مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5201|ئىنكاس: 46

مىسىر ئىنقىلابى باشتىن باشلاندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 25240
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7777 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 04:15:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مىسىر ئىنقىلابى باشتىن باشلاندى
ئاپتورلىرى: ئىسھاق دىۋان، ھادى لاربى
تەرجىمانلار: نەپرەت، تۇنيۇقۇق (لوپنۇردىن)

3.jpg


مىسىر تارىخىدا تۇنجى قېتىم دېموكراتىك سايلاپ چىقىلغان پرېزىدېنت مۇھەممەد مورسىنى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش چۈشۈرۈۋەتتىمۇ يوق دېگەننى مۇنازىرە قىلىپ بېقىشقا بولىدۇ، ئەمما ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغىنى، مورسىنى تەختتىن چۈشۈرۈۋەتكەن 30-ئيۇن نامايىشى مىسىر تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ئاۋام ھەرىكىتى ھەم مىسىر ئىنقىلابىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىغا رەددىيە بېرىش تەس بولغان ئىسپاتتۇر.
سىياسىئونلار، ھەربىيلەر ۋە سودىيلەردىن تەشكىللەنگەن سەرخىللار كالتە پەملىكنى يېڭىپ، يېڭى جۇمھۇرىيەت ئۈچۈن ئاساس سېلىشقا ئامالسىز. سايلانغان پرېزىدېنتنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، ئەركىنلىكپەرۋەر ئۆكتىچىلەر ئەسلىدە ھۆكۈمەت قانۇنلۇق سايلام قىلىشقا يول قويغانغا قەدەر تەلەپ قىلسا، ئاممىنىڭ غەزىپىنى پەسەيتسە بولاتتى. ئىپادىسى ياخشى بولسا، ئۇلار مورسى رەھبەرلىكىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى زۆرۈر مۇرەسسەنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلالايدۇ.
مورسىنىڭ تەختتىن چۈشىشىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك نەتىجىسى شەك-شۈبھىسىز 7-ئاينىڭ 8-كۈنى كۆرۈلدى. ئۇ كۈنى، قاھىرە بىخەتەرلىك قىسىملىرى كوچىلاردا مورسىنى ۋەزىپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان نەچچە مىڭلىغان قوللىغۇچىسىغا ئوق چىقاردى، 50 نەچچە ئادەم ئۆلتۈرۈلدى. بۈگۈنكى كۈندە، مىسىرلىقلار 1992-يىلدىكى ئالجىرىيە ياكى 1999-يىلدىكى پاكىستان ۋەزىيىتىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا، 1992-يىلى، ئالجىرىيە ئارمىيىسى سايلامنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى ھەمدە قانلىق ئىچكى ئۇرۇش قوزغىدى؛ 1999-يىلى، مۇشەررەف گېنرال زور ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەمما دەرھال ئەپسۇسلىنارلىق ئىشقا ئايلانغان سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق باش مىنىستىر ناۋاز شىرىفنى ئاغدۇرۇۋەتتى.
مىسىر نۆۋەتتە 2011-يىلىنىڭ بېشىدىكى سابىق پرېزىدېنت مۇبارەك تەختتىن چۈشكەندىن بۇيانقى ئەڭ داۋالغۇۋاتقان پەيتتە تۇرماقتا. ئەمما بۇرۇنقى خاتالىقمۇ مىسىرلىقلارغا مۇھىم ساۋاق بەردى، مۇۋەپىقىيەتلىك بۇرۇلۇشتا زادى نېمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى چۈشەندى.
بىرىنچى قېتىملىق بۇرۇلۇش كەڭ ئاممىۋى قانۇنلۇقلۇققا ئېرىشەلمىدى. ئاساسىي قانۇن تۈزۈش مۇساپىسى ھەر قايسى سىياسىي كۈچلەرنى ئورتاق قوبۇل قىلغان دېموكراتىيە تۈزۈمى ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىپاقلاشتۇرالمىدى، بەلكى ئەڭ ئاخىرىدا جەمئىيەتنى ئاشقۇنلۇق يولىغا ئېلىپ ماڭدى، ئوخشىمىغان سالاھىيەتتىكى كىشىلەر ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلدى. بۇنىڭ سەۋەبى تۈزۈم خاتالىقىغا زور دەرىجىدە باغلىقتۇر: تۇنىس بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، مىسىرنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇن شەكىللەنمەي تۇرۇپلا ئالدى بىلەن ھوقۇقنى ئومۇميۈزلۈك قولغا ئالغان پرېزىدېنت سايلاپ چىقتى.
ئاقىۋەتتە، مورسىنىڭ قىزغىنلىقى سىغدۇرۇشچان ئاساسىي قانۇن تۈزۈش ئەمەس بەلكى ھوقۇقنى مۇستەھكەملەشكە ئۆزگەردى؛ ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويغاندا، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى تۈزگەن ئاساسىي قانۇن لايىھىسى %64 سايلىغۇچىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، ئەمما بېلەت تاشلاش نىسبىتى پەقەت %33 بولدى. ئۆكتىچىلەرنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار؛ ئۇلار مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى رەت قىلدى، سىياسىي يېتىملىك ۋە ئىقتىسادىي مەغلۇبىيەت ئاخىرىدا رەقىبىنى ئاجىزلىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئىككىنچى قېتىملىق ئىنقىلاب مىسىردىكى كۆپ قىرلاشقان نوپۇستا، ناھايىتى كۆپ قىسىملارنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى بولمىغان مۇساپىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. كوچىلارغا چىقىپ ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن دىندىن خالىي ئەركىنلىكپەرۋەر مىسىرلىقلار، ئۇلارنىڭ مۇددىئاسىدا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي باراۋەرسىزلىكلا بولۇپ قالماستىن، ھەم ئەركىنلىك ۋە كەڭ قورساقلىق تەلىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ تەرىپى باشقا جايلاردىكى باش ئەگمىگەن بۇرژۇئازىيە قاتلىمى بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق.
مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، كەلگۈسىدىكى ئىلگىرلەش ئۈچ چوڭ ئامىلغا باغلىق.ئالدى بىلەن، مىسىر كەڭ قوللاشقا ئېرىشكەن ئاساسىي قانۇن ۋە سىياسىي يول خەرىتىسىگە موھتاج. يېڭى بۇرۇلۇش مۇساپىسى چوقۇم ئورتاق تونۇشنى تەكىتلىشى كېرەك، «بويسۇندۇرۇش بولماسلىق، ھەم بويسۇندۇرۇلۇش بولماسلىق»نى يېتەكچى پىرىنسىپ قىلىشقا بولىدۇ. ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش چوقۇم ئاممىۋى  مۇنازىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك، بۇ ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئاساسىي قانۇن ھۆججىتى ئومۇمىي خەلققە ئاۋازغا قويغاندا چوقۇم مۇتلەق كۆپ سانلىق خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك.
ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي مۇساپىگە قاتناشتۇرۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئالغا ئىلگىرلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. مۇبارەك دەۋرىدە پارلامېنت رىقابىتىگە كىرىشنى باشلىغان ۋاقىتتا، مىسىر مۇسۇلمانلىرى زوراۋان كۈرەشنىڭ ئورنىغا مۆتىدىللىك ۋە قاتنىشىش ئالماشتۇرغان ئىدى. يېقىنقى ۋەقەلەر بۇ تارىخىي بۇرۇلۇشقا تەھدىت سالماقتا. مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي ساھەگە مەڭگۈلۈك كىرگۈزۈلىشى بولمايدىكەن، سىياسىي ئىسلام كەلگۈسىدە تېخىمۇ زوراۋان قوراللىق كۈچ شەكلىدە قايتىپ كېلىدۇ
ئىككىنچى، مىسىرنىڭ يېڭى رەھبەرلىرى چوقۇم قارشى ئېلىنمايدىغان ئەمما چۈشكۈنلىشىۋاتقان ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تەدبىرلەرنى يولغا قويىشى كېرەك. بۇ ئاممىغا مىسىر دۇچ كەلگەن ھەقىقىي ئىقتىسادىي خىرىسنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. يېڭى ھۆكۈمەت ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەنى نۆۋەتتىكى ئاممىۋى چىقىمنىڭ 30%نى ئىگىلەيدىغان ئېنېرگىيە تولۇقلىمىسىنى ئازايتىشقا قايىل قىلىشى ھەمدە رىقابەتنى نازارەت قىلىش ۋە كىردىتنى دېموكىراتىيەلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى ھۆكۈمەت نامراتلارنى قوغدىشى، نامراتلارغا كاپالەت ۋە تېخىمۇ كەڭ دۆلەت مۇلازىمىتى تەمىنلىشى ھەمدە ئۇلارنى ئىسلاھاتنىڭ ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئىرىشتۈرىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈشى كېرەك.
ئەڭ ئاخىرى،«كوچا» سىياسىئونلارغا بېسىم قىلىشنى ساقلاپ، بۇرۇلۇش ئاساسلىق سىياسىي پارتىيىلەر مەۋجۇت بولغان سىياسىي يارىشىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە، كوچا تېخىمۇ مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
«قارشىلىق» (Tmarod ، نەچچە مىليون ئادەمنىڭ ئىمزاسىنى توپلاپ تەلەپ قويۇش ئارقىلىق، پرېزىدېنت سايلىمىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ، يېقىنقى نامايىش ھەركىتىنى قوزغىدى) پارچىلىنىپ كەتكەن لېبرالىزىملىق سىياسىي پارتىيىسىنى تېخىمۇ ئىنتىزامچانلىققا ئىگە بولۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ. گەرچە مورسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن باشقا دىنىي سىياسىي پارتىيىلەرنى قوللاشنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى مۇسۇلمانلارنىڭمۇ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئىپادىسىدىن ئانچە رازى بولمىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.
مۇۋەپپىقىيەت سۆزلىشىش ۋە مۇرەسسەگە موھتاج. ئۆتكۈنچى پرېزىدېنت مەنسۇر ئېلان قىلغان يول خەرىتىسىنىڭ تەرتىپى ناھايىتى ياخشى بىر باشلىنىش نوقتىسى: ئالدى بىلەن ئاساسىي قانۇن، ئاندىن پارلامېنت، ئەڭ ئاخىرىدا پرېزىدېنت بولىشى كېرەك. ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى، مەشھۇر ئىقتىسادشۇناس، تەجرىبىسى مول باشقۇرغۇچى ۋە دېپلومات  ھەزىم ئەل-بەبلاۋى ھەم ھۆرمەتكە سازاۋەر  ئەركىنلىكپەرۋەر، شۇنداقلا سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئەڭ ئالىي ئورگىنى ئەزھەر مەسچىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى تېخنىك-بىيوروكرات ئىچكى كابىنېتقا رەھبەرلىك قىلىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك نامزات.
مەنسۇر بىلەن بەبلاۋى قىسقا مۇددەتلىك ئازدۇرۇشنى يېڭەلەيدۇ، چۈنكى ئۇلار كېلىش ئالدىدا تۇرغان سايلام جېڭىگە قاتناشمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارمىيە يېقىنقى خاتالىقى سەۋەبلىك جازاغا ئۇچراپ، پەسكويغا چۈشىدۇ.
مىسىرنىڭ دېموكىراتىك بۇرۇلۇشى ھېلىھەم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مۇمكىنچىلىكى بار. لېكىن سېغدۇرۇشچان،ئۇزاق مۇددەتلىك تۈزۈمگە قاراپ ئىلگىرلەش مىسىرلىقلاردىن ئۆتكەنكى ئىككى يېرىم يىلدا ئۆتكۈزگەن ئاساسلىق خاتالىقلىرىدىن ساۋاق ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
مەنبە: ئوكيان تورى؛

ئاپتورى ئىسھاق دىۋان خارۋاد ئۇنۋېرسىتېتى كېنىندى ھۆكۈمىتى ئىنىستۇتىنىڭ ئاممىۋى سىياسەت ئوقۇتقۇچىسى، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇدىرى. ھادى لاربى دۇنيا بانكىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونىنىڭ دېرىكتورى.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1091
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 377 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 05:13:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﻣﯘﻻﮪﯩﺰﻩ!ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻣﻮﺭﺳﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﻳﯧﺮﯨﻢ.ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ 1/16 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   fathullah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-30 05:14 PM  


ياخشىلىق قىل قول

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4582
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1578158
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12123 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 05:15:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىملەر ئۇيۇننى پىلانلايدۇ، كىملەر ئوينايدۇ، كىملەر بۇ ئۇيۇندا ئوينىلىدۇ... بۇ نامەلۇم...

دوستلۇق-ھاياتنىڭ ئىنتايىن گۈزەل خاتىرىسى. ئىنسان خوشال چاغلىرىدا بەلكىم دوستىنى ئويلىماسلىقى مۇمكىن، بىراق تۇرمۇش دولقۇنلىرىدا چايقىلىپ، بېشىغا خىلمۇ-خىل قىسمەتلەر چۈشكەندە، بىر چاغلاردىكى مېھرىبان دوستلىرى يادىغا يېتىدۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89855
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 661
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2013-1-10
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 05:22:48 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
...................

مۇكەممەللىك مەۋجۇت ئەمەس، بىراق بىز تىرىشىمىز ..!

ماڭا چاپلانغان بارچە تۆھمەتلەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3467
يازما سانى: 397
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11453
تۆھپە نۇمۇرى: 625
توردا: 543 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2013-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 05:30:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسىردا دېموكراتىيەگە ئالدىنىپ قالغان مۇسۇلمانلار غەربنىڭ كۆزىنىڭ ئالدىدا قىرغىن قىلىنماقتا

مىسىردا غەربنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن قوزغالغان دېموكراتىك تېرورچىلار مۇسۇلمانلارنى قىرغىن قىلدى، ھەمدە سۇھۇر ۋاقتىدا...!!! مىسىرنىڭ غەربچە دېموكراتىك سايلام بىلەن سايلانغان دۆلەت رەئىسى مۇھەممەد مۇرسى يەنە غەربنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن ئاغدۇرۇلۇپ تاشلانغان ئىدى. بۇ ناھاقچىلىككە قارشى چىققان مىسىر مۇسۇلمانلىرى «مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى» رەھبەرلىكىدە نارازلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىدى. 26-ئىيۇل كۈنى بامداد نامىزى ۋاقتىدا قاھىرەدىكى رابىيە ئەدەۋىييە مەيدانىدا سوھۇرلۇق قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ئوق چىقارغان ، ئامېرىكىدىن ھەر يىلى مىليارلىغان دوللار ھەربىي ياردەم ئېلىۋاتقان مىسىر ئارمىيىسى 200دىن كۆپ مۇسۇلماننى شېھىد قىلدى ، 5000 مىڭغا يېقىن مۇسۇلماننى يارىلاندۇردى. ئېغىر يارىلانغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلىگىدىن ئۆلۈم سانىنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.
غەرب ۋە ئاتالمىش مەدىنىي ، دېموكراتىك دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بەرگەن بۇ قىرغىنچىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ غەزەب – نەپرىتىنى ئاشۇرماقتا. تېخى يېقىندا تۇغۇلغان ئەنگىلىيە پادىشاھلىق تەختىنىڭ ۋارىسى بولغان بۇۋاققا پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىپ، ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كەڭ تەشۋىق قىلغان ، ئەمما مىسىردا ، پەلەستىندە ، سۈرىيەدە ، ئېراقتا ۋە دۇنيانىڭ باشقا يەرلەردىكى مۇسۇلمان جۇغراپىيەلىرىدە ئۆلتۈرۈلىۋاتقان مىڭلىغان بۇۋاقلار ھەققىدە جىم تۇرۇۋالغان ، كۆرمىگەن بولىۋالغان غەربنىڭ خۇمپەرلىكى ، ئىپلاسلىقى كىشىنى ھەقىقەتەن غەزەپلەندۈرىدۇ. قولىغا قۇرال ئېلىپ ئۆزىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ، ئىسلامىي ھەق – ھوقۇقىنى قوغدىغان مۇسۇلمانلارنى «تېرورچى» دەپ رەھىمسىزچە ئۆلتۈرۈپ، باستۇرۇپ كېلىۋاتقان غەرب دېموكراتىيەسى ، قولىدا ھېچقانداق قۇرال بولمىغان ، ھەتتا پارتىيە پروگىراممىسىنى غەربنىڭ دېموكراتىيە چۈشەنچىسىگە قاراپ ئۆزگەرتىپ ، غەربچە سايلامغا قاتنىشىپ، دېموكراتىك سايلانغان ھۆكۈمەتكىمۇ ، تۈنجى دۆلەت زىيارىتىنى جۇڭگوغا ۋە غەرب دۆلەتلىرىگە بېرىش بىلەن باشلىغان دۆلەت رەئىسىگىمۇ بۇنچىلىك رەھىمسىزچە مۇئامىلە قىلىشى غەربنىڭ ۋە دېموكراتىيەنىڭ ھەقىقەتەن ئالدامچى ۋە خۇمپەر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە، شۇنىڭدەك شەرىئەتنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەختكە، ئەركىنلىككە ۋە غەلبىگە ئېرىشتۇردىغان يىگانە يول ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىماقتا.
بۇ ئۇممەد مەيلى غەرپتە، مەيلى شەرقتە بولسۇن، مەيلى ئەرەب ، مەيلى تۈرك بولسۇن، بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەر ھەردائىم ئوخشاش بولماقتا، زۇلۇمغا ئۇچرىغان مۇسۇلمان ، ئۆلتۈرۈلگەن مۇسۇلمان ، خورلانغان مۇسۇلمان، دىنىي ئەركىنلىكى دەخلى – تەئەرۇزغا ئۇچرىغان مۇسۇلمان ، تۈرمىلەرگە سولانغان مۇسۇلمان ، بۇ ناھەقچىلەرگە قارشى چىقسا «تېرورچى» دىگەن تۆھمەت بىلەن تېرورىست باستۇرۇلۇشلارغا دۇچار بولغان يەنە مۇسۇلمان بولماقتا . مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقانلار ئىسىملىرى ئامېرىكا ، غەرب ، كوممۇنىست ، كاپىتالىست ، يەرلىك غالچىلار بولسىمۇ ، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مىتودلىرى ، ئۇسۇللىرى ، زۇلۇملىرى ئوخشاش بولماقتا. شۇڭا مۇسۇلمانلارنىڭ تەقدىرى بىر ، بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش چارىسىمۇ بىر . ئۈممەت زۇلۇمدىن قۇتۇلماي تۇرۇپ ، مىللەت زۇلۇمدىن قۇتۇلالمايدۇ.
مىسىر مۇسۇلمانلىرى ھەقىقەتەن قاتتىق سىناققا دۇچ كەلمەكتە. بىز ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى كەڭ ۋىسال دوستلىرىدىن شۇ ئۇلۇغ ئايلاردا مىسىر مۇسۇلمانلىرىغا ، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا ۋە مىسىرنىڭ قانۇنىي رەھبىرى ، دۆلەت رەئىسى مۇھەممەد مۇرسىغا ۋە ھەمرالىرىغا ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىشىقا چاقىرىمىز. جانابىي اللە مۇسۇلمانلارغا ياردەمچى بولسۇن! مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلغان بارلىق زالىملارنى خانىۋەيران قىلىۋەتسۇنكى ، ئۇلار مۇسۇلمانلارغا تىكىلىپ قاراشقىمۇ جۇرئەت قىلالمىسۇن. امين!....

ماڭا چاپلانغان بارچە تۆھمەتلەر ئارىسىدا مەن گۇناھسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8400
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5254
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 268 سائەت
تىزىم: 2010-8-29
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 05:31:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارمىينىڭ قۇرال كۈچى ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى قۇلىغا ئېلىۋېلىشى ئىنقىلاب ھىسابلىنامدۇ؟

ئىملا دەۋاگەرى!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6811
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 907 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2013-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 05:34:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسى رەققاسلار، تاماشابىنلارنىڭ دەسسىلىپ ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن پەرۋايى پەلەك رەققاسلار!

ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1485
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5759
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 05:40:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمانلارنى پاناھىڭدا ساقلىغايسە!

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ماڭا چاپلانغان بارچە تۆھمەتلەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3467
يازما سانى: 397
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11453
تۆھپە نۇمۇرى: 625
توردا: 543 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2013-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 05:42:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
0355 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-30 05:31 PM
ئارمىينىڭ قۇرال كۈچى ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى قۇلىغا ئېلى ...

ئۇ.سىياسى ئۆزگۈرۈش

ماڭا چاپلانغان بارچە تۆھمەتلەر ئارىسىدا مەن گۇناھسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1033
يازما سانى: 339
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10488
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 3352 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2013-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 05:44:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا ،چەتئەللەردە دۆلەت ئاتىلىرىنىڭ تۈزۈك ھوقۇقىمۇ بولمايدىكەن، بەش يىل دەپ سايلانسا كېلەر يىلىلاموللاق ئاتتۇردىكەن ئۇلارمۇ قۇرۇق مەنسەپنىلا تۇتماي ھەربى ھوقۇقنىمۇ بىرگە تۇتسا50يىل ئەمەس500يىلمۇ ھېچكىم تەۋرىتەلمەيتى..

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش