مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 489|ئىنكاس: 2

تاش پەسلى (گۈلجاھان) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 780
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13835
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 05:37:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                       تاش پەسلى  

(نەسىر)

خاسىيەت ئابلىمىت  

1

تاشتەك ئېغىرلىشىپ كەتكەن ۋۇجۇدۇمنى كۆتىرىپ  ، كۈن چۈشمەيدىغان ئورنۇمدىن يۆتكۈلۈپ كۆك ئاسمان بىلەن يېشىل دەرەخلەرنى كۆرگەچ قەددىمنى تۈزلىگىلى سىرتقا چىقتىم ، تاشتەك قاتۇرۇلغان ئاسفالىت يوللار  ، مۇشتەك تاشتىن بىرسى تەگسە ئەينەكلىرى چۇل-چۇل بۇلۇپ پارقىراق سىرلىرى خۈنۈكلىشىپ كېتىدىغان ھەشەمەتلىك ماشىنىلار ،تاشتەك ئۇيۇغان سىمونتتىن قاتۇرۇلغان , گۈل-گىياھسىز بەدرەڭ يەرلەر .... يۈرۈكۈم ئۇچىۋاتقان بوزرەڭ قۇشقاچلارغا ئەگەشكەن ھالدا ، كۈزۈم ئاخىرى ئۆزۈم ئىزدىگەن دەرەخ بىلەن ئاسماننى كۈرۈپ ، قېنىپ ،ئالدىمدىكى پەلەمپەيگە تۇتاش قىلىپ توغرىتامسىمان قوپۇرۇلغان تاش توسۇققا كىلىپ توختىدى ، ئۇنىڭ يۈزىنى قولۇمنى توپا بۇلۇپ قالماسمۇ دىمەستىن سىلىدىم ، سىلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بارمىقىم بىلەن سۆزلەشتىم  : يۈزى سىلىقلىتىلمىغان- پارقىرىتىلمىغان تاش،  تاغدىن ئالماس تىغ بىلەن كېسىۋېلىنغان ياق ، بومبا بىلەن پارتىلىتىپ ، تاغ باغرىدىن پارچىلاپ ئېلىپ كىلىپ ، قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى زاۋۇدىدا يۇنۇلۇپ ، كىسىلىپ ، قىرىلىپ ، تىلىنىپ ....ئاخىر مەن بىلەن بۇ يەردە يۈزلەشكەن تاش  ، ئۇنىڭ قايسى تاغدىن كەلتۈرۈلگەنلىكىنىبىلمەيدىكەنمەن ، ئەمما بىلىدىغىنىم ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش مۇشۇ بېنادا خىزمەت ئۆتىگىلى كەلگەن  ، بۇرچ مەنىسىدىن ئېيتقاندائىككىمىز تەغدىرداش  ، سالاھىيەت مەنىسىدىن ئېيتقاندا ئۇ تاش ، مەن ئادەم ، ئۇ جانسىز ، مەن ھايات  ، شۇنىڭ ئۈچۈن –ئۇ جانسىز بولغانلىقى ئۈچۈن مەندىن ئۇزاقراق مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇش ئىمتىيازىغا ئىگە . مەن نەپەستىن توختىسام قاتىمەن ،سوۋۇيمەن ، تۇپراققا كۈمۈلىمەن ، جىسمىم چىرىيدۇ –قۇيرۇق سۆڭۈكۈملا قالىدۇ ، ئەمماتاشچۇ ؟ ئۆزىنى ئىزىۋىتىدىغان نەچچە توننىلىق بازغانغا ئۇچرىمىغىچە ، ئۆزىنى ئىرىتىۋىتىدىغان نەچچە مىڭ گىرادۇسلۇق ۋولغان –لاۋاغا بېسىلمىغىچە مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ تۇرالايدۇ  ، مەن خەتلىرىمنى ئۇنىڭ سىلىقلانغان يۈزلىرىگە تاشچىغا پۇل بىرىپ ئويغۇزۇپ يازالايمەن ، ئۇ مەن زىمىننىڭ تەكتىگە كۆچكەندىن كىيىنمۇ يەنەخەتلىرىمنى جىسمىدا تۇتۇپ ياتقان يېرىدە يەنە ئۇزاق زامانلارغىچە ياتالايدۇ......

ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بارمىقىمدىكى ئىنچىكە سىزىقچىلارغا دەپ بەردى، مەن سەزدىم ، لىكىن «ئىنسانلاربىلەن تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان » جاي يادىمغا كېچىشى بىلەن تەڭ بارماقلىرىمنى ئۇنىڭ يۈزىدىن شۇنداق تىز تارتىۋالدىم . تاش بىلەن كۈرۈشۈپ يۈرگىنىمگە ئۇزاق بولغان بىلەن ئۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكىدەك چۈشۈنۈشمىگەن ئىكەنمەن .

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. c  c# @  y1 L3 m, K

2

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  p( i  y# x, C0 G/ ^% O! o! y* l/ {$ @

تاشنىڭ  قىممىتى مەۋجۇتلىقىدا ، مىنىڭ قىممىتىم مەۋجۇتلىقىمدا ئەمەس ھاياتلىقىمدا  ، «تاش چۈشكەن يىرىدە ئەزىز » ، ئىنسانچۇ ؟ قەيەردە ئەزىز ؟ بۇنىڭغا تالاش تارتىش كەتمەيدۇ  ، ئۇ تۇغۇلغان يىرىدە ،تۇغۇلمىشىنى بىلگەن يەردە  ، ئۆزىنى بىلگەن ھەم ئۆزگىنى بىلگەن يەردە ئاندىن ئەزىزلىگىنى بىلەلەيدۇ  ، تاشمۇ شۇنداق  ، تاش ئەزەلدىنلا ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن چۈشكەن يىرىدە ئەزىزلىگىنى بىلىدۇ  . چۈنكى ئۇنىڭغا شۇ ۋەزنى بىلەن تۇراقسىز تۇپراقنى ئېقىپ ، ئۇچۇپ  ، توزۇپ ، تەۋرەپ - لەيلەپ باشقا تامان كىتىپقېلىشىدىن ساقلاش ئۈچۈن قېقىلغان قۇزۇقسىمان تاغلارنىڭ جىسمىنى تۇرغۇزغۇچى تەركىپئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇرچنى بىلگەنلىكى ئۈچۈم ئەزىزلىنىدىغانلىقىنى كۇللى جاھانغائۈن –تىنسىز جاكار قىلالايدۇ   ، ئادەمنىڭ ئەزىزلىكىنى جاكار قىلغان ، بايانقىلغان  ، ئەزىزلىكنى بارچە ئەلگە باراۋەرقىلىشنى ئىستىگەن ئادەمنى ئەلنىڭ ئەزىزلىرى سانىساق  ، تاشلارنىڭ ئەزىزلىكىنى نامايەن قىلغان ، ئۆزسىپىدىن ئەزىز ئىنسانلارنىڭ نەچچە ئونمىڭ يىل مۇقەددەم تەپەككۇر جەۋھەرلىرىنى بىزگە كۆرەگ قىلغان تاشلارنى بىز ئابىدە سانىدۇق ، تاشلارمۇ بىزگە ئوخشاش تەبىقىلەرگە بۈلۈنۈپ كەتتى  ، بىزئىنسانلار ئۆزىمىزنى بۆلگەندەك ، ئۇلارنىمۇ شۇنداق بۆلىۋەتتۇق   دەريانىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدا ، تاغلارنىڭقاراڭغۇ  ، مۇستەھكەم باغرىدا يۈشۈرۈنۈپ ياتقان لەئىل ، ياقۇت ، قاشتاش ، زۇمرەت  ، مەرمەر....لەر خۇددى بىزنىڭ بايلىرىمىزدەك ، خۇددى شۇلارنىڭ بەدەنلىرىدىن ئايرىلماس قىسمىدەك ئۇلارغا تولىمۇ يېقىن تۇرىشىدۇ  ،ھەتتا ئاجايىپ رەڭدار ، پاك كۈڭۈلدەك تىنىق ، ئۆتكۈر قېلىچنىڭ قۇياش نۇرىدىكىبىسىدەك  كىشىنى لال قىلىدىغان چاقناقنۇرلىرى بار تاشلارنى بەزىلەر كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن يۇشۇرۇپ  ، مەخمەل دۇردۇن ، يىپەكلەرگە ئوراپ مەخپىساقلىشىدۇ ، ئۇدا 100يىل، 200يىل ھەتتا ئەۋلاتلىرىغا قەدەر مىراس قالدۇرۇشۇپ ، يەريۈزىدە بۇنداق تاشلارنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ  ئىنسانلار « قارا تاش دىگەن ئىت كەلگۈچە قولغا ئېلىۋالسا قۇغدانغىلى بولىدىغان نەرسە...»دەپلا قارايدىغان زامانلار كەلگەن چاغدا بىردىنلا جاھانغا ئاشكارە قىلىشىدۇ ،ئۇنىڭ قىممىتىنى كىشى قۇبۇل قىلمىسىمۇ قۇبۇل قىلماسلىققا تەقەت قىلالمايدىغاندەرىجىدە ئاسمان -پەلەككە ئاسىدۇ- دە ،شۇ بىر پارچە جۇلالىق تاشنىڭ ياردىمىدە ئەۋلاتمۇ ئەۋلات يېتىپ يىسە يەتكۈدەك پۇل-ماللىق بولالايدۇ ۋە ئەزىزلىكىنى تاشنىڭ قىممىتى بىلەن ئۆلچەيدىغان ئادەملەر توپى ئارىسىدا بىردىنلا ئەزىزلەر قاتارىغاكۆتۈرۈلىدۇ ،  بۇ – تاش ئۈچۈن ھاقارەت ،چۈنكى ئۇ ئۆزىنى سېتىش بەدىلىگە ئەزىزلىنىۋاتقان ئادەمنىڭ ئەزىزلىكىگە چېقىلىپ چۇل-چۇل بۇلۇپ كەتسىمۇ قايىل بولمايدۇ  .

يەنە بەزى تاشلار ئىلاھلىق دەرىجىسىدە باشلارنىڭ سەجدەگاھىغائايلاندى .شۇ «ئىلاھ»سىمان تاشلار ئىچىدە كۈلىدۇكى ، ئۇ ھىچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭپەقەتلا بىر پارچە تاش ئىكەنلىكىنى ئۆزىدىنمۇ يۈكسەك ھەقىقەتنىڭ بارلىقىنىبىلىدۇ-يۇ  ، ئۆزىنى يۇنۇپ ، شەكىلگەكىرگۈزۈپ ، ياساپ -جابدۇپ  ، يەنە ئۆزىنىتاماشا قىلغاچ كۈڭۈل ئىستەكلىرىنى بايان قىلىدىغان ئىنسان نىمىشقا بىلمەيدۇ ؟ تاشقامۆھلەت كەلمىگۈچە ئۇنى بىلدۈرۈش مەسئۇلىيىتى يوق  .


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 {+ w+ K$ @2 E

3           

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 `5 s0 M$ l! u4 F$ R. g; w. T' O

تاش شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىدىن پەخىرلىنىدۇكى: ئۇ رەڭ ئالمايدۇ  ،ئىگىلمەيدۇ ، ئوڭايلىقچە ئىرىپمۇ كەتمەيدۇ ، ئەمما مەزمۇتلىقىغا بېقىپ پارە-پارە بۇلۇپ كېتىدۇ  ، كۆزئالدىمدا ياتقان ، پارچىلانغان ئەشۇتاشتىن مەلۇم بولدىكى ، ئۇ زىمىننى مەزمۇت قىلىدىغان ۋەزىپىسىدىن مەھرۇم بۇلۇپئاسمانغا تاقاشقان ساراينى مەزمۇت قىلىشقا باشلىدى  ، ياپ-يېشىل چىملىق ئوتتۇرىسىدا بىر پارچە تاشكۆشەپ ياتقان كالىدەك ياتىدۇ  ، ئاجىز  ، بىر غېرىچ كەلمەيدىغان چىم ئوت ئارىسىدايالغۇز قورام تاشقا نىمەبار ؟ قارىسىڭىز ئۇ تاشنىڭ ئۈكسۈپ يىغلاۋاتقانلىقىنىكۆرىسىز ، «تاشمۇ يىغلامدۇ ؟ بېمەنە پاراڭدە- دە بۇ ...» دىيىشتى  ، ئۈچۈنچى كۈزىڭىز بىلەن قارىسىڭىز تاشنىڭيىغلاۋاتقانلىقىنى راستىنلا بايقايسىز ، بۇ تاش شۇ قەددى ، شۇ قامىتى بىلەن شۇۋەزنى بىەن ئۆزىنىڭ تېغىدا تۇرماي  ، ياكىبىر تۈگمەننىڭ يارغۇنچىقى بولماي ياكى بىر قەھرىماننىڭ مەنچانىقىغا ئوقتاش بولماي، ۋەياكى بىر زاتى ئىلىمنىڭ مەرىپەتخانىسىغا ئۇلتاش بولماي ئەركەك پاشا شىرنىسىنىسۈمۈرىۋالسا جىممىدە تۇرىدىغان چىملىققا «قاراۋۇل »بۇلۇپ تاشلاپ قۇيۇلغىنىغائۈكۈنۈپ يىغلايدىكەن  ، ئۇنىڭدىنمۇ بەتەرۋەزىپىسى : ئۇنى ئۆزى ئارزۇلىغان قارارگاھتا ئارام تاپقۇزماي ، شۇ ياسىما  چىملىققا «كۆرەك»كە قۇيۇش ئارقىلىق  ئۆزىنىڭ ئىمتىيازىنى  ، مېلىنى ، كۈچىنى  ، ھۆرمىتىنى خۇددى شۇ تاشتەك قۇيۇلغان يىرىدەۋەزىنلىك كۆرسەتمەكچى بولغان ئىنساننىڭ مەپكۈرىسىنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىپ رولئېلىۋاتقىنى .................


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 U: p3 s% [" J0 V  w5 t( G

4

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 R' ^# z) \" S. \1 x# g

دەريانىڭ تىگىدىكى تاش-تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئوغۇل بالىنى زارىقىپ ساقلايمىش ، نىمە ئۈچۈن؟ تاش بىلەن ئۇغۇل بالىنىڭ رىشتى شۇنداق چىڭمۇ ؟ئانچىكى ئويلاپ كۆرسە بۇ ئىككىسىنىڭ ماھىيەتلىك ئورتاقلىغىنى بىلىش تەس ئەمەس  ، ئوغۇل بالا ئانىسىنىڭ قارنىدىن زىمىنغاچۈشكەن كۈندىن ئىتىۋارەن  ، ئۇنىڭ ئەقلىنى قولىغا ئالغۇچە ئانچىكى قەغىش بىلەن يىغلىشىغا يول قويغان بىلەن  ، بالاغەت يېشىغا يەتكەندىن باشلاپ ياشتۈكۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ ، بەلكى «ياش تۆككىچە مۇش تۈگ»دەپ ئۆگىتىدۇبوۋىلار  ، ئەنە شۇنداق تەلەپتە چوڭ بولغانئوغۇللار يىگىت يىشىغا يەتكۈچە مومىسىدىن ئاڭلىۋالغان ھىكايىلەردىكى قەھرىمانلارنىڭ مەنچانىقىغا تەقلىد قىلىپ ياسىۋالغان چاناقلىرىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ، چاپىنىنىڭ يانچۇقىدىن تىشىلىپ ياكى تېشىپ چۈشۈپ قالغانغا قەدەر تاش تىرىپ يۈرۈپ ، خۇماردىن چىققۇچە تاش ئېتىپ ئوينايدۇ  ،تاش تەرگۇچەتاشنىڭ چوڭ –كىچىكى  ، قوتۇر -سىلىقى  ،ئاق قارىسىنى پەرق ئىتىشنى ئۆگىنىدۇ  ، تازا قارىسىنى تاللاپ يانچۇققا سالىدۇ  ، ئالىبۇلىماشنى «ئالىكۆزنىڭ يېنىغا بار » دەپئۆرە تۇرۇپ كەينىگە باقتۇرۇپ ئاتىدۇ  ، مانامۇشۇنىڭ ئۆزى ھاياتنىڭ ئەڭ ئاددى ھەقىقىتى ، سۆڭىكى قاتمىغان ، بۇرنىكۆپمىگەن  ، سېرىق تۈك ئوغۇلچاق چانىقىغاتاش تېرىپ يۈرۈپ كىيىنكى ھاياتىنىڭ ئۇلىغا قانداق تاش تاللاشنى ئۆگىنىدۇ  ، ئالا تاشنى كەينىگە ئاتقىنى ئۆزىنىڭ تولىمۇزىرەكلىگى  ، كۆزنى غەلەت قىلىدىغان ،كۆزنىڭ نۇرىنى تارتىدىغان ئۇنداق تاشنىڭ نىمە كېرىكى ؟ ئۇنداق قازانغا مۇنداقچۈمۈچ ، ئالىتاش ئالىكۆزنىڭ قېشىغا چۈشسۇن-دە ؟! ئالىكۆز كىم ؟ ھەممە ئادەمنىڭكۆزىدە ئېقى قارىسى بار ، بۇنى ئالىكۆز دىمەيمىز ، ئۈچۈنچى كۆزى ئاقنى قارا ، قارىنىئاق قىلىپ كۆرىدىغان كىشىنىڭ كۆزىنى ئالىكۆز دەيمىز  ، شۇڭا بوۋىلىرىمىز «ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا ،ئادەمنىڭئالىسى ئىچىدە »  دەپ ئاگاھ بەرگەن  . شۇڭا ئالىكۆزدىن كىچىكىدە ئاگاھ بۇلۇشنىئۆگەنمىگەن بالا چوڭ بۇلۇپ بۇرنىغا سۇ كىرمىگىچە ئادەمنىڭ ئالىسىنى پەرق ئىتەلمەيدىغان بۇلۇپ قالىدۇ  . بالىنىڭ چانىقىغا ئولتۇرۇپ  كۆك تېرەكنىڭ ئۇچىغا  ، ئۆگزىدىكى پاختەككە  ، چېقىمچىنىڭ ئۇشۇقىغا ئۇچقان قارا تاشلارنىڭ ئۆزىنى ئاتقان بالىغا نەقەدەر ئامراقلىقىنى تەسەۋۇر قىلالمايسىز  ، ھەتتا ئۇچۇپ بارغان يىرىدىن «بالىنىڭئالقىنىغا سىقىمدىلىپ قايتا يانچۇققا چۈشسەم ...» دەپ ئارزۇلايدۇ  ، ئەمدى دەريادىكى تاشچۇ ؟ شۇ ئوغۇل بالىنىڭپۇشقىقىنى تۈرۈپ ، لەۋلىرىنى يىمىرىپ تۇرۇپ ، مۇزدەك سۇغا پاچاقلاپ كىرىپ سۇتىگىدىن ئۆزىنى سۈزۈپ ئېلىپ كۈن نۇرىغا تۇتىشىنى ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ جىسمىدىكى سۈزۈكلىكنى نامايەن قىلىشىنى  ،قۇياش نۇرىنىڭ ئۆزىنىڭ جىسمىنى سۈيۈشىنى  تىلەيدۇ . قۇياش نۇرىنىڭ ئۆز جىسمىنى توسالغۇسىز سۈيۈشىنى ئارزۇلىمايدىغان كىم بار ؟

ئوغۇل بالا بىلەن تاشنىڭ ئورتاقلىقى شۇكى ، بىرسى ئۆزىنىڭ مەزمۇتلىقى بىلەن مەۋجۇتلۇق سۆيگۈسىنى قانائەت تاپتۇرسا ، يەنە بىرسى ھايات سۆيگۈسى بىلەن مەزمۇتلىقىنى چېنىقتۇرىدۇ ......

كۆز ئالدىمدىن نۇرغۇن تاشلار لەيلەپ ئۆتمەكتە :

ئىبراھىمنىڭ ئالدىغا پەيدا بولغان قارا تاش ...

يۈسۈپنى سۇغا چۈكۈپ كىتىشتىن ساقلاپ ، سۇ يۈزىدە ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرغان قۇدۇقتىكى تاش ...

مۇزدەلىفەدە شەيتانغا ئېتىلىپ دۆۋىلىنىپ كەتكەن تاش ....

لەيلىنىڭ باش -كۆزلىرىنى قانغا بويىغان تاش ......

ئاسماندىن چۈشىۋاتقان كۈيۈك تاش ....

سانسىز قەبرە تېشى .....

دېڭىزغا قاراپ تۇرغان غايەت زور تاش ئادەملەر .....

تاشقا ئايلانغان تۇخۇم ....

تاش پۈتۈك ........

تاش ئەھدى......

بەش تاش .......

ئەڭ ئىگىز چوققىدىكى ئىبادەتخانىغا  يۇشۇرۇلغان تاش تارىخ.....

كېرەكلىك تاشنىڭ ئېغىرى يوق ، ئۆزىنى ھەم يۇرتىنى ئەزىزسانايدىغان ئىنسانغا تۇپراقنىڭ چىمدىم توپىسى زەر ، شېغىل تاشلىرى گۆھەر كۆرىنىدۇ  ، بۇ بىرھەقىقەت ، ئۇنى ھىچكىمگە تارتقۇزۇپ قويغۇسى كەلمەيدۇ .......

5


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- S2 I& z2 S; U1 c

تاش جانسىزمۇ ؟ شۇنداق ، ئەمىسە ئۇ نىمىشقا شۇنچە تالاي نەرسىلەرنى بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ ؟ بىلدۈرگىنى ئۇلا ئەمەس ، تاش بىلەن ئىككىمىزنىڭئوتتۇرىسىدا ئۈچۈنچىسى بار  ، تاش ئۆزىنى قاتتىق دىگۈچىلەرگە مەڭگۈلۈك سۈكۈت بىلەن قارشى تۇرىدۇ  ، تاشنىڭ بىغۇبار پەيتلىرىنى ھارارەت تولىمۇئوبدان بىلىدۇ ، بىز پەقەت تاشنىڭ  ئۆزى بىلىدىغان ھارارەتنى ئەمەس ، قولىمىزنىڭ تېرىسىنى كۆيدۈرەلەيدىغان ھارارەتنىلا ياخشى بىلىمىز، پەقەت 36-38 سىلسىيە گىرادۇس . بىز شۇنىڭغىلا بەرداش بىرىمىز ، تاشچۇ ؟ بۇ يەرگەكەلگەندە بىزنىڭ ئېغىز ئېچىشىمىز ھاجەتسىز ، 3000سىلسىيە گىرادۇس ! شۇندىلا تاشيۇمشايدۇ ،ئاقىدۇ ، ئويناقشىيدۇ  ، گۈلپورەكلىگەندەك ئۆزىدىكى ئەركىلىكلەرنى چاچرىتىدۇ ، ۋولقان – تاشنىڭ باھارىنى كۆتىۋالىدىغان پەيتى -  5000سىلسىيەگىرادۇسچۇ ؟ 10000سىلسىيە گىرادۇسچۇ ؟ تاشنى ئەنە شۇلار ھەرقىسما قىياپەتلەرگەئەكىلەلەيدۇ ، ئىنساننى ھەرخىل ھالەتكە ئەكىلەلەيدىغىنى ھارارەت ئەمەس بەلكىسالاھىيەت  ،  ئەمما ئىنسان بۇرۇنقى ، ناھايتىمۇ بۇرۇنقى زامانلاردا پەقەت ۋە پەقەت بىرخىللا سالاھىيەت بىلەن تۆرەلگەن ئىمىش  .......

تاراشچىلار بۇ نوقتىنى بەكمۇ ياخشى بىلىۋالغاچقا كىشىلەرنىڭ كۆزلىرى دۇنياغا قاراپ ئالاچەكمەن بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ ، شۇڭا بۇ بەشىنچى پەسىلنى تاش پەسلى دىمەي تاراشچىلار پەسلى دىسەم ، مۇۋاپىق بولغۇدەك دەپ ئويلاپ قالدىم  ، تاراشچىلار ھەرىكەتتە.........


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) d, d" p; ?7 q& u+ M& B

مەنبە :خاسىيەت ئابلىمىت (گۈلجاھان) قەلىمى

2013- يىل 7-ئاي


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* X2 o# R# `7 p


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 ?: I. g7 x5 F! n; k8 }: o  {  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 ~# D4 z( j3 U2 F' H& y+ N" }' `
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; i- f1 F  S9 N, V5 T5 w* l
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* L1 u$ `+ N) o! ~
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ J' ?8 M8 Y6 A! T8 a

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# R7 V3 K7 a5 e6 ^بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 J8 j% I$ A4 f2 V( m1 i
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Gvljahan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-30 05:52 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 u; K8 P/ e: d/ ^; ]7 U3 Qبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ O+ q+ F( K1 Y* m$ R9 k

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 09:48:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادېر تىما!

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20118
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1656 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-1 01:29:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەۋەرۈك كىتاب سېتۋالسىڭىز مەرھەممەت قىلىڭ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ e/ _1 j, w! I5 mhttp://www.menggutash.cn/tp1k1/

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش