ئانا تىلىم ھەققىدە مۇشائىرە
ئانا تىلىم گۆھەر تىلىم ھۆر تىلىم، 
بىخلاندىممەن ،سەن بولغاچقا ساپ تىلىم.
قۇۋەتلەندىم ،كۈچلەندىم ھەم جان تىلىم ،
مىھرىڭ ئوتتۇر ھارارەتلىك ھەي تىلىم. 
پارقىرارسەن  ئالتۇن كەبى ئانا تىلىم .
 
«ئانا»دەپ چىقتى تىلىم  يۈرۈكىمنى ،
«ئاتا» دەپ چاقىردىم ھەم تۈرۈكىمنى . 
«ۋەتەن»دەپ تەستە بىلدىم مەناسىنى ، 
«مىللەت» دەپ ئورناتتىم مھىرلەرنى .
تۇتاشتۇردىڭ زەنجىرنى  ئانا تىلىم .
 
ئوينار قەلىب چىقارغاندا تاۋۇشنى ،
تاۋۇش تۇزگەن مارجانلاردەك ھەرىپنى .
ھەرىپ ئىچىدە ئويناقشىغان بۇغۇمنى،
زىل تەمبۇرنىڭ دەل ئۆزىدۇر ئاھاڭى .
سايرىتىسەن بۇلبۇلدەك ئانا تىلىم.
 
ئەي ئانا تىلىم !سەن ، ئانام بەرگەن تىل، 
قەدىرلەيمەن سېنى تەۋەرۈكسەن بىل.
سەن بولغاچقا چۈنكى ئاقماقتىيۇ نىل،
ئچتىمكى قانمىدىم ئۆتەر يازۇيىل.
بايلىقىمسەن ئەزىر ئەي ئانا تىلىم .
ئۇيغۇر قوۋۇم قېرىندىشىم نەسھەت ، 
چاڭ قوندۇرماڭ تىلىڭىزغا جاراھەت .
تىخ تەگمىسۇن يەتمىسۇن ھەم مالامەت،
ساپ بولسۇنكى ئالتۇنلاردەك ئالامەت.
ۋەزىنلەردىن خالىي چاقنار ئانا تىلىم .