مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 662|ئىنكاس: 5

ھېكايە ماجىراسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياخشىلىق قىل قول

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4593
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1578224
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12141 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 06:56:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھېكايە ماجىراسى


(ھېكايە)


ئابدۇلئەزىز ئىسمائىل





چۈشتە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كىرىشىمگىلا، ئايالىم مېنى چايناپ پۈركۈۋەتكىدەك ئەلپازدا ھۈرپۈيۈپ، چالۋاقاپ سۆزلەپ كەتتى:
ھوي كاتتا يازغۇچى، نېمانداق تۇزكور ئادەم سىلە؟! توشقان جېنىدا ئۆز ئۇۋىسىنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتنى يېمەيدۇ. يازغىلى بىر نەرسە چىقمىغاندەك ‹‹ پارىخور›› دېگەن ھېكايە يېزىپ، ئاكامنى ئاچ كۆز، خىيانەتچى دەپ چىشلەپ – تارتقانلىرى نېمىسى!...

بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۆچۈش ۋە ھەيرانلىق ئىلكىدە ئايالىمغا قارىدىم. ئەزەلدىن گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان شېئىر – ھېكايىلىرىمنى ئوقۇپمۇ قويمايدىغان ئايالىمغا بۈگۈن زادى نېمە بولغاندۇ؟ ۋىلايىتىمىزدىكى بىر يەرلىك ژۇرنالنىڭ ئالدىنقى ئايدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان ھېكايەم تۇيۇقسىز ئېسىمگە كەلدى.

مەن ئۇ ھېكايەمدە بىر چىرىكلەشكەن پارىخور ئەمەلدارنىڭ ئوبرازىنى ياراتقانىدىم. ئەمما ھېكايىدىكى سەلبىي پېرسوناژنىڭ مەن قويغان ئىسمى تەھرىرلەرگە ياقمىدىمۇ قانداق، ھېكايە ژۇرنالغا بېسىلىپ چىققاندا سەلبىي پېرسوناژنىڭ ئىسمى ئايالىمنىڭ ناھىيىمىزدىكى مەلۇم ئىدارىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئاكىسىنىڭ ئىسمىغا ئوخشاش قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويۇلغانىدى.
مەن بۇ ئىشلارنى ئېسىمگە ئېلىپ، ئايالىمغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم.
ئىشنىڭ تەكتىنى بىلىپ سۆزلە خوتۇن! بۇ دۇنيادا مامۇت ئىسىملىكتىن بىرسىلا بارمىتى؟! ئۇ دېگەن ھېكايە...يەنە كېلىپ مۇھەررىرلەر شۇنداق ئۆزگەرتىپ قويۇپتۇ...
ھىم!..ھېكايىمىش تېخى! ئايالىم گېپىمنىڭ بېلىگە تېپىپ يەنە شۇ بىشەملىكىنى قىلغىلى تۇردى، سىلىنىڭ ئاكام بىلەن ئەزەلدىن خوشلىرى يوق. شۇڭا ئۇنى ھېكايە بىلەن بابلاپ، خەلقىئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلماقچى بوللا، شۇنداقمۇ؟ بايا ئاكام تېلېفون بېرىپ، ئۇنداق شۇم نىيەت بىلەن ئۆي تۇتما، بولمىسا سەندەك سىڭلىم يوق، دەپ تىللاپ كەتتى. سىلىگە تەگكىنىمگە ئاغزى – بۇرنۇمغىچە تويغۇزدى. دېمىسىمۇ‹‹ يېغى ياندىن، بالا قېرىنداشتىن›› دېگەندەك، سىلە تىلى ھەسەل، ئىچى زەھەر، پەس ئادەمكەنلا...

ئايالىمنىڭ ھاقارىتى جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. ئاچچىقتىن بوغۇلدۇم. لېكىن ئۆزۈمنى زورىغا بېسىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدىم:
ھېكايە دېگەننى توقۇلما قىلىپ يازىدىغان نەرسە خوتۇن، قېيناكام بۇ ئەقەللىي ساۋاتنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېكايىدىكى ئىسىم بىلەن ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئوخشاپ قېلىشىنى مەن كەلتۈرۈپ چىقارمىدىم، ئاكاڭ ئىشەنمىسە تەھرىر بۆلۈمىگە تېلېفون بېرىپ سۈرۈشتۈرۈپ باقسۇن، بولمىسا مەن بېرىپ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراپ كېلەي...

بىگۇناھ ئاكامنىڭ يۈز – ئابرۇيىنى تۆكۈپ بولۇپ، ئەمدى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىغاننىڭ نېمە پايدىسى؟ دېدى ئايالىم ياش يۇقى كۆزلىرىدىن غەزەپ ئوتلىرىنى چاچرىتىپ تۇرۇپ: خەقلەر سىلىنى ‹‹جىگەرلىك يازغۇچى ئىكەن، قىلچە يۈز – خاتىر قىلماستىن قېيناكىسى مامۇت مۇدىرنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يېيىپتۇ›› دېيىشىۋېتىپتۇ. ھەتتا ئىنتىزام تەكشۈرۈشتىن كېلىپ، ئاكامنى تەكشۈرمەكچى بولۇشۇۋېتىپتۇ. مانا مۇشۇنىڭ ھەممىسىگە سىلىنىڭ شۇ ھېكايىلىرى سەۋەبچى ئەمەسمۇ؟! سىلىدەك قارايۈز ئەر بىلەن بىر ئۆيدە ياشىغۇچە ئاجرىشىپ كەتكىنىم تۈزۈك ئوخشايدۇ، ياخشىسى خېتىمنى بەرسىلە!...

ئەستاغپۇرۇللا، ما خوتۇننىڭ تەرسالىقىنى، ھازىرلا بېرىپ قېيناكامدىن كەچۈرۈم سوراي دېدىمغۇ، تەشكىلگىمۇ ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەندۈرەي، مېنى بۇنداق تەتۈر قىينىما، سەن بولساڭمۇ مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشەنگىن...
لېكىن خوتۇنۇم قايتا – قايتا كەچۈرۈم سورىشىمغا پىسەنت قىلماستىن بەش ياشلىق ئوغلۇمنى يېتىلەپ، ئېسەدەپ يىغلىغان پېتى ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.

ئاچچىق ئەلەم، ئىزتىراپ، چەكسىز پۇشايمان ئىچىدە ئۆزۈمنى تىڭشاپ ئۆي ئىچىدە ئۈنسىز ئولتۇرۇپ قالدىم. بېشىم چىڭقىلىپ، خۇددى ھازىرلا يېرىلىپ كېتىدىغاندەك قاتتىق ئاغرىشقا باشلىدى. شۇڭا چۈشتىن كېيىن ئىشقىمۇ بارمىدىم.

ئايالىم يامانلاپ كەتكىلى ئىككى كۈن بولمايلا، ئەر – خوتۇن ئىككىمىز ئارىسىدىكى ئارازچىلىق پۈتۈن يۇرتقا پۈر كەتتى. رەقىبلىرىم ‹‹ داپ چېلىشتى››، دوستلىرىم ھېسداشلىق قىلىپ، ئىككىمىزنى ياراشتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن باش قاتۇرۇشقا باشلىدى. بىراق، ئۇلارنىڭ خالس نىيىتى، ئىزدىنىشلىرىنى شۆھرەتپەرەس قېيناكام ۋە تەرسا ئايالىم رەت قىلدى.

ئاخىر، گۇناھسىز بولساممۇ يەنىلا قېيناكامدىن كەچۈرۈم سوراش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا باردىم. لېكىن ئىشخانىغا كىرىشىمگىلا ئۇ چېچىلىشقا باشلىدى:

يۈزىڭىزنى داپتەك قىلىپ يەنە ئىشخانامغا كەپسىزغۇ؟ ئېيتىڭا، ماڭا ئورا كولاشقا قانداق ۋىجدانىڭىز چىدىدى؟ ‹‹كۈيئوغۇل قازاننىڭ كۈيىسى›› دېگەن گەپ راست ئىكەن – دە. ئېيتىڭە، مەن ھوقۇقىمدىن پايدىلىنىپ كىمنىڭ يىلىكىنى شوراپتىمەن؟ قاچان ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىغا خىيانەت قىپتىمەن؟ قاچان چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىپتىمەن؟...تېخى مېنى ئۇچىغا چىققان ناكەس، ئىشرەتخور، ئىستىلى بۇزۇق دەپ جۆيلۈپسىز – يا؟! نېمە دېسىڭىز بىكار، تىلىڭىزنى چاينىماي، گاچچىدە سىڭلىمنىڭ خېتىنى بېرىڭ، ئەمدى سىزدەك نائەھلى بىلەن ئۇرۇق – تۇغقان بولۇپ ئۆتۈشنىڭ قىلچە ئورنى قالمىدى.

نومۇس، ئەلەمدىن سوغۇق تەرگە چۆمۈپ، نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ تۇرغىنىمدا، ئىشىك ئاستا ئېچىلىپ قېيناتام كىرىپ كەلدى. يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ، چۆچۈپ ئورنۇمدىن تۇردۇم – دە، قېيناتامغا ناھىيىمىزنىڭ بۇ پېشقەدەم ھاكىمىغا ئېھتىرام بىلەن سالام بەردىم:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دادا، تىنچ، ئامان تۇردىلىمۇ؟

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قېيناتام خۇشخۇي سالام ئىلىك ئالغىنىدىن كېيىن، ئوغلىنىڭ قارشىسىدىكى كرىسلوغا ئولتۇردى، ئاندىن مېنىمۇ ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى. مەن بىر خىل ھودۇقۇش ئىچىدە ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردۇم.

دادا، بىرەر ئىش بىلەن كەلدىلىمۇ؟قېيناكام ئىستاكانغا چاي قۇيۇپ، قىيناتامغا سۇنغاچ ئۇنىڭدىن سورىدى.
ئىشىم بولمىسا سەن ئەقىلسىزنى ئىزدەپ كېلەتتىممۇ؟ قېيناتام ئىستاكاننى ئۈستەلگە تاراققىدە قويۇپ، ئوغلىغا تىكىلىپ قارىدى، ھەي...سېنىزە، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان، ئاق – قارىنى پەرق ئېتەلەيدىغان ئادەم تۇرۇپ، ئادەتتىكى بىر ئەدەبىي ئەسەرگىمۇ توغرا مۇئامىلە قىلالمىساڭ، سىڭلىڭنى ئۆيۈڭگە ئاپىرىۋېلىپ، كۈيئوغلىمىزنىڭ دىلىغا ئازار بەرسەڭ، ئويلاپ باقە، مۇشۇمۇ بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ قىلىدىغان ئىشىمۇ؟

قېيناتامنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ خۇددى يەلكەمدىن تاغ يىقىلغاندەك يېنىكلەپ قالدىم. قېيناتام ئىستاكاندىكى چايدىن بىر ئوتلاپ، ئازراق دېمىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن، سۆزىنى داۋام قىلدى:

ھېكايە دېگەن توقۇلما بولىدىغاننى ھەممىمىز بىلىمىز. سەن كىچىك بولسىمۇ بىر رەھبىرىي كادىر تۇرۇپ، ئەدەبىياتتىكى بۇ ئاددىي ساۋاتنىمۇ بىلمىسەڭ، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالمامسەن؟ يەنە كېلىپ بۇ ھېكايىنى ئۆزۈڭگە ئېلىپ كەتكىنىڭگە قارىغاندا، سەندە ھېكايىدىكى پارىخورغا ئوخشاش نۇقسانلار بار ئوخشىمامدۇ!
قەسەم قىلىمەنكى، مەندە ھېچقانداق مەسىلە يوق دادا،دېدى قېيناكام ئۆزىنى ئاقلاپ،شۇ...شۇ...كىشىلەرنىڭ پىتنە – پاساتلىرى...، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي قالدىم.

كونىلار‹‹ قورسىقىڭنىڭ ئاغرىقى بولمىسا، تاۋۇز يېيىشتىن قورقما›› دەپتىكەن. ماڭا قارا ئوغلۇم، ھالال ياشىغان كىشىنىڭ كۆڭۈل ئاسمىنى ھامان ئوچۇق بولىدۇ. ناپاك كىشىنىڭ كۆڭلىدە ھەمىشە جۇدۇن ئۆرلەپ تۇرىدۇ. ئەگەر سەندە راستىنلا مەسىلە بولمىسا، ئەل ئارىسىدا ئېقىپ يۈرگەن پىتنە – پاساتلاردىن نېمە ئانچە چۆچۈپ كېتىسەن! ‹‹ئىت ئۈرەر، كارۋان يۈرەر›› دېگەن گەپ بىكار ئېيتىلمىغان، سەن توغرا يولدىن چىقماي، ئەل خىزمىتىنى بەجانىدىل ئىشلىسەڭلا، تەشكىلمۇ، خەلقمۇ سەندىن رازى بولىدۇ، ساڭا ئىشىنىدۇ!...

قېيناتام سۆزلىگەنسېرى ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتاتتى. قېيناكام ئىككىمىز بىر – بىرىمىزگە يەر تېگىدىن قاراپ قويۇشۇپ، سۈكۈت ئىچىدە ئولتۇراتتۇق.

مامۇتجان بالام، قېنى چېيىڭدىن قۇيۇپ، ئىنىڭدىن كەچۈرۈم سورا، دېدى قېيناتام ئورنىدىن تۇرۇپ، يازغۇچى دېگەن مۇشۇنداق ئەلرايىنى، ئەل ئارمىنىنى يازالىسا ئاندىن ھەقىقىي يازغۇچى بولىدۇ. بىز مۇشۇنداق يازغۇچى كۈيئوغلىمىز بولغىنىدىن سۆيۈنسەك بولىدۇ...

قېيناكام خىجىللىقتىن شەلپەردەك قىزىرىپ، ئاستا ئورنىدىن تۇردى ۋە ئالدىمغا كەلدى. مەنمۇ دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قول ئۇزاتتىم ۋە‹‹مېنى كەچۈرۈڭ!›› دېگىنىمچە ئۇنىڭ قولىنى مەھكەم سىقتىم. قوللىرىمىزدىن ئىللىق ۋە بىر خىل ئوتتەك يېقىملىق سېزىم پۈتۈن ئەزايىمىزغا تارىدى...



مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

دوستلۇق-ھاياتنىڭ ئىنتايىن گۈزەل خاتىرىسى. ئىنسان خوشال چاغلىرىدا بەلكىم دوستىنى ئويلىماسلىقى مۇمكىن، بىراق تۇرمۇش دولقۇنلىرىدا چايقىلىپ، بېشىغا خىلمۇ-خىل قىسمەتلەر چۈشكەندە، بىر چاغلاردىكى مېھرىبان دوستلىرى يادىغا يېتىدۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4756
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 464 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 12:30:41 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۈدۈكى بار موللام چاي ئىچمىسىمۇ تەرلەيدۇ.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

مۇنبەردە ئىتنىڭ باللىرى باركەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7863
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2158 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 07:08:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىنى ئۇقۇپ بۇلۇپ مەنبەسىنى كۈرۈپ پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويدۇم .

سەن خۇدادىن ئۈۆز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16551
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7587
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 10:21:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmansaykin يوللىغان ۋاقتى  2013-7-30 07:08 AM
ھىكايىنى ئۇقۇپ بۇلۇپ مەنبەسىنى كۈرۈپ پىسىڭڭىدە كۈلۈپ  ...

ياخشى قىپسىز،مەنمۇ شۇنداق قىلاي دىگەن .......
                                                         لېكىن ئاۋۇ بۇرادەرمۇ خېلى ياىشى ئىش قىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5120
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 858 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 06:50:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى ئادەم بىلمەيدۇ جۇمۇ،ھىكايە دەپ تۇرسىمۇ ئىسلىۋالغان توۋا؛

ھىجاب ئەۋۋەل قەلىبكە ئورنىماي باشقا ئورنىغاندىكىن شۇنداق كىچىككىنە شامال چىقسا ئۇچۇپ كىتىدىغان گەپكەن
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86539
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 376
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2012-10-27
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 09:07:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش