە بىرسى بولسا ئاجىز بۇلۇشتىن ئىبارەت.

ئادەم تەبىيەتىنىئانالىز قىلىشتا‹‹سىياسىنىڭ رەزىللىكى››دىگەن دۇنياۋى مەھشۇر ئەسەردىكى مۇنۇ قۇرلارنىكۆرسىتىپ ئۈتۈشكە بولىدۇ:‹‹سىنىڭ خارەكتىرىڭىدە بىر ئېغىر نوقسان بار،ئۇ بولسىمۇ سەنرەزىل ئىشلارنى قىلىشقا مۇناسىپ كەلمەيسەن،ھەتتا ئاممىنىڭ خەيرىلىك ئىشلىرى سىنى رەزىلئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر قىلسىمۇ،ئۇنداق قىلىشنى خالىمايسەن››{4}...‹‹سىياسى رەقىپلەرنىيوقۇتۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل-كەسكىن ھەم پاكىز،يۈرەكلىك ھەم نۇمۇسسىزبۇلۇشتۇر››{5}

يۇقارقى نەقىللەردىنئادەمنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ،ئىنتايىن رەھىمسىز تەبىيەتكە ئىگە بولغان بىر مەخلۇقئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس،شۇنداقلا يۇقارقى ھۈكۈملەردىن ئىنسان تەبىيىتىدىكىئاجىزلىقلارمۇ مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ.

1)ئىنسان تەبىيىتىڭئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە ئانالىز

(1)ئىنسان تەبىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكلىگى-ئىنسان تەبىيىتنىڭمۇرەككەپلىكى ئىنسان ئېڭىنىڭ يۇكسەك تەرەققى قىلغانلىغىنىڭ مەسئۇلى بۇلۇپ،ئۇنىڭنىمە كويدا،قانداق مەقسەتتە يۈرۋاتقانلىغىنى ئاددى ھالدىكى گۈزۈتۈش ۋە تەكشۇرۇشلەرئارقىلىق بىلىش مۇمكىن ئەمەس.ئادەم ئۈزىنىڭ ئەقىلى ئىقتىدارىغا تايىنىپ،نۇرغۇنيۇشۇرۇن ھالدىكى ئوي-پىكىرلەرنى ئىنكاس شەكلىدە ئۈزىدا يۇشۇرۇن ساقلايدۇ،شارايىتپىشىپ يىتىلمىگۈچە بۇ يۇشۇرۇن ئىنكاسلارنى ئاسانلىقچە ئاشكارىلىمايدۇ. بۇ خىلدىكىيۇشۇرۇن ئىنكاس شارايىت پىشىپ يىتىلگەن چاغدا ئىنسانىيەت تۇرمۇشىغا،مەدىنىيىتىگەتارىخىغا بەلەۈلۈك تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ.

ھاكىمىيەت مەسىلىسىمۇ ئىنسان تەبىيىتىدىكى ھەم مۇرەككەپ،ھەمنازۈك مەسىلە بۇلۇپ،ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشتىن ئىلگىركى بارلىق پىكىر-كۆزقاراشلار،پالىيەتلەر يۇشۇرۇن ھەلەتتە بولىدۇ،ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن ئەمىلىئاتلانغان چاغ بولسا يۇشۇرۇن،مۇرەككەپ ئىنكاسنىڭ پارتىلىغان ۋاختى بۇلۇپھىساپلىنىدۇ.ئادەم ئېڭىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى فرانسىيە پەيلاسۇپى لوئىس پروۋېل تۈۋەندىكىدەكتەسۋىرلەيدۇ:‹‹نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئىنسانلار ئۈزلۈكسىز تۇردە ئۆزلىرىنىڭھۈكىمىرانىنى(ئۈزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى__ئاپتۇر ئىزاھاتى) ئىزدەپ كەلدى.بىراق ئۇلارنىڭئىزدەپ تاپقىنى ھەمىشە ئادەم ئولتۈرسە كۈزىنى چىمچىقلىتىپ قويمايدىغانقاسساپلار،جاللاتلار،تەلۋە بۇلاڭچى،ساختىپەزلەر،ۋەيران بولغۇچىلار،ساراڭلار،ئەخلاقىبۇزۇلغانلار ۋە رەزىللىك تارقاتقۇچىلار بۇلۇپ چىقتى››{6}

لوئىسپروۋېلنىڭ يۇقارقى مۇلاھىزىسى بىزگە ئادەم تەبىيەتىنىڭ نەقەدەر مۇرەككەپلىكىنى،بىلىش،چۈشىنىشنىڭنەقەدەر قىيىنلىقىنى شۇنداق بولغاچقا كۆپۈنچە ئەھۋالدا  ئادەمنىڭ ۋەدىسى بىلەن ھەركىتى،دىلى بىلەن تىلىبىردەك بولمايدىغانلىغىنى،باشقىلارنىڭ ئىرىشىدىغىنىنىڭ ئاخىرقى ھىساپتا يەنىلا بىرساختا نەتىچە بولىدىغانلىغىنى بىزگە كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ.

ئىنسان تەبىيەتىدىكىمۇرەككەپلىك ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ئىختىدارى ۋە غەيرى ئەقلى ئىقدىدارنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىكبىرلەشكەنلىكىنىڭ مەسئۇلى بۇلۇپ،بۇنداق بىرلىشىش ئىنسانلارنى  چۈشىنىش قىيىن بولغان بىر يۇقىرى بىلىشئىختىدارىغا ئىگە شەخسىيەتچىل توپقا ئايلاندۇرغان.

(2)ئىنسان تەبىيىتىدىكىشەخسىيەتچىلىك

ئىنسان تەبىيەتىدىكىشەخسىيەتچىلىكنى ئىنسانلارنىڭ تەبىئى ھالدا ئۈزىنى مەرگەز قىلىشى،نام-مەنپەتكەئىنتىلىشى ۋە ماختاشقا ھېرىسمەن بۇلۇپ،ماختالسا خۇشللىق تاپىدىغان،تەنقىتلەنسەچىچاڭشىپ كېتىدىغان پىسخىكىلىق ھالىتىدىن كۈرىۋېلىش تەس ئەمەس.

ئەمىليەتتەئىنساندىكى شەخسىيەتچىلىك ئىنسان تەبىيىتىدە تېبىئى بار بۇلۇپ،ئۇ ئىنسانلاغا قانئارقىلىق مىراس قالىدىغان،قان ئارقىلىق ئۈزىنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلايدىغان بىرپىزىلوگىيەلىك(گىگىنىلىق)جەريان.شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق بىر ئىنسان شەخسىيەتچىلىكنىڭئاسارىتىدىن چەتنەپ چىكىتەلمەيدۇ.چۈنكى ئىنسانلار ئۈزىدە تەبىئى بار بولغان بۇخىلدىكى گىنلارنى ئۈزىدىن تازىلىۋېتىشقا قادىر ئەمەس.

شەخسىيەتچىلىكيەككە ئادەمگە نىسپەتەن ئېيتىلغاندا ئۇ بىيرۇگىراتلىق بىلەن ئىپادىلەنسە مىللەتكەنىسپەن ئېيتىلغاندا مىللەتچىلىك مەسىلىسىگە تەۋە بولىدۇ.بۇنىڭدا ئامرىكىدىكىنىگىرلار بىلەن ئاقتەنلىكلەر ئوترىسىدىكى18-ئەسىردىكى ئېچىنىشلىق رىياللىقنى مىسالكەلتۈرۈش تامامەن مۈمكىن.

شەخسىيەتچىلىكئىنسانلاردا ئەبىئى بار بولغان خارەكتىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئادەملەرنى باتۇر،قەيسەر،ھىچنىمىدىنقورقىماي ئالغا ئىلگىريەدىغان،ئۈزنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن(ياشاش شارايىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن)جان تىكىپ ئېلىشىدىغان روھ بىلەن سۇغۇرۇپ،ئىنسانلارنىڭ ئادىمىيلىكىنى يارتىشتاتۈرۈتكىلىك رول ئوينايدۇ.شەخسىيەتچىلىك يەنە نوۋىتى كەلگەندە ئىنسانلارنى رەزىللىككە،نۇمۇسىزلىققا،ئالدامچىلىققا،ئامانەتكەخىيانەت قىلىشقا،ھارامدىن ياشاشقا،قىزىلكۆزلۈككە،ئۈزىدىن ھالقىپ چىقىپ كەتەلمەيدىغانقورمىچىلىققا يىتەكلەپ،ئىنسانلارنىڭ پەزىلىتىگە ئېغىر نوقسانلارنىمۇ ئاتا قىلىدۇ.

يۇقارقىلارنىڭدەلىلى تۇۋەندىكى ئايەتتۇر:‹‹بىز ئامانەتنى ئاسمانلارغا،زىمىنغا ۋە تاغلارغا تەكلىپئەتتۇق.ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئالمىدى.ئۇلار خىيانەتتىن قورقۇپ ئەندىشە قىلدى.ئۇنىئىنسان ئۈستىگە ئالدى.چۈنكى ئۇ ناھايتىمۇ زالىم ۋە جاھىلدۇر.››(قۇرئان،33-سۈرە72-ئايەت){7}

بىز بۇ ئايەتتىنئىنسانلارنىڭ باشقا ھەرقانداق شەيئى ئۈستىگە ئالالمايدىغان مۇشكىلاتنى ئۈستىگەئالاليدىغان قەيسەر،قورۇقماس خارەكتىرىنى كۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە ئىنسانلارنىڭ ھەمزالىم ھەم جاھىل بۇلۇشتەك ئادىمىلىككە يات خارەكتىرىنىڭمۇ مەۋجۇتلىقىنى ئېنىق ھىسقىلىمىز.

يىغىنچاقلىغانداشەخسىيەتچىلىكمۇ ئىنسان تەىيىتىدىكى ئەڭ مۇھىم،ئىنسان تۇغۇلۇش بىلەنلا بىرگەتۇغۇلغان ئىنسان تەبىيىتىدىكى يادۇرۇلۇق خۇسۇسىيەتلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.

ئىنسانمۇشۇنداق شەخسىيەتچىلىك خۇسىسىيەتنىڭ تۇرۇتكىسىدە ئادەم ئۆلتىرىمەن دەپ ئۆلتىرەلەيدۇ.ئادەمنىقۇتقىزىمەن دەپ قۇتقۇزالايدۇ.ئادەمنى ئىشلىتىمەن دەپ ئۈزى ئۈچۈن خىزمەتقىلدۇرالايدۇ.تاشلىۋاتىمان دەپ خۇددى كونا چاپاننى تاشلىۋەتكەندەك تاشلىۋاتىدۇ.

(3)ئىنسان تەبىيىتىدىكىقارمۇ-قارىشلىق(زىددىيەت)

ئىنسان تەبىيىتىزىدىيەت بىلەن تولغان،نىمىنى قىلىش،نىمىنى قىلماسلىق مەسىلىسىدە ئىنسان زىددىيەتئىچىدە ياشايدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە زىدىيەتتىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ،زىدىيەتئىچىدە تەرەققى قىلىدۇ،ئۈزىنى كۈچلاندۇرۇدۇ.ھەم زىدىيەتنىڭ قىساسقا ئايلىنىشى بىلەنئىنسان ئۈزىنى ھالاكەتكە يۈزلەندۈرىدۇ.

يۇقارقىھۈكۈمنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە بىز تۈۋەندىكى ماھىيەتلىك مەسىلىنى تىلغائالىمىز.ئىنسانلار يەرنى ئۇلۇغلايدۇ،زىمىننى ئانىسىغا ئوخشۇتۇپ ‹‹ئانا تۇپراق››دەپئاتىشىدۇ.بىراق ئۇلار زىمننى يەنە خالىغانچە ئاياغ ئاستى قىلىشىدۇ.مۇشۇنداق ئاياغئاستى قىلىشقا چىدىمىغان زىمىن ئاخىرقى ھىساپتا ئۈزىنىڭ سويۇملۇك بالىلىرىدىن ھەسىلەپقىساس ئېلىپ،ئۇلارنى ھالاكەتكە يۈزلەندۈرۈدۇ.

تۇركى مىللەتلىرىۋە مۇڭغۇل قاتارلىق مىللتلەر بۆرىنى ئۇلۇغلاپ بۆرىنى تۇتىم قىلغان..تۇركى مىللەتلەر،مۇڭغۇللاردۇنيانىڭ يېرىمىنى ئاتلىرىنىڭ تۇياق ئاسىتدا قالدۇرغان مىللەتلەر.ئۇلار ئات ئۇستى،يايلاق مەدىنىيىتىنى يارتىشتا ئاجايىپ تۆھپىلارنى قوشقان قەھرىمان ئەرلىك خۇسۇسىيىتىگەئىگە مىللەتلەر.

بىز ئىنسان تەبىيىتىدىكىزىدىيەتلىك ھالەتكە مۇڭغۇللارنىڭ تەبىيىتىدىكى زىدىيەتلىك ھالەتنى مىسال سۈپىتىدەكۆرسىتىمىز.

مۇڭغۇللاريۇقىرىدا دىگىنىمىزدەك بۆرىنى ئۇلۇغلايدۇ،ئۇنىڭغا چۇقۇنۇدۇ،ئۇنى ئىلاھى ھايۋانسۈپىتىدە قاراپ ئۇنىڭ گۈشىنى يىمەيدۇ،ئۇنى تۇتۇپ كۆندۈرمەيدۇ.بىراق نوۋىتى كەلگەندە(ئۇلارنىڭمەنپەتىگە بۆرىلەر زور زىياللانى سالغاندا) بۆرىلەنى قورشاپ يوقىتىپ،بۇ ئىلاھىھايۋانغا ھاقارەت كەلتۈرۇدۇ ھەم بۇنداق قىلىقىدىن قاتتىق خورلۇق ھىسقىلىپ،بۆرىلارنى تۇلۇمچىلاپ سۇيۇپ،ئىچىگە ئوت چوپلەرنى تىقىپ،بۆرىلەرنى تىرىكھالىتىگە ئوخشىتىپ ئىشىك ئالدىغا ئىگىز ياغاچ قاداپ،‹‹تىرىلگەن بۆرىنى›› ياغاچقائېسىپ قۇيۇدۇ.بۆرە شامالدا لىڭشىسا،تۈكلىرى يەلپۈنسە كۆڭلى ئارام تاپقاندەكبۆلىدۇ.ئۇلار يەنە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى دالىغا ئېلىپ بېرىپ،دالىدا ياتقۇزۇپ قۇيۇپكۆممەيدۇ(بۇ دالا دەپنە مۇراسىمى دەپ ئاتىلىدۇ) ،بۈرىلەرنىڭ مىيىتنى تۇلۇقيىۋېتىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ.مىيىتنى بۆرىلەر پاكىزە يەپ تۈگەتسە ئۇلارنىڭروھىنىڭ پاكلىنىپ ئەرشىگە(خۇدانىڭ قېشىغا) چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.مىيىتنىبۆرە يىمىسە ئۇلار بۇنىڭدىن بەك خاتىرجەمسىزلىنىدۇ...قىسقىسى ئۇلار بۆرىدىن ئىبارەتبىر ئىلاھى ھايۋاننى ئۇلۇغلاش بىلەن بىرگە يەنە ئۇلارغىمۇ بىھۆرمەتلىك قىلىدۇ{8}

يۇقىرىدا دەلىلسۈپىتىدە كۆرسەتكەن مىساللادىن ئىنسان تەبىيىتىدىكى زىدىيەتلىك ھالەتنى كۈرىۋېلىشتەس ئەمەس.ئىنسانلار ئۈزى ئۇلۇغلىغان نەرسىلەرنى يەنە ئۈزى ھالەك قىلىدۇ.ھالەكبولغان ئاشۇ ئىلاھى بەلگىدىن ئۇلار يەنە خۇدۇكسىراپ(قورقۇپ)،ئۆزلىرنىڭ گۇناھىنىتىلىشىدۇ.مانا بۇ ئىنسان تەبىيىتى،ئىنسان تەبىيىتىدىكى زىدىيەتلىك ھالەتلەر.

بۇنىڭدىن باشقائىنسانلار قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندىمۇ روھى زىددىيەتكە تۇشۇپ كېتىدۇ.ئۈزىبىلەن ئۈزى سۆبەتلىشىدۇ ھەم قاتتىق بىئارام بۇلۇپ،ئازاپلىنىدۇ.بۇنداق ئازاپ ئىچىداچىقىرىلغان قارار مۇۋاپىق بولسا ئىنسانىيەتنىڭ مەدىنىيىتىنى تەرەققى قىلدۇردىغانكۈچكە ئايلىنىدۇ.قارار نامۇۋاپىق بولسا ئىنساننىڭ ئۈزىنى زاۋاللىققا باشلايدۇ.

ئىنسان تەبىيىتىدىكىبۇ خىل كۈرەش(زىدىيەت) ئىنسان بىلەن بىرگە پەيدا بولغان،ئىنسان بىلەن بىرگەتۈگىشىدۇ.بۇ ھال ئىنسان تەبىيىتىنىڭ زىددىيەت بىلەن يۇغۇرۇلغانلىغىنى بىزگە چۈشەندۈرۈپبېرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىز بۇ خىل زىدىيەتنىڭ ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى زىددىيەتئىكەنلىگىنى چۈشىنىپ يەتىمىز.

ئۇنىڭدىن باشقائىنساندىكى دەلىغۇللۇق،ھۈكۈم چىقىرالماسلىق،پۇزۇتسىيەسىنى بىلدۈرەلمەسلىك،تىلقىسىنچى بۇلۇش...قاتارلىق بىر قىسىم پىسخىكىلىق ھالەتلەرمۇ بىزگە ئىنسانىيەت تەبىيەتىنىڭ زىددىيەت بىلەنتولغانلىغىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

2)ئىنسان تەبىيىتىدىكىئاجىزلىقلار ئۈستىدە ئانالىز

ئىنسان تەبىيىتىيۇقارقىدەك مۇرەككەپلىكلىكە،زىدىيەتلىلىككە ئىگە بۇلۇش ئالاھىدىلىگى بىلەنئۈزىدىكى بىر بوشلۇقنى يۇشۇرۇپ كىتىشكە قادىر ئەمەس ئىدى.بۇ يۇشۇرۇشقا تىگەشلىكبوشلۇق ئىنسان تەبىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار شەكللەندۈرگەن بوشلۇق ئىدى.

ئىنسان تەبىيەتىدىكىئاجزىلىقلارنى تۈۋەندىك تۆت نوقتىغا يىغىنچاقلاپ تەھلىل قىلىش تامامەنمۇمكىن.بۇنىڭ بىرسى ئىنسان تەبىيىتىدىكى جىسمانى ئاجىزلىقلار(فىزىلوگىيەلىك)،ئىككىنچىسىئىنسان تەبىيىتىدىكى پىسخىكىلىق(روھى) ئاجىزلىقلار،ئۈچۈنچىسى ئىنسان تەبىيىتىدىكى  ئىلاجىسىزلىقلار(يوقلۇق)،تۆتىنچىسى بولسائىنسان تەبىيىتىدىكى تەپەككۈر(بىلىش)ئاجىزلىغىدىن ئىبارەت.

(1) ئىنسان تەبىيىتىدىكىجىسمانى ئاجىزلىقلار

ئىنسان تەبىيىتىدىكىجىسمانى ئاجىزلىقلار دىگەندە ئۇلاردىكى جىسمانى كۈچنىڭ چەكلىكلىكى ۋە تەبىئى ۋەسۈنئى ھالدا ئىنسانلاردا شەكىللەنگەن كەمتۈكلۈكلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئادەم بىرئىجدىمائى مەخلۇق بۇلۇش سۈپىتى بىلەن جىسمانى جەھەتتىن بەلگۈلۈك ساپاغا،كۈچ قۇدرەتكەئىگە بۇلۇدۇ.بىراق بۇنداق كۈچ قۇدرەت چەكلىمىلىككە ئىگە بۇلۇپ،ئادەمنىڭنۇرغۇنلىغان ئارزۇ-ئارمانلارنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا بەلگۈلۈك توسالغۇلارنى ئېلىپكېلىدۇ.ئىنساننىڭ تەبىيىتىدە شەكىللەنگەن بۇنداق تەبىئى ئاجىزلىق ئۈستىدىن غالىپكىلىشى مۇمكىن ئەمەس.

ئادەمنىڭ كۈچىچەكلىك بۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىنسانلاردا تەبىئى ھالدا ھەم سۈننىي شەكىللەنگەنئاجىزلىقلارمۇ مەۋجۇت بۇلۇپ،بۇ تۈردىكى ئاجىزلىقلارمۇ ئىنسان تەبىيىتىدىكىئاجىزلىقلارغا تەۋە بۇلۇدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاشۇ كىشىلەرنىڭ نورمانلىنىپالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللنىشىغا بەلگۈلۈك تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ.ئىنساننىڭ ئۈزىدەبار بولغان بۇ خىلدىكى ئاجىزلىقلىرىنى يىڭىشى ئۈچۈنمۇ زور بەدەل تۈلىشىگە توغراكېلىدۇ.

(2)ئىنسانلاردىكىروھى ئاجىزلىقلار

ئىنسانلارئىجدىمائى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىچىدە ياشايدىغان،پالىيەت قىلىدىغان،ھاياتلىقىنىداۋاملاشتۇرىدىغان بولغاچقا،ئىنسانلار دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەرمۇ تۈرلۈك تۈمەن خىلبۇلۇدۇ.بۇ تۇرمۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ كىتىشمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس.نۇرغۇنلىغانقازانلاردا قايناشقا توغرا كېلىدىغان بولغاچقا،پىسكىسى ساغلام بولمىغان كىشىلەردىكىئاجىزلىقلار مۇشۇنداق مۇرەككەلىك ئىچىدە ئۈزىنى ئاشكارىلاپ،ئادەمنىڭ ھاياتى-پالىيەتلىرىگەبىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا روھى ئاجىز كىشىلەر بۇ قاينامنىڭ ئىچىدىنسۈزۈپ چىقالمايدۇ.ئېغىر بولغاندا ھاياتىغا خەۋىپ يەتكۈزىۋالىدۇ،يىنىك بولغاندابۇرۇختۇملۇققا گىرىپتار بۇلۇپ،ئۈزىنىڭ خۇشاللىغىنى باشقا يەردىن (جەمىيەتنىڭقاراڭغۇ يۇزىدىن) ئىزدەشكە مەجبۇر بۇلۇپ،تىپىك مەغلۇبىيەتچىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ.

ئىنسان تەبىيەتىدىكىروھى ئاجىزلىقلار –غايىسىزلىك،ئىرادىسى ئاجىز بۇلۇش،ئۈزىگە ئىشەنمەسىلىك،ئۈزىنىقالتىس چاغلاش،باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىق،يېڭىلىق يارتىشقا ئىنتىلمەسلىك،بۇرۇختۇملۇق-چۈشكۈنلۈك،باشقىلارنىڭقايغۇسى ئۈچۈن خۇش بۇلۇش،تەنقىتنى قۇبۇل قىلماسلىق،ماختىنىشقا خۇشتار بۇلۇش...قاتارلىق جەھەتلەردە كونكىرىتنى ئىپادىلىنىدۇ.

(3)ئىنسان تەبىيىتىدىكىئىلاجىسىزلىقلار

ئىنسان تەبىيىتىدىكىئىلاجىسىزلىقلار دىگەندە ئىنساننىڭ كۆز ئالدىد يۈز بىرىۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىلاجىقىلالماي قول قۇغۇشتۈرۈپ تۇرۇشتەك ئىمكانىيەتسىزلىككە قارىتىلغان.

يۇقارقىلادىنشۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدىكى ئىنساندا ئىلاھى كۈچ مەۋجۇت بولمايدۇ،شۇنىڭئۈچۈن ئىنسانلار بەزى ئاقىۋەتلەرنىڭ يۈز بىرىشىگە قاراپ تۇرماقتىن باشقا ئىلاجقىلالمايدۇ.

بەزىلەر ئىنسانتەبىيىتىدىن ھالقىغان،پارتىلاش خارەكتىردىكى،ئىساننىڭ ئۈزىنىڭ نورمالنى كۈچىدىنھالقىپ كەتكەن بىر خىل توسالغۇسىز كۈچ بولىدۇ.بۇ ئىنسان بېدىنىدىكى بىر قېتىملىقمۆجىزە خارەكتىرلىك پارتىلاش دەپ قارايدۇ.بىز مۇشۇ خىل كۈچنى ھەقىقەتەن بار دەپ پەرەزقىلغىنىمىزدىمۇ ئۇ ئىلاھى كۈچكە تەك ئەمەس.

تۇلۇقسىز2-يىللىقلارنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق دەرسىگە مۇنداق بىر ئۇلانمىنى قىستۇرما قىلغان:‹‹بىر دادىنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئوغلى ھەيدەپ ماڭغان ماشىنا ئۆرلۇپ كىتىپ،ماشىنائوغلىنى بېسىۋالىدۇ.دەرھال قۇتقازمىسا نەچچە مۇنۇت ئۆتۈپلا كەتسە دادىنىڭ كۆزئالدىدىلا بالىسى ئۆلۈپ كىتىشى مۇقەررەر ئىدى.مۇشۇنداق ئەھۋالدا دادا ئۇچقاندەكبېرىپ،نەچچە توننىلىق ماشىنى كۆتۈرۈپ ئوغلىنى قۇتقىزىۋالىدۇ›› بۇنى ئىنسان تەبىيىتىدىكىئېچىلمىغان ئالاھىدە ئىقدىدار،ئىنسانلارنىڭ غەيرى ئەقلى ئامىللىر ۋە يۇشۇرۇنئىقدىدارنى تۇلۇق ئاچالىساق،ئىنسانلاردا غايەت زور بۆسۈش خارەكتىرلىك بىلىش ۋەتاقابۇل تۇرۇش كۈچى شەكىللىنىدۇ دەپ چۈشەندۇرىدۇشىمىز مۈمكىن.

سىز ئويلاپبېقىڭ ئەگەر ماشىنا نەچچە توننىلىق بولماي نەچچە ئون تۇننۇلۇق بولۇپ قالسا قانداقئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ؟دادا ئىلاجىسىز قالامدۇ قانداق؟

يەنە بىردوستۇمنىڭ تۇۋەندەىكى يۈرەكنى ئېزىدىغان بايانلىرىنىمۇ مىسال ئېلىش تامامەنمۇمكىن.

ئۇ ئانىسىنىڭكۆز ئالدىدا كىسەل بىلەن تۈگەپ كەتكەن ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ‹‹ئادەمنۇرغۇن ئىشلارغا ئىلاجى قىلالمايدىكەن،ئانام كۆز ئالدىمدا كىسەل ئازاۋىنىتارتىپ،قىينىلىۋاتقاندا مەن ئۇنىڭ كىسىلىگە ھىچ بىر ئىلاج قىلالماي قول قۇغۇشتۇرۇپ قاراپلا تۇردۇم،كۆز ئالدىمدا جانئۈزدى مىنىڭ ئۇنىڭ كىسىلىنى تارتىشىپ بەرگۈم،ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالغۇم بولسىمۇ مىننىڭبۇ رىياللىققا تەن بەرمەكتىن باشقا ئامالىم بولمىدى››

ئۇنىڭدىن باشقائىنسانلار يەنە تۇرلۇك تەبىئى ئاپەتلەر ۋە ۋەقە-ھادىسىلەرئالدىدىمۇ ئۈزىنىڭئىلاجىسىزلىقنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

يۇقارقىلاردىنشۇنداق خۇلاسسە چىقىرىش كېەككى بەزى ئىقدىدارلار ئىنسان تەبىيىتىدە ئەزىلى مەۋجۇتئەمەس،شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان بۇ خىلدىكى ئىقدىدارلارنى جارى قىلدۇرۇشتىن مۇستەسنا،بۇنداقئىقدىدارنى ئىشلىتىدىغان چاغادا ئۇ،ئۈمۈتسىزلىك بىلەن ئاقىۋەتنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.

(4)ئىنسان تەبىيىتىدىكىتەپەككۈر ئاجىزلىغى

تەپەككۈرئاجىزلىغى –ئىنسانلارنىڭ تەبىيەت دۇنياسىنى بىلىش دەرىجىسىنىڭ چەكلىكبولغانلىغىدىن كىلىپ چىققان ئاجىزلىقلار بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.ئىنسانىيەت دۇنياسى مۇرەككەپلىككەئىگە بۇلۇش خارەكتىرى بىلەن ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ بىلىش ئىقدىدارىدىن ھالقىغان بىلىش مەسىلىلىرىمەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇدۇ.نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلىك تەتقىقاتلار ئارقىلىق سىز بىر قىيىنمەسىلىگە جاۋاپ تاپسىڭىز سىزنى يەنە ئۇنىڭدىنمۇ قىيىن بولغان تۈرلۈك-تۈمەن مەسىلىلەركۈتۈپ تۇرغان بۇلۇدۇ.

ئىنسانلارياشاش جەريانىدا تەرەققى قىلىپ،نۇرغۇن مەسىلىلەرگە جاۋاپ تاپتى.ئايغا چىقىپ تەكشۇرۇشئېلىپ باردى.مارىسىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى مۇۋاپىقىيەتلىك مارىسقا ئېلىپچىقتى.ئىنسانلار دۇنيادا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ۋۇجۇتقا چىقاردى.لىكىن كائىناتتايەنە قانداق سىرلىق سىرلا ساقلىنىۋاتىدۇ،يەر قاتلاملىرىدا يەنە قانداق مۆجىزىلەربار...قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئىنسان تەپەككۈرى ھازىرچە جاۋاپ بېرەلمەيدۇ.بۇئىنسانلارنىڭ بىلىش ئىقدىدارىنىڭمۇ چەكلىك بولىدىغانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ.بۇنداقبىلىش جەھەتتىكى چەكلىمىلىك تەبىئى ھالدا ئىنسان تەپەككۈرىدىكى ئاجزىلىقلارنى شەكىللەندۈرگەن.

ئىنسان تەبىيىتىتوغرىسىدىكى مۇلاھىزىمىزدىن ھەرگىزمۇ ئىنسانلار دۇنيانى تەرەققى قىلدۇرالمايدۇ دىگەنئۇقۇم شەكىللەنمەيدۇ.بۇ ئىنسانلارنىڭ تەبىيىتىدىكى ئاجىزلىقلارنى چۈشىنىش ئاسسىدائادەمنى چۈشىنىش مەسىلىسىگە ياتىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەم ھاياتلا بولىدىكەن ئۈزىنى تەرەققىقىلدۇرىشى،ئالدىغا قاراپ مېڭىشى كېرەك.

ئىنسان تەبىيىتىدىكىئاجىزلىقلار مۇقەررەر ھالدا ئىنسانلارنى كوللىكتىپ ھەمكارلىشىپ ياشاشقا ھەم كۈچنىتوپلاپ دۇنيانى ئوزگەرتىشكە ئۈندەيدۇ.ئىنسانلار ئۈزىدىكى ئاجىزلىقلارنى تۇنۇپ يەكەنچاغدا،ياكى ئىلاجىسىز قالغان چاغدا يەردەمگە ئىنتىلىدۇ،بۇ تۇردىكى پىسخكىلىقئېتىياچ تېبئى ھالدا ئىنسانلاردىكى مىھرى-مۇھابەت كوللىتىۋىزىملىق،ئۇيۇشۇش،ئورتاقياشاشتەك يېڭى ياشاش،تاقابۇل تۇرۇش ئىمكانىيەتىنى تۇغدۇرۇدۇ.

2.ئۆزىنى ئېتىراپقىلىش

ئىنسان تەبىيىتىتوغرىسىدا توختالغىنىمىزدا ،ئىنسانلارنىڭ ئۈزىنى ئېتىراپ قىلىش جەريانىنى مىللەتنوقتىسىدىن چىقىپ تەھلىل قىلىشقىمۇ،يەككە ئەدەم نوقتىسىدىن چىقىپ تەھلىل قىلىشقىمۇتوغرا كېلىدۇ.يەككە ئادەمنىڭمۇ ھامان مىللەت تەۋەلىگى بۇلۇدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردەبىز ئىنساننىڭ ئۈزىنى ئېتىراپ قىلىش جەرياننى مىللەت نوقتىسىدىن چىقىپ تەھلىلقىلىمىز.

شەخسىنىڭئۈزىنى ئېتراپ قىلىش مەسىلىسىنى ئاددى تىل بىلەن چۈشەندۈرسەك ،شەخسىنىڭ ئۈزىنىئىتىراپ قىلىش جەريانى شەخسىنىڭ ئۈزىدىكى،ئەجداتىدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلەرنىئەينەن،راستى بىلەن ئېتىراپ قىلىپ،ئۈزىنى چۈشىنىش،ئۈزىنى تۇنۇش جەريانىدىن ئىبارەت.

مىللەتنىڭئۈزىنى ئىتىراپ قىلىپ،ئۈزىنىڭ تەبىيىتىنى ئاشكارىلاش جەريانى ئۇنداق ئاددى جەريانئەمەس.چۈنكى مىللەتلەردە ئۈزىنىڭكىنى كۆپتۈرۈش بىلەن يانا باشقىلارنىڭكىنىقۇشىۋېلىشتەك ئۈمۇمى يۈزلۈك پىسخىكىلىق توسالغۇ ساقلانغان بۇلۇدۇ.

مىللەتلەرئۈزىنى ئېتىراپ قىلىپ،ئۈزىنىڭ ياشاش جەريانىدىكى ئارتۇقچىلىقلىرى ۋەدىشۋارچىلىقلىرىنى ئەينەن ئوترىغا قۇيۇشتا تۈۋەندىكى زۈرۈر مەسىلىلەر ئۈستىدە ھەقىقىئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

1)تىرىتورىيە مەسىلىسى

ھەرقانداق بىرمىللەتنىڭ ئۇمۇمى گەۋدىسى ياشىغان تىرىتورىيەسى بۇلۇدۇ.بۇ مىللەتلەرنىڭياشاش،ھاياتلىقنى ئۈزۈپ قويماي ئەۋلاتمۇ -ئەۋلات داۋاملاشتۇرىشىدىكى ئاساسى ماكانىھىساپلىنىدۇ.مىللەت ئاشۇ ماكانىنى ئاساس قىلىپ باشقا مىللەتلەر بىلەن تۇرلۈكمۇناسىۋەتلەرنى ئورنۇتۇپ،ئۈزىنىڭ ياشاش شارايىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.شۇنداقتىمۇئۇبىكتىپ ۋە سۇبىكتىپ مەسىلىلەرنىڭ رول ئوينىشى بىلەن مىللەتلەرنىڭ ئانازىمىنىدا(تىرىتورىيەسىدە)كىچىكلەش ياكى زورىيىشتەك ئەھۋاللار كۈرۈلۈپ تۇرۇدۇ.قانداقلابولمىسۇن كىيىنكى ئۆزگىرىش بۇرۇنقى رىيال ئەھۋالغا قاراتا بۇرمىلاش رۇلىنىئوينىماسلىق،ھەقىقى رىياللىقىنى ئىنكار قىلماي،ۋەقە-ھادىسىنى ئەينەن يۇرۇتۇپبىرىشكە ئەھمىيەت بىرىشى،بۇ زىمىندا ئىلگىرى كىملەرنىڭ ياشىغانلىغىنى ئېتىراپقىلىشى كېرەك.بۇنداق ئىتىراپ قىلىش ئىككى جەھەتتىن ئىپادىلىنىشى كېرەك.بىرسىئۈزىنىڭ ئەسلىدىكى تىرىتورىيەسىنى ئىتىراپ قىلىش،يەنە بىرسى بولسا باشقامىللاتنىڭ(قۇشۇلۇپ كەتكەن،ياكى بىللە ياشىۋاتقان) ئانا زىمىنىنىمۇ ئىتىراپقىلىشتىن ئىبارەت.بۇنداق بولغاندا مىللەتلەر بىر-بىرىنىڭ ئەجدادى كىلىپ چىققانزىمىنغا بولغان چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ. بىر-بىرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىشتىنساقلىنالايدۇ.

مەسىلەن:ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادىدىن نەدە ياشىغان؟ دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بەرگەندە‹‹ئابدىشۈكۈر مۇھەھەممەتئىمىن ‹قەدىمقى مەرگىزى ئاسيا›،دىگەن ئەسىرىدەئەجداتلىرىمىز ياشاپ كەلگەن زىمىن(تىرىتورىيەنى) تەپسىلى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ،ئەجداتلىرىمىزنىڭماكان ۋە ياشاشئېڭىنىڭ نەقەدەر يۇقىرىلىغىنى ئىسپاتلىغان،ئۇ ئەجداتىمىزئولتۇراقلاشقانتىرىتورىيەنى جۇغراپىيە نوقتىسىدىن تۇۋەندىكىدەك ئېنىقلىغان‹‹غەربىي جەنۇبى سىبىريە،دەشتىقىپچاق،يەتتە سۇ،مۇڭغۇل دالىسى ۋە ئوردۇستىن قاشقۇۋۇققىچە بولغان جايلار،شىنجاڭرايۇنى بىلەن خارىزىمنى شۇنداقلا فەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،ماۋەرائۇننەھىرزىمىنلىردىن تەشكىل تاپقان...››(يۇقارقى كىتاپ 9-بەت)دەپ يازىدۇ.بۇنىڭدىن ئەجداتلىرىمىزياراتقان جۇغراپىيەلىك تىرىتورىيەنىڭ پۇتكۈل ئوترا ئاسيا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىزىمىنلارغىچە بلغانلىغىنى كۈرىۋېلىش تەس ئەمەس››.{9}ھەممە ئىتىرىراپ قىلغان زىمىن دائىرىسىنى كۈرسىتىشىمىز كېرەك.خەنزۇلارنىڭئاتا-بوۋىسى نەنى مەرگەز قىلىپ ياشىغان؟دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بەرگەندە‹‹خۇاشامىللىتى ئوتتۇرا تۇزلەڭلىكنى ئاساسى مەگەز قىلىپ ياشىغان ، تەرىققى قىلغان››{10}دىگەن ئەمىلى پاكىتقا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.

يۇقارقىلاردادىمەكچى بولغىنىمىز ئۆزىمىزنىڭكىنى ئېتىراپ قىلغاندا،باشقىلانىڭكىنىمۇ ئوخشاشلائېتىراپ قىلىشىمىز،مىللەتنى تېخىمۇ ئۇلۇغلايمەن دەپ كۈلكىگە قالماسلىغىمىز كېرەكدىگەن ئىدىيەنى ئىلگىرى سۇرۇشتىن ئىبارەت.قانداقتۇ بىز ئاتا-بوۋىمىز ياۋرۇپاداياشاپ،ياۋرۇپا مەدىنىيىتىگە غايەت زور تۆھپىلەرنى قۇشۇپ،مەرگىزى ئاسياغا كۇچۇپكىلىپ دۇنياغا مەشھۇر يىپەك يۇلىنى ئاچقان دىۋالساق ھەم بۇ قارىشىمىزنى باشقىلارغاتېڭىش ئۈچۈن ئۇرۇنساق بۇ كۈلكىلىك ئەمەسمۇ؟

2)مىللەتلەرنىڭئېتىنىك مەنبەسى(قان بىرلىگى)

ھەرقانداقمىللەتنىڭ پەيدا بۇلۇشى ئۇرۇققا بېرىپ چېتىلىدۇ.مىللەتلەر ئۇرۇقنىڭ تەرەققى قىلىشىئاساسىدا تەرەققى قىلىپ شەكىللەنگەن بۇلۇدۇ.مىللەتلەرنىڭ ئۇرۇقى شۇ ئۇرۇقنىڭ گىنتۈزۈلىشى ئاساسىدا قان ئىشلەپچىقىرىپ،مىللەتلەرنىڭ تۈپكى ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرۈدۇ.شۇنىڭبىلەن بىر ۋاقىتتا مىللەتلەرنىڭ قۇشۇپلۇپ كىتىشى ئاساسىدا مىللەتنىڭ ئۇمۇمى گەۋدىسىزورىيىدۇ.

مەسىلەن:تارىخچى ھاجى نۇرھاجى ئۈزىنىڭ ‹‹قەدىمقى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار››دىگەن ئەسىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭئېتىنىك مەنبەسىنى يىغىنچاقلاپ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىنىك مەنبەسى،شەكىللىنىشى،كىلىپچىقىشى قاتارلىقلارنى يىغىنچاقلىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىللىنىشى كۆپىيىشى باشقانۇرغۇن مىللەتلەرگە ئوخشاش ئېتىنىك تەرەققىيات جەريانى ناھايتى مۇرەككەپ ۋە داۋالغۇش جەريانىنىبېسىپ ئۆتۈپ تارىختا نەچچە ئەسىرلەر داۋاملاشقان بىرقانچە ئۇرۇق،قەبىلىلەرنىڭبىركىش،تارقىلىش،قۇشۇلۇش،ئايرىلىش،ئاخىرقى ھىساپتا چوڭ قۇشۇلۇشتا،يۇغۇرۇلۇشجەريانىنى بېسىپ،ئۇيغۇر تارىخىنىڭ شاللىق مەدىنىيەتىنى يارتىش بىلەن بىرگەدۇنيا مەدىنىيەتىگە ئۆچمەس توھپىلەرنى قوشقان.››دەپ ئوترىغا قۇيۇدۇ.{11}. داڭلىق خەنزۇ يازخۇچىسى جىياڭ رۇڭ بولسا‹‹ بىز خەنزۇلارئەمىليەتتە غەرىبىي شىمالدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئەۋلادى.خەنزۇلارنىڭكىيىنكى كۈنلەردە كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنى مەڭسىتمەسلىگى ئەسلىنى ئۇنتۇپقالغانلىق.ئۈزىنىڭ پۇشتىنى ئەستىن چىقارغاندىن باشقا نەرسە ئەمەس...›› دەپ يازىدۇ{12}

يۇقارقىلارنىمىسال ئېلىشىمىزدىكى مەقسەت مىللەتلەر ئۈزىنىڭ ئېتىنىك مەنبەسىگە بولغان تۇنۇشىنىئۆستۈرۈپ،ھەقىقى مەنبەسىنى تېپىپ چىقىشى ھەم ئىتىراپ قىلىشى بىلەن يەنە ئۈزىنىڭقېنىدا ئۈزى ئاسمىلاتسىيە قىلىپ قوشىۋالغان مىللەتلەرنىڭمۇ قېنىنىڭ مەۋجۇتلىقىنىئېتىراپ قىلىپ،مىللەتلەنىڭ شەكىللىنىشىدىكى بۇ مۇرەككەپ جەرياننى ھەققى يۇرۇتۇپبىرىشى كېرەك دىمەكچىمىز.بۇنداق بولغاندا مىللەتلەر ئۈزىنىڭ ھەقىقى ئەجداتلىرىنىتاپالايدۇ ھەم ئۇلارنىڭ بېسىپ ئوتكەن مۇساپىسىنى ھەقىقى ئۆلچىيەلەيدۇ.بۇ مىللەتلەرنىڭباراۋەر بولىشىدا تۇرۇتكىلىك رول ئوينايدۇ.ئۇنداق بولماي ئۈزىنىڭ يىلتىزىنى باشقايەردىن ئىزدەپ،مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى يۇشۇرۇش -مىنىڭچە مىللەتلەرنىڭ تۈپىكىئاجىزلىغىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن مىللەتلەر ئوترىسىدا بىر-بىرنىڭكىنىئىتىراپ قىلماسلىقتەك ئىللەت كىلىپ چىقىپ،مىللەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئىشىنىشمەيدىغانئىشەنمەسلىك تۇيغىسىنى كۈچەيتىپ ،مىللەتلەر ئوترىسىدىكى ھاڭنى شەكىللەندۈرۈپقۇيۇدۇ.

3)مىللەتلەرنىڭتارىخىنى ئېتىراپ قىلىش

تارىخبىر مىللەتنىڭ تەرەقىياد مۇساپىسى،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەرەقىيادىئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك.

مىللەتلەرنىڭبىرى-بىرىنىڭ تارىخىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسىدە ناھايتى چوڭ بىر سەۋەنلىكساقلىنىپ كەلدى.ئۇ بولسىمۇ قايسىسى ھۈكىمىرانلىق ئورنىغا ئىگە بولسا تارىخنى ئۈزىئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ،ئىلگىركى كىشىلەر ياراتقان شاللىق تارىخنى ئاياغ ئاستىقىلىشتىن ئىبارەت بىر غالىپلارچە ئېتىقات ئىدى.بۇ نوقتىنى  ئەنگىلىيە مۇتىپەككۇرى كىرسېنتايلېرنىڭ‹‹ئۇلارنىڭ دۇمبىسى ھەقىقەتەن ئاجىز ۋە يۇمشاق ئىدى،مۇشتۇمزورلارنىڭمۇشتىمى بولسا كۈچلۈك ۋە قاتتىق ئىدى››{13} دىگەن ھۈكىمىدىن ھىس قىلساق،گىرمانىيەپەيلاسۇپى شوپىنخا ئوئىرنىڭ‹‹تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۇمبىسىگە يازىدۇ››{14}دىگەن تەڭداشسىز ھۈكىمىدىن تېخىمۇ چۇڭقۇر چۈشىنىشىمىز تامامەن مۇنكىن.

يۇقىرقىئىككى پەيلاسۇپنىڭ بايانلىرى بىر تارىخىي رىياللىق بۇلۇپ،ھۇقۇق قايسى مىللەتنىڭقولىغا ئوتسە تارىخ شۇ مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغان،ھۇقۇقتىن مەھرۇم قالغان مىللەتلەرنىڭتارىخىي بۇرمىلىنىپ ھۈكىمىرانلارنىڭ مەنپەتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان.

تارىخنىبۇنداق بۇرىمىلاپ رىياللىقتىن چەنەشتۇرۇشنىڭ ئۈزۇلمەي داۋاملىشىغا ئەگىشىپ مىللەتلەربىر-بىرىگە گۇمان نوقتىسىندىن قاراپ،ئۈزىنىڭ ئەسلىدىكى شانلىق تارىخىنى سېغىنغانشۇنىڭ بىلەن قېدىمدىن ھازىرغىچە تارىختا نەچچە رەت چوڭ تەكرارلىنىش ھادىسى  كۇرۇلگەن.بۇنىڭغا ئېلىمىز تارىخىدىكى سۇلالىلەرنىڭ  پەيدا بولۇش،تەرەققى قىلىش،يىمىرىلىش،يېڭىدىنيانا سۇلالە قۇرۇشتەك رىيال تارىخى مۇساپەسىنى مىسال ئېلىشقا بولىدۇ.ئۇنىڭدىنباشقا دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەتتە تارىخنىڭ تەكرارلىشىنىش ئىزنالىرى بار.

تارىخنىمىللەتلەرنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قىلغان ئاساستا،ئەينەن ئىپادىلەپ،جەمىيەت ئۈچۈنخىزمەت قىلدۇرسا بۇنىڭ ئۈنىمى تېخىمۇ يۇقىرى،ئىشەنچىلىك دېرىجىسى تېخىمۇ چوڭ،مىللەتلەرئوترىسىدىكى چۈشىنىش شۇنچىكى مۇستەككەم بۇلۇپ،مىللەتلەرنىڭ كەلگۈسى شۇنچىلىك خەيرىلىكبولار ئىدى.

خەنزۇلارنىڭھازىرقى زامان ئەمىليەتچىل يازغۇچىسى جىياڭ روڭ ئۈزىنىڭ ‹‹بۆرە تۇتىمى››دىگەن ئەسىرگەفىرانسىيە مۇتىپەككۇرى رېنې گرۇسسېنىڭ ‹‹يايلاق ئىمپىريەسى›› دىگەن ئەسىرىدىن تۈۋەندىكىنەقىلنى ئالىدۇ‹‹ھۈكىمىران بولغان قەبىلە،ئىمپىريە قۇرالىغان مىللەتلەر كۆپ ئەمەس،رىملىقلاربىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ،تەڭ قوپالايدىغىنى تۈرۈك-مۇڭغۇللار››{15}.مانا بۇ تارىخنىھازىر ئۈچۈن ئەينەن خىزمەت قىلدۇرۇشنىڭ ئۈلگىسى.رىم ئىمپىريەسىنى قۇرغانلار بىلەنتەڭ سانالغان بۇ ئۇلۇغ مىللەتلەرنىڭ تارىخى ئورنى ئىتىراپ قىلىنىشى كېرەك.يەنەجىياڭ روڭ ،چېن يەنكېنىڭ‹‹تاڭ دەۋرىنىڭ سىياسى تارىخىدىن بايان››دىگەن ئەسىرىدىن‹‹تاڭخاندانلىغىنىڭ مەنبەسى بەدىۋى دېلار،شۇڭا قىزلارنىڭ ھۆجرىسىدىكى ناشايان ئىشلارئۇلارنىڭكىدىن پەرىق قىلمايدۇ››{16} دىيىش ئارقىلىق دېلار(ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكىئەجداتلىرىنىڭ بىر) بىلەن تاڭ سۇلالىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىر جەمەت(ئۇرۇق) ئىكەنلىگىنىئوترىغا قۇيۇپ،ئۇنى ئىككىسىنىڭ ئەۋلات قالدۇرۇشتىكى ئىقدىدارى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن.بۇنداقئىپادىلەش ئېقىلغا ئىنتايىن مۇۋاپىق بۇلۇپ،ئەۋلاتلار ئەجداتلارنىڭ ئادەم ئىشلەپچىقىرىشئىقدىدارىنىڭ مەسئۇلىدۇر.بۇ ئىنساننىڭ پەيدا بۇلۇش تارىخى بىلەن تامامەنئوخشاشلىقىنى تاپقان.ئەمىليەتتە تاڭ سۇلالىسىنىڭ بۇ ماھىيەتلىك تارىخىنى(ئەسلىنى)بىلىدىغانلار بەكمۇ ئاز.شۇنىڭ ئۈچۈن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر تاڭ سۇلالىسىدىن خەنزۇلارپەخىرلەنگەندەك پەخىرلىنىپ كەتمەيدۇ.ئەمىدى سىز بۇيۇك تاڭ سۇلالىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ،ئوڭلۇك-سويگۈندىن ئىبارەت پارىسلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىپ چىققانلىغىنى تەھلىل قىلىپبېقىڭ؟

4.مىللەتلەرمەدىنىيىتى مەسىلىسى

دۇنيادا نەچچەمىللەت بولسا ،مىللەتلەرنىڭ مەدىنىيىتىنىڭ ئۆزگىچىلىكىمۇ شۇنچە خىل بولىدۇ.بىرمىللەتنىڭ مەدىنىيەت مەسىلىسىنى ئېتىراپ قىلىش شۇ مىللەتنىڭ تارىخىي(نەچچە مىڭيىللىق) ئېقىل-پاراسىتى ئېتىراپ قىلغانلىق بىلەن باراۋەر.

مىللەتلەرنىڭ مەدىنىيىتىئىتىراپ قىلىشتا چۇقۇم مۇنداق ئىككى نوقتىنى يۇرىتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ.بىرسى شۇمىللەتنىڭ مەدىنىيتىنى يارتىش ساقلاپ قېلىش ۋە ئىجدىمائىلاشتۇرۇشقا تۆھپە قۇشقانئۇلۇغ كىشىلىرىنى ئۇنتىماسلىق ھەم ئېتىراپ قىلىش كېرەك.مەسىلەن:كۇڭزىنى،سۇنزىنى...بارلىقمىللەتلەر ئۇلۇغلاپ،خەنزۇلارنىڭ مەدىنىيىتىنى چۇشەنگەندەك.ئىككىنچى بىرسى شۇ مىللەتياراتقان مەدىنىيەت ھادىسىلىرىگە ئەينەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك.بۇ بۇرمىلاشقا،ئىنكار قىلىشقا قەتتئى بولمايدىغان نازۇك مەسىلە.چۇنكى مىللەتلەرنىڭ ياراتقانئىزنالىرى،بېسىپ ئوتكەن مۇساپىسى،قولغا كەلتۈرگەن مۇۋاپىقىيىتى ۋە يۇلۇققانمۇشكىلاتلىرى مۇشۇ مەدىنىيەت مىۋىلىرى ئارقىلىق ئىسپالىنىدىغان  ھەم ئېتىراپ قىلىنىدىغان جەرياندۇر.

مەدىنىيەتياراتقان مەشھۇر كىشىلەر توغرىسىدىكى تالاش تارتىشلار ھازىرغىچە بولۇپكىلىۋاتىدۇ.بۇ مەسىلە تۇركىي مىللەتلىرىنىڭ ئىچىدە ھازىرغىچە رۇشەن ئىپادىلىنىپكىلۋاتىدۇ.مەسىلەن:ناۋايى،فارابىي،مەخمۇد قەشقىرى...قاتارلىقلار. يەنە بۇنداق مەسىلىلەرباشقا قان سېسىتمىسىدىكى مىللەتلەردىمۇ ساقلىنىغلىق.مەشھۇر كىشىلەرنى ئۇلۇغلاشئىنتايىن توغرا،ئۇنىڭ يىلتىزىنى بىلىشمۇ مەدىنىيەتنى ئېتىراپ قىلىشتىكى يادىرولۇقمەسىلە.بۇ مەسىلىدە خەنزۇلارنىڭ ھازىرقى زامان ئەمىليەتچىل يازغۇچىسى جىياڭ روڭبىزگە ئۈلگە بولالايدۇ.ئۇ ‹‹بۆرە تۇتىمى››دىگەن ئەسىرىدە مەشھۇر رىيالىستىك شائىرلى بەي توغرىسىدا مۇنداق ئۇچۇر بېرىدۇ‹‹لى بەينىڭ قېنىدا تۈرۈكلەرنىڭ قېنىئاقىدىغانلىغىنى ئۇنىڭ ئىككى پەرزەنتىنىڭ ئىسىمى ئارقىلىقلا دېلىللىگىلىبولىدۇ.ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسىمى ‹پولى›((颇黎.  بۇنى خەنزۇ تىلىدا چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ.ئەمىليەتتە‹پولى›دىگەنئىسىم تۈرۈك تىلدىكى ‹بۆرە›نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى.بۆرە تۈرۈكلەرنىڭ توتىمى بۆرىنىئادەمگە ئىسىم قىلىپ قۇيۇش خەنزۇلاردىكى ‹ئەجدىھا›(龙)نى فامىلە قىلىپ قوللانغان بىلەن ئوخشاش.لى بەينىڭ قىزىنىڭ ئىسىمى‹مىڭ يۆنۇ›(明月奴)،بۇگۇنكىئۇيغۇرلاردا ئاينۇر دەپ ئىسىم قۇيۇلغان قىزلار ناھايتى كۆپ،‹ئاي›ئاسماندىكىئاي،‹نۇر›ئاينىڭ نۇرى.‹مىڭيۆنۇ›دىكى ‹يۆ›(月)‹ئاي›نىڭمەنە تەرجىمىسى ‹نۇ›نۇرنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى.لى بەينىڭ كۆزلىرىدىن تۈرۈكلەرنىڭكۈزىدىكى ئالاھىدىلىكچىقىپ تۇراتتى›-مىڭ چىبېينىڭ: "يايلاق مەدىنىيىتى ۋەئىنسانلار تارىخىي''دىن››{17}دەپ يېزىپ مىللەتلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندىرىدىغان گۈزەلئەخلاقى پەزىلىتىنى ئىپادىلىگەن.

يەنە بىرسىمىللەتلەرنىڭ مەدىنىيىتىنىڭ مۇرەككەپ جەرياننى راستچىللىق بىلەن ئىتىراپقىلىپ،قايسى مىللەتكە تەۋە بولسا شۇ مىللەتنىڭ ئىكەنلىگىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ،ئىنسانىيەتنىڭئورتاق بەھىرلىنىشىغا سۇنىشى كېرەك.مەسىلەن:‹‹ئۇيغۇر 12مۇقامى››نى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭمەدىنىيەت جەۋھىرى دەپ قاراپ،ئىنسانىيەكە سۇنغاندەك.بۇنداق مىساللار يەنە كەلتۈرسەكيەنە بار.لىكىن مىللەتلەر مەدىنىيىتى سۈيئىستىمال قىلىنىپ،بۇرمىلىنىپ چۈشەندۈرۈلسەيەنە ئوخشاشلا مىللەتلەر ئارىسىدا كۆڭۈل ئاغرىغى پەيدا بۇلۇدۇ.مەسىلەن:ئىبرايلاربىلەن ياھۇدىلارنىڭكىدەك.

يازغۇچى جىياڭروڭ مۇنداق دەپ يازىدۇ.بۇ ھەرقانداق مىللەت ساۋاق ئېلىشقا تىگىشلىك بولغان ھەقىقەت:‹‹...تەرىقەتچىلەرنىڭئەئەنىۋى ئىدىيەسى بىلەن،تارىخچىلارنىڭ مەدىنىيىتىدە كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭجۇڭخۇا مىللىتى بىلەن ئۇنىڭ مەدىنىيىتىگە قوشقان قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش خارەكتىرلىكتۆھپىسىنى ئۇمۇمى يۈزلۈك يوققا چىقىرىدىغان ئەڭ ئىپلاس بىر ئىشى بار.جۇڭگۇدىكى ئەنئەنىۋىنوقتىنەزەر ھە دىسىلا جۇڭگۇنىڭ قەدىمقى مەدىنىيىتى ئۇنداق شانلىق،جۇڭگۇنىڭتېرىقچىلىق مەدىنىيىتى بىلەن ئەنئەنىۋى تەرىقەتچىلىرنىڭ ھايات كۈچى ئۇنداق قۇدرەتلىك.تېرىقچىلىقمەدىنىيىتىدىكى باشقا ئۈچ قەدىمىي دۆلەتنىڭ مەدىنىيىتى رەڭگىدىن كەتكەن مەدىنىيەت،ھىچقايسىسىداۋاملىشالمىدى،پەقەت جۇڭگۇنىڭ قەدىمقى مەدىنىيىتىلا ئۈزۈلۈپ قالماي ھازىرغىچەداۋاملاشتى دەپ پو ئاتىدۇ.لىكىن جۇڭگۇنىڭ 5مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيادىدىكىپاكىتقا ئاساسەن گەپ قىلغاندا،جۇڭگۇ مەدىنىيىتىنىڭ يېقىنقى زامانغىچە يىتىپ كېلەلىگەنلىكىنىكۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز قان بىرىپ تۇرىشىدىن ئايرىپ قاراشقابولمايدۇ.كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ قۇتقۇزۇپ قېلىش خارەكتىرلىك قان ئۇرغانتۆھپىسىنى ئىنكار قىلىش‹ئىلاھى تۆپىلەرنىڭ ھەممىسىنى دەم تارتىپ ئۈزىنىڭقىلىۋېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس››{18}،جىياڭ روڭ يەنە‹‹خۇاشىيادىكى تېرىقچىلىقمىللىتى قېدىمقى جۇڭخۇا مەدىنىيىتىنى ئىجات قىلغان مېڭە ۋە قول دىيىلسە،كۆچمەنچارۋىچىلىق روھى بىلەن،كۆچمەن چارۋىچىلىق خارەكتىرى پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللىتى ۋەجۇڭخۇا مەدىنىيىتىنىڭ ئۇمۇرتقىسى››{19} دەپ يېزىپ،مېڭە ۋە قولنىڭ ئۇمۇرتقىسىز مەۋجۇتبولۇپ تۇرالمايدىغانلىغىنى ئىزاھلايدۇ.

جىياڭ روڭ يەنەسەندىچىنى سېپىلىنى سېلىشتىكى ئەسلى مەقسەتنىڭ شىمالدىكى مىللەتلەرنىڭ ياۋۇزلارچەقىرغىنچىلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىدى دەپ قارايدۇ.شۇنداقلا ئات ئۈستى مەدىنىيىتىنىياراتقان ئەرلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە مىللەتلەر ،تېرىمچىلىق مېدىنىيىتىنى ياراتقانئاياللىق خۇسۇسىيەتىدىكى مىللەتلەرنىڭ قان يەگۈشلەپ،ئۈزىنى قۇتقۇزىشىغا داۋاملىقھالدا تۈرۈتكە بولغان،ئات ئۈستى مەدىنىيىتىنى ياراتقان مىللەتلەر بولمىغان بولساچۇقۇمكى شانللىق تارىخىمىزدا ئۈزۈكچىلىك كۆرۈلگەن بولاتتى.شۇنىڭ ئۈچۈن مەسىلىنى ھەقىقىيۇسۇندا ئوترىغا قۇيۇپ،ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك دىگەننى سەمىمىزگەسالىدۇ.

يۇقارقىلاردىنشۇنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەسكى مىللەتلەر مەدىنىيىتىنى ئەينەن ئېتىراپ قىلىش قانچەمۇشكۈل بولسىمۇ،بىز بۇ يولدىن چەتنەپ كەتسەك مىللەتلەر مەدىنىيىتىنىڭ ئۇمۇرتقىسىپالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.

پايدىلانغانماتىرياللار:

1.{1}،{2}ئەسئەتسۇلايمان‹‹ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى›› ئۇيغۇرچە نەشىرى،378-،374-بەتلەردىكى نېقىل.

2.{3}،{12}،{15}،{16}،{17}،{18}،{19}جىياڭرۇڭ ‹‹بۆرە توتېمى›› شىنجاڭ خېلق نەشىرياتى،ئۇيغۇرچە نەشىرى285-286-،1162-،524-،932-،833-1259-1260-،1179-1180-بەتلەرگەقاراڭ.

3.{4}،{5}،{6}لوئىسپروۋېل‹‹سىياسىنىڭ رەزىللىكى››شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى،ئۇيغۇرچە نەشىرى 25-،26-بەتلىرىۋە مۇندەرىجە 1-بەتلەرگە قاراڭ.

4.{7}‹‹رۇمىھىكىمەتلىرى››(ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر) شىنجاڭخەلىق سەھيە نەشىرياتى18-بەتتىكى نەقىلگەقاراڭ.

5.{8}،{10}جىياڭ رۇڭنىڭ‹‹بۆرە توتېمى››دىگەن كىتاۋىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ئېلىنىدى.

6.{9} تۇردىتوختىنىڭ‹‹ئۈزىنى تۇنۇش،ئۈزىدىن ھالقىشنىڭ ئاساسى››دىن.

7.{11}ھاجىنۇرھاجى‹‹قېدىمقى ئۇيغۇرلار ۋە قارىخانلار››29-بەتكە قاراڭ.

8.{13}زۇلپىقاربارات ئۆزباش‹‹ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە›› شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتېتى نەشىرياتى174-،175-بەتلەرگەقاراڭ.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turditohti تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-31 12:17 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96181
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 447
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 01:23:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ياخشى يېزىلغان ئەسەر ئىكەن،ژورناللاردا ئىلان قىلىنغان بولسا ياخشى بولاتتىكەن.

ھەر ۋاقىت ئالغا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9671
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2076 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 02:07:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقورغۇچى جاناپلار.....  تېما تەستىقلاشتىن بورۇن، ئېملا خاتالىقىنى تەكشۈرۈپ باققايسىلەر....

بۇ ئەسەرنى ژورناللاردا ئېلان قىلشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟؟؟

بۇ جاھان بىز ئۈچۈن  بىر ئۆتەڭ خالاس...   

www.qirah.com چىراغ تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىپ بېقىڭ


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89855
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 735
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2013-1-10
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 07:39:32 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  يېزىپسىز, كۆپ رەھمەت ..

غەزەپنىڭ بېشي ساراڭلىق ، ئاخىري نادامەت تۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 32968
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5406 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 09:36:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە رەھمەت تۇردى توختى.جىق ئىزدىنىپسىز.تىما يوللىغاندا ئەسلى توغرا يېزىلغان خەتلەر يوللۇنۇپ بولغاندىن كىيىن بەزى خەتلەر بىرلىشىۋالىدىكەن.بۇ ئىش مىنىڭ بېشىمغىمۇ كەلدى.شوڭا يوللاپ بولغاندىن كىيىن ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ تەھرىرلىسەك بولىدىكەن.بۇ نىمە ئىشتۇ؟مىسرانىم مۇنبەر تېخنىكلىرى ھەل قىلالمايدىغان ئىشمىدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94624
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 39
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 08:55:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ خەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشىنى ئويلىمايلا يوللىۋېتىپتىمەن،ۋاقىت چىقىرىپ چۇقۇم ئوڭلاپ قۇيىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1760
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13029
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-1 01:26:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەۋەرۈك كىتاب سېتۋالسىڭىز مەرھەممەت قىلىڭ.
http://www.menggutash.cn/tp1k1/

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش