ھايات يولۇم
ئۈمۈدۋارمەن ھايات يولۇمدا،
ئەگدۈرەلمەس تۇرمۇش سىنىقى.
ئىشەنچ بىلەن تاشلايمەن قەدەم،
كار قىلمايدۇ دۈشمەنلەر قەستى.
يالغانچىمۇ دېدى ئۆزگىلەر،
دۈشمەن بولدى يېقىن كۆرگەنلەر.
يۈرىكىمنى قىلدى لەختە قان،
يېقىن كۆرۈپ دوستۇم دىگەنلەر.
بەك سەبى ھەم ساددا قىز ئىكەن،
ئىسىل خسلەت مۇجەسسەم ئىكەن.
دېدى يەنە مىنى بىلگەنلەر،
باھالارمۇ كۆپ بولار ئىكەن.
ھاياتىمدا ھەرخىل ئادەملەر،
بەردى ماڭا ھەرخىل باھانى.
مېڭىۋەردىم خاھىشىم بىلەن،
ھەمراھ ماڭا ئانام دۇئاسى.
رازى قىلىش بەك مۈشكۈل ئىشتۇر،
يېنىڭدىكى ھەممە كىشىنى.
ۋىجدانىمدىن چەتنىمەي ياشاي،
نىمە دىسە دىسۇن خەق مىنى.
مەيلى دىسۇن مىنى يالغانچى،
ياكى دىسۇن مەيلى ئاقنانچى.
ۋىجدانىمغا يۈز كىلەلىسەم،
كۇپايدۇر شۇدۇر ئەۋزىلى.
«دوستۇمغا»
خۇشاللىغىنا ئۆتتىمۇ كۆنۈڭ،
يۈرىكىمنى شۇنچە رەنجىتىپ.
بارچە ئامەت ياغدىمۇ ساڭا،
ئېيتقىن «دوستۇم» سەن مەندىن كىچىپ.
يالغانچىغا چىقاردىڭ مىنى،
ئىشەنمىدىڭ دىگەن سۆزۈمگە.
ئەجەپ ھاكاۋۇر سىنىڭ شۇ تۇرقۇڭ،
ئوخشىمىدىڭ پەقەت ئۆزۈڭگە.
كەتتىم مەنمۇ يېنىڭدىن شۇ دەم،
ئىشەنمىگەچ ماڭا پەقەتلا.
يۈرىكىمدە مۇزلىدى مىھرىڭ،
مەن بارمايمەن ئەمدى يېنىڭغا.
قالدى ماڭا سەندىن خاتىرە،
ماڭا بەرگەن ئاشۇ باھايىڭ.
كۆزلىرىمدە تارتىلغان سۈرەت،
شۇ كۈندىكى سىنىڭ سىمايىڭ.
دۈشمەنگىمۇ قىلمايسەن چۇقۇم،
ماڭا قىلغان ئاشۇ سۆزۈڭنى.
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ،
ۋاي بولدىلا ئويلىماي سىنى.
-شاتيار-
2013.7.28
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شاتيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-29 12:37 PM