داتلاشمايدۇ پەسىل خەنجىرى
پەسىل سۆزلەر دېھقان تىلىدا ،
دۇئا كۈتۈپ ياتار ئېتىزلار .
رۇسلىغاچقا قەددىنى كەتمەن ،
نەقىش ئويار كەچكۈزگە ئىزلار .
مەۋھۇم دۇنيا دىمەكتە راھەت ،
يىشىل ھايات _ يۇمشاق ئېتىزلىق ،
خاماندىكى كۇسۇر ئاۋازلار ،
بىلىنىدۇ چۆچەكتەك قىززىق .
ئەركىن نەپەس بوشلىقى سەھرا ،
بوشىتىدۇ ئىچىڭنى چىمەن .
ئاپتاپ ئىچىپ ياشار نەۋرىلەر ،
چال – كەمپىرلەر نىمانچە تېمەن ؟
ئېقىپ چىققان تۇرمۇش بېسىمى ،
قۇچاقلايدۇ يايلاق ئۆيىنى .
سۇنايلىنىپ ياتقاندا ۋاقىت ،
زىمىن تىڭشار تەمبۈر كۈيىنى .
باھار ئاچسا زىمىن كۆزىنى ،
ياز ياشنىتار ھايات ئىزىنى .
ئالتۇن رەڭدە ئىجىقلىسا كۈز ،
قىش كېپەنلەپ قويار ئېتىزنى ،
ئەركە شاھلار دۇنيا ياسغان ،
ئەجەل بىرلە سۇندى قىلىچى .
سۈكۈتلەردە غەليان قىلمىغان ،
پەسىللەرلا ئەڭ ئۇلۇغ كۈيچى .
قىسقىرايدۇ ۋاقىت قۇيرىقى ،
بارمىقىنى چىشلەيدۇ سەبىر .
سەلتەنەتلىك ياز ئىمپىريەسى،
دائىم قىلار قۇياشقا ئەمىر .
قەلئەلىرى ھامان چۆلدەرەر ،
داتلىشىدۇ شاھلار خەنجىرى .
ئۈمۈدلەرنى قىلغاچقا مارجان ،
داتلاشمايدۇ پەسىل خەنجىرى .
ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bahwanbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-31 12:05 AM