مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 557|ئىنكاس: 10

چىلە پۇرىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قاراڭغۇدىن زارل

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17347
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7926
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2013-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 03:13:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

چىلە پۇرىقى

ئەزىز ئەيسا

(ھېكايە)

كەچتە قىرائەتخانامغا كىرىپ كىتاپ  كۈرۈپ ئولتۇراتتىم، بىردىنلا تىلفۇنۇم سايرىدى ۋەمەركىزى شەھەردىكى  قايسى بىر ئاخبارات-نەشىريات باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان نەۋرە ئىنىم  مەتياقۇپ قىزغىن سالام سائەتتىن كېيىن ئۈزىنىڭ بۇ شەھەرگە چۈشتىن كىيىنلا خىزمەت ئۈچۈن يىتىپ كەلگەنلىگىنى ،مۇشۇ ۋاقىتتىكى كەچلىك ئارامدىن پايدىلىپ ھازىرلا مىنى  يوقلاپ  ئۈيۈمگە كىلىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ  تىلفۇننى قۇيۇۋەتتى. شۇئان بۇرنۇمغا سېسىق چىلە پۇرىقى بۇراپ سەل بىئارام  بۇلۇشقا باشلىدىم. چۈنكى  بۇ نەۋرە ئىنىمنى مەن ئوبدان چۈشىنەتتىم .نەۋرەئىنىم بىلەن مەن گەرچە يۇمغاقسۈتنىڭ ئۇرىغىدەك يىراق ئۇرۇق تۇغقان  بولساقمۇ خۇددى قوغۇن پىلىكى  بىلەن شۇمبۇيىدەك ئەسلىدىن كىلىشەلمەيتتۇق.بۇلۇپمۇ نەۋرە ئىنىم مەتياقۇپ گەرچە مەندىن كىچىك بولسىمۇ  مىنى ئۇچرىتىپلا قالسا ئاتايىن ئۈزىنى رەھبەر باشقۇرغۇچى  كۆرسىتىشقا تىرىشىپ ؛

-ئاكا قانداق ئەھۋالىڭىز ،يەنە بىرنەرسىلەرنى يېزىۋاتامسىز .ھە…مەن  سىزگە يەنە ئالاھىدە شۇنى ئەسكەرتىپ قۇياي-؛ئەمدى يەنە قالايمىقان بىرنەرسىلەرنى يېزىپيۈرمەڭ بۇلامدۇ؟  بۇلۇپمۇ يەنە  قاراڭغۇ تەرەپلەرنى يازىمەن دەپ ئېغىزىڭىزغاكەلگەنچە بىرنەرسىلەنى يېزىپ يۈرمەڭ. مۇمكىن بولسا پارتىيىنى ئىسلاھاتنى باياشاتلىقنى،ياخشى ئىش-پائالىيەتلەرنى،بۇلۇپمۇ رەئىسلەرنى رەھبەرلەرنى ماختاپ يېزىڭ. مۇشۇنداق قىلسىڭىز يازمىڭىز ئۈچۈن ھەريىلى تۈرلۈك  مۇكاپاتلارنى ئىشەنچىلىك ئېلىپ بىرىشكە مانا مەن ھۆددە قىلىمەن .بۇگىپىم راس جۇمۇ ئاكا ؟!يەنە  مەن دىگەندەك قىلسىڭىز، ھەر ئاتاقلىق يازغۇچى-شائىرلار ھەۋەس قىلىپ ئالالمايۋاتقان، دۆلەت دەرىجىلىك بىرىنچى ياكى ئالاھىدەدەرىجىلىك "يازغۇچى ""شائىر "دىگەندەك  ئۆنىۋانمۇ ئېلىپ بىرىمەن...دەپ پات پات ئاتايىن  مەخسۇس ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان بۇ ئىنىم كەلسە يەنە ماڭا كۈڭۈل بۈلۈپ "ئۇنىيازماڭ،""بۇنى يازماڭ"- دەپ بۇيرۇق  بىرىرىدىغانلىغى ئېنىق ئىدى .ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇققانلار ئىچىدە گەرچە تۇققاندارچىلىقتىن كىچىشىپ يۈز ئۆرۇشۇپ كەتمىسەكمۇ ئەمما  ئىككىمىزنىڭ ئاسىتىرتتىن ئېقىمىز كىلىشمەيدىغانلىغىنى ھەممە تۇققانلارغىمۇ ئايان ئىدى  .بۇلۇپمۇ نەۋرە ئىنىم ئۆيلىنىدىغان ۋاقىتتا كۈڭۈلنى ئاچچىق قىلىدىغان بىر ئىش مىنى تۇلىمۇ ئەپسۇسلاندۇرغان ئىدى .نەۋرە ئىنىم -شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىگە ئۇرۇنلۇشۇپ،بىر يىل بۇلا بولماي تۇققانلار ئىچىدىكى بىر مېھماندارچىلىقتا پات  يېقىندا توي قىلىدىغانلىغىنى ئۇشتۇمتۇت جاكارلىدى. ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ تۇيى خەيىرلىك ئىش بولغاچقا بىزمۇ كۆڭلىمىزدە بۇ توي ئىشنىڭ ئۇتۇقلۇق خەيىرلىك بۇلىشىنى تىلەشتۇق .بىراق مۇشۇ خەۋەر تارقىلپ  ئۇزۇنغا قالماي تۇنۇش - بىلىشلەرئۇرۇق-تۇققانلارئاغزىدىن نەۋرە ئىنىم مەتياقۇپ توي قىلىدىغان قىز توغرۇلۇق ھەرخىل-ھەرياڭزا ئەپقاچتى گەپ تارقىلىشقا باشلىدى. باشتا پىتنە-پاساتقا چىقىرىپ  ئەپقاچتى گەپلەرگە بەك پەرۋا قىلىپ كەتمىدىم. ئەمما بارا-بارا يېقىنلارنىڭ؛-<<نەۋرە ئىنىڭ مەتياقۇپ ئەقلىدىن ئادىشىپ قالمىغاندۇ؟ نەۋرە ئىنىڭ توي  قىلىدىغان  ئۇ قىز بىلەن مۇئاۋىن ۋالىXX.نىڭ نورمال  بولمىغان  ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى شەھەردىكى ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئاشكارە مەخپىيەت تۇرسا.  يەنە...ھەي..بولدى سەن غۇرۇرۇڭ كۈچلۈك ،ئۈزۈڭ پاكىز ياشىغان ئادەم بولغاچقا بىز سىنى ئويلىدۇق جۇمۇ ؟بىزنى ھەرگىز قۇرۇق گەپ تېپىۋاتىدۇ -دەپ  ئويلاپ قالما.بۇدىگەن ئەرخەقنىڭ يۈزى،شان شەرەپ -نۇمۇس مەىسىلىسى.>>دىگەن كەسكىن ئاگاھلاندۇرىشىغا دۇچ كەلدىم. ئاخىر بۇ ئىشقا مەن ئارىلاشمىسام  بولمايدىغانلىغىنى ھېس قىلىپ، بىر كۈنى ئىنىم مەتياقۇپنى ئۈيۈمگە چاقىرىتتىم. مەن  گەپنى ئەگىتىپ ئېغىزىمدىن ئۇ ئۆيلىنىدىغان قىزنىڭ ئىسمى چىقىپ بولغىچە ئۇ تۇغما مەمەدانلىق تالانتى بىلەن كەسكىن تەلەپپۇزدا قۇلىنى ‹‹بولدى گەپ قىلماڭ ››دىگەن  ئىشارىدە كۇتۇرۇپ سۆزلەپلا كەتتى ؛-

-ھە..بىلدىم،بىلدىم…  سىزمۇ شۇ باشقىلارغا ئوخشاش ماڭا ئالدىن-ئالا ئەسكەرتمەكچى ؛ <سەن توي قىلىدىغان ئۇ قىز بىلەن توي قىلما ،ئۇ قىزنىڭ مۇئاۋىن ۋالى بىلەن ھېلىقىدەك مۇناسىۋىتى بار...دىمەكچىمۇ ؟بىلىمەن سىز شۇنى دىمەكچى ،سىز دىمىسىڭىزمۇ  مەن بۇ ئىشلارنى بىلەن .ھەم مەن بۇ مەسىلە ھەققىدە بۇرۇنلا چوڭقۇر ئويلۇنۇپ قارار  چىقىرىپ بولغان. راس ئۇ قىز بىلەن مۇئاۋىن ۋالىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى. ئۇ قىزنىڭ يېزىقچىلىق ئىخدىدارى ياخشى،ھەم ئۈزىمۇيېزىقىمۇ بەك چىرايلىق بۇلۇپمۇ خەنزۇ يېزىقىنى شۇنداق ئۆلچەملىك يازىدۇ ھەم سۆزلەيدۇ.شۇڭا مۇئاۋىن ۋالى گەرچە ئۇ قىز ۋالى مەھكىمىسىدە ئىشلىمىسمۇ ئۇ قىزنى ئىشتىن سىرىتقى كاتىۋى قىلىۋالغان.مۇئاۋىن ۋالىنىڭ بارلىق دوكلات خۇلاسە ،پىلانلىرىنىڭ تىزىسلىرى شۇ قىزنىڭ قۇلىدىنچىقىدۇ .دىمەك  ئەھۋال شۇ؟؟ سىز ئويلاپ  بېقىڭ مەن ئۆيلىنىدىغان قىز ۋالى  بىلەن  يېقىن بولسا نىمە بۇلۇپتۇ ؟؟تېخى بۇ ياخشى ئەھۋال ئەمەسمۇ ؟ئەتە ئۆگۈن ۋالى  بىلەن بېرىش-كىلىش قىلىدىغان يول ئۆزلىگىدىنلاھەل بولدى- دېگەن  گەپ. بۇنداق ياخشىمۇناسىۋەت پۇرسىتىگە كىم ھەۋەس قىلمايدۇ ؟ سىز شۇنى ئويلاپ بېقىڭ ؛- ۋالى ياكى ھۇقۇقدار دىگەن بارى-بىر ھۇقۇقدار .يېنىغا كىمنى ئەكىلىمەن دىسە ئەكىلىدۇ.كىمنى كەتتۈرىۋېتىمەن دىسەكەتتۈرىۋېتىدۇ. شۇنىڭلىق بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ مۇناسىۋىتىنى يامانغا تارتىپ چۈشەنسەك  قانداق بۇلىدۇ ؟؟>…مەن، مىنىڭ نەۋرە ئىنىمدەك بىر ئەركەكنىڭ ئېغىزىدىن يۇقارقىدەك گەپ چىقىدۇ دەپ زادى ئويلىماپتىكەنمەن .شۇئان  نەۋرە ئىنىمنىڭ ئەسلىدىنلا دائىم گۆشلۈك يۈز كۆزلىرى تەرلەپلە تۇرىدىغان ئوبدانلاسەمىرىپ قۇرساق سالغان دىخماق بەدىنىدىن گۈپۈلدەپ كىلىۋاتقان چارۋا قوتىنىدىكى چىرىندىلەردىن  چىقىدىغان سېسىق  چىلە پۇرىقىنىڭ  كىلىۋاتقانلىغىنى ھېس قىلىپ سەسكىنىپ كەتتىم  .شۇنداقتىمۇ مەن بۇخىل ئەھۋالنى ئەقلىمگە  زادىلا سىغدۇرالماي يەنە ئوبدانراق تەكرارئويلۇنۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدىم. ئەمما نەۋرەئىنىم مىنىڭ سۆزلىرىمىنى ئازراق بولسىمۇ  ئاڭلاشتا يوق  يېڭى ئەسىردە ئىدىيەمنى تىزراق ئازات قىلىشىمنىڭ،نەزەر دائىرەمنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشۈمنىڭ لازىملىغىنى تاپىلاپ پىشىنى قېقىپ ئۈيۈمدىن  چىقىپ كەتتى.

ئىسىت!!ئۇرۇق- تۇغقۇنۇم- دەپ ئېغىز ئۇپرىتىپ مۇشۇنداق ئادەمگە گەپ قىلغىنىمغا بەك پۇشايمان قىلدىم .نەۋرە ئىنىم ئۇزۇن قالمايكاتتا توي قىلدى. بۇ تويغا خۇددى ئۈستى-بېشىغامەينەت گەندە-سۈيدۈك يۈقۈپ قالغان ئادەمدەك قورۇنۇپ قىسىلىپ  تۇرۇپ  قاتناشتىم. ئەقلىمنى تېخىمۇ ھەيران قىلغىنى شۇكى گەرچە بىزنىڭ ھىچقانداق ئۇرۇق تۇققىنىمىز شەھەر ۋە ۋىلايەتتە يۇقۇرى دەرىجىلىك  رەھبەر  بولمىسۇ بۇ تويغا شەھەر،ۋەۋىلايەتتىكى مۇھىم رەھبەرلەر قەدەم تەشرىپ قىلغان ئىدى. ۋە يەنە توي كۈچۈرگەن  پىكاپلارنىڭ كۆپلىگى سەرخىل-ئىسىلىغىدىن ئادەمنىڭ كۆزلىرى ئالاق جالاق بۇلاتتى .شۇنداق قىلىپ نەۋرە ئىنىم توي قىلىپ بىر يىلغا قالماي ئۈزى ئىشلەۋاتقان ئىدارىدە بۈلۈم باشلىغى،يەنەبىريىل ئۆتكەندىن كىيىن مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقلىغىغا ئۆستۈرۈلدى .نەۋرە ئىنىم ئۆستۇرۇلۇپ ئۇزۇنغا قالماي ھېلىقى مۇئاۋىن ۋالى XX.ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ قايسى بىر نازارىتىگە ئۈسۈپ،يۆتكۈلۈپ كەتتى .يەنە ئۇزۇنغا قالماي ئىنىم ئەر-خۇتۇنمۇ ئۈرۈمچىىگە ئاپتۇماتىك ئۆستۈرۈلۈپ يۆتكۈلۈپ  كەتتى .نەۋرە ئىنىم مەتياقۇپنىڭ نەزىرىدە ئىشلار ئۈزى ئەينى ۋاقىتتا ماڭا دىگەندىن  مۇ تىزلىكتە "ياخشى "تەرىپىگە تارتقان ئىدى . مەن نەۋرە ئىنىمنىڭ" ئىدىيىسى،،نىڭ بۇ دەرىجىدە ھەمچۇڭقۇر،ھەم تىز <<ئازات>> بۇلۇپ كەتكەنلىگىنى  ھېلىھەممۇ ئەقلىمگە زادىلا سىغدۇرالماي يۇرۇيمەن.شۇڭائىنىم ئىسىمگە كەلسىلا دەرھاللا بۇرنۇمغا سېسق چىلە  پۇرىقى پۇرايدۇ؟مانا مۇشۇ ئىنىم بۈگۈن ھازىرلامىنى يوقلاپ كەلمەكچى بولغان ئىدى.

ئىشىكنىڭ يىنىكچىكىلىشى مىنى يۇقارقى قاڭسۇق كۈڭۈلسىز خىيالدىن ئويغاتتى .ئايالىم ئىشىكنى ئاچقانئىدى دەل شۇ نەۋرە ئىنىمنىڭ خۇددى ئايالنىڭ ئاۋازىدەك ئىنچىكەھەم تەككەببۇرانە ئاۋازى.شۇ نەۋرە  ئىنىم ھەققىدىكى خىيالنىڭ غەيۋىتىنى سۇرۇپ ئولتۇرسام ئۈزى كىلىپ قالغىنىنى كۆرمەمدىغان؟<<ئەسكى ئادەم گەپ ئۈستىگە>> دىگەن مۇشۇمىكىنە ؟مەن چاندۇرماستىن ئۇنى مېھمانخانىگەباشلىدىم .بىز قىسقىچە ئامانلىق سورىشىپ بولغىچە ئايالىممۇ داستۇرخان راسلاپ چاي ،تاتلىقتۈرۈم ،مېۋە چېۋە  كەلتۇرۇپ ئۈلگۈردى . ئۇبىرتال سۇت پىرەنىكنى ئاغزىغا سالغاچ ئالمان تالمان يەنە مەندىن كونا ئەندىشىسى ھەققىدىكى سۇئالنى سوراشقا  باشلىدى؛-

-قانداق ،ئاكا يەنە يېزىۋاتامسىز .

-نەتىنجە ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ ...ئەمما توختاپ قالمىدىم  .

-مەن ئۈرۈمچىدىكى بىرقىسىم ئۇزۇن قۇلاق زىيالىلاردىن ئاڭلىشىمچەسىز << قۇچقاچ يېغىلىغى>>دىگەن رۇمانىڭىزنى يېزىپ تاماملاپ نەشىرياتقاسۇندى -دەپ ئاڭلىدىمغۇ ؟

دەل مەن ئويلىغان ئىش يۈزبەردى .مەن بۇ ئەسرىمگەچۇقۇم نەۋرى ئىنىم مەتياقۇپ ھامان بىر كۈنى يوق يەردىن تۈك چىقىرىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئىشلار ئويلىغىنىمدەك بولدى .ئامالسىز چۈشەندۇرۇشكە باشلىدىم.

-شۇنداقراق...قالغىنىنى ھەقىقى نەشىر قىلىنغاندا بىرنەرسە دىگىلى  بۇلار.

-شۇنداق قىلىپ بىر" يېغىلىق،ياكى قوزغۇلاڭ ھەققىدە بىرنەرسە يازدىم "دەڭ!!! –ئۇ تاماكىدىن بىر تۇتاشتۇرىۋېلىپ پۇتىنى تۈزۈكلەتتىن ئالماشتۇرۇپ ئولتۇرۇپ  كەسكىىن تەلەپپۇزدا سۈزىنى داۋاملاشتۇردى .

-ماڭا قاراڭ ئاكا ھازىر رايۇنىمىزدا جەمىيەت مۇقىملىغى ھەممىدىنمۇھىم ئۇرۇنغا قۇيۇلىۋاتسا ،سىز يەنە خۇدددى پۇقرالارنى قۇتىراتقاندەك قىلىپ"قوزغۇلاڭ"" يېغىلىق" ھەققىدە بىرنەرسىلەرنى يېزىپ يۈرسىڭىزبۇ ئەمدى قانداق بولغىنى ؟؟

-... ئۇ دىگەن تارىختا ھەقىقى يۈزبەرگەن ۋەقەلىك تۇرسا .بەرىبىرھازىرقى دەۋىربىلەن ئازراقمۇ ئالاقىسى بولمىغان تارىختە .

-بولمايدۇ،تارىخ بولسىمۇ بولمايدۇ ؟نۆۋەتتىكى مۇقىملىققا زىيان يىتىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى يازسىڭىز بولمايدۇ .مەن يەنە <<قېچىرنىڭ  تەرجىمىھالى>> دىگەن ھىكايىڭىزنى ئۇقۇدۇم.قارىسام ئۈرۈمچىدە مۇشۇ ئەسەرھەققىدە زىيالىلار ئارىسىدا چوڭ غۇل-غۇلا بۇلۇپ كىتىپتۇ؟بىرقىسىم ئوت قۇيرۇق،تۇزكۆر قىتىغۇر زىيالىلار سىزنىڭ ئۇئەسىرىڭىزنى "بەك ياخشى چىقىپتۇ ؟بەك ئۇتۇقلۇق چىققان ھەجۋى ئەسەركەن"دەپ ماختىشىپلا كىتىپتۇ.مەن دەرھال بىزنىڭ ئىشخانىدىكى مۇتەخەسسىلەرگە ئۇئەسەرنى  ئۇقۇتۇپ مەخسۇس تەتقىق قىلغۇزسام ،تىغ ئۇچىنى بىرقىسىم رەھبەرلەرگە، چىرىكلىككەقارىتىپتۇ دەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسەرنى باسقان ژورنالنى دەرھال نەشىردىن توختۇتۇپ  ئاپتۇرغا خىزمەتتىن قالدۇرۇش چارىسى كۈرۈڭلار دەپ تەستىق سېلىپ بۇلۇپ ،ئاپتۇرى كىمكەن؟ دەپ سورىسام ،دەل سىزنىڭ  ئىسمىڭىزنى چىقارمامدىغان؟ئۇنداق ئويلاپ،بۇنداق ئويلاپ نىمىلا دىگەن بىلەن سىز مىنىڭ تاغام تۇققۇنۇم  ئەمەسمۇ؟  شۇنىڭ بىلەن تەستىقىنى ئاستاتارتمىغا سېلىۋەتتىم. سىزمۇ مۇشۇ كۈنلەردە ياشانغانچە باش-باشتاق  بۇلۇپ كىتىپ بارىسىز . مەن دىدىمغۇ  سىزگە نىمىشقا مۇشۇ ياخشى دەۋىرنى ،مىللەتلەرئىتتىپاقلىغىنى باي بۇلۇشنى ،رەھبەرنى مەدھىيلەپ يازمايسىز؟دەپ .

مەن سىلىق  ئاساستا ئۈزۈمنى يەنەئاقلىماقچى بولدۇم ؛

-ئۇكام، بولدى تارىخ ئىلمىنىغۇ دىمەيلا قۇيايلى، خەلىق ئىچىدىكى بەزى ناچار ئىللەتلەرنى تەنقىتلەش ،قامچىلاش شۇ ئارقىلىق كىشىلەر ئىچىدىكى مەنىۋى مەدەنىيەت سۈپىتىنى  يۇقۇرى كۈتەرگىلى،جەمىيەت تەرەققىياتىنى ئالغاسۇرۇپ ياخشىلىغىلى بۇلىدۇ ئەمەىسمۇ؟بۇ ئەمىلىيەتتە تۆھبە ئەمسمۇ؟

-ياق!ياق! بۇ تۆھبە ئەمەس !قۇترات قۇلۇق ! قالايمىقانچىلىق زىدىيەت  پەيدا قىلىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .سىز يەنە سىياسى ئۈگۈنۈشنى ياخشى قىلىپ  ئىدىيىڭىزنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ئاساستا ئازات قىلسىڭىز بولغۇدەك؟ نىمىشقا  دىسىڭىز ،رەھبەرنى تەڭقىتلىگەنلىك، يىغىپ  ئېيتقاندا ھۈكىمىتىمىزنى ،ھاكىمىيەتنى تەڭقىتلىگەنلىك.ھۈكۈمەتنى تەڭقىتلىگەنلىك  كىچىك ئىشمۇ ؟ئويلاپ بېقىڭ بۇرۇن  مۇشۇنداق ئەسەرلەر بەك كۆپ يېزىلىپ ئېلان قىلىنىپ كەتتى. مەسىلەن؛-<<ئىز>><<بالدۇر ئويغانغان ئادەم>>دەمدۇ يەنە <<ئانايۇرت>> دەمدۇ،ئىشقىلىپ خەلىقنى قۇترىتىدىغان، قالايمىقانچىلىق پەيداقىلىدىغان ئەسەرلەر.شۇنداق ئەخلەت ئەسەرلەرنىڭ ناچارتەسىرىدە ئالدىنقى نەچچە  يىللار ئەتراپىدا بىر مەزگىل ئىدىيىۋى جەھەتتەتەتۈر شامال كۈتىرىلمىدىمۇ؟سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ئۇئەسەرلەرنىڭ خەلىققە دولەتكە زادى نىمە پايدىسى؟تىنىچ  خەلىقنى قۇتراتقاننىڭ زادى نىمى ئەھمىيىتى بار؟ شۇ ئەسەرلەر مانا ھازىريېزىلىدىغان  بولسا ھەرگىز كىتاپ بۇلۇپ  بېسىلمايدۇ.ئېلان قىلىنمايدۇ !شەخسەن ئۈزەم بىر قوللۇق تەستىق سېلىپ ئۇنداق ساغلام  بولمىغان ئەسەرلەرنى ھەرگىزباستۇرمايتتىم! مانا ھازىر مىنىڭ باشچىلىغىمدىكى جاپالىق خىزمىتىمىزنىڭ نەتىنجىسىدە ئىدىيىدە قالايمىقانچىلىق پەيدە قىلىدىغان ئەسەرلەر بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر ئىسىرلەر زادىلا بېسىلمايدۇ.ئەمما ئاكا سىز زادىگەپ ئاڭلىماي كىتىپ بارىسىز. سىزگە قانداق چۈشەندۈرسەم ئاڭلىق چۈشۈنىسىز -ھە؟؟           نەۋرە ئىنىم تارىختىن مىسال ئېلىپسۆزلەشكە باشلىدى ؛-

سىز گە تارىختىكى  پۇلاتتەك مۇنداق بىر مىسالنى سۆزلەپ بىرەي ؛خەن سۇلالىسى دەۋرىدە پادىشا خەن ۋۇدى نىمىشقا ئىلىم ئەھلىلىرىنى تىرىك كۈمۈپ كىتاپ نامىلەرنى كۆيدۈرگەن؟بىلەمسىز ؟؟خەن دەۋرىدە ئاتالمىش ئۆلىمالار كىم  ئېغىزىغا نىمە كەلسە شۇنى يېزىپ ،پۇقرالارنىڭ ئىدىيىسىنى قالايمىقانلاشتۇرغان.پادىشاھلىقتا مۇقىمسىزلىق كەلتۇرۇپ چىقارغان. ئەگەر پادىشاخەنۋۇدى شۇنداق  قالايمىقانچىلىققا قارىتا دەرھال تەدبىر قوللىنىپ خورىگى ئۆسكەن ئىلىمكار  زىيالىلارنى موللىلارنى تىرىك كۈمۈپ ،ئەخلەت  كىتاپلارنى دەرھال كۆيدۈرۈپ ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرمىگەن بولسا پادىشاھلىق غۇلاپ  چۈشۈش خەۋپىگە دۇچ كىلەتتى بىلەمسىز !؟

بارغانچە   ئۆز سەپسەتىسىنى  ئەزۋەيلىگىلى تۇرغان نەۋرە ئىنىمنىڭ يۇقارقىقاراشلىرىغا تۈزۈتۈش بەردىم ، گىپىنى  بۈلۈپ تۇرۇپ  ؛

-ماڭا قاراڭ ئۇكام ،ئۇدىگەن فىۋىداللىق دەۋرىدىكى پادىشاھلىق زامان.ھازىرسىزگىمۇ ئايان ،يىگىرمە بىرىنچى ئەسىر.دەۋىر ئوخشىمايدۇ.ئۇنى دىمىگەندىمۇ  خەن دەۋرىدە ئۆلىمالار،پۇقرالار ؛- پادىشا ۋەئەمەلدارلارنى ئەيشى ئىشرەتكە بىرىلدى، چىرىكلەشتى .ھاكىمىيەت ئاجىزلاپ كەتتى...ئەمەلدارلارنىڭ دۆلەت ،پۇقرا بىلەن كارى بولمىدى..دەپ تەڭقىت قىلغان .

-ياق!ياق!

نەۋرە  ئىنىم يەنە كەسكىن رەت قىلدى ،ئۈزىنىڭچۈشەنچىسىنى چايناپ ،كۆكۈرۈپ سۈزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ؛

-پادىشاھلىق زامان بولسا نىمە بۇلۇپتۇ ؟؟ھەممىدىن مۇھىمى دۆلەتنىڭ بىرلىگى،جەمىيەتنىڭ مۇقىملىغى،ئىناقلىغى مۇھىمغۇ؟ يەنە "ئەمەلدارلار چىرىكلەشتى، ئەيشى-ئشرەتكە بىرىلدى" دەپ خالىغاننى يېزىپ،رەھبەرلەرنى كۆزگە ئىلمىسا بۇلامدۇ ؟يەنەكىلىپ ھازىر دۆلىتىمىزدە ئىخدىسات تەرەققى قىلىپ، ھەممە ئادەم بېيىدى ھەم يەنىمۇ بېيىشقا  قەدەم ئالماقتا .ئەمەلدارلار پۇقرالار بىلەن بىرگە باي بولسا ...ئازراق راھەت  پاراغەت سۈرسە نىمە بۇلۇپتۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەمەلدارلارنىڭ ئات مىنىشى خىزمەت  ئېھتىياجى ئۈچۈنغۇ ؟

نەۋرە ئىنىمنىڭ  يەنە نىمىلەرنى دىگەنلىگى بارا-بارا قۇلۇغۇمغا كىرمىدى . ئەندىشىلىك خىيال بۇلۇتلىرىم ھەريان چېچىلىپ،مانايقىماقتا ئىدى .

نەۋرە ئىنىم  ۋەز-نەسىھەتلىرىنىڭ ئاخىرىدا مىنىڭ بەك دىققەت قىلىشىمنىڭ لازىملىغىنى ناۋادا  كۈتۈلمىگەن ناچار ئاقىۋەت كىلىپ چىقسا ئۈزۈمنىڭ جاۋاپ قىلىدىغانلىقىمنى،ئۈزىنىڭمۇچارىسىز ئىكەنلىگىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ۋەز-نەسىھەتلىرى  تۈگەتتى. مەنمۇ شەكلەن  بولسىمۇ تۇغقاندارچىلىق يۈزىسىدىن ماقۇللۇق  بىلدۇرۇپ ئۇنى چىرايلىق ئۇزۇتۇپ قويدۇم ۋە قىرائەتخانامغا كىرىپ كەيپىم ئۇچۇپ  تاماكامنى بۇلۇق چىكىپ خىيال دېڭىزىغا غەرىق  بۇلۇپ كىتىپتىمەن.بىردىنلا ئالتە ياشلىق نەۋرە قىزىم تۇمارىس چىرايلىق  قۇشۇمىلىرىنى تۈرگىنىچە قىرائەتخانامغا كىرىپ مىنى ئەيىپلىگىلى تۈردى ؛

-دادا سىز يەنەتاماكا چىكىپسىزغۇ؟ چەكمەيمەن دىگەن ئىدىڭىزغۇ؟كىسىلىڭىز يەنە ئېغىرلىشىپ كەتسە قانداق قىلىمىز ؟

-ماقۇل، تاتلىق قىزىم ماقۇل، مانا چەكمەي بۇلامدۇ؟

مەن نەۋرە  قىزىمنىڭ سەمىمى تەڭقىدىدىن ھەم خىجىللىق ،ھەم  قايىللىق بىلەن قۇلۇمدىكى تاماكىنى دەرھاللا ئۈچۈردۇم ۋە دەرھاللا شۇنداق پىكىرخىيالىمدىن كەچتى <<توغرا !ئەدىپلەرنىڭ ،زىيالىلارنىڭ رەھبەرلەر-ئەمەلدارلارنى چىرىكلەشمەڭ پۇقرالارنى ئۇنتۇپ قالماڭ>> ..دىگەندەك  تەڭقىتلىرىمۇ خۇددى قىزىمنىڭ يۇقارقى ماڭا پايدىلىق تەڭقىتىگە ئوخشاش ،ئۆزلىرى  ئۈچۈن،ئەڭ مۇھىمى دۆلەت ،جەمىيەت ئۈچۈن زۈرۈر بولغان دۆستانە  تەڭقىت،شۇنداقلا سەمىمى  مەسئۇلىيىتەتچانلىق ئەمەسمۇ؟ بىراق ... دىمىغىمدىن سېسىق چىلە پۇرىقى نېرى كىتىدىغاندەك ئەمەس .

ئالاھىدە ئىزاھات:بۇ ئەسەردىكى ۋەقەلىك،شەخىس  پۈتۈنلەي تۇقۇلما

(مۇشۇ خىلدىكى ئەسەرلىرىمنى مەتبۇئاتتا ئېلېان قىلالمىدىم)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koktugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-30 07:20 PM  


قاراڭغۇدىن زارلانماي شام ياندۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1033
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10527
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 3378 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 05:55:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇئەسەردە تىلغا ئېلىنغان مەتياقۇپ تەك دوپپىسىنى ئەكەل دىسە بېشىنى قوشۇپ ئەكىلىدىغان .كاللىسى بەك ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن  تۇزكور مۇناپىقلارنىڭ دەستىدىن مۇقىملىق ۋەزىيتى دەخلىگە ئۇچراۋاتىدۇ،بۇبىر توقۇلما بولسىمۇ ئەمما يۈزدەئىككى يۈز پىرسەنت ئەمەلىيەت تتىن ئېلىنىپتۇ،.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 32988
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5418 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 06:59:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنڭچە بۇ ئەسىرىڭىز نۆۋەتتە قانات يېيىۋاتقان پارتىيىنىڭ ئاممىۋىي لۇشىيەن ھەققىدىكى تەربىيە-ئەمىلىيەت پائالىيىتىگە تولىمۇ ماس كېلىدۇ.ئۆز-ئۈزىنى تەنقىت قىلىشتىن ئىبارەت ئېسىل ئىستىلغا تولىمۇ ئۇيغۇن.ئەمما تەھرىرلەر ئىشلىتىشتىن قورقىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 32988
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5418 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 07:02:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەتياقۇپ.....ھەي مەتياقۇپ  .....مەتياقۇپلار...

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1823
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5657
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 654 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 07:14:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر ئىسىرلەر زادىلا بېسىلمايدۇ
مانا بۇ بىزنىىڭ ئىنسانى ھەق -ھوقۇقلىرىمىزنىڭ ئاساسا قانۇندا يۈكسەك قوغدىلىشىدۇر.

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3427
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9975
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 829 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 07:48:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆسىلە ، باشقۇرغۇچىلار ، نىمىش قىلىۋاتسىلەر ، بۇ تېمىنى تاقىماي ، باكا ما مىسرانىم تورى ئىتىلىپ قالسا ، ئىشسىز قالماڭلار يەنە ؟

مۇنبەردە ئىتنىڭ باللىرى باركەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7863
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2158 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 08:19:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما تاقىلىشتىن ئاستا ئىنكاستىن بىرنى يىزىۋالاي ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96491
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 166
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2013-7-28
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 12:57:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىلە دېگەن نىمىدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1033
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10527
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 3378 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 11:05:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارىفە يوللىغان ۋاقتى  2013-7-31 12:57 AM
چىلە دېگەن نىمىدۇ؟

كالا-قوي ئېغىلىنىڭ پۇرىقى-قوي-كالىنىڭ پوقى

سەن خۇدادىن ئۈۆز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16551
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7587
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 12:31:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىللە پۇرىقى نىمانداق سېسىق ئىسىم بۇ،دەل جايىدا بوپتۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش