ئانا ھەققىدە ئاچچىق خىياللار
(فىلىيەتۇن)
ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن
كىچىكىمدە، ئانامنىڭ ئىللىق قۇچىقىدا قىزىقارلىق چۆچەكلەرنى ئاڭلاپ يېتىپ، «ئەمدى ئانامنى ھەرگىز خاپا قىلمايمەن» دەپ ئويلايتىم، ئەمما قۇچىقىدىن چۈشسەملا تولا غەلۋە قىلىپ جاپا سالاتتىم.
ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمدا، ئانا ھەققىدە شېئىر-ھېكايە يېزىشقا تولىمۇ ھېرىسمەن ئىدىم، ئەمما مەكتەپتىن كېلىپلا ئوينىغىلى قاچاتتىم.
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمدا، «تېزرەك تەتىل بولسا، ئانامنى كۆرسەم» دەپ كېتەتتىم، ئەمما ئۆيگە كېلىپ ئۈچ-تۆت كۈن ئۆتەر-ئۆتمەيلا ئۇنى سىلكىشلەپ يىغلىتىپ قوياتتىم.
خىزمەتكە چىقىپ تۈنجى ئايدا، «مائاشىمنى ئېلىپلا ئانامغا ھېچبولمىسا بىر تال ياغلىق ئېلىپ بىرىمەن» دىدىم، ئەمما مائاشىمنى ئالغاندا قاۋاقلارغا بىر-بىرلەپ «ھەدىيە» قىلۋەتتىم.
بويتاق چاغلىرىمدا، «توي قىلغاندىن كېيىن خوتۇنۇم ئانامغا شەرتسىز بويسۇنۇشى كېرەك» دەپ ئويلايتىم، ئەمما توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، خوتۇنۇمنىڭ كۆزىگە قارايدىغان بۇلۇپ قالدىم.
پەرزەنىت كۆرۈشتىن بۇرۇن، «ھەي... ئەمدى بولسىمۇ ئانامغا كۆپرەك قاراي» دەپ ئويلىدىم، ئەمما بالام توغۇلۇشى بىلەنلا تېخىمۇ «يۈزى قېلىن ئالدىراش» لاردىن بۇلۇپ كەتتىم...
(«ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ 2005-يىل 22-ئاپرېلدىكى سانىدا ۋە «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» نىڭ 2005-يىل 23-ئاپرېلدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-30 09:04 PM