چىدايمەن ئازاپقا چۈنكى مەن ئانا
تەسەللى
ئۆتكۈزمەي گىلىمدىن سىنىڭسىز تائام،
كىيگۈزدۈم ئۇچاڭغا ئەڭ ئىسىل كىيىم.
كوچىدا دىسەڭمۇ تونىماي سەن كىم،
چىدايمەن ئازاپقا چۈنكى مەن ئانا.
سەن ئۈچۈن جىنىمنى قىلىپ مەن پىدا،
ئانىلىق بۇرچۇمنى قەرزىمنى ئادا.
ياشىسام بىر ئۆمۇر چىشلەپ لەۋنىلا،
چىدايمەن ئازاپقا چۈنكى مەن ئانا.
ئەجرىمگە لايىق مەن ئىرىشسەم دەرتكە،
ئاغرىنماي ئۆتەرمەن سەندىن ئەبەتكە،
يەتمىسەڭ ئەقىدە- ئەجىرىم قەدرىگە،
چىدايمەن ئازاپقا چۈنكى مەن ئانا.
ئاچچىقنى ئەلەمنى ئىچىمگە سىلىپ،
ئۆتسەممۇ بىر ئۆمۇر سەندىن خۇرسىنىپ،
كۆزۈمدىن قان زەرداپ ياشلارنى تۆكۈپ،
چىدايمەن ئازاپقا چۈنكى مەن ئانا.
چوڭ قىلىپ كۆزۈڭنىڭ ئىچىگە قاراپ،
ئۆتسىمۇ كۈنلىرىم سىنىلا يۆلەپ،
ئاغرىسام قويمىساڭ يادىڭغا ئىلىپ ،
چىدايمەن ئازاپقا چۈنكى مەن ئانا.
خارلىساڭ دىمىدىم سەندىن ئاغرىناي،
تىلىدىم خۇدادىن ئىنساپ ۋە تەلەي.
دىسەممۇ ئازاپتا دەرتلەردىن ئۆلەي،
چىدايمەن ئازاپقا چۈنكى مەن ئانا.
كىرىسەن ئالدىمغا قاش-قاپاق تۈرۈپ،
گاھىدا شوخ كۈلۈپ، گاھى خۇيلىنىپ.
سىلكىسەڭ دەردىڭنى مەندىن چىقىرىپ،
چىدايمەن ئازاپقا چۈنكى مەن ئانا.
باسىسەن ماڭدامدا خاتا قەدەمنى،
بىلىسەن ئارىغا سىلىشنى مىنى.
سىنى دەپ ئاڭلاپمۇ خەقنىڭ تىلىنى،
چىدايمەن ئازاپقا چۈنكى مەن ئانا.
كىتىسەن گاھىدا نەچچە كۈن يوقاپ،
كىتىمۇ يۈرەككە ئەنسىزلىك تولۇپ.
دەردىڭدە كەتسەممۇ ۋاقىتسىز ئۆلۈپ،
چىدايمەن ئازاپقا چۈنكى مەن ئانا.
بىر ئۆي ھەم سەن ماڭا تۇرغاچ قاراشلىق،
قىلىمەن خىزمىتىم مۇشكۈل جاپالىق،
ياشىدىم بۇ جىنىم ساڭا ئاتاقلىق،
چىدايمەن ئازاپقا چۈنكى مەن ئانا.
تىجەي دەپ ماڭىمەن ئۇزۇن يوللارغا،
بىر كويغا دىمەيمەن چىقاي جوڭباغا،
ئاز كۆرۈپ ئاتساڭمۇ پۇلنى بىشىمغا،
چىدايمەن ئازاپقا چۈنكى مەن ئانا.
كەيمەيسەن ئاددىراق ئەزاننى ئىلىپ،
كىيىمەن يىرتىلسا نەچچە رەت ياماپ.
يەتمىسەڭ قەدرىمنى ياكى سەن بىلىپ،
چىدايمەن ئازاپقا چۈنكى مەن ئانا.
قىلساڭمۇ ئازاپتا يۈرەكنى يارا،
دىدىمكى كىچىرەي تىخى ئۇ بالا.
سەن ئۈچۈن تارتىلسام بىرىلسە جازا،
چىدايمەن ئازاپقا چۈنكى مەن ئانا.
ئۆي تۇتۇپ سەن مىنى كەتسەڭمۇ ئۇنتۇپ،
بارىمەن ئۆيۈڭگە ساڭا تەلمۈرۈپ.
يات كەبى سوغاقلا قويساڭ ئۈزۈتۇپ،
چىدايمەن ئازاپقا چۈنكى مەن ئانا.
ياتساممۇ كىسەلدە ھەر يان تولغىنىپ،
قارايمەن يولۇڭغا ساڭا تەلمۈرۈپ.
كەلمىسەڭ كۆزۈمنى ئىشىككە بىقىپ،
ياتىمەن ئازاپتا چۈنكى مەن ئانا.
قادىرمەن ئەلەمنى يىڭىپ بالا دەپ،
دەردىمنى يۈرەككە مەڭگۈ يوشۇرۇپ،
ياشايمەن خۇشالدەك ساڭا كۆرىنىپ،
چىدايمەن ئازاپقا چۈنكى مەن ئانا.
ئۆتىمەن مۇھتاجلىق ئاچلىقنى يىڭىپ،
ياشايمەن ئاھ سىنى مەدەتكار بىلىپ.
سەن ئۈچۈن دوزاققا كەتسەممۇ كىرىپ،
چىدايمەن ئازاپقا چۈنكى مەن ئانا.
ھاياتىم بالا دەپ بولسىمۇ خاراپ،
ئەلەمدە يۈرىگىم قىلىنسا كاۋاپ،
كەتسەممۇ سەن ئۈچۈن قۇربانلىق بولۇپ،
چىدايمەن ئازاپقا چۈنكى مەن ئانا.
ياشىدىم ھاياتتا دىمىدىم ئانا،
ھەر كۈنى دىدىمكى پەقەتلا بالا.
كۆرۈنمەس كۆزۈمگە قىلسىمۇ خاپا،
چىدايمەن ئازاپقا چۈنكى مەن ئانا.
سىسىغان يۈرىگىم دورا كىرەكسىز،
ماڭىمەن ھاياتتا يارۇ- يۆلەكسىز،
بولسىمۇ ئەلىمىم ئۈستىلەپ چەكسىز،
چىدايمەن ئازاپقا چۈنكى مەن ئانا.
كۆرسەڭمۇ كوچىدا دىمەيسەن ئانا،
يۈرىسەن بىپەرۋا ئاھ نادان بالا.
بىلمىدىڭ قەدرىمنى كۆڭلۈمدۇر چالا،
چىدايمەن ئازاپقا چۈنكى مەن ئانا.
سالساڭمۇ مەن ئۈچۈن ئالەمچە جاپا،
قىلدىممۇ ئىيىتقىنا بىر قىتىم تاپا.
تۈزەتكىن يوللىرىڭ تۈز ئەمەس خاتا،
چىدايمەن ئازاپقا چۈنكى مەن ئانا.