يېتىلىۋاتقان ئەزا
ۋاقىت بىزنى قىلمىسۇن تالاق ئۇخلىمايدۇ شائىر پاشىلار ، كومۇتىلار قويار كونسېرىت . سەت چىۋىنلەر يازار تەزكىرە ، ئەۋلادىغا قالدۇرار جىلىد . تاقالماقتا كېچە چىگرىسى ، پەرۋانىلەر ياسار پاسپورت. سوپۇن قىلىپ مەھەللىلەرنى ، سەھەر نۇردا ئالىدۇ بۇرۇت . ناشتىلىققا ئوت يېقىپ قويۇپ ، قۇچقاچ نوقۇر بالىلىرىنى ، سۈت سېغىنغان قايماقچى سەھرا ، مۆرەتمەكتە كالىلىرىنى . بۇلۇتلارنى بىلىپ پەرىزات ، ئىس تولغۇنۇپ بولماقتا دىۋە . تۈلكە ياسار ئايەملىك قۇيماق ، جاڭگاللارنى تۇغماقتا بۆرە . ئىت توقۇيدۇ جەڭنامىلەرنى ، كوتۇلدايدۇ خوراز كاتەكتە . ھاياتىغا قىلسا تەۋۋەككۈل ، مىكىيانلار چىقىدۇ چەكتە . سۈمۈرمەكتە سەھەنى ئۆردەك ، غاز قىلىدۇ كاتەكنى ئاۋات . سىيىر يىغار ئوقۇردىن پەتنۇس ، ئوماق موزاي يالايدۇ ناۋات . گۈلدۈرماما ساغلىق ئاۋازى ، چۆچىمەكتە چۈشىدىن قوزا . ئىپتارلىماي قويار جامائەت ، ئۆي ئىگىسى تۇتمىسا روزا . ئاسمانلارنى ساقلاپ دەرەخلەر ، ياپرىقىدا سۈرىتەر تەرنى . بوياق ياساپ غەزەللىرىدىن ، بۇلبۇل سىزار سۈزۈك سەھەرنى . بايرىقىنى قاداپ سەھەرگە ، بۆدۈنىلەر دەيدۇ ۋىت –ۋالاق . پەرھىزلەرنى قىلايلى ئادا ، ۋاقىت بىزنى قىلمىسۇن تالاق . ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن
پاش قىلىش
مەحمۇت شىحو
يىـڭى ئــەزا
ئادەتتىكى ئەزا
تىرىشچان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ