غەرب پەلسەپىسىدىكى 389مەسىلە
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
غەرب پەلسەپىسىدىكى389 مەسلىنىڭ4-چىسى:
يۇنان پەلسەپىسى،ھىندى پەلسەپىسى ۋە جۇڭگو پەلسەپىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە قىسقىچە مۇلاھىزە
ئالىم يۈ چىيۇ يۈ ئەپەندى «مىڭ يىللاردا بىر ئۇھسىنىش»دېگەن ئەسىرىدە قەدىم يۇنان پەلسەپىسى ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى،قەدىم ھىندى پەلسەپىسى ئادەم بىلەن ئىلاھنىڭ مۇناسىۋىتىنى،جۇڭگو پەلسەپىسى بولسا ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدۇ،دېگەن ئىكەن.
تۆۋەندە يۇنان پەلسەپىسىنى ئوق يىلتىز قىلغان غەرب پەلسەپىسى،جۇڭگو پەلسەپىسى ۋە ھىندى پەلسەپىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى:
1. غەرب پەلسەپىسى
غەرب پەلسەپىسى يۇنان پەلسەپىسىنى ۋەكىل قىلغان،تەبىئەتنى تەتقىق قىلىشنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان،شۇنداقلا تەجرىبىچىلىك يادرولۇق مىتود بولغان.غەرب پەلسەپىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى نەزەرىيلەر سانلىق-مەلۇماتلار ئارقىلىق ئىسپاتلانغاندا ئاندىن ئېتىراپ قىلىنغان. نەزەرىيلەرنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچانلىقى بولسۇن-بولمىسۇن تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئۇيغۇنلۇقى ئىسپاتلانسىلا بولدى.شۇڭا،غەرب پەلسەپىسى چىن مەنىسىدىن پراگماتىزم ئەمەس،بەلكى پوستىۋىزملىقنى ئىپادە قىلغان.
غەرب مەدەنىيتىدە جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھاياتقا بولغان پوزىتسىيدە تەبئىي قانۇنىيەتنى يېتەكچى قىلىدۇ.غەربنىڭ نەزىرىدە تەبىئەت قانداق ئايلانسا جەمئىيەت ۋە ئادەم شۇنداق ئايلىنىشى كېرەك.شۇڭا،جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاتالمىش«ئۆزىنى چەكلەپ ئەدەپكە قايتىش»ئىدىيسى غەربلىكلەرنىڭ نەزىرىدە تولىمۇ چۈشىنىكسىزدۇر.چۈنكى،تەبىئەتتە«ئەدەپ»،«ھەققانىيەت»دېگەندەك نەرسىلەر بولمايدۇ.تەبىئەت دۇنياسىدا باربولغىنى«كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەم قىلىش»،«ماسلاشقانلار ياشاش»تۇر.دەل مۇشۇنداق پەرق شەرق ۋە غەربلىكلەرنىڭ ھېسيات ئىپادىلىشىدىكى پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.بايقىۋالالايمىزكى،شەرقلىكلەر بولسۇن،غەربلىكلەر بولسۇن ھېسياتقا باي،ئەمما شەرقلىكلەر ھەمىشە غەربلىكلەرنى ئائىلىۋى ھېسيات يوقتەك ھېس قىلىدۇ،لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە غەربنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئەقىدىسىگە مەپتۇن بولىدۇ.بۇ خىل پەرق ۋە زىددىيەت دەل پەلسەپىۋى ئەنئەنە قاراشلىرىنىڭ كۆپچىلىكنىڭ قىممەت قارىشىدا كونكېرت،ئىجتىمائى ئىپادىسى.شەرق-غەربتە ئوخشاشلا ھېسياتلىق ئادەملەر ياشايدۇ.ئەمما،غەربلىكلەرنىڭ ھېسيات تەلىپى تەبىئەت قانۇنىيتىگە ماسلاشقان،تەبىئەت دۇنياسىدىكى باشقا ھايۋانلاردا كىچىكى قېرىسىنى باقىدىغان ئەھۋال يوق،ئادەملەرمۇ ئۇنداق بولماسلىقى ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى باشقا ھايۋانلار يېڭى ئاجىز ئورۇق، كىچىكلىرىنى قوغدايدۇ،ئادەممۇ تەبىئىيكى ئاياللار ۋە بالىلارنى قوغدىشى كېرەك،دەپ قارايدۇ.ئۇمۇمەن،غەربلىكلەرنىڭ بارلىق پائالىيتىگە تەبىئەت قانۇنلىرىدىن ئاساس تېپىلىدۇ.
2. جۇڭگو پەلسەپىسى
ئالدىنقى چىن پەلسەپىسىنى ۋەكىل قىلغان،جەمئىيەتنى چىقىش نۇقتىسى قىلىدۇ،ئېتىكىنى يادرولۇق مىتود قىلغان.
ئىپادىلەش مۇددىئاسى ئادەم بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى،پولتىكا بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن.
جۇڭگو پەلسەپىسى تەبىئەت مەسلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ،بارلىق تەتقىق قىلغان ھادىسىلەردە جەمئىيەت قارارىنى تاپقان.مەسىلەن:قورشاۋ شاخمات نەزەرىيسىدە كىشىلىك ھايات بىلەن ھەربىي ئۇسۇل سۆزلىنىدۇ.ئاسمان-زېمىن قاتارلىق تەبىئەت ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلەرمۇ ھايات ۋەقەلىرى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن،ۋەھاكازالار.دەل مۇشۇنداق جەمئىيەتكە دېققەت قىلىش پوزىتسىيسى جۇڭگودا تارىخ ئىلمىنى پەۋقۇلئاددە تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرگەن.تارىخى خۇلاسىلەر ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئىگىلەش جۇڭگو پەلسەپىسىدىكى مۇھىم بىر يادرو.ئەڭ رۆشەن بولغىنى جۇڭگونىڭ ھەقىقىي پەيلاسوپلىرىدىن تارىخچى ئەمەستىن بىرىمۇ يوق.
جۇڭگو پەلسەپىسىدىكى يەنە بىر يۇشۇرۇن ئالاھىدىلىك ــ پراگماتىزىملىق.جۇڭگو مەدەنىيتى ھەقىقىي مەنىدىن پراگماتىزىملىق مەدەنىيەت.جۇڭگونىڭ قەدىمكى ئىلىم ساھەسىدە بۇ خىل ئالاھىدىلىك تېخىمۇ رۆشەن.جۇڭگودا بارلىققا كەلگەن كەشپىيات كۆپ،ئەمما ھەقىقىي داۋاملىق تەرەققىي قىلغان تېخنىكا كۆپ ئەمەس.بۇلارنىڭ سەۋەبى دەل ئەينى دەۋىردە نۇرغۇن كەشپىياتلارنىڭ شۇ دەۋرنىڭ ئۆزىدە ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچانلىقى يوق،دەپ قارالغانلىقىدىندۇر.بۇ تەرىپى غەربلىكلەرگە ئوخشىمايدۇ،بىرخىل تېخنىكا نەتىجىسى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن ئەگەر ھازىرئىشلەتكىلى بولمىسا،غەربلىكلەر كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئامال قىلىپ ئۇنى ساقلاپ قالىدۇ.ئەمما،جۇڭگولوقلار ۋاز كېچىشنى تاللايدۇ،سەۋەبى،ئۇنىڭ ھازىر كېرىكى يوق.بۇ مەنىدىن،جۇڭگو مەدەنىيتىنى پراگماتىزملىق مەدەنىيەت دېيەلەيمىز.
غەربلىكلەرنىڭ تەبىئىي قانۇنىيەتنى جەمئىيەت،ھايات قانۇنىيتى ئاساسى قىلغىنىغا ئوخشىمايدىغىنى جۇڭگولۇقلار جەمئىيەت بىلەن تەبىئەتنى ئايرىپ قارايدۇ،جۇڭگولۇقلار جەمئىيەت بىلەن تەبىئەتنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى ئادەمدە ئېتىكا قارىشى بولىدۇ،بۇ باشقا ھايۋانلاردا بولمايدۇ،ئىنسانلار جەمئىيتى بۇ خىل ئېتىكا ئېڭىغا تاينىپ مەۋجۇت بولىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ، ئېتىكا ئاتوم ئەمەس،ئاتا-بالا،يۇقىرى-تۆۋەن مۇناسىۋەتنى ئېلېكتروننىڭ ئاتوم يادروسىنى چۆرىدىگەن قانۇنىيەتكە سېلىپ چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ،دەپ قارايدۇ.شۇنىسى رۆشەنكى،جەمئىيەت قانۇنىيتى تەبىئەت قانۇنىيتىدىن تېخىمۇ كەڭ بولغان مەزمۇننى ئۆزئىچىگە ئالغان تېخىمۇ ئالىي قانۇنىيەت سېستىمىسى،شۇڭا،تەبىئەتتىن جەمئىيەتتە مەۋجۇت قانۇنىيەتلىك نەرسىلەرنى تاپقىلى بولىدۇ،ئەكىسچە جەمئىيەتتىن تەبىئەتتە بولغان قانۇنىيەت مەزمۇنلىرىنى تاپقىلى بولمايدۇ،ئۇمۇميۈزلۈك تەبىئەتكە بويسۇنۇش چېكىنىشكە تەڭ،دەپ قارىلىدۇ.تەبىئەت مىتودلىرى ئارقىلىق ئۇمۇميۈزلۈك چۈشىنىشكە ئامالسىز بولغان جەمئىيەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن،ئادەم تەبىئەتكە باقىدىغان مىتودتىن قۇتۇلۇپ چىقىشى،باشقا يول تېپىشى لازىم دەپ قارالغاچقا تەبىئەت پەنلىرى ئوچۇق-ئاشكارىلا پەلسەپە تەتقىقاتىنىڭ بوسۇغىسى سىرتىدا قالدۇرۇلغان.بۇ جۇڭگونىڭ تەبىئەت پەنلىرىدە تەرەققىي قىلالماسلىقى،گەرچە تېخنىكا ئىختىرالىرى كۆپ بولسىمۇ تەرەققىي قىلالماسلىقىنىڭ تۈپ ئىدىيە مەنبەسىدۇر.
3. ھىندى پەلسەپىسى
قەدىمكى زامان پەلسەپىسىنى ۋەكىل قىلغان،تەپەككۇرنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان،يوگا(瑜伽) نى يادرولۇق مىتود قىلغان. ئىپادىلەش مۇددىئاسى ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ كۆڭلىنىڭ مۇناسىۋىتى،دىن بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن.
ھىندى مەدەنىيتىنىڭ ئالاھىدىلىكى دىن بىلەن گەۋدىلىنىدۇ.ھىندىستاندا،دىن غەربنىڭ ئەنئەنىۋى ئېنىقلىمىلىرىدىن يىراقلاپ كەتكەن.بىرخىل ئىدىيە،كۆزقاراش ئەگەر دىن دىن بىلەن باغلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقمىسا ھىندىستاندا بازار يوق.ھەتتا ماتېرىيالىست ياكى ئاتېست بولغان تەغدىردىمۇ ئىدىيىسىنى دىن بىلەن ئورىۋېلىشقاندىلا باشقىلار ئۇنىڭ ۋەزلىرىنى ئاڭلايدۇ.ھىندىلار تەبىئەت ۋە جەمئىيەتكە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ،بەلكىم ئادەملەرنىڭ بەك يىراقلاپ كەتكەنلىكىدىندۇر،ئەڭ ئاخىرىدا رەسمىي كونترول قىلىشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەنلىكىدىندۇر.ئەمما،ئادەم ئۆزىگە ئەڭ يېقىن،ئەڭ يېقىننى ئىگەللەش ئوڭاي،خوشاللىق ۋە ئازاپ پەقەت ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى تۇيغۇ،ئوخشاش بىرشەيئىگە قارىتا،سىز گۈزەل دەپ قارىسىڭىز باشقىلار ھېچقانداق قارىماسلىقى مۇمكىن،شۇڭا،بارلىق گۈزەللىكنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەنبىيى ئادەمنىڭ«قەلب»ىدۇر.ھىندى پەلسەپىسىدە ئىزدەيدىغىنى گۈزەل نەرسىلەر.ئەمما،غەربلىكلەر ۋە جۇڭگولۇقلارغا ئوخشىمايدۇ.كىيىنكى ئىككىسى ئىچكى تۇيغۇ سىرتقى غىدىقلاشتىن تۇغۇلىدۇ،دەپ قارايدۇ.ئەمما،ھىندىلار تۇيغۇ روھنىڭ كونتروللىقى بويىچە پەيدا بولىدۇ،شۇڭا تەبىئەت ۋە جەمئىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈش بىھاجەت،كۆڭۈل بۆلمەيمۇ ئىنسان ئوخشاشلا ئەڭ ئاخىرقى گۈزەللىك ۋە ھۆرلۈككە ئېرىشەلەيدۇ،بەزىدە تەبىئەت ۋە جەمئىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈش ئىنساننىڭ ئۆزىگە بولغان تونۇشىغا دەخلى قىلىدۇ،دەپ قارايدۇ.شۇڭلاشقا،تەركىدۇنياچىلىق ئىدىيسى ۋە يوگانىڭ ئۆزىنى تەربىيلەش ئىبادىتى ھىندى مەدەنىيتىنىڭ غولىدۇر.
ھىندى مەدەنىيتىدە پروگماتىزملىق مەدەنىيەت ئەمەس،ئەقلىي دەلىللەشلەرگىمۇ تايانمايدۇ،پەقەت روھىي قانائەت تاپسا بولدى.بۇنى روھىي بەھىرلىنىش تىپى دېيىش مۇمكىن ياكى غەيرى ئەقلىي رومانتىزملىق دېيىش مۇمكىن. يىلتىزىنى سۈرۈشتۈرگەندە،غەربتە،جۇڭگودا،ھىندىستاندا نېمە ئۈچۈن مۇشۇنچىۋالا پەرقلىق مەدەنىيەت ۋە پەلسەپە تىپى بولىدۇ؟بەلكىم، بۇ دەسلەپكى جوغراپيىلىىك تەبئىي مۇھىت بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، كېيىنچە ئادەت شەكىللىنىپ،يەنىمۇ كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە پۈتۈنلەي ئاڭلىق يۇسۇندا تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى تەبىئىي فورمىغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.
پايدىلانمىلار:
1.فرانك.تېللى(ئامېرىكا):غەرب پەلسەپە تارىخى
2.سۇ گوڭچۈەن(萧公权):جۇڭگۇ سىياسى ئىدىيە تارىخى
3.تاڭ يوڭ توڭ(汤用彤):قىسقىچە ھىندى پەلسەپە تارىخى
4.ئېنتىرنىت
غەرب پەلسەپىسىدىكى389 مەسلىنىڭ3-چىسى:
ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى
"ئوق دەۋىر"
مىلادىدىن بۇرۇنقى800-يىلدىن200-يىلغىچە بولغان ئارىلىق ،بولۇپمۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى600-يىلدىن300-يىلغىچە بولغان ئارىلىق ئىنسانىيەت مەدەنىيتىنىڭ ئوق دەۋرى دەپ قارىلىدۇ. ئوق دەۋىر بارلىققا كەلگەن جايلار تەخمىنەن شىمالى كەڭلىك30گرادۇسنىڭ ئۈستى-ئاستى،يەنى شىمالى كەڭلىك25_35گرادۇس ئارىلىقىدا بولۇپ،بۇ دەۋىردە ئىنسانىيەت مەدەنىيتىدە غايەت زورئىلگىرلەش قولغا كەلگەن.ھەرقايسى مەدەنىيەت ئىقلىمىدا ئۇلۇغ ئۇستازلار بارلىققا كەلگەن بولۇپ قەدىم يۇناندا سوقرات،ئەپلاتون،ئارىستوتىل،ئىسرائىلىيدە يەھۇدىي دىنىنىڭ پەيغەمبەرلىرى،قەدىم ھىندىستاندا ساكيامونى،جۇڭگودا كۇڭزى،لاۋزى...لار ياشاپ ئۆتكەن.ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىيە پىرىنسىپلار ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ياراتتى ھەم ئىنسانىيەتنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىركۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئوق دەۋىر(the Axial Period) ___ ماركىس ئالەمدىن ئۆتكەن يىلى(1883) دۇنياغا كەلگەن گىرمان پەيلاسوپى كارل جاسپىرىس(Karl Jaspers )تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئۇقۇم بولۇپ،بەزى شەرق ئالىملىرى ئۇنى غەرب مەركەزچىلىك ئىدىيسى دەپ قارايدۇ.
«غەرب پەلسەپىسىدىكى389مەسىلە»نىڭ2-چىسى
دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەردە دىن ۋە ئەپسانە-رىۋايەتلەر بولغان،ئۇنداقتا ھەربىرمىللەتتە پەلسەپە بولامدۇ؟
پەلسەپىۋى ئىدىيەنى ئەڭ دەسلىپىدە مەلۇم مىللەتكە تەۋە مەلۇم كىشى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.ئاندىن ئۇ مەلۇم مىللەت ئىنسانىيەت ئىدىيە تارىخىغا قوشقان تۆھپە سۈپىتىدە نامايەن بولىدۇ.ھەربىرمەدەنىي مىللەتتە ئۆزىگە خاس پەلسەپە بولىدۇ،دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.ئەلۋەتتە،ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىكى پەيلاسوپلار ئوخشاش بولمىغان ماكان-زاماندا بىر-بىرىنىڭ ئىدىيسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
تەۋسىيلىك تېمىلار:
1.مەمتىمىن ئەلا:پەلسەپە دىگەن نىمە؟ ئۇيغۇرلاردا پەلسەپە بولامدۇ؟
2.ئۇيغۇرزادە:ئۇيغۇرلاردا پەلسەپە قەھەتچىلىكى ۋە پەلسەپە تەرجىمىسىنىڭ زۆرۈرلۈكى
3.哲学的民族性内涵
«غەرب پەلسەپىسىدىكى389مەسىلە»نىڭ1-چىسى
پەلسەپە قانداق دۇنيا قاراشتىن كېلىپ چىققان؟
پەلسەپە نەزەرىيۋىيلەشكەن،سېستىمىلاشقان دۇنيا قاراشتىن كېلىپ چىققان بولۇپ،تەبىئەت بىلىملىرى،جەمئىيەت بىلىملىرى،تەپەككۇرتوغرىسىدىكى بىلىملەرنىڭ يىغىنچاقلىنىشى ۋە خۇلاسىسىدۇر.پەلسەپە __ دۇنيا قاراش ۋە مىتودولوگىيەنىڭ بىرلىككە كېلىشى.ئۇ دۇنيانىڭ مەنبىي،ماھىيتى،ئورتاقلىق ياكى مۇتلەقلىكنى ئىزدەيدۇ.ئۇنىڭ رولى شۇكى،كىشىلەرنى دۇنيانى توغرا تونۇشقا ۋە ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەيدۇ.
داۋامى بار...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا baywetqe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-30 08:33 PM