مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2305|ئىنكاس: 10

بىز دىكى يەنە بىر ياخشى ‹‹ ئۆرپ - ئادەت ›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96462
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 47
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 01:35:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم !!! ئاللاھ ھەممىمىزنى سالامەت خۇشال قىلغاي ....
مەن بىزدىكى ئۆزۇم ياخشى ئۆرىپ -ئادەت دەپ قارىغان  ‹‹ توي نەزىرسى ›› ۋە ‹‹ ئۆلۈم نەزىرىسى ›› گە بولغان كۆز قارىشىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ باقاي دىدىم .
نەزىرە بىزدە خېلى ئوموملاشقان بىر مۇراسىم بولۇپ ، توي قىلغان كىشى ياكى ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ يېقىن ئۇرۇغ تۇغقانلېرى ئۆز ئىختىسادى شارائىتىنىڭ يار بېرىشىچە ، ئۆزلېرى ئاتىغان مەلۇم مىقداردىكى بۇيۇملارنى ( پۇلنى ) ھەرخىل شەكىلدە خەيرى ساخاۋەت ئىشلېرىغا سەرىپ قىلىپ ئۆتكۈزىدىغان بىر پائالىيەت .خەلقىمىز ئاتىغان شۇ پۇلنى ياكى شۇ بۇيۇملارنى  يىتىم يىسىر كەمبەغەللەرگە ياكى ھەقىيقى ئىھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈش ئارقىلىق شۇ ئاجىز غېرىپ غۇرۋا  كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىپ ئۇلارنىڭ خەيرىلىك دۇئاسىغا ئېرىشمەكنى مەخسەت قىلىدۇ .
يەنى بىزنىڭ قەشقەردە تويدا توي بولغان كۈنى سەھەردە ئاساسەن ‹‹ قىز›› تەرەپنىڭ ئۆيىدە چوڭ قازان ئېسىلىپ نەزىرە بېرىدىغان ئادەت بار ئىدى ، ھەم ھازىرمۇ بۇ ئادەت ئاساسەن داۋام لىشىۋاتىدۇ .(ئەلۋەتتە ئختىسادى چىقىمنى ئېككى تەرەپ بىللە ئۈستىگە ئالىدۇ ،كۆپىنچە ئوغۇل تەرەپ كۆپرەكنى ئۈستىگە ئالىدۇ ).  بۇ بەك ياخشى ئادەت ، مەسىلەن نەزىرە بولغان بۇ ئۆيگە ئوغۇل تەرەپ ۋە قىز تەرەپ ئورتاق مىھمان چاقىرىدۇ ،   تويغا كەلگەن مېھمان قايسى تەرەپنىڭ مېھمىنى بۇنى بەك ئېنىق بىلگىلىمۇ بولمايدۇ .  بۇ نەزىرىگە ئېككى تەرەپ بايلارنىمۇ كەمبەغەللەرنىمۇ پەرىقسىز چاقىرىدۇ ،ھەم داققا دۇمباق چېلىپ  پۈتۈن ئەتراپقا بۇ ئۆيدە توي بولغانلىقىنى ھەم نەزىرە بېرىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرىلىدۇ ، مېنىڭچە شۇنداق . دىمەك ئۆيىدە قىيىنچىلىقى بار ،ھاجەتمەن ، لىكىن باشقىلار غا قول سۇنالمايدىغان  بىر قىسىم مەۋھۇم مىھمانلارمۇ بىمالال قاتنىشىپ ، تائاملاردىن خالىغانچە يەپ ،تېخى ئۆيدە قالغان ئۇششاق بالىلېرىغىمۇ ئالغاچ كىتەلەيدۇ شۇنىڭدەك يەنە ھەرقانداق بىر ئىھتىياجلىق غېرىپ ئادەممۇ  خەيرى -ساخاۋەتكە ئېرىشكۈچى سالاھىتىدە ئەمەس ،ئەزىز مىھمان سالاھىتىدە بۇ دوستخان دىن بەھىرلىنەلەيدۇ، نەزىر بەرگۈچىمۇ نەزىر قوبۇل قىلغۇچىمۇ ھەرقانداق ئوڭايسىزلىقتىن خالى بولالايدۇ .تويغا كەلگەن ھەممە مىھمان دىگۈدەك توي ئىگىسىنىڭ نىكاھىنىڭ مۇستەھكەم ، تۇرمۇشىنىڭ بەختىيار بولىشىنى تىلەپ ياخشى دۇئالارنى قىلىپ قايتىدۇ . مېنىڭچە بۇ ھەقىقى نەزىرە ،ئەگەر سىز  قەشقەردە سەھەردە سىرىتقا چىقىپ كوچا مەھەللىلەر تەرەپكە بېرىپ قالسىڭىز نەدە ناغرا سۇناي ياكى مىللىي مۇزىكا چېلىپ خەلىق ناخشىسى ئوقۇلۇپ قايناپ كەتكەن  ھەرقانداق بىر ئۆيگە كىرسىڭىز چوقۇم كىملىكىزدىن قەتئى نەزەر ياخشى كۈتۈلۈپ مىېھمان بولۇپ كىتەلەيسىز .سىزنى ھىچكىم يەكلىمەيدۇ ، ھەممىسى ئوخشاشلا قىزغىن . مېنىڭچە بۇ بەك ساۋاپلېق ھەم ھەقىقى مەخسەتكە يەتكەن نەزىرە . كوپ كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئالغىلى بولىدۇ .
ئەمدى ئۆلۈم نەزىرىسىگە كەلسەك ، مېھمان چاقىرىش شەكلى ۋە مىېمان بولۇش شەكلى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ لىكىن ئۆلۈم نەزىرىسى بولغان ئۆيدە شۇ ناخشا مۇزىكا ، ۋاراڭ - چۇرۇڭ شوخلۇق يوق. قالغان ئىشلار ئاساسەن دىگۈدەك ئوخشاش . مۇسۇلمانچىلىقتا ، بىرەر ئۆيدە (مۇسۇلمان ئائىلىسىدە )ئۆلۈم يىتىم بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئادەم ۋاختى شارائىتى يار بارسە ،شۇ ئۆيگە بېرىپ فاتىھە ئوقۇيدىغان ، قازا قىلغۇچىنىڭ تۇغقانلېرىغا ئاللاھ تىن سەبىر تىلەيدىغان ئىش بار .دىمەك ،ئۆلۇم يىتىم بولغان ئۆيدىكى نەزىرىگە ئاساسەن مىھمانلار چاقىرىلمىسىمۇ ئۆزى كىلىدۇ ،كىم كەلسە بولىۋېرىدۇ ،قانچە كۆپ ئادەم كېلىپ دۇئا قىلسا ،قازا قىلغۇچىنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۇچۇن شۇنچە ياخشى دەيدىغان كۆزقاراش بار ،شۇڭا تونۇش بولامدۇ ناتونۇش بولامدۇ ،باي ياكى كەمبەغەل بولامدۇ كىم كەلسە بولىۋېرىدۇ ،يەنىلا كۆپلىگەن تونۇش ۋە ناتونۇش مېھمانلار نىڭ دۇئاسىنى ئالغېلى بولىدۇ . مېھمانلار يۇقۇرىدا دىگىنىمىزدەك توي ئىگىسىگە قانداق بەخىت تىلەپ دۇئا قلغان بولسا ئۆلۈپ كەتكۈچىگىمۇ ئاخىرەتلىگى نىڭ ياخشى بولىشىغا دۇئا قىلىدۇ .
ئەمدى   ھازىر يېڭىدىن بىر خىل قائىدىلەر چىقتى .ئۆيدە مۇسىبەت بولغاندا نەزىرە قىلغاندىن  شۇ پۇلنى باشقا ساۋاپلىق ئىشلارغا ئىشلەتسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەيدىغان ،ئەلۋەتتە بۇ گەپنڭمۇ ئاساسى بار . لكىن شۇ پۇل ئالدىنقى قائىدىمىز دىكىدەك يىتىم يىسىر كەمبەغەللەرگە ياكى ھەقىيقى ئىھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈلمەستىن( قىسمەن ئاچكۆز موللىلارنڭ چۆنتىكىگە كىرىپ كەتمەيدۇ )دىگىلى مۇ بولمايدۇ . ھېلىقى بىر ئىتوتتا : ‹‹گۈلدىن نەخ پۇل ياخشىتى خېنىم . ›› دىگەن بىر گەپ چىققاندەك ، بەزى موللىلار(ھەممىسى ئەمەس ، قىسمەن ناچار ساختا  موللاملار )نەزىرە يىسە بولمايدۇ ، بىز نەزىرە يىمەيمىز دەپ يۇرۇپ شۇ نەخ پۇل بېرىدىغان قائىدىلەرنى چىقارغان چېغىۋا .ئاز پۇل بەرسە كەلمەيدۇ بەزى موللاملار(ھەممىسى ئەمەس ، قىسمەن ناچار ساختا  موللاملار ) .
شۇنداق بۇ نەزىرىلېرىمىز نىڭ  مېنەڭچە شۇنداق ياخشى ئەھمىيىتى بار . بەلكىم خاسىيىتى تېخىمۇ كۆپ .مېنىڭچە ئەگەر ئالى مەكتەپتە ياخشى ئوقۇۋاتقان دوسلېرىمىزغا سەرىپ قىلىنسا تېخىمۇ ياخشى بولارمىكىن . ئىشنىقىلىپ شەكلى بەك كوپ ، خاسىيىتىمۇ كوپ .
ئەمدى بىر گەپ : مەن دىنى ئۆلىما مۇ ئەمەس ، ياكى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى مۇ  ئەمەس ، بۇ پەقەت مېنىڭ ئادەتتە كۆرۈپ ھىس قىلغان  تەسىراتلېرىم خالاس . توغرا خاتا سىنى بىلگۈچى يىگانە ئاللاھ !!!
بۇتىمىنى ئەسلى مەلۇم مۇنبەردە ئىنكاس شەكلىدە يوللىغان ئىدىم .كىيىن ئويلاپ باقسام <<مىسرانىم مۇنبىرى >> دىكى تورداشلار بۇنىڭغا قانداق قارايدىغاندۇ دەپ ئورتاقلاشقىم كەلدى.شۇڭا تەھرىرلەپ تىما قىلىپ يوللىغان ئىدىم .


سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 07:20:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەزرە دىگەن گەپنىڭ لوغەت مەنىسى نىمە؟!

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1047
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 930 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2014-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 07:50:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمگە ئاتاپ نەزىر قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيتى يوق ۋە پايدىسى يوق........  نۇرغۇن كىشىلەر ئۆرپ-ئادەت دەپ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ماڭغان يولى خاتا بولسىمۇ يەنىلا شۇ ئاتا بوۋىلىرىمىز شۇنى بىلمەمتى دەپ جاھىللىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئىسلام دېنىغا بەزى بىر قاملاشمىغان ئۆرپ-ئادەتلەرنى قېتىۋېلىش ياخشى ئىش ئەمەس.......

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96462
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 47
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 11:23:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abdulahad يوللىغان ۋاقتى  2013-7-30 07:20 PM
نەزرە دىگەن گەپنىڭ لوغەت مەنىسى نىمە؟!

مېنىڭچە  :
نەزىرە =  ساخاۋەت . ياخشىلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96181
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 447
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 03:44:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئى [ئە] ① ‹ئەد› ئىلگىرى ئۆتكەن ياكى زامانداش شائىرنىڭ ئەسىرىگە ئوخشىتىپ يېزىلغان ياكى جاۋاب تەرىقىسىدە ئىجاد قىلىنغان يېڭى شېئىر. ② ئاياللارنىڭ ئىسمى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96181
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 447
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 03:45:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سۆزنى ئەسلىي نەزىر-چىراق دەپ ئىشلەتسىڭىز توغرا بولاتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89855
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 754
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2013-1-10
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 12:24:41 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
MiRul ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ  2013-7-30 07:50 PM
ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﻧﻪﺯﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﮪﯧﭻ ...

توغرا دەيسىز, مىنىڭچىمۇ شۇ, ئۈلۈپ كەتكەن ئادەمگە نەزرە ئۆتكۈزۈشكە خەجلىگەن پۇلنى يا مەسچىتكە ياردەم قىلسا,ياكى ئىھتىياجلىك ئادەملەرگە ياردەم قىلسا شۇمۇ بىر ساۋاپقۇ .....     م

غەزەپنىڭ بېشي ساراڭلىق ، ئاخىري نادامەت تۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87105
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 04:52:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xahzoda1 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-31 12:24 PM
توغرا دەيسىز, مىنىڭچىمۇ شۇ, ئۈلۈپ كەتكەن ئادەمگە نەزر ...

ئۇيغۇر خەلقىمىزدە ئۆلۈمدىن قاتتىق ئىش يوق دەپ بىر گەپ بار ، شۇنداقلا ئۆلۈم يېتىم بولغان ئۆيگە خۇلۇم خوشنىلار ، يۇرت جامائەتلار يوقلاپ كىرىدۇ . ئۇيغۇر خەلقىمىز ئەزەلدىن مېھماندوست خەلق ، سىزنىڭچە شۇ پەتىلەپ كەلگەنلەرنى قانداق ئۇزاتسىڭىز بولار ، ئۇلارغا ئايرىم ئايرىم قازان ئاسسىڭىز نەزىر قىلغاندىنمۇ بەك چىقىمدار بولىسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45481
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4300
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1798 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2014-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 05:53:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يا يوللىغان ۋاقتى  2013-8-2 04:52 PM
ئۇيغۇر خەلقىمىزدە ئۆلۈمدىن قاتتىق ئىش يوق دەپ بىر گەپ ...

ئۆلۈم بولغان ئۆيگە يوخلاپ كىرگەنلەر  يىيىش ، كۈتۈنۈش ئۈچۈن كىر مەيدۇ ،  بەلكى شۇ ئۆلۈم ئىگىللىرىگە تەسەللى بېرىپ كۆڭلىنىڭ جايىغا چۈشۈشى ئۈچۈن ئىسسىقلىق ئېلىپ  كىرىدۇ ، نەزىرنى بولسا ۋاپات بولغۇچىنىڭ نامىدىن  يېتىم يېسىر مۇساپىر ئىگە چاقىسىزلارغا ئاش تارتىپ ، ۋاپات بولغۇچى ئۈچۈن ساۋاپ ئىزدەپ قىلسا بولىدۇ.............
ئەمما ئىدىيىسى سىزدەك چۈشىنىدىغانلار ، پەتىلەپ كەلگەنلەرنى (كۈ تۈش )ئۈچۈن ( قازان ) ئاسماقتا .
نەزىرنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرلار جەمئىيتىدىكى ئۆزگۈرىشى قانداق دەڭ ؟   
ئىسسىقلىق ئاپارغۇچى  داسقان قىلىپ پۇل كۆتۈرۈپ بارىدىغان، نەزىر ئىگىسى دەپتەرگە كىم نىمە ئەكەلدى دەپ بىربىرلەپ تىزىملايدىغان ، ئۇلار ئۈچۈن ھەشەمەتلىك ئۈستەل راسلايدىغان  نەزىرلەر بارلىققا كەلمەكتە ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87105
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 06:39:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
haptohtaptu يوللىغان ۋاقتى  2013-8-2 05:53 PM
ئۆلۈم بولغان ئۆيگە يوخلاپ كىرگەنلەر  يىيىش ، كۈتۈنۈش  ...

ئۆلدى دېمەك ، بىر جان ئىگىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتتى دېمەك . ئۇنىڭ بۇ دۇنيالىقتا قىلغان ياخشى يامان ئىشلىرى ، رەنجىتكەن ، رەنجىگەن كىشىلىرى بولىدۇ . دېمەك ئەجدادلىرىمىز شۇلارنى رازى قىلىش ، يېتىم يېسىرلارغا نەزىر بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن . سىز مېنىڭ ئىدىيەمنى چىشلەپ تارتماي ، شۇنداق پۇل مال ئۈچۈن نەزىر قىلىۋاتقانلارغا بېرىپ بۇ ئىشىڭ خاتا بولدى دەڭ ، بىر ئىش بولسىلا ئىسلامنى تارتىپ ، چىشلاپ قوپىدىغانلار ئۈچۈن بۇ دۇنيا گوياكى بىر دوزاخ . سىز بۇ دۇنيادا ياخشىلىقنى ئويلاپ ، خۇشال خورام ئىبادەت قىلسىڭىزمۇ ئوخشاشلا ئاللاھ بەرگەن جەننەتكە ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن . قاچانلا قارىسا بۇنداق ئۆزىدىن ئۆزى خۇدۇكسىرەپ ، ياخشى ئىشلارنىمۇ يامانغا ، ئۆرپ ئادەتنى سامانغا ئايرىپ ، دان تاللاپ يۈرسەك ياخشى ئەمەس .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش