مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 640|ئىنكاس: 6

ئەقىدەمگە يىغلايمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياخشىلىق قىل قول

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4593
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1578224
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12141 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 06:51:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەقىدەمگە يىغلايمەن



(ھېكايە)


ئايۇپ قادىر ئۈمىدى





قۇربان ھېيت مەزگىلى ئىدى. يۇرتۇمغا تۇغقان يوقلاشقا كەلدىم. گەرچە خىزمەتكە چىققىنىمغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، يۇرتداشلارنىڭ نەزىرىدە ۋىلايەتتە ئىشلەيدىغان يوغان كادىر ھېسابلىناتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مېنىڭ باشقىچە ھۆرمىتىمنى قىلىپ، ئۆي - ئۆيلەرگە چاقىرىشتى. بىر تۇغقىنىمىزنىڭ ئۆيىدىكى پەتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىشىمدا مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تۇيۇقسىز ئېزىز مۇئەللىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى.
ئېزىز مۇئەللىم مۇشۇ مەكتەپتىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئوقۇتقۇچى ئىدى. مەكتەپ پائالىيەتلىرىنىڭ قاندىقى بولسۇن، مەيلى تەنتەربىيە دەمسىز ياكى سەنئەت، ئۈلگىلىك دەرس ئۆتۈشلەر بولمىسۇن ھەممىسىدە ئېزىز مۇئەللىمنىڭ پۇختا، ئەمما ئالدىراش بېسىلغان قەدەم ئىزلىرى چاقناپ تۇراتتى. «ئېزىز مۇئەللىمدىن سوراپ باقايلى ئەمىسە»، «ئېزىز مۇئەللىمنىڭ يۈزىنى قىلىپ...» دېگەندەك سۆزلەر ئوقۇتقۇچى، ئاتا - ئانىلارنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەيتتى. دېمىسىمۇ، ئۇ مەكتەپنىڭ باشلامچىسى ۋە تەشكىلاتچىسى ئىدى. ھەممە ئۇنى ھۆرمەت قىلاتتى. بىر كۈنى ئېزىز مۇئەللىم زۇكامداپ قالدى. ئۆزىغۇ خىزمەتتىن قالغىنى يوق، پەقەت گىمناستىكىدا پۇشتەك چېلىۋېتىپ چۈشكۈرۈپ سالدى. بۇ ئىش ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ غۇلغۇلا ۋە بەس - مۇنازىرە قوزغىدى. «ئەگەر ئېزىز مۇئەللىم ئاغرىپ يېتىپ قالسىزە، ئىشنىڭ ئوخشىغىنى شۇ» دەيتتى بالىلار.
بالىلىق دېگەن قىزىق بولىدىكەن. بەزىدە «چۈمۈلىنىڭ نەچچە پۇتى بار» دېگەندەك تايىنى يوق گەپلەر ئۈچۈن تالىشىپ - ئۇرۇشۇپ كېتىدىغان گەپكەن. بىر كۈنى مەكتەپ يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئاچماقچى بولدى. مەكتەپ مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ياسالغان كېسەك سۇپا بايراق، لوزۇنكا ۋە شىرەلەر بىلەن زىننەتلەندى.
يوغان دۇمباق گۈمبۈرلەپ مەكتەپ بايرام كەيپىياتىغا چۆمۈلدى. بىز يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن سىنىپلار بويىچە قاتار بولۇپ مەيداننى ئايلىنىشقا باشلىدۇق.
- بۈگۈن ئېزىز مۇئەللىم مۇكاپاتلىنىدۇ، دېدىم مەن، خۇددى مۇكاپات ئۆزۈمگە تېگىدىغاندەك خۇش بولۇپ.
- ئۇ دېگەننى گاچىمۇ بىلىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى ئېتى باشتا چىقسا ھېساب، دېدى سىنىپتىكى جېدەلخور راخمان كاسكى...
- باشتا چىقىدۇ.
- ياق، سۇلتان مۇئەللىمنىڭ ئېتى باشتا چىقىدۇ. ئۇ دېگەن شوجاڭنىڭ بالىسى. ئاندىن...
- شوجاڭنىڭ بالىسى بولغانغا ھېساب ئەمەس. بالىلىرىنى ئېزىز مۇئەللىمدەك ئوقۇتسا ھېساب.
- قوللىشامسەن ئەمىسە؟
- بولدى، ئون ھاپپاقتىن!
بىز قوللاشتۇق. قوللىشىپ ئوبدان قىپتىكەنمەن.
ئېزىز مۇئەللىمنىڭ ئىسمى باشتا ئوقۇلغاندا بېلىمنى رۇسلاپ، ئىككى قولۇمنى شۇنداق قاتتىق ئۇرۇپ چاۋاك چالدىمكى، ۋاي - ۋۇي، ئالىقانلىرىم ئاغرىپ كەتتى. ئاندىن راخمان كاسكىنىڭ ئالىقىنىغا ئون ھاپپاق دېگەننى بولۇشىغا ئۇرارمەن دېگەن خىياللىرىم قولۇمنىڭ ئاغرىقىدا توزغاقتەك توزۇپلا كەتتى.
ئېزىز مۇئەللىمنىڭ ئىككى ئىسمى بار ئىدى. بىرىنىغۇ ھەممە ئادەم بىلىدۇ. يەنە بىرىنى بىز ئوقۇغۇچىلارلا بىلىمىز. ئۇ بولسىمۇ «ئېلىپبە مۇئەللىم!»
«ئېلىپبە مۇئەللىم» بىرىنچى يىللىقلارنى ئوقۇتۇشقا ماھىر بولغاچقىمۇ، ھەر يىلى بىرىنچى يىللىقنى ئوقۇتاتتى. توۋا دەيمەن، ئۇنىڭدا قانداق بىر خىسلەت باركىن، ھەمىشە ئالدىمدىكى بالىنىڭ «دوپپىسىغا قەغەز قىستۇرۇپ قويىمەن» دەپ قىمىلداپ ئولتۇرالمايدىغان مەندەك كەپسىز بالىمۇ ئېزىز مۇئەللىمنىڭ دەرسىدە مونچاقتەك كۆزلىرىمنى ئېزىز مۇئەللىمنىڭ بور تۇتقان قوللىرىدىن ئۈزەلمەي قالاتتىم.
ئېزىز مۇئەللىم دەرس ئۆتسە سائەتنىڭ توشقانلىقىنى بىلمەيلا قالاتتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، بالىلار ئارىسىدا «باشقىلار ئېزىز مۇئەللىم بىلەن قېرىشىپ، داڭنى بالدۇر چېلىۋەتتى» دېگۈچىلەرمۇ، ئېزىز مۇئەللىمنىڭ دەرسىنىڭ ئۇزۇنراق داۋاملىشىشى ئۈچۈن داڭنى ئۇرىدىغان تاشنى ئېزىز مۇئەللىمنىڭ دەرسى بار سائەتلەردە تىقىپ قويىدىغان بالىلارمۇ چىققانىدى.
ئېزىز مۇئەللىم ياشلىق كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان قاۋۇل بەستىگە يارىشىملىق كۆك تەنتەربىيە كىيىمىنى كىيىپ بالىلارنى مەشىقكە سالغىلى تۇرسا، پۈتۈن مەكتەپ جىددىي كەيپىياتقا كىرەتتى. ئۇنداق چاغلاردا بىز ئۇنى گېنېرال دەپ تەسەۋۋۇر قىلاتتۇق. «تام گېزىتىدىكى چىرايلىق خەت كىمنىڭ؟»، «ئېزىز مۇئەللىمنىڭ»، «مەكتەپ بويىچە ناخشىغا كىم ئۇستا؟»، «ئېزىز مۇئەللىم»...
يۇقىرىقىدەك گەپ - سۆزلەر مەكتەپتىكى ھەممە بالىلارغا «بىر كەررە - بىر، بىر» دېگەندەكلا ياد بولۇپ كەتكەنىدى. بوش ۋاقىتلىرىدا ئۇ بىزگە داۋاملىق راۋاب چېلىپ بېرەتتى. «تاشۋاي» پەدىسىگە زەخمەك ئۇرغىلى تۇرسا مەكتەپتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشاتتى.
راۋابمۇ چالالايدۇ،
كەتمەنمۇ چاپالايدۇ،
بۇ كۆيۈمچان مۇئەللىم
ھەممىنى قىلالايدۇ.
مەكتەپ تەشۋىقات دوسكىسىنىڭ كەينىگە ئاپئاق بور بىلەن قىڭغىر - سىڭغىر يېزىپ قويۇلغان بۇ قوشاق مەكتەپتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسىگە ياد بولۇپ كەتكەنىدى. ئېزىز مۇئەللىم ئوقۇتقان بالىلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپكە كىرىپ ئۈچ ئايغا قالماي خەت ئوقۇغۇدەك بولاتتى. بوش ۋاقىتلىرىدا كۆك تەنتەربىيە ئىشتىنىنىڭ پۇشقىقىنى تۈرۈۋېتىپ، مەكتەپنىڭ ئېرىقلىرىنى چېپىپ، كۆچەتلىرىگە سۇ ئاچاتتى. ئۇ تېخى مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى يېنىغا چىرايلىق ئىككى پارچە گۈللۈك بىنا قىلغانىدى. بالىلار رەڭگارەڭ ئېچىلىپ كەتكەن گۈللەرگە قاراپ ئۇنى «ئېزىز مۇئەللىمنىڭ گۈللىرى» دەپ ئاتايتتى. ئېزىز مۇئەللىم بىرەر ئىش بىلەن سىرتقا كېتىپ قالغان كۈنلىرى مەكتەپ بىزگە چۆلدەرەپ قالغاندەك تۇيۇلاتتى...
مەن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا بىر ھازا خىيال سۈرۈپ تۇرۇپ كەتتىم. مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئىككى يېنىدىكى ئېزىز مۇئەللىمنىڭ گۈللۈكىنى ئەمەن بېسىپتۇ. سۇغارمىغانمۇ قانداق، ئەمەنلەرمۇ قۇرۇپ كېتەيلا دەپ قاپتۇ.
- قانداق، تۇرۇپلا قالدىڭغۇ؟
مەن دەرھال ئۆزۈمگە كەلدىم. يېنىمدا بىللە كېتىۋاتقان تاغامنىڭ سوئالىغا سوئال بىلەن جاۋاب قايتۇردۇم.
- بۇ مەكتەپكە ھازىر ئېزىز مۇئەللىم مۇدىر بولغاندۇ - ھە؟ ئىلگىرىكى ھاۋاز مۇدىر ياشىنىپ قالغانىدى.
- قىزىقكەنسەن ئۇكام، دېدى تاغام مېنى جۆيلۈۋاتىدۇ دەپ سىنچىلاپ قاراپ، خىزمەت ئورنىنى ساقلاپ قالالمىغان ئادەم قانداقمۇ مۇدىر بولىدۇ؟
- نېمە دېدىڭىز؟!
تاغامنىڭ ئاغزىغا قاراپلا قالدىم. راستىنى ئېيتسام، تاغامنىڭ سۆزلىرى مېنى شۇنچە ھەيران قالدۇردى.
بىز مەكتەپ ئالدىدىكى ئۇزۇن يولنى بويلاپ تاغاملارنىڭ مەھەللىسىگە يۈرۈپ كەتتۇق. ئېزىز مۇئەللىمنىڭ ئۆيىمۇ شۇ يەردە ئىدى. بىر پەتىلەپ ئۆتۈشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم.
- ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن، دېدى تاغام، ئېزىز مۇئەللىم مۇئەللىملەرنىڭ سەركىسى ئىدى. مەكتەپ ئۇنىڭسىز تەۋرىمەيتتى. ئۇنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلغانلىقى ئوچۇق ھاۋادا چاقماق چېقىلغاندەك ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇردى، ئۇ بىچارە بىر ئىشنى خام قىپتىكەن دېگىنە، ئۆزى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن. بىكار قالسا ئۆگىنىدىغان تۇرۇقلۇق كەسپىي ئىمتىھانغا قاتنىشىپ تېخنىكوم چاغلىق بىر مەكتەپنىڭ گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ قويسا بوپتىكەن. مەنمۇ ئۇنىڭغا بىرقانچە قېتىم مۇشۇ تەكلىپنى بەرگەنىدىم. ئۇمۇ «ئوقۇپ قوياي» دېگەن يەرگە كەلگەن. لېكىن ئۇ بۇ ئىشقا تازا بەل باغلاپ كېتەلمىدى. ئۇ ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، كۆڭۈلچەك بولغاچقا كۆڭۈلچەكلىك قىلىپ زىيان تارتتى. بىر قېتىم ئوقۇش پۇرسىتى كېلىۋىدى، ئۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ «بۇ يىل مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچى قىيىنچىلىقى ئېغىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭىدىن بىر سىنىپ قوبۇل قىلدۇق. ئۇنىڭ ئېلىپبە دەرسىنى سىلى ئۆتۈپ بەرمىسىلە باشقىلار تەلەپكە لايىق ئۆتەلمەيدۇ. سىلىنىڭ سىنىپقا قارايدىغانغىمۇ باشقا ئوقۇتقۇچى يوق. بىز قىينىلىپ قالىدىكەنمىز. شۇڭا بۇ يىلچە ئىشلەپ بەرگەچ تۇرسىلا، كېلەر يىلى ئوقۇشقا رۇخسەت قىلساق» دېگەن گېپى بىلەن تۇرۇپ قالدى. يەنە بىر يىلى ئۇ يەنە «ئوقۇپ كېلەي» دېۋىدى، يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى «ئېزىز مۇئەللىم، سىلى ئۇزۇندىن بېرى ياخشى ئىشلەپ كېلىۋاتقان ئوقۇتقۇچى، سىلىنىڭ تۆھپىلىرىنى بىز بىلىمىز، بۇ يىلچە بىزنىڭ ئۇسسۇزلىقىمىزدىن چىقىپ تۇرسىلا، كېلەر يىلى يەنە پۇرسەت كېلەر، ياكى بولمىسا يېزىمىزغا خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنى رەسمىيلەشتۈرۈش سانى كېلىپ قالسا بىز سىلىنى ئالدى بىلەن رەسمىيلەشتۈرىمىز» دېۋىدى، يەنە تۇرۇپ قالدى. سىز بىلىسىز ئۇكام، ئېزىز مۇئەللىم ئىشلەۋاتقان بۇ مەكتەپنىڭ يېزا بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق، شارائىتى ناچار، قاتنىشى قۇلايسىز بولغاچقا ئوقۇتقۇچىلار بۇ مەكتەپتە ئىشلەشتىن قاچاتتى. ئىشلىسىمۇ بىر مەزگىلدىن كېيىن رەھبەرلىككە يالۋۇرۇپ، بىر ئامالىنى قىلىپ شارائىتى ياخشىراق مەكتەپلەرگە يۆتكىلىۋالاتتى. بۇ مەكتەپتە يەنىلا ئېزىز مۇئەللىمدەك ئوقۇتقۇچىلار ئۈن - تىنسىز ئىشلەپ كېتىۋېرەتتى. شۇ تۈپەيلىدىن بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى قىيىنچىلىقى ھەل بولماي كەلدى. ئۇ ھەر بىر «ئوقۇپ كېلىۋالاي» دېگەندە مەكتەپ مۇدىرى ۋە مائارىپ ئىشخانىسى مۇدىرىنىڭ چىرايلىق ياغلىما گەپلىرى تۈگىمىدى. ئۇمۇ رەھبەرلەرنىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ ئىشلەۋەردى. كېيىن بارا - بارا پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار تۈركۈم - تۈركۈملەپ كېلىپ، مەكتەپلەردىكى خەلق ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ياللاپ ئىشلەتكەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلەشكە باشلىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا تاغدەك ۋەدىلەرنى بېرىپ كۆڭلىنى ياساپ كەلگەن مەكتەپ مۇدىرلىرىمۇ خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن باشقا ياقلارغا يۆتكىلىپ، ئۇنىڭ گېپىنى قىلىدىغان ئادەم قالمىدى.
بىر كۈنى ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن تۇيۇقسىز بىر ئۇقتۇرۇش چىقتى. ئۇنىڭدا «ياللاپ ئىشلىتىلگەن ئوقۇتقۇچىلارنى قايتۇرۇۋېتىڭلار، ئورنىغا بىز يېڭىدىن ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇتقۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرىمىز» دېيىلگەنىدى. مەكتەپ مۇدىرى بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىغا ئاساسەن ئېزىز مۇئەللىمنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ:
- سىز ئۇزۇندىن بېرى بۇ مەكتەپتە ناھايىتى ياخشى ئىشلەپ بەردىڭىز، مەكتىپىمىز ۋە ئۆزىڭىز ئۈچۈن كۆپلىگەن شان - شەرەپلەرنى كەلتۈردىڭىز، بىز سىزنىڭ خىزمىتىڭىزدىن بەكمۇ رازى، بىراق رەسمىيلىشىش ئىشلىرى ھازىرغىچە ھەل بولماي كەلگىنىگە بەكمۇ ئەپسۇسلىنىمەن، دېۋىدى، ئۇ:
- ئۇنداق دېمىسىلە مۇدىر، مەن رەسمىيلەشمىسەممۇ بىر ئوبدان ئىشلەۋاتىمەنغۇ، كونىلارنىڭ «سەۋر قىلساڭ ھالۋىدىن غورا پۈتەر» دەيدىغان گېپى بار. ئىشقىلىپ ھەرقايسىلىرى بولغاندىكىن، شۇ ياخشى كۈنلەرمۇ كېلىپ قالار، دېدى مەمنۇنىيەتلىك بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ.
مەكتەپ مۇدىرى بىر قىزىرىپ، بىر تاتىرىپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ قالدى.
- ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى بىزنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرىقى ئوقۇتقۇچى قىيىنچىلىقىمىزنى  كۆزدە تۇتۇپ يېتەرلىك ئوقۇتقۇچى تەقسىم قىلىپ بېرىپتۇ.
- ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ. ھە راست، مۇدىر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا رەسىم ئوقۇتقۇچىسى باردۇر - ھە، دەرسلەر ساپ ئاق قېلىۋاتىدۇ. رەسىم ئوقۇتقۇچىسى ئۈچۈن دوكلات يېزىپ باققان بولسىلا، ئوقۇتۇش سۈپىتى پروگراممىسىنىڭ تەلىپىگە يەتكەن بولاتتى، ئېزىز مۇئەللىم شۇنداق دەپ قوللىرىنى ئىشقىلاپ كەتتى. قارىغاندا ئۇ ئىچ - ئىچىدىن خۇش بولغاندەك قىلاتتى.
- ئەمدىغۇ ماڭا پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇش پۇرسىتى كېلەر؟
مۇدىرنىڭ چىرايى ئاقىرىپ كەتتى. مەكتەپ مۇدىرىغا ھۆججەت تەستىقلىتىمەن دەپ بىر چەتتە ھۆججەتلەرنى سېلىشتۇرۇپ ئولتۇرغان مېنىڭمۇ قوللىرىم تىترىگەندەك بولدى، مۇئەللىمنىڭ يۈزىگە قارىيالماي ئوڭايسىزلىنىپ ئولتۇردۇم. بىزدەك مالىيە خادىملىرىنىڭغۇ كەلگەن - كەتكەن ئوقۇتقۇچىلار بىلەن نېمە كارىمىز؟ لېكىن بۇ ئېزىز مۇئەللىم باشقىلارغا ئوخشىمايتتى.
-  ناھايىتى ئەپسۇس، دېدى مۇدىر ئاۋازىنى بوش چىقىرىپ، ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتقۇچىلىرى تولۇقلانغان مەكتەپلەرنىڭ خەلق ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ياللاپ ئىشلەتكەن ئوقۇتقۇچىلارنى قايتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. بولسىغۇ بىللە ئىشلەرمىز دەپتۇق...
ئېزىز مۇئەللىم بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ داڭ قېتىپلا قالدى. چىرايى ئۆڭۈپ تاتىرىپ كەتتى.
-  بولىدۇ، مەن قايتاي، دېدى ئۇ ماڭا يۈزلىنىپ، مەندە ئۆتكۈزۈپ بەرگۈدەك نەرسە يوقتۇ؟
ئۇ شۇ گەپلەرنى ئېيتقىنىچە چاپىنىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ چىقىپ كەتتى. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇنىڭ كۆك رەڭلىك تەنتەربىيە كىيىمى كىيگەن سىماسى مەكتەپتىن غايىب بولدى. مەكتەپنىڭ ئىچى جىمىپلا قالدى. يېقىندىن بۇيان مەن ئۇنى كۆرمىدىم. ئائىلىسى كەمبەغەل ئىدى، ئاڭلىسام مەتسېرىق قويمىچىغا مالچىلىققا ياللىنىپتۇ. لېكىن ئۇ ھەمىشە «ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن، ئەقىدەمگە يىغلايمەن» دېگەن ناخشىنى ئوقۇپ يۈرگۈدەك.
بىز تاغام بىلەن پاراڭلىشىپ ئېزىز مۇئەللىمنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە تاغامنىڭ ئېزىز مۇئەللىمنىڭ كېيىنكى قىسمەتلىرى ھەققىدىكى ھېكايىسىمۇ ئاخىرلىشىپ قالغانىدى. لېكىن ياغاچلىرى يېرىلىپ كەتكەن قىڭغىر كونا دەرۋازا قۇلۇپلاقلىق تۇراتتى. قەلبىمدە ئوبرازى ئەبەدىي ئۆچمەيدىغان «ئېلىپبە مۇئەللىم»نى پەتىلەپ قويۇش ئويۇممۇ يوققا چىقتى.   - ئېھتىمال ماللىرىنى ھەيدەپ جاڭگالغا كەتكەن بولسا كېرەك، ھېيت دەپ قويلارنى ئاچ قويغىلى بولمايدۇ ئەمەسمۇ، دېدى تاغام.


«تەڭرىتاغ» ژورنىلى 2003-يىللىق2-ساندىن ئېلىندى


دوستلۇق-ھاياتنىڭ ئىنتايىن گۈزەل خاتىرىسى. ئىنسان خوشال چاغلىرىدا بەلكىم دوستىنى ئويلىماسلىقى مۇمكىن، بىراق تۇرمۇش دولقۇنلىرىدا چايقىلىپ، بېشىغا خىلمۇ-خىل قىسمەتلەر چۈشكەندە، بىر چاغلاردىكى مېھرىبان دوستلىرى يادىغا يېتىدۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 2886
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9656
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 874 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 11:48:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا ئەپسۇسلىنارلىق، قانچە ئەلەم  يۇتقاندۇ ئۇ مۇئەللىم، ھەقىقى ئوقۇتقۇچى ئىكەنتۇق.
ھىكايە بولسىمۇ ئەمىلىيەتتە يۈز بەرگەن ئىشلاردەك بىلىنىپ كەتتى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-29 11:50 PM  


ئاسماندىن ھۆرلۈك يامغۇرى ياغسا، قۇللۇققا كۆنگەنلەر كۈنلۈكنى ئاچىدۇ....... ئىسىت!!!

ئەي رەببىم . شۇند

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39583
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3363
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 337 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 10:06:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ بىر كۆڭلۈم يېرىم بولدى ،ياخشى ئادەمگە زادىلا كۈن يوق ....شۇنداق ياخشى ئوقۇتقۇچىكەنتۇق ئەمما ھازىرمۇ ھەممە يەردە ئاشۇ دېپلۇم ،ئۇنۋان دېگەنلەر بىرىنچى شەرت بولۇپ قالدىغۇ ....مانا مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىپتۇدە....

ئاتا-ئانا،رازى ...اللاھ  رازى.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89855
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 737
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2013-1-10
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 05:13:02 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي , ھازىر  خىزمەت ئۈنىمى ئەمەس ئاشۇ قالپاق بىرىنجى ئۇرۇندا تۇردىكەن دېسە




غەزەپنىڭ بېشي ساراڭلىق ، ئاخىري نادامەت تۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92487
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2013-3-1
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 07:21:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر قى مائارىپ ،دەل ئاشۇنداق  بوپ قېلۋاتىدۇ ،سەللە  يوغان ئىمان يوق  دىگەندەك ......................مائارىپ  بالىلارنى  تەربىيلەپ ئەمەس،يەپ  كېتىپ  باردۇ ، بۇلۇپمۇ تۇلۇق ئوتتۇردا  ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ قىلۋاتقان قىلىقلىرنى كۆرۈپ  ئىچىم  بەك  ئاچچىق  بولدۇ..........................

تىرىكلەرگە گۆر  كولايمەن......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 710 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 08:37:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مائارىپ ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى..........

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

توۋا قىلىڭ!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39903
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4120
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 12:05:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ بىر كۆڭلۈم يېرىم بولدى ،ياخشى ئادەمگە زادىلا كۈن يوق ....شۇنداق ياخشى ئوقۇتقۇچىكەنتۇق ئەمما ھازىرمۇ ھەممە يەردە ئاشۇ دېپلۇم ،ئۇنۋان دېگەنلەر بىرىنچى شەرت بولۇپ قالدىغۇ ....مانا مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىپتۇدە....

بۇ دۇنيادا ياشىغان ئىكەنمىز ،ۋىجدان بىلەن پاك ياشايلى!!!قىلغان ھەر بىر گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلايلى!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش