يېتىلىۋاتقان ئەزا
تۇرمۇش دىگەن ئاددىي تېئۇرما 1 جاۋغايلىرىم يوغىناپ دائىم ، ئازابلارغا بولماقتا ئامبار . ھەسرەتلەرنى قايچىلاش ئۈچۈن ، كۆڭلىمىزدە ناتونۇش سان بار . قارمىقىمنى چاڭگاللاپ ياتسام ، ساقاللىرىم قىلىدۇ غەلۋە . مەۋجۇتلىقىم چاچقاندا بۇژغۇن ، كۆپۈكچىلەر بولىدۇ تەلۋە . ساپلىقىمدا كېكىرىش ئۈچۈن ، قاينىتىمەن روھىمنى قايتا . شەربەت قىلىپ داڭگاللىرىمنى ، خەلقىم ئۈچۈن بولاي ۋارىنا . 2 قاتتىق بولسا تۇرمۇش قوۋزىقى ، قۇرغاق ئۈمۈد تاتلىق مېغىزدۇر . سىناقلارنى سۆيسەك قۇچاقلاپ ، نەتىجىمىز تاتلىق سېغىزدۇر . باش ئەگكەندە ئۆتمىسۇن ئاپتاپ ، ئوچوق تۇرسۇن كۆڭۈل بانكىسى . بوسوغىغا چاچمايلى يۇندا ، داتلاشمىسۇن ئەخلاق تانكىسى . سەمىرىگەندە يوغان ئاشقازان ، شەيتان بىلەن قىلما تىجارەت . ھەۋەس ئۈچۈن ياشىغان بىلەن ، كىر بولىدۇ پاكىز ئىبادەت . ۋىنتىمىزدىن چىقمىسۇن چاتاق ، بۇزۇلمىسۇن تۇرمۇش رېلىسى . شورىمىسۇن بارمىقىمىزنى ، نادانلىقنىڭ تاتلىق ھېيلىسى . تەقدىر بەرسە ئەجەلگە توختام ، ساپلىقىدىن سۈزىلەر ھايات . دەقىقىنىڭ تىلى خەتەرلىك ، بىر <شاھ> بىلەن يۈرىشىمىز مات . تەستىقلانغان سېغىنىش گۈزەل ، گۈل ئۈنەرمۇ سەييارىمىزغا . كەمسىتمەيلى ساقال –بۇرۇتنى ، سۆيگۈ ياغسۇن دىيارىمىزغا . مىللىي پۇراق چاچسۇن تەمىمىز ، ئىشەنچىمىز بىر تەخسە قورما . لەيلەپ تۇرسۇن لەگلەكلىرىمىز ، تۇرمۇش دىگەن ئاددىي تېئورما . ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن
پاش قىلىش
يىـڭى ئــەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ