ئەدىبلەر سۆزلىرىدىن تەرمىلەر
ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر
(تەييارلىغان)
زوردۇن سابىر ھېكمەتلىرىدىن:
ياشلىق ــ ئۆگىنىش، ئىزدىنىش دەۋرى. بۇچاغدا ئىگىلىگەن بىلىم بويىقى ئۆڭمەس، غولى چىرىماس چوكا ئالتۇندەك بىلىم بولالايدۇ.
‹ئىزدىنىش› رومانىدىن
ئۇلۇغ ئىشقا بەل باغلىغان بىر ياش تەلەپچان، ۋە قەتئىي بولمىسا، ھەر قانچە ئەقىللىق بولغىنى بىلەنمۇ يېرىم يولدا توختاپ قالىدۇ.
‹ئىزدىنىش› رومانىدىن
جاپا مۇششەقىتى بولمىغان شان-شەرەپ، يالغان ۋە قەدىرسىز بولىدۇ. ھالال تەرىڭ-بەدىلىڭگە كەلگەن شان-شەرەپ ھاياتىڭدەك قەدىرلىك ۋە قىممەتلىك بولىدۇ.
‹ئىزدىنىش› رومانىدىن
ھەقىقى ئىنسان ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، تەمەخور ئادەملەرلا قاپاق تۈرىدىغان يەرگە قەستەن ھىجىيىدۇ.
‹ئىزدىنىش› رومانىدىن
دەرەخكە يوپۇرماق قانچە زۆرۈر بولسا، ئىنسانغا پەزىلەت شۇنچىلىك زۆرۈر، خۇددى نەچچە كىشىنىڭ غۇلىچى يەتمەيدىغان دەرەخنى ئادەمنىڭ كۆزىچىلىك يوپۇرماقلار ياشارتقىنىغا ئوخشاش، ئىنساندىكى ئەخلاق-پەزىلەتمۇ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەر تەمىنلەپ تۇرىدۇ.
‹ئىزدىنىش› رومانىدىن
بېلىق كۆزىنى مەرۋايىت قىلىپ باشقىلارنى ئالدايدىغانلار، ھامان ساختا نەرسىنى ھەقىقەت دەپ قارايدۇ.
‹ئىزدىنىش› رومانىدىن
ئىنسان بار ئىكەن مۇھەببەت بولىدۇ. ئىنسان ئۈچۈن مۇھەببەت يۈكسەك قدىر-قىممەتكە ئىگە بىر پەزىلەت.
‹ئىزدىنىش› رومانىدىن
بىلىم خۇددى كىيىمگە قونغان چاڭدەك كۆرۈنمەي قونىدۇ، ئاستا-ئاستا قېلىنلىشىدۇ، بىر كېچىدىلا بىلىملىك بولىۋالغان بىرمۇ ئادەم بولمىسا كېرەك. ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق، بىلىمەگ بولغان كۈچلۈك تەشنالىق بولسىلا كۈنلەر، يىللار ئۆتىرۋىرىدۇ-دە، سىز بىلىدىغان نەرسىلەر كۆپىيۋېرىدۇ، بىر ئاتالغۇ، بىر رەقەم، بىر كوپلىيت شېئىر، بىر جۈملە سۆز، بىر تەرجىمھال، بىر يىلنامە، بىر كىتابنىڭ ماۋزۇسى، بىر مەشھۇر ئادەمنىڭ ئىسمى... مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىلا بىلىم.
‹ئىزدىنىش› رومانىدىن ئىلىم-پەن ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە راۋاجلىنىشى لازىم. ۋەھالەنكى، ئىزدىنىش، سېلىشتۇرۇش، تەتقىق قىلىش ــ پەننى راۋانلاندۇرۇشنىڭ بىر قانۇنىيىتى، بۇ قانۇنىيەتنى قورقۇنىچلىق بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۋېلىش ناھايىتىمۇ زىيانلىق.
‹ئىزدىنىش› رومانىدىن
دوستلۇق ھەم بەخت، دوسلۇق مۇھەببەت بىلەن قېرىنداش، ئۇ سېنىڭ سۇلغۇن كۆڭلۈڭگە مەلھەم، يۈرەكنى قاپلىغان دەرد-ئەلەمنىڭ بۇلۇتلىرىنى سۈرۈپ چىقارغۇچى سەلكىن شامال. دوستلۇق لەززىتى سېنى ھاياتنى، ئىنساننى، ئۆزۈڭ قەدىرلەپ ياشاۋاتقان ماكاننى سۆيۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.
‹ئىزدىنىش› رومانىدىن
ھەر-ھەر ئېغەرچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئادەملەر ــ ھامان خۇشاللىقنى كەلگۈسىگە بېغىشلىغانلار، ئۇلار كەلگۈسىدە ھەممە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، دەيدۇ-دە، مۆرىسىدىن تاغدەك ئېغىرچىلىق بېسىپ تۇرسىمۇ، ئۆزىنى يىنىك ۋە چەبدەس ھېس قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئاددى: كەلگۈسى گەرچە ئاسماندىكى يۇلتۇز، قول يەتمەيدىغان مېۋە بولسىمۇ شېرىن ۋە گۈزەل، چۈنكى ئۇ غايە، ئارزۇ! ئارزۇ ــ ئىنساننى ئۈمىدلەندۈرگۈچى كۈچ. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئۇنىڭغا ئلدىرايسەن، جان پىدا قىلىسەن.
‹ئىزدىنىش› رومانىدىن
بەزىلەر ئۈچۈن پۇل ــ يۈرەك. پۇل يۈزىدىكى رەڭ ــ قان، پۇل خۇشاللىق ۋە ئۆلۈم... راست شۇنداق، پۇلى بولۇش ياكى كۆپىيىش بىلەن بەزىلەرنىڭ يۈرىكى چوڭىيىدۇ، كۈچىيىدۇ، يۈزىدە قان، رەڭ پەيدا بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئۆزىنى تەڭداشسىز گۈزەل چاغلاپ، خۇددى ئۇيقۇسى قانغان دىۋىدەك خۇشال بولىدۇ. ئەكىسچە پۇلى ئازايسا ياكى يوقالسا، ئۇلارنىڭ يۈرىكى ئاغرىيدۇ، ھەتتا توختايدۇ، يۈزىدە بولسا قان-رەڭ قالمايدۇ، گويا ئەپسانىلەردىكى چېچى كېسىۋېلىنغان ئالۋاستىدەك پەرىشان بولىدۇ، ھەتتا ئۆلىدۇ... بۇ، دۇنيادىكى پەسكەشلەرنىڭ خۇسۇسىيىتى.
‹ئىزدىنىش› رومانىدىن
ئالتۇن بىلەن چالمىنى پەرق قىلالمايدىغان باشلىقلار ھەممىلا جايدا تېپىلىدۇ، بڭز شڭنجاڭلىقلار زىيان تارتساق مانا مۇشۇنداقلارنىڭ كاساپىتىدىن زىيان تارتىمىز.
‹ئىزدىنىش› رومانىدىن
ھايات ئۆز قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. پاكلىق بىلەن رەزىللىك، گۈزەللىك بىلەن ۋەھشىيلىك، ھەقىقەت بىلەن ساختىلىق مەڭگۈ كۈرەش قىلىرۋېرىدۇ. ھاياتلىق ئادەمنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، لېكىن، ئادەملەر ھايات قانۇنىيەتلىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
‹ئىزدىنىش› رومانىدىن
...........................................
توختى مۇھەممەت ئارىش ھېكمەتلىرىدىن:
قارىغۇ ئالدىدىكى يولنىڭ داغداملىقىدىن سۆيۈنۈپ، چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىدۇ، نادانچۇ؟ ــ قاياققا مېڭىشىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالىدۇ.
ساددا ھېسسىيات ــ تىلەمچىنىڭ ھېسسىياتى. چۈنكى، سەن بەردىڭ، تىلەمچى دۇئا قىلدى، سېكنۇت ئۆتتى، سېنى ئۇنتۇدى.
تۈنۈگۈن ئۆتكەن تالاي ئۇلۇغ ئادەملەر بۈگۈنكىلەرگە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان، ئەسلىدە بۈگۈن شۇلار ئۇلۇغلىنىشقا تېگىشلىك ئىدى، لېكىن ئەمەلىيەتتە، باشقىلارنىڭ ئىشىدىن قۇسۇر تاپىدىغانلار ئۇلۇغلانماقتا.
ئەمەل، خۇددى يېپىنچىغا ئوخشايدۇ. سەل ئېگەلسەڭ يېپىنچا يەلكەڭدە چىڭ تۇرىدۇ، لېكىن غادىيىۋالساڭ يېپىنچا چۈشۈپ كېتىدۇ.
مىللى روھنىڭ سۇسلىشىشى ــ شۇ مىللەتنىڭ زاۋاللىقىنىڭ باشلىنىشى، ئېتقادىنىڭ سۇسلىشىشى ــ مىللەتنىڭ يوقىلىشىدۇر.
..............................................
ئەختەم ئۆمەر ھېكمەتلىرىدىن:
ھازىرقى جەمىيئەتتە ئەدەبىياتچىنىڭ گېپىنى ئەدەبىياتچىلار، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىلا قىلىدىغان بولۇپ قالدى.
‹ئۈچ ئەدىب بىلەن سۆھبەت› تىن
ھازىر بىزدە ئاياللار قوپاللىشىپ، ئەرلەر نازۇكلىشىشقا قاراپ يۈز تۇتتى. ئەرلەردىكى جەمىيئەتلىشىۋاتقان چۈشكۈنلۈك، بوشاڭلىقلار ھەقىقى
ئەرلىك روھىمىزنى يوقىتىپ قويدى.
‹ئۈچ ئەدىب بىلەن سۆھبەت› تىن
دېھقان تىلى ــ زاغرا تىلى! نېمە دېگەن گەپ بۇ؟! ئانا تىل دېمەمسەن! دېھقان تىلى ئاڭلىنىشقا خاتا ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭغا (‹دېھقان تىلى ــ زاغرا تىلى!›غا) بىر خىل كەمسىتىش يۇشۇرۇنغان. تېگىمىز دېھقان، بىز ئۇيغۇرلار دېھقان خەق. خوش، ئۆزۈڭنى ‹زىيالى› دەيسەنۇ، ئاشۇ نامىڭغا تۇشلۇق دېھقان رازى بولغۇدەك نېمە ئىش قىلىپ بەردىڭ؟ ‹ئۈچ ئەدىب بىلەن سۆھبەت› تىن
ئۈرۈمچىدىن بىر كىملەر مەلۇم بىر يۇرتقا بارسىمۇ، تۆۋەنگە باردۇق دەيدۇ، تۆۋەنگە بارغىلى سەن قانچە يۇقۇرىدا ئىدىڭ دېگۈم كېلىدۇ.
‹ئۈچ ئەدىب بىلەن سۆھبەت› تىن
...............................................
باشقىلار:
بىز ئەزەلدىن شۇنداق: دەسلەپ ھەيران قالىمىز، كۆزىمىزگە سىغمايدۇ، ياقتۇرمايمىز، ئەمما، مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن كۆنۈپ قالىمىز، ھەتتا بىز كۆنۈش سەۋەبىدىن ئۇنىڭدىن ئايرىلالماس بولۇپ قالىمىز. ئىشلار ئەزەلدىن شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىكتەك، ئۇنىڭ ھېچبىر ھەيران قالغۇچىلىكى يوقتەك، ئۇنداق بولمىاي قالسا نورمالسىزلىق بولىدىغاندەك تۇيغۇلاردا بولىمىز.
مېھرىگۈل ئابلېزنىڭ ‹كونا بازار› ھېكايىسىدىن
دېھقان دېگەن شۇنداق: قۇلىغا پۇل كىرگەن ھامان بىر قىسمىنى باج، سېلىق، سۇ پۇلىسى ۋە باشقا قەرزلىرىنى تۆلىگەندىن باشقا، قالغىنىنى يانچۇققا سېلىپ بازارغا يۈگۈرىدۇ. يىل بېشىدىن باشلاپ بالىلىرىغا، ئايالىغا، ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسىغا ئېلىپ بېرىمەن، دەپ ۋەدە قىلغان نەرسىلىرىنى ئېلىشقا باشلايدۇ، تاكى پولى تۆگىگىچە سېتىۋالىدۇ. كېلەر يىلى يىل بېشىدىن باشلاپ، يەنە ئۇن، گۆش، ياغ سېتىۋېلىشقا، سۇ پولى تۆلەشكە، ئىشلەمچى ياللاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە قەرز ئېلىشقا باشلايدۇ.
................................................
2013-يىل 26-نويابىر كېچە، كومپىيوتېردا تەييارلاندى.
ئۇتغۇر