مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3015|ئىنكاس: 17

ئۇيغۇرلارنىڭ مىجەز خاراكتىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2008 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 08:49:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       ئۇيغۇرلانىڭ مىجەزخاراكتىرى
ئۇيغۇرلانىڭ مىجەز خاراكتىرى ھەرقايسى ئۇيغۇر يۇرىتلىرى بويىچە ئۆزىگە خاس ئالاھىدە پەرقلەرگە ئىگە بولۇپ بىزبۇيەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدلىكىنى ھەرقايسى يۇرىتلار بويىچە بايان قىلىمىز.

قەشقەر ئۇيغۇرلىرى
   قەشقەر ئۇيغۇرلىرى يۇمىلاق باش (براخىكىفال)، ئوتتۇرا بوي، بۇغداي ئۆڭلۈك، يۈزى سوقىچاقراق(ئات يۈز)، بۇرنى ئوتتۇراھال كەڭ، لېكىن ئېگىز (قۇش تۇمشۇق بۇرۇن بىلەن تۈز بۇرۇن ئارىسىدا)، چاچلىرى قارا قۇڭۇررەڭ، قوي كۆزلۈك، ساقال - بۇرۇتلىرى قويۇق، ئەگىم قاشلىق، تېرىسى سۈزۈك ۋە سىلىق بولۇپ، ئومۇمەن چىرايلىق كېلىدۇ. ئۇلار چىرايلىق كىيىنىپ سالاپەتلىك يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، تازىلىققا ۋە گىرىمگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۆلىما ۋە كاسىپ كىشىلەرگە دوست ۋە ئامراق كېلىدۇ، ئىلىم - پەننى قەدىرلەيدۇ، ھەمسۆھبەتنى ياخشى كۆرىدۇ.
   قەشقەر ئۇيغۇرلىرى خەير - ساخاۋەتلىك، مېھماندوست، دانا ھەم مۇلايىم سۆزلۈك بولۇپ، خۇشناۋاز، سەنئەتخۇمار كېلىدۇ. تۇرمۇشتا تىرىشچان ھەم ئەمگەكچان بولۇپ، سودا - سېتىق ۋە تىجارەتكا ماھىر، ساياھەت ۋە سەپەرگە ھەۋەس قىلىدۇ. ئەھلى كەسىپ ۋە ھۈنەرۋەنلەرنىڭ تىرىشچانلىقى، قول ھۈنەر ماھارىتى جەھەتتە باشقا شەھەرنىڭ ئادەملىرىگە قارىغاندا ئۈستۈن ۋە زىيادە تۇرىدۇ. شۇڭا قەشقەر قەدىمدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت ۋە سودا مەركىزى بولۇپ كەلگەن .

   خوتەن ئۇيغۇرلىرى
   خوتەن ئۇيغۇرلىرى بەستلىك، ئاقپىشماق، ھال تەنلىك بولۇپ، يۇمىلاق باش (بروخىكىفاللىقى گەۋدىلىك)، ئوتتۇرا بوي، بۇرنى ئىنچكە، لېكىن ئېگىز، يۈزى سوقىچاقراق (ئات يۈز)، چالىرىقارا يكاى قارامتۇل دولقۇمسىمان، ساقال - بۇرۇتلىرى قويۇق، قارا كۆز، قاش - كىرپىكلىرى تولۇق، تەبەسسۇم چىراي كېلىدۇ. خوتەن ئۇيغۇرلىرى بىر سۆزلۈك، بىر قوللۇق، بىر نىيەتلىك ۋە ئىتتىپاق بولۇپ، مۇلايىم ۋە كەمتەر ئىشچان كېلىدۇ. خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئۆز ئىشىغا ناھايىتى پۇختا، دوستلۇق ئەقىدىسى كۈچلۈك، ئاغزى مەھكەم بولۇپ، سىر ساقلىيالايدۇ. خوتەن ئۇيغۇرلىرى كاسىپ - ھۈنەرۋەن، تەبىئەت ئىدرىكى پاكىز، زېھنى ئۆتكۈر بولۇپ، ئۆتكەن ئىشلاردىن خاتىرە قالدۇرۇشقا ئادەتلەنگەن.
   خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئاددىي - ساددا ياشايدۇ، ھەشەمەتچىلىكنى ياقتۇرمايدۇ. ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە تىبابەتچلىككە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارايدۇ، ئۆلىما ۋە ئالىملارنى قەدىرلەيدۇ.
خوتەن ئۇيغۇرلىرى ھەرقانداق ھۈنەرنى ئۆز كامالىغا يەتكۈزۈپ، خېرىدارنى رازى قىلىدۇ. شۇڭا بۇ جاي ئەزەلدىن يىپەك يولى توقۇمىچلىقى ۋە قاشتېشى ئويمىكارلىقى بىلەن مەشھۇر.

   ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى
   تارىخىي مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى ئىتنىك جەھەتتىن قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئىچىدىكى ئاساسلىق قەبىلىلەرنىڭ بىرى بولغان ياغمىلارنىڭ ئۇرۇغ - ئەۋلادلىرى دەپ قارايدۇ.
   بۈگۈنكى ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىياپەت تەسۋىرى قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىياپەت تەسۋىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. يەنى باش سۆڭىكى يۇمىلاقراق، چاچ ۋە ساقاللىرى قويۇق ۋە قارا، بۇرنىئىنچىكە، لېكىن ئېگىزرەك (قاڭشالىق)، بۇغداي ئۆڭلۈك، قوي كۆزلۈك، ئوتتۇرا بوي، بەدەن مۇسكۇللىرى چىڭ، يۈزى سوقىچاقراق (ئات يۈز)، كۆز قارچۇقى ئۆتكۈز، ئەگمە قاش،قاپىقىنىڭ قېتى كەڭرەك كېلىدۇ.
   ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى ئىشچان ۋە پەم - پاراسەتلىك بولۇپ، ئىلىم - مەرىپەتنى قەدىرلەيدۇ ۋە ھۆرمەتلەيدۇ، يېڭىلىققا ئىنتىلىدۇ، جاپا - مۇشەققەتتىن زارلانمايدۇ، بەلكى ئۆز ئەقىل پاراسىتى ۋە كۈچىگە تايىنىپ بەخىتلىك تۇرمۇش يارىتىش روھى ئۈستۈن.
   ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى ئۆز ئارا ئۆز ئارا ئىناق ۋە ئىتتىپاق ياشايدۇ، قەيەردە ئولتۇراقلىشىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزئارا ئىزدىشىپ بىر - بىرىگە ياردەم بېرىدۇ ۋە ئەقىل كۆرسىتىدۇ. يوقسۇللىرىغا خەير - خاھلىق قىلىدۇ.
   تىجارەت ۋە سودا سېتىققا كامىللىقى، سۆزدە مۇلايىم ۋە چىۋەرلىكى، ئۆز ئىشىغا پۇختىلىقى، كەمتەرلىكى ۋە سىڭىشچانلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكى قاتارلىق ئالامەتلەر ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىنى خاراكتېرلەيدىغان تۈپ ئالامەتلەردۇر.

   ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى
   ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى ئاقپىشماق، ئەمما سەل - پەل بۇغداي ئۆڭلۈك كېلىدۇ ھەمدە بېشى يۇمىلاق، يۈزى كەڭ ۋە گۆشلۈك، چاچلىرى قارامتۇل ۋە دولقۇنسىمان، قوي كۆزلۈك ۋە ئارىلاشما كۆزلۈك، لېكىن يۇقىرى قاپىقىنىڭ قېتى چوڭ، ساقال - بۇرۇتلىرى ئوتتۇراھال، بۇرنى ئادەتتە كەڭرەك ۋە تۈز، پېشانىسى كەڭ بولىدۇ.
   ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى خاراكتېر جەھەتتىن توغرا (تۈز)، ئاددىي - ساددا، يۇۋاش، مۇلايىم، كەمتەر، شۈكرىچان خەلقتۇر. دېھقانلىرى كۆپ، ھۈنەرۋەر كاسىپلىرى ئاز، سودا تىجارەتكە ئانچە قىزىقمايدۇ. ھۈنەر - كەسىپ ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ كۆپچىلىكىنى باشقا شەھەرلەردىن كەلگەنلەر تەشكىل قىلىدۇ. دېقانلىرى ئاقكۆڭۈل ۋە مېھماندوست بولۇپ، پۇلغا ئانچە ھېرىسمەن ئەمەس. ئۇلار سەنئەتخۇمار بولۇپ، ئەر - ئايال توپلىشىپ مەشرەپ ئويناشقا ئادەتلەنگەن.
    ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى باغۋەنچىلىككە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ. شۇڭا ئاقسۇ مۇھىتى گۈزەل، بۈكباراقسان شەھەر بولۇپ، ئېلىمىز بويىچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى مانا شۇ ئاقسۇ تەۋەسىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردۇر.

   تۇرپان ئۇيغۇرلىرى
   تۇرپان قەدىمىي شەھەر بولۇپ، قەدىمكى «ئىدىقۇت» ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. تۇرپان ئۇيغۇرلىرى قىياپەت جەھەتتىن سارغۇچ ئۆڭلۈك، باش سۆڭىكى يۇمىلاققا مايىل، ئېگىز بوي، گەۋدىلىك، بۇرنى ياپىلاقراق ھەم قېلىنراق بۇرۇن تۆشۈكلىرى سەل چوڭراق كۆندۈلەڭ شەكىلدە، يۈزلىرى كەڭ، يۈزىنىڭ داس سۆڭىكى كۆرۈنەرلىك. قارامتۇل، ئەمما كىچىكرەك (چېقىر كۆز)، قاپىقى گۆشلۈك، چاچلىرى تۈز ۋە قارا، ساقال - بۇرۇتلىرى شالاڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ.
   تۇرپان ئۇيغۇرلىرى راست قوللۇق، راست سۆزلۈك، تۈز كۆڭۈل، ھىيلە - مىكىر ۋە خىيانىتى يوق، ئەقىدە - ئىخلاسلىرى ساپ، سۆزلىرى قوپاللراق بولسىمۇ، كۆكسى - قارنى كەڭ، ئۆزئارا ئاداۋەت ساقلىمايدىغان، ئارتۇقچە تەكەللۈپنى خالىمايدىغان، ئەقىدىسى كۈچلۈك خوشپېئېل خەلقتۇر.
تۇرپاننىڭ ھاۋاسى ئىسسىق، كىلىماتى قۇرغاق، سۈيى كەم بولغاچقا تۇرپان ئۇيغۇرلىرى كارىز سۈيىگە تايىنىپ دېھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك بىلەن ھايات كەچۈرىدۇ.
تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئەمگەكچان ۋە باتۇر خەلق بولۇپ، قىينچىلىقتىن قورقمايدۇ. ئەمما دېھقانچىلىقتىن باشقا ھۈنەر - كەسىپكە ئانچە كامىل ئەمەس، سودا - تىجارەتكىمۇ ئانچە قىزىقمايدۇ.

   كورلا ئۇيغۇرلىرى
   كورلا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىتنىك تەركىبى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى يەرلىك ئىرقى ئالاھىدىلىك جەھەتتىن ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە. ئۇلار سارغۇچ ئۆڭلۈك، بېشى يۇمىلاقراق، بويى ئوتتۇراھال، بەستلىك، يۈزىنىڭ داس سۆڭىكى چوڭراق، بۇرنى تۈز، قېلىنراق، بۇرۇن تۆشۈكلىرى سەل چوڭراق، يۈزلىرى قىسقا، كەڭ، چاچلىرى تۈز ۋە قويۇق، كۆز قارىچۇقى قارا، قاپىقى تار ئەمما قېلىنراق، ساقال - بۇرۇتلىرى ئوتتۇرھال بولۇشتەك ئالاھىدىلىك بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. كورلا شەھىرى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار قىياپەت جەھەتتىن ئاقسۇ، كۇچار ئۇيغۇرلىرىغا ئاساسەن ئوخشايدۇ.
   كورلا ئۇيغۇرلىرى ئاقكۆڭۈل، راست سۆزلۈك، مۇلايىم، كۆكسى - قارنى كەڭ، ھىيلە - مىكىرسىز، ئىززەت - ئېكراملىق بولۇپ، دېھقانچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. لوپنۇر ئەتراپدىكىلەر چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئاددىي - ساددا ياشاشقا ئادەتلەنگەن، ھۈنەر - كەسىپ، سودا - تىجارەت بىلەن شۇغۇللانمىغان.

   قومۇل ئۇيغۇرلىرى
   قۇمۇل تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئانا يۇرتلىرىدىن بىرى.
قومۇل ئۇيغۇرلىرى ئەمگەكچان، باتۇر، ئەقىل - پاراسەتلىك، ئاقكۆڭۈل، كەمتەر، خۇشپئېل، سىلىق - سىپايە، ئۆم - ئىناق، مېھماندوست، ئويۇن - چاقچاق، ناخشا - ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن بولۇشتەك خاراكتىرىگە ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ رايون «بىرى بۇلىقى، بىرى خۇلقى ياخشى» دەپ تەرىپلىنىدۇ.
   قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى قىياپەت جەھەتتىن ئاق ئەمما سەل - پەل بۇغداي ئۆڭلۈك، ئوتتۇرا بويلۇقتىن تۆۋەنرەك، بۇرنى ئادەتتە كەڭرەك ۋە تۈز، ياڭاق سۆڭىكى كەڭ، چاچلىرى سەل تۈز، قوڭۇر، ئانچە قويۇق ئەمەس، قوي كۆزلۈك ۋە ئارىلاشما كۆزلۈك، لېكىن يۇقىرى قاپىقىنىڭ قېتى چوڭ، كۆز ئوقلىرى سەل - پەل چېقىر، پېشانىسى سەل تارراق، ساقال - بۇرۇتى شالاڭ (كوسا)، بېشى سەل سوقىچاقراق (خروكىفال) بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ.

   ئىلى ئۇيغۇرلىرى
   ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئاساسەن تېرىقچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ رايون شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئامبارلىرىدىن بىرى سانىلىدۇ.
   ئىلى ئۇيغۇرلرى ئەمگەكچان، ئەقىل - پاراسەتلىك، باتۇر، روھلۇق، تېتىك، خۇش چاقچاق، كەڭ قورساق، سۆزمەن، يۇمۇرغا باي، پاكىز تەبىئەتلىك، ئېلىم - بېرىمغا ماھىر، مېھماندوست، سالام - سائەتلىك، يۈرۈش - تۇرۇشى رەتلىك ۋە سالاپەتلىك، ناخشا - مۇزىكىغا ھېرىسمەن، مەدەنىيەت سۆيەر بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ.


   تارىختا ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ قوشنا ئەللەر بىلەن باردى - كەلدى مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان. شۇ سەۋەبتىن ئىلى ئۇيغۇرلىرى مەدەنىيەت جەھەتتە باشقا رايونلارغا قارىغاندا بۇرۇنراق ئويغانغان. بۇ رايون بەلگىلىك ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئىگە بولغاچقا تۈرلۈك خەلقلەر ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان تىپىك بىر رايونغا ئايلانغان. ئەسلى يەرلىك ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئانتروپولوگىيىلىك تىپى توركوئىدلار ئىرقىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇ ياۋروئىدلىق بىلەن موڭغۇلوئىدلىقنىڭ ئوخشىمىغان نىسبەتتىكى ئارىلاشمىسىدىن شەكىللەنگەن. جۇڭغار خانلىقى دەۋرىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلى رايونىغا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار كۆچۈپ بارغان بولۇپ، ئۇلار تەبىئىيكى قەشقەر، خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىياپەت خاراكتېرىگە ئىگە.

پايدىلانغان مەنبە : ئەخمەتجان ئىسمئىل، ۋەلى كىرىم كۆك ئالىپ ئەسەرلىەى، تور دۇنياسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5425
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 387 سائەت
تىزىم: 2015-1-16
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 12:33:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن سىزدىگەندەك بىز مۇشۇنداق خەق .لىكىن بىز يەنە قانائەت ئۇخمايدىغان ،قۇدۇققا كىرۋىلىپ ،دۇنيا مۇشۇ دەيدىغان بىلەمەن ،ئۆزىدىن باشقىسى ياراتمايدىغان مەنمەنچى .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96491
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2013-7-28
ئاخىرقى: 2013-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 12:34:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا، راس شۇنداقتەك قىلامدۇ نىمە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73415
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5231
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 305 سائەت
تىزىم: 2012-1-18
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 12:42:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sardor يوللىغان ۋاقتى  2013-7-31 12:33 AM
ھەقىقەتەن سىزدىگەندەك بىز مۇشۇنداق خەق .لىكىن بىز يەنە ...


خۇنەنلىك ئۇيغۇرلارنى دەۋاتمايدىغانسىز ھە ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   taltograk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-31 12:43 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86505
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 947
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-10-26
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 12:49:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  جاغستايلىق ئۇيغۇر.....شەھەرلىك تۇققانلار مىنى داڭگال دەيدۇ،،،نىمە دىسەڭ دىمەمسەن دەپ  چاتىقىم يۇق،،!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89855
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 754
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2013-1-10
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 12:52:08 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ  رەھمەت ...

غەزەپنىڭ بېشي ساراڭلىق ، ئاخىري نادامەت تۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5425
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 387 سائەت
تىزىم: 2015-1-16
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 09:48:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
taltograk يوللىغان ۋاقتى  2013-7-31 12:42 AM
خۇنەنلىك ئۇيغۇرلارنى دەۋاتمايدىغانسىز ھە ؟

سىزچە مەن ئاتام كۆمىگەن خۇنەنلىك ئۇيغۇرنى دىگەندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويۇپتىمەن ھە...؟مەن شۇ سىزدەك ،ياخشى دىسە ئىشىۋالىدىغان ،يامان دىسە ئۆزىگە يۇقتۇرمايدىغان ئۇيغۇرنى دىدىم .

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355820
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 10:46:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەكرار تىما .

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

سەن خۇدادىن ئۈۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16551
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7487
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 11:35:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەيلى قەيەرلىك بولسۇن ئىسمى ئۇيغۇر،خۇددى تۇخۇمنى نەچچە رەڭدە بويىسىمۇ يەنىلا تۇخۇم بولغاندەك.
     لېكىن ياخىشى ماتىريالكەن ئەجرىڭىزگە بارىكاللا

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20124
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 11:40:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىمىزنىڭ نامىمز،تىلىمىز بىر.............ئۇيغۇر

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش