خۇسرەۋ پەرۋىز ۋە شىرىن داستانى
‹‹شاھنامە››11-بۆلۈم
مۇقەددىمە (داستاننىڭ باشلىنىشى)
كۆپئۆمۈر كۆرگەن بۇ قەدىمىي داستان راست سۆزلەر نەقلىنى ھىكايە قىلىدۇ.تاغ يۈرەكمەردلەردىن يادىكار بولۇپ قالسۇن دەپ يېڭى بىر داستاننى يېزىشنى ئىختىيارقىلدىم.بۇ داستاننىڭ غەمگۈزار شايەستە سۆزلىرى120مىڭ مىسرادۇر.ئۇنىڭدىن زەئىپبىيىت ئاختۇرغان ئادەم شۈبھىسىزكى 500دىن كەمنى تاپالار.شۇنداق ئالىيھىممەتلىك،ئالەم شاھلىرى ئىچرە بەختىيار،سېخىي شەھرىيار ئۇشبۇ داستانلارغا نەزەرقىلمىدى.غەيۋەتچىلەرنىڭ بەدگۇي ھەسەتلىرى ئىشىمغا توسالغۇ بولۇپ، تۈگىمەس غەيۋەتلەرسەۋەپلىك شاھتىن كەلگەن مۇكاپاتفىردەۋسىنىڭ قاپقارا بەختىدىن ئەسەر بەرمەكتە.شاھ ئالدىدا بازىرىم كاساتبولدى.ئەگەر شاھ ئالغان نەقىللىرىمدىن بۇنى چۈشەنسە،دانالىققا مەشغۇل بولۇپ تازائەقىلدە ئەجرىمنى-تازا ئەمگىگىمنىڭ قىممىتىنى بىلسە مال-دۇنيا بىلەنمۇكاپاتلىمىسىمۇ شادىمان بولۇر ئېدىم.بۆھتانچى يامانلار ئۇنىڭدىن يىراقتۇرسا،ئەقىلدار دانالار شاھقا ئەمگىگىمنى ئەسلەتسە، نىھايەت بۇ دەرتلەردىن قۇتۇلغان بولۇر ئېدىم.
ئۇنىڭ تاجى ھەم تەختى داۋام قىلسۇن.بەختى ھەركۈنى كۈلۈپ بېقىپ قۇياشتىنمۇ يورۇقراق پارلىسۇن.بىلىمدان قېرى قىسسىچى ئۇۋالچىلىقتارتىپ تۈگىمەس دەرتكە مۇپتىلا بولسىمۇ يەنىلا شۇنداق دەيدۇ.بىلىم-ئۇ چىن دەرتكەقۇۋۋەت بەرگۈچى.ھاياتلىق ئالىمىدە كىشىگە- غەمنىمۇ، شادلىقنىمۇ كۆرمەكلىك،تەلەيمىۋىسى ۋە بەرباتلىقنىمۇ تېتىماقلىق كېرەكتۇر.ھەر مەردكە ئۆگەنگەن ھۈنىرىنىسىنىماقلىق زۆرۈردۇر.ھۈنىرى ئۈستۈن بولسا گۆھەر كانى ئېچىلغاي.
بەسكى،پەرۋىزنىڭ ئاتىسىچېغىدا قەھرىمانلاردىن بولسىمۇ لېكىن ئۆزى ناپاك نەۋقىرانلاردىن ئېدى.ئۇنىڭغا يەريۈزىدە گۈل يۈزلۈك شېرىن دوست ئېدى.ئۇنىڭمۇ شېرىنغا يوشۇرۇن كۆڭلى بار ئېدى.جاھاندائۇنىڭدىن باشقىنى پىسەند قىلمايتتى.خىيالىنى ھېچبىر گۈزەل بەند قىلالمايتى.بەختىكېلىپ ئۇ جاھانغا سۇلتان بولدى.بىر مۇددەتكىچە شېرىندىن سىرت تۇرغان بولدى.جاھانئىچىدە نىمىنىڭ ھالاۋەت ئىكەنلىكنى بىلەلمەي جاھان كەزدى.بەھرام ئەبەدكە جەڭلەرنىڭئارزۇسىنى قىلغان بولسا،خۇسرەۋ گۈلچېھرە زاماندىن مېھىر ۋە ۋاپا كۆرمەستىنساپاسىنى يوقاتتى.
داستاننىڭ باشلىنىشى:
كۈنلەرنىڭ بىرىدەشەھرىيار پەرۋىز دەشت ئىچىدە شىكار قىلماقلىقنى ئىختىيار قىلىپ قالدى.ئۆزىدىنئاۋال نى-نى شاھلار ئۆتكەن بولغاچقا، ھەر بىر ئىشىدا شاھلار رەسمىنى ئادا قىلماقنىپەرىز دەپ بىلدى ۋە ئۇلار يولىنى مۇكەممەل تۇتتى. ئۈچ يۈز ئاتقا زەر جابدۇقتارتىلدى.بىرمىڭ بىر يۈز ئاتمىش خۇسرەۋپەرۋەر ئەر شەھرىيار بىلەن بىرگە ئوۋغاچىقماق بولۇپ ئاتلاندى.ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىسلى شىردەك باتۇر يىگىتلەر بولۇپ ئۇلارمىڭ قىرىق چوقماقھەم شەمشەرنى ئېلىپ،ئۈستىگە ساۋۇتلارنى مەھكەم كىيىپ قوللىرىدائۆتكۈر نەيزىلەرنى تۇتۇپ ھەيۋەت بىلەن ماڭماقتا ئېدى.سەپنىڭ ئالدىدا يەنە يەتتەيۈز لاچىنبازى بار بولۇپ ھەممىسى بىردىن ئوۋچى بۈركۈتنى ئېلىپ شىكارغاتەييارلانغان ئېدى.ئۇلارنىڭ كەينىدە يەنە ئۈچ يۈزچە يۈرۈشتەئەپچىل،چاققان،سۇباتلىق باتۇر يىگىتلەر ماڭغان بولۇپ ئۇلار يەتمىشچە شىرنى چىنزەنجىرى بىلەن باغلاپ شىكارغا ئېلىپ ماڭغان ئېدى.ئۇلار بۇلاردىن باشقا نۇرغۇنقاپلان ۋە ئارسلانلارنىمۇ شىكارغا ئۆگەتكەن ئېدى.ئۇلارنىڭ ھەر بىرى قەدەمدە بىركىيىك ئوۋلىيالايتتى.ئۇلارنىڭ كەينىدە تۇلپار ئاتلارنى مىنگەن،يالتىراق تاجلارنىكىيگەن ئىككى مىڭ ھاپىز ماڭغان بولۇپ ئۇلار سەپتە قەدەممۇ-قەدەم ئىز بېسىپ، سازىنىشادىيانە كۈيلەرگە چېلىپ شاھانە سەپنىڭ ھەشەمىتىنى ئاشۇرماقتا ئېدى.شىكاردىكىكېرەكلىك بۇيۇملار ۋە شاھانە جابدۇقلار نەق بەش يۈز تۆگىگە ئارتىلغان بولۇپ ئۇلارشاھانە بىر كارۋان سۈپىتىدە ئالدىن يولغا سېلىنغان ئېدى.يەنە ئىككى يۈز غۇلامقولىدا مەجمەر كۆتۈرۈپ بىرگە يۈرگەن بولۇپ ئۇلاردا مۈشك-ئەنبەر دېگەندەك خۇشبۇيبۇيۇملار يېنىپ خۇشبۇي ھىد تارقىتىپ تۇراتتى.شاھ پەرمانىغا قاراقلىق ئىككى يۈزئوغلان بار بولۇپ قوللىرىدا زەپىران رەڭلىك نەرگىس گۈل كۆتۈرىۋالغان ئېدى.ئۇلارنىڭئالدىدىن سەلكىن بىر شامال ئۇچۇپ خۇشبۇي ئەتىر شاھ دىمىقىنى خۇشھالقىلاتتى.ھەممىنىڭ ئالدىدا يۈزچە سۇ سېپەر يۈرگەن بولۇپ ئۇلار ئىدىشلارغا لىققىدەسۇ قاچىلاپ سۇغا گۈل سۈيى ۋە ئەتىرلەرنى قوشۇپ شىرىن سۇلارنى يوللارغا سېپىپ شاھنى پاكىزلىك،سۆرۈنلۈك ۋە خۇش ھىدلىقسەپەرگە نائىل قىلاتتى.بۇ سەپەردىكى ھەر بىر ئىش ئېتىبارغا ئېلىنغان بولۇپ ئۇلارھەتتا شامالنىمۇ شاھقا غۇبار يەتكۈزۈپ قويمىسۇن دەپ توسۇش ئۈچۈن چارە ئىشلەتكەن ئېدى.گۈلدەك ياسانغان ئۈچ يۈز بەرنا نەۋجۇۋان قىز قوللىرىدا جۇلاللىق تۇغلارنى تۇتۇپ شەھرىياربىلەن يانمۇ-يان كېتىپ باراتتى.شاھنىڭ ئوڭ ۋە سولىدا رەڭمۇ-رەڭ جاماللار جىلۋەقىلىپ خۇددى بىھىشتىكى ھۆرلەر بىلەن يۈرگەن جەننىتىدەك تۈس بېرىپ شاھنى جەننەتھوزۇرىدىن بەھرىمەن قىلاتتى.بۇ قوشۇندىكىلەر زەردىن ئۈزۈكلەر تاقىغان ۋە بىباھاكەمەرلەر باغلىغان بولۇپ ھەر بىر بېزەك زەرگە گۆھەردىن كۆز قويۇلغان ئېدى.
شېرىن ئاڭلىدىكى:
- بۈيۈك بىر لەشكەر بۇيانكەلمەكتە.لەشكەرلەرنىڭ ئالدىدا شاھى مۇنەۋەر بولۇپ بىرگە يۈرمەكتە!
ئۇ تېنىگە مۈشىك بوي كۆڭلەكنى كىيدى. بوزئۈستىگە رۇمچە لىباس كىيدى. مەڭىزلىرىنى قىرمىزى رەڭدە بوياپ گۆھەردە ھۆسىنزىباسىنى ئاشۇردى.بېشىغا خۇسرەۋى تاج قوندۇردى.بۇ تاجنىڭ نەقىشلىرى پەھلىۋىيدۇرلىرى بىلەن نۇر ماكانىدەك نۇر بالقىتاتتى.ئۇ ئايۋاندىن تام تامان قەدەمتاشلىدى.ئۇنىڭ ياشقىنا كۆڭلىدە ھەسرەت ۋە ئەلەملەر بار ئېدى.ئۇ يولغا چىقىپشەھرىيارنى تاكى كۈن پېتىپ قاراڭغۇلۇق بېسىپ كەلگەنگە قەدەر كۈتتى.شاھكەلمىگەنسېرى يۈزىگە كۆزلىرىدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجان كەبى ئۈنچىدەك ياشلىرى تامدى.
ئۇل شاھ قىزنىڭ كۆزىگە سۆلەت بىلەن كۆرۈنگىنىدە قىزمۇپەرۋىزگە يېقىملىق سۆزلىرىدىن شىرىن سۇخەنلەرنى تىزىپ سەرۋىقامەت ئاچتى.سۆزئارىسىدا ئۆتكەن كۈنلىرىنى ھىكايە قىلىپ بەردى.نەرگىس گۈلىدە ئەرغۇۋان يۈزىنىيۇيۇپ ئۆزىنى شەبنەمدىن بىغۇبار گۈلدەك پاكىز قىلدى.ئۇ شۇنداق ھۆسۈن بىلەن شېرىنلەۋ ئېچىپ پەھلەۋىي تىلىدا گەپ باشلىدى:
-ئايا،ئارىسلان يۈرەكلىك مەردان باھادىر،لەشكەركەش ماھىر پادىشاھ! قانلىق ياش ۋە مېھرى ھەبىب نەدىدۇر.تۈنلەرنى كۈندۈزگەئۇلاپ مېھرىدىن سۆز ئېچىپ كۈلگەن ئىككى لەۋ نەدىدۇر؟! پەقەت شېرىننىڭ ۋەسلىلا بۇدەردكە تېۋىپ بولالايدۇ.قېنى ئېيتسىلىچۇ،ئىككىمىزنىڭ بەندۇ-پەيۋەندىمىز قەيەرلەردەقالدى،ئەھدىمىز،پەندىمىز نەلەردە قالدى؟!
ئۇ شۇنداق دەپ كۆزلىرىدىن ياش ئورنىغا قانلارنىتۆكەتتى.ئايسىمان چېھرى زەپىراندەك سارغىيىپ سۇلغان ئېدى.شاھ ئۇنىڭ كۆزىدىكى تامچەياشلارنى كۆرۈپ مەڭزى قۇياشتەك سارغايدى.شېرىننىڭ مىنىشى ئۈچۈن تىللا جابدۇقلۇقتۇلپاردىن بىرنى ئەۋەتتى.
داۋامى ھەر كۈنى ئىنكاس شەكلىدە يوللۇنىدۇ.