|
|
|
|
بۇ ئۆتنە ئالەم ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن يېقىندا يېزىلىق شىپاخانىدا ئاسما ئۇكۇل ئېلۋېتىپ، ئايالىنى داۋالىتىش ئۈچۈن كەلگەن بىر دېھقان بىلەن ھەمسۆھبەت بۇلۇپ قالدىم. پاراڭ ئارلىقىدا ئۇ مېنىڭ «نەچچە پەرزەنىتلىرى بار؟» دىگەن سۇئالىمغا جاۋاپ بىرىۋېتىپ، ئاۋازى بۇغۇلۇپ، يىغلامسىراشقا باشلىدى. مەن ھەيران بۇلۇپ سەۋەبىنى سورىۋىدىم، بىچارە دېھقان تۆكۈلۈپلا كەتتى. ئەسلىدە، بۇ دېھقاننىڭ ئىككى قىزى، بىر ئوغلى بۇلۇپ، چوڭ قىزى ئۇنىڭغا ئۆگەي ئىكەن. دېھقان ئۇنى قىلچىمۇ ئۆگەيلىمەي، ھەممە باللىرىنى تەڭ كۆرۈپ بېقىپ چوڭ قىپتۇ، ئوقۇتۇپتۇ، تۇرمۇشلۇق قىپتۇ. كىم بىلسۇن؟ چوڭ قىزى ياتلىق بۇلۇپلا بۇ ئۆيدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپتۇ. ئالدىنقى يىلى ئۇنىڭ ئىرى سۇ تالىشىپ دېھقاننى (قېينىئاتىسىنى) ئۇرۇپ، بىر قولىنى سۇندۇرۋىتىپتۇ، شۇنداقتىمۇ بۇ دېھقان يەنىلا قىزلىرىغا ئۆزى تېرىۋاتقان يەرلىرىدىن بۆلۈپ بىرىپ، تۇرمۇشىغا كۈچىنىڭ بارىچە ياردەم قىلىپ تۇرۋاتقان بولسىمۇ، ئۆلۈشكۈن ئىككى قىزى تەڭلا كىلىپ «باللىرىمىزنى بېقىپ بەرمىدىڭ، ئىشلىرىمىزغا قاراشمىدىڭ!» دىيىشىپ ئاپىسىنى تىللاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئايالى ئىچ ئاغرىقى تارتىپ ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاچقا، دېھقان ئۇنى داۋالاتقلى ئەكەلگەن ئىكەن. دېھقان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا «ھەي ئىسىت، ‹ھايۋان بالىسىنى باقساڭ ئاغزى-بۇرنۇڭنى ياغ ئېتەر، ئادەم بالىسىنى باقساڭ ئاغزى-بۇرنۇڭنى قان ئېتەر› دېگەن گەپ ھەقىقەتەن راسىتكەن. چوڭ قىلىپ قويسام، ئەمدىلىكتە قىلغىنىمغا بىر-بىرلەپ پۇشايمان قىلدۇرۋاتىدۇ...» دەپ ئۆكۈنۈپ، ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. دېھقاننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ مېنىڭمۇ ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ قالدى. دەرھەقىقەت! ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن كۈچلۈك ئەخلاقىي قاراشنىڭ تۈرتكىسى بىلەن جەمئىيەت تەرەقىياتىدا باشتىن-ئاخىر ئەدەپ-ئەخلاق، شەرم-ھايانى ئەڭ يۈكسەك ئۇرۇنغا قۇيۇپ كەلگەن بولساقمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بىرى، ئىجىتمائى ئەخلاققا مۇخالىپ ھالدىكى ناشايان قىلمىشلار، پەسكەشلىكلەر سەل-پەل كۆپىيىپ قالدى. بەس! بۇ يەردە مەن ئاشۇ دېھقاننىڭ قىزلىرىدەك نۇمۇسسىز قىلىقلارنى قىلىشىۋاتقان ئايرىم كىشلەرگە پەقەتلا شۇنداق سۇئال قويماقچىمەنكى، چوڭ بۇلۋېلىپلا ئاتا-ئانىمىزنى قاقشاتساق، كەلگۈسىدە باللىرىمىزدىن بىزگە قانچىلىك يانار؟ جەمئىيەت بىزگە قانداق كۆزدە قارار؟ ئەجىبا، بۇ ئۆتنە ئالەم ئەمەسمىدۇ؟! («شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتېيى» ژۇرنىلىنىڭ 2006-يىللىق 8-سانىدا ئېلان قىلىنغان) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-30 09:05 PM
|
|
|
|
|
|