كېسەل داۋالاش
(كۈلدۈرگە)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزمىھمانلار،
ئېغىر كېسەلنىڭ ئالامەتلىرى بولسا دەرھال مىنى ئىزدەڭلار.مەندە دادامدىن قالغان مەخپى رېتىسىپ بولۇپ،بۇرېتىسىپ ئارقىلىق يامان كېسەللەرنى بولۇپمۇ تەخسىكەشلىك ۋە خوشامەتچىلىك كېسىلىنى ئۈزۈل-كىسىل داۋالاپ ساقايتىمەن.كېسەل داۋالاشتا تىللاش ۋە نوقۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلنى قوللۇنىمەن.
ئۇنىڭدىن سىرت تەخسىكەشنىڭ قۇلىنى ھەرىدەش ئۇسۇلى،
خوشامەتچىنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈش ئۇسۇلى، كۆرەلمەسنى موللاق ئاتقۇزۇش ئۇسۇلى،چېقىمچىنى چىقىرىتىش ئۇسۇلى،كۆتەمىچىنى پىقىرىتىش ئۇسۇلى..قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللۇنىمەن.
بۇ كېسەللەر تۆۋەندىكى تۈرلەرگە بۆلۈنۈدۇ:
1- كۈن بۇيى خوشامەت قىلىپ پۇشقاقتىن كۆتۈرىدىغانلار،
2- كەسپى كۆتۈرمىچىلەر،
3- ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسكار كۆتۈرىدىغانلار،
4- ئارىلاپ كۆتۈرىدىغانلار،
5- مارىلاپ كۆتۈرىدىغانلار،
6- قوغلاپ كۆتۈرىدىغانلار،
7- ئاۋايلاپ كۆتۈرىدىغانلار،
8- چاندۇرۇپ كۆتۈرىدىغانلار،
9- چاندۇرماي كۆتۈرىدىغانلار.
يەلتاشما تەخسىكەشلىك كېسىلى.
بۇ كېسەل يۇقۇملۇق خاراكتىردىكى تەخسىكەشلىك كېسىلى بولۇپ تەخسىكەشنى سۆيۈپلا قويسىڭىز يۇقۇپ قالىدۇ.بالىڭىزنى سۆيسىڭىز بالىڭىزغا،ئايالىڭىزنى سۆيسىڭىز ئايالىڭىزغا يۇقۇيدۇ.بۇكېسەلنى داۋالاش ئۇسۇلى مۇنداق:ئالدى بىلەن ئايالىڭىزدىن مەجبۇرى ئاجىرىشىسىز،ئاندىن ئۆزىڭىزنى تۇرپاننىڭ قۇمىغا تىكلەپ قويۇپ تاراقشىغان تېرىدەك قۇرۇتىسىز،تەرلىگەندە بەدىنىڭىزدىن چۈشكەن قۇرۇق توڭرىنى يۇمشاق ئىزىپ قۇزغۇننىڭ مايىقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ«ئەمدى تەخسىكەشلىك قىلمايمەن»دىگەن قەسەمگە ئارىلاشتۇرۇپ،باشلىقنى كۆرسە توختىماي ماڭىدىغان پۇتىڭىزنىڭ ئالقىنىغا،باشلىقنى كۆرسە توختىماي ماختايدىغان باش بارمىقىڭىزغا سۈرتۈپ ھېچكىمگەبەرمەي بىر ئاي شوراپ بەرسىڭىز
سەللىمىزا ساقىيىپ كېتىسىز.ئەگەر بۇنىڭدىمۇ ياخشى بولالمىسىڭىز مايمۇننىڭ تەرىتىنى كاپ ئەتسىڭىزبولىدۇ.كېسەل ئېغىرلاشقاندا تۆۋەندىكىلەرنى ئىشلىتىڭ:غات-غات پاقىنىڭ تەرىتىدىن100گىرام،ھېسامنىڭ سېسىق چاقچىقىدىن ئۈچ مىسقال،بىر تال يىسىڭىز ئۈچ كۈن تاقلىتىدىغان ئاچچىق قىزىلمۇچتىن توققۇز تال،«تەخسىكەشلىك قىلىپ جان باققۇچە
ئۆلسەڭچۇ»دىگەن خەلىقنىڭ نەپرەت تۈكۈرىكىدىن بىر تال، باللىرىڭىزنىڭ:«دادا،بىزنى ئويلىساڭ ئەمدى تەخسىكەشلىك قىلمىغىن»دىگەن نالىسىدىن يۈز گىرام،ئايالىڭىزنىڭ:
«تەخسىكەشلىك قىلىپ مىنىمۇ يولدىن چىقاردىڭ!»دىگەن تاپا-تەنىسىدىن150گىرام،ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىزنىڭ:«بىزنىڭ ئىچىمىزدە سەندەك تەخسىكەش يوق ئىدى»دىگەن ھاقارىتىدىن185گىرام ئىچىپ ۋىژدانلىق15ئەرگە،ۋىژدانسىز 15ئايالغا تۈكۈرتسىڭىز سەللىمازا ساقىيىپ كېتىسىز.
كۆرەلمەسلىك كېسىلى: بۇ كېسەل يۇقۇملۇق خاراكتىردىكى غوت-غوت كېسىلى بولۇپ كۆپۈنچە ھەسەتخور ئادەملەردە بولىدۇ.
ھەسەتخورلۇق كېسىلى-نادان،قارا قورساق مىكروپلىرىنىڭ قارىداپ كىتىشى،چىدىماس ھۇجەيرىلىرىنىڭ كۆپۈيۈپ كىتىشى،
ۋىژدان دانىچىلىرىنىڭ يوقىلىپ كىتىشى،ئۇششاق گەپ خالتىلىرىنىڭ تىشىلىپ كىتىشىدىن پەيدا بولغان بولۇپ بۇ كېسەلنى داۋالاش ئۇسۇلى مۇنداق:ئالدى بىلەن ئابدۇۋەلى راخماننىڭ«ھەسەتخورلار»ناملىق ساتېرىك شېئىرلار توپلىمنى ئوقۇپ،ئۆردەكنىڭ ئۈزگىنىنى كۆرەلمەيدىغان غازنىڭ مېيىدىن100گىرام،ساق باشنى كۆرەلمەيدىغان تازنىڭ مېيىدىن 100گىرام ئىچسىڭىز ياخشى بولۇپ قالىسىز.ئەگەر بۇنىڭدىمۇ ياخشى بولالمىسىڭىز ھازازۇل خوتۇننىڭ تۈكۈرىكىنى غار-غار قىلسىڭىز بولىدۇ.ئەگەر مىنى تاپماقچى بولسىڭىز 17-يول ئاپتۇۋۇزىنىڭ ئاخىرقى بېكىتىدە چۈشۈپ ئالدىڭىزغا 50مىتىر،ئارقىڭىزغا 49مىتىر داجىپ مىنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ.
نام-شەرىپىم-موللامەت،دوختۇرلۇقتاكارامەت.دارىلىرىم ئالامەت،بوپ كېتىسىز سالامەت.تېلىفۇنۇم:توققۇز ساندىن ئونبىر،كۈلۈپ كېتىسىز خىر-خىر......
******
توپلاپ رەتلىگۈچى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
مەنبە: ئەل ئارىسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-30 12:26 PM