ئەسسالام دەپ ھەركۈنى بۇ مۇنبەرگە كىرەلمىدىم،
يازما ئىزلەپ،ئوقۇپ ھوزور سۈرەلمىدىم.
ئانام ئاغرىپ ئەتراپىدا پەرۋانە بولدۇم،
شۇ سەۋەپتىن ئالدىراشمەن،كىرەلمىدىم،
شۇ ئانامنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولدۇم،
كۈندە يىغلاپ ئاياقىدا زارىزار بولدۇم،
ئۇلۇق ئاللاھ بەرسىكەن-دەپ شىپا-سالامەت،
نامازىمدا قىلىپ دۇئا ئاھۇ-زار بولدۇم.
ئانام ساپ-ساق چېغىدا بىلمەپتىكەنمىز،
نانلار يېقىپ بەرسە موك-موك ئېلىپتىكەنمىز.
ھەر خىل تاماق ئېتىپ چىللاپ،تىلفۇن قىلدى دەپ،
قوشلاپ كېلىپ يەپ بولۇپلا كېتىپتىكەنمىز.
ئانام بىزنى چوڭ قىلىپ،تاكى توي قىلىپ،
نەۋرىلىك بوپ،يەنىلا باققان ئىدىغۇ،
نىمە تاپسا ئۆزى يىمەي تەڭ يەپ بىز بىلەن،
شۇ مېھرىنى چىراق قىلىپ ياققان ئىدىغۇ؟
دادام بىلەن تۇرمۇش قۇرغان 60نەچچە يىل،
6كۈندەك ئۆتكەنمىدۇ مۇھەببەت بىلەن.
دادام يىغلار كۈندە ئانام ھالىغا قاراپ،
ئانام ياتار،نىمجان ھالدا شۇم كېسەل بىلەن.
بىلەلمەپتۇق يىللار بويى ئانام ساق بولغاچ،
قاچان كەلسەك ساق-سالامەت بېجىرىم تۇرغاچ،
80ياشقا كىرىپ،ئانام بىر كۈن يىقىلدى،
ھاڭ-تاڭ قالدق دوختۇرلار دىئاگنوز قويغاچ.
دىدى دوختۇر ئاناڭلار ياشىنىپ قاپتۇ،
يۈرەكتىكەن چاتىقى ئۇزۇن يىل بوپتۇ.
كېسەل چىرماپ ئاناڭلار ھالى قالمىغاچ،
ھېچ بەرداشلىق بېرەلمەي يىقىلىپ قاپتۇ.
ئانام ياتار ئىدى جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيىدە،
ئاران قىلار ياخشى دىگەن بىر جۈملە سۆزنى.
نەچچە كۈندىن قىلمىغان دورا قالمىدى،
جېنىم ئانام ياتار ئىدى ئاچماستىن كۆزنى.
ئەكىتىڭلار دىدى دوختۇر ،بىزگە ئېنىقلا،
قالدى ئەمدى ئاناڭلاردا ئاجىز تىنىقلا.
شۇڭا ئۆيدە كۈتۈنسۈن ئۈچ-تۆت كۈن ياخشى،
ئادەم دىگەن مېھرى ئەسلى ئۆيگە قېنىقلا.
ھاڭ-تاڭ بولۇپ دوختۇرغا يالۋۇرۇپ باقتۇق،
دىدى دوختۇر دارا-ئوكۇل بەك ئۇرۇپ كەتتۇق.
چېكى بولار دارىنىڭ، ئەم زىيان قىلۇر،
دىگەچ ئاخىر ئانامنى قايتۇرۇپ كەتتۇق.
مانا ئۆيدە پايپىتەكبىز يەتتە قېرىنداش،
دادام بولار پەرۋانە ھەم يېنىدا مۇڭداش.
ئەسلى ئىكەن،ئاتا-ئانىمىز ئۆز-ئارا بىرگە،
ياشاپتىكەن،ئۇزۇن يىللىق كۆيۇمچان يولداش.
يىغلاپ كەتتىم تۇرۇپلا ئەسلەپ ئۆتمۈشنى،
بىز ئانامغا زادى نىمە قىپ بەردۇق.
جېنىم ئانام بېغىشلىسا بىز ئۈچۈن ئۆمرىن،
يەنە رازى بولماستىن قانچىلىك ئەزدۇق.
كەلسەك بىزگە جان ئانام تەلمۈرەر ئىدى،
پايپىتەك بوپ ئانىلىق يەتكۈزەر ئىدى.
قايتساق قارىمىز يۈتكۈچە ئۇزۇتۇپ بىزنى،
دادام بىلەن يالغۇز كۈن ئۆتكۈزەر ئىدى.
قېنى ئانا ياشلىقىڭ ،گۈلدەك ئىدىڭغۇ،
سەن بىز ئۈچۈن گوياكى تاغدەك ئىدىڭغۇ.
سەن ياتىسەن مۈكچۈيۈپ كېسەلدە ئىڭراپ،
ساق ۋاقتىڭدا بىز ئۈچۈن باغدەك ئىدىڭغۇ.
ئانا ئۇلۇق ئىنسانكەن،قەدىرلىك ئىكەن،
پەرزەنت تۇغۇپ چوڭ قىلىپ،تەدبىرلىك ئىكەن.
لېكىن كۆيدۇق ئۆزىمىز پەرزەنتى ئۈچۈن،
ئانا كۆيۇش پەرزەنتىگە:- تەغدىرلىك ئىكەن.
يەنە ئانامنى ئېلىپ بىز دوختۇرغا باردۇق،
قانچە كەتسە كەتسۇن،دەۋالاتماق بولدۇق.
بىراق كېسەل مىرەز ئىكەن،ساقايمايدىكەن،
0دە%1 ئۈمىد بولسىمۇ دەۋالاتماق بولدۇق.
شۇ سەۋەپتىن مەن يىغلىدىم، ئانامنى ئويلاپ،
تۆكۈلمەكتە ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ.
نىمە قىلساق ئەرزىيدۇ ھاياتلا بولسا،
پۇشايمىنىم ئۆرتەيدۇ قەلبىمنى بويلاپ.
ئانا مېھرى بەك ئۇلۇقكەن، ئەمدى چۈشەندىم،
پەرزەنتىمدىن -مېھرىڭگە چوڭقۇر ئىشەندىم.
ئانا ئەگەر ساقىيىپلا قالساڭ ناۋادا،
ھاپاش ئېتىپ ،بىر ئۆمۈر بېقىپ ئۆتەتتىم.
جەينامازدا ئولتۇرۇپ،ئۇلۇق ئاللاھدىن،
ساق-سالامەت قىلغىن دەپ دۇئالار قىلدىم.
ئانا كەچۈر مېنىڭدەك بەڭۋاش قىزىڭنى،
بەك كېچىكىپ،ئەڭ ئۇلۇق مېھرىڭنى بىلدىم.
بۇ دۇنيادا ئۇلۇق ئىكەن ئانىنىڭ مېھرى،
بىراق ھايات ئاللاھنىڭ قۇدرىتى،ئىلكى.
ئەگەر ئانام بىز بىلەن ھېيىت ئۆتكەزسە،
بۇ بىز ئۈچۈن،ھەم دادام خۇشلۇقى بەختى.
ئانام دىمەي ئۆزەم دەپلا يۈرمەڭ ئەي دوسلار،
بىزدەك يىغلاپ ھەسرەتلەردە قالماڭ ئەي دوسلار.
شۇ سەۋەپتىن يېزىپ قويدۇم مۇنبەرگە يازما،
ئوقۇپ ئىبرەت ئەپ ، ئانا قەدىرلەڭ دوسلار.
مېھرى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئەزىزلەڭ دوسلار.
مەنبە:-ئۆز قەلىمىم،ئۆز ئىجادىيىتىم.
|